< ھاگاي 1 >
دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلگە ھەم يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئاغا كەلدى: ــ | 1 |
In the second year of Darius the king, in the sixth month, on the first day of the month, came the word of Jehovah by Haggai the prophet to Zerubbabel, the son of Shealtiel, governor of Judah, and to Joshua, the son of Josedech, the high-priest, saying,
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەلق: «ۋاقتى كەلمىدى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى قۇرۇش ۋاقتى تېخى كەلمىدى» ــ دەيدۇ. | 2 |
Thus saith Jehovah of hosts: This people saith, The time is not yet come, the time that the house of Jehovah should be built.
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 3 |
But the word of Jehovah hath come by Haggai the prophet, saying: —
بۇ ئۆي تېخىچىلا خارابە تۇرسا، بۇ سىلەر تاختايدىن بېزەلگەن ئۆيلىرىڭلاردا ياشايدىغان ۋاقىتمۇ؟ | 4 |
Is it, then, a time for yourselves To dwell in ceiled houses, While this house lieth waste?
مانا، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ قىلىۋاتقىنىڭلار ئۈستىدە كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار! | 5 |
Therefore thus saith Jehovah of hosts: Consider how it goeth with you!
تېرىغىنىڭلار كۆپ، يىغىۋالىدىغىنىڭلار ئاز؛ يەيسىلەر، بىراق تويمايسىلەر؛ ئىچىسىلەر، بىراق قانمايسىلەر؛ كىيىسىلەر، بىراق ھېچقانداق ئىللىمايسىلەر؛ ئىش ھەققى ئالغۇچى بولسا، خۇددى ئىش ھەققىنى تۆشۈك ھەميانغا سالغانغا ئوخشاشتۇر. | 6 |
Ye sow much, and bring in little; Ye eat, but are not full; Ye drink, but are not satisfied; Ye clothe yourselves, but are not warmed; And he that earneth wages earneth them for a purse with holes.
ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قىلىۋاتقىنىڭلار ئۈستىدە كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار! | 7 |
Thus saith Jehovah of hosts: Consider how it goeth with you!
تاغقا چىقىپ، ياغاچنى ئېلىپ كېلىڭلار، ئۆينى قۇرۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولىمەن، شان-شەرەپكە ئېرىشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 8 |
Go up to the mountain, and bring wood, and build the house, That I may have pleasure therein, And be glorified, saith Jehovah.
ــ سىلەر كۆپنى كۈتتۈڭلار، مانا، ئېرىشكىنىڭلار ئاز بولدى؛ ئۇنى ئۆيگە ئېپكەلگىنىڭلاردا، مەن ئۇنى پۈۋلەپ يوقاتتىم؛ بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ــ چۈنكى مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ خارابە بولغىنىغا قارىماي، ئۆز ئۆيۈڭلارنى [سېلىشقا] يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈۋاتىسىلەر. | 9 |
Ye look for much, and lo, it cometh to little; And when ye bring it home, I blow it away; And why? saith Jehovah of hosts. Because of my house which lieth waste, While ye run every one to his own house.
شۇڭا ئۈستۈڭلاردا ئاسمانلار شەبنەمنى بەرمەيدۇ، زېمىنمۇ ھوسۇلىنى بەرمەيدۇ؛ | 10 |
Therefore the heaven over you withholdeth the dew, And the earth refuseth her fruit.
مەن زېمىنغا، تاغقا، زىرائەتلەرگە، يېڭى شارابلارغا، زەيتۇن مېيىغا، تۇپراقنىڭ ئۈندۈرمىلىرىگە، ئىنسانلارغا، مال-ۋارانلارغا ۋە قوللاردىكى بارلىق ئەجىرلەرگە قۇرغاقچىلىقنى چاقىردىم. | 11 |
And I have called for a drought upon the land, and upon the mountains; And upon the corn, and the new wine, and the oil; Upon that which the ground bringeth forth, And upon men, and upon cattle, And upon all the labor of the hands.
شۇنىڭ بىلەن شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ھەم يەھوزاداكنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئا ۋە خەلقنىڭ قالدىسىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئاۋازىغا، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ھاگاي پەيغەمبەرنى ئەۋەتىشى بىلەن، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى؛ خەلق پەرۋەردىگار ئالدىدا قورقتى. | 12 |
Then Zerubbabel, the son of Shealtiel, and Joshua, the son of Josedech, the high-priest, and all the remnant of people, hearkened to the voice of Jehovah their God, and to the words of Haggai the prophet, as Jehovah their God had sent him; and the people feared before Jehovah.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى ھاگاي پەرۋەردىگارنىڭ خەۋىرىنى خەلققە يەتكۈزۈپ: ــ «مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ دېدى. | 13 |
Then spake Haggai, the messenger of Jehovah, by a message from Jehovah to the people, saying, I am with you, saith Jehovah.
ۋە پەرۋەردىگار شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلنىڭ روھىنى، شۇنداقلا يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئانىڭ روھىنى ھەم خەلق قالدىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ روھىنى قوزغىدى؛ ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئىشلىدى. | 14 |
And Jehovah stirred up the spirit of Zerubbabel, the son of Shealtiel, governor of Judah, and the spirit of Joshua, the son of Josedech, the high-priest, and the spirit of all the remnant of people, so that they came and executed work upon the house of Jehovah of hosts, their God,
بۇ دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ئىدى. | 15 |
on the four and twentieth day of the sixth month, in the second year of Darius the king.