< ھاباككۇك 1 >
ھاباككۇك پەيغەمبەر كۆرگەن، ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ | 1 |
Ennustus, jonka profeetta Habakuk näki.
ئاھ پەرۋەردىگار، قاچانغىچە مەن ساڭا نىدا قىلىمەن، سەن ئاڭلىمايسەن؟ مەن ساڭا: «زۇلۇم-زوراۋانلىق!» دەپ نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن، بىراق سەن قۇتقۇزمايسەن. | 2 |
Kuinka kauan, Herra, minun täytyy apua huutaa, ja sinä et kuule, parkua sinulle: "Väkivaltaa!" ja sinä et auta?
سەن نېمىشقا ماڭا قەبىھلىكنى كۆرگۈزىسەن، نېمىشقا جاپا-زۇلۇمغا قاراپ تۇرىسەن؟ چۈنكى بۇلاڭچىلىق، زۇلۇم-زوراۋانلىق كۆز ئالدىمدىدۇر؛ جەڭگى-جېدەللەر بار، دەۋالار كۆپەيمەكتە. | 3 |
Minkätähden sinä annat minun nähdä vääryyttä ja itse katselet turmiota? Minun edessäni on hävitys ja väkivalta; on syntynyt riita, ja on noussut tora.
شۇڭا قانۇن پالەچ بولۇپ قالدى، ئادالەت مەيدانغا ھېچ چىقمايدۇ؛ چۈنكى رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى قىستىماقتا؛ شۇڭا ھۆكۈملەر بۇرمىلىنىپ چىقىرىلىدۇ. | 4 |
Sentähden on laki heikko, ja oikeus ei tule milloinkaan voimaan. Sillä jumalaton saartaa vanhurskaan; sentähden oikeus vääristetään.
ئەللەر ئارىسىدا بولىدىغان بىر ئىشنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئوبدان قاراڭلار، ھەيرانۇھەس قېلىڭلار! چۈنكى سىلەرنىڭ دەۋرىڭلاردا بىر ئىش قىلىمەنكى، بىرسى سىلەرگە بايان قىلغان تەغدىردىمۇ سىلەر ئىشەنمەيتتىڭلار. | 5 |
Katsokaa kansojen joukkoon, katselkaa ja kauhistukaa, sillä minä teen teidän päivinänne teon, jota ette uskoisi, jos siitä kerrottaisiin.
چۈنكى مانا، مەن ھېلىقى مىجەزى ئوسال ھەم ئالدىراقسان ئەل كالدىيلەرنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن؛ ئەسلى ئۆزىگە تەۋە ئەمەس ماكانلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇلار يەر يۈزىنىڭ كەڭرى جايلىرىنى بېسىپ ماڭىدۇ؛ | 6 |
Sillä katso, minä nostan kaldealaiset, tuiman ja rajun kansan, joka kulkee maata lavealti ja ottaa omaksensa asuinsijat, jotka eivät ole sen.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىنى ھېساب قىلىدۇ ھەم ئۆزىنى خالىغانچە يۇقىرى تۇتىدۇ؛ | 7 |
Se on hirmuinen ja peljättävä, siitä itsestään tulee sen oikeus ja sen korkeus.
ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزلاردىن ئىتتىك، كەچتە ئوۋغا چىقىدىغان بۆرىلەردىن ئەشەددىيدۇر؛ ئاتلىق لەشكەرلەر ئاتلىرىنى مەغرۇرانە چاپچىتىدۇ؛ ئاتلىق لەشكەرلەر يىراقتىن كېلىدۇ، ئۇلار ئوۋغا شۇڭغۇغان بۈركۈتتەك ئۇچۇپ يۈرىدۇ. | 8 |
Sen hevoset ovat nopeammat kuin pantterit, ne juoksevat kiivaammin kuin sudet illoin. Sen ratsumiehet kiidättävät-kaukaa tulevat sen ratsumiehet, ne lentävät, niinkuin kotka syöksyy syönnökselleen.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى زۇلۇم-زوراۋانلىققا كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى يۈزلىرىنى ئالدىغا بېكىتىپ، ئالغا باسىدۇ، ئەسىرلەرنى قۇمدەك كۆپ يىغىدۇ. | 9 |
Se tulee kaikkinensa väkivallan tekoon, heidän kasvojensa suunta on suoraan eteenpäin; se kokoaa vankeja kuin hietaa.
بەرھەق، ئۇ پادىشاھلارنى مازاق قىلىدۇ، ئەمىرلەرنىمۇ نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ ئۇ ھەممە ئىستىھكاملارنى مەسخىرە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ توپا-تۇپراقلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىدۇ. | 10 |
Pilkkanaan pitää se kuninkaat ja naurunansa ruhtinaat. Se nauraa kaikille varustuksille, kasaa kokoon hiekkaa ja valloittaa ne.
شۇنداق قىلىپ ئۇ شامالدەك غۇيۇلداپ ئۆتىدۇ، ھەددىدىن ئېشىپ گۇناھكار بولىدۇ؛ ئۇنىڭ بۇ كۈچ-قۇدرىتى ئۆزىگە ئىلاھ بولۇپ سانىلىدۇ. | 11 |
Sitten se tuulena kiitää ja hyökkää, mutta joutuu syynalaiseksi, tuo, jolla oma voimansa on jumalana.
سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچى ئەمەسمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، مېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىم؟ بىز ئۆلمەيمىز، ئى پەرۋەردىگار؛ سەن ئۇنى جازايىڭنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېكىتكەنسەن؛ سەن، ئى قورام تاش بولغۇچى، ئۇنى [بىزگە] ئىبرەت قىلىپ تۈزىتىشكە بەلگىلىگەنسەن. | 12 |
Etkö sinä ole ikiajoista asti Herra, minun pyhä Jumalani? Me emme kuole! Sinä, Herra, olet pannut sen tuomioksi; sinä, kallio, olet asettanut sen kuritukseksi.
سېنىڭ كۆزۈڭ شۇنچە غۇبارسىز ئىدىكى، رەزىللىككە قاراپ تۇرمايتتىڭ؛ ئەمدى نېمىشقا سەن مۇناپىقلىق قىلغانلارغا قاراپ تۇرىسەن، رەزىللەر ئۆزىدىن ئادىل بولغان كىشىنى يۇتۇۋالغىنىدا، نېمىشقا سۈكۈت قىلىسەن؟ | 13 |
Sinun silmäsi ovat puhtaat, niin ettet voi katsoa pahaa etkä saata katsella turmiota. Minkätähden sinä katselet uskottomia, olet vaiti, kun jumalaton nielee hurskaampansa,
سەن ئادەملەرنى خۇددى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك، خۇددى ئۆزلىرى ئۈستىدە ھېچ يېتەكلىگۈچىسى يوق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش قىلىسەن؛ | 14 |
teet ihmiset samankaltaisiksi kuin meren kalat, kuin matelevaiset, joilla ei ole hallitsijaa?
شۇ [كالدىي كىشى] ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاڭگىكىغا ئىلىندۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۆز تورى بىلەن تۇتۇۋالىدۇ، ئۇلارنى يىغما تورىغا يىغىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىدۇ؛ | 15 |
Se nostaa heidät kaikki ylös koukulla, vetää heidät pyydyksessään ja kokoaa heidät verkkoonsa. Sentähden se iloitsee ja riemuitsee.
ۋە تورىغا قۇربانلىق سۇنىدۇ، يىغما تورىغا ئىسرىق سالىدۇ، چۈنكى شۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ نېسىۋىسى مول، نېمەتلىرى لەززەتلىك بولدى. | 16 |
Sentähden se uhraa pyydykselleen ja polttaa uhreja verkollensa, sillä niitten turvin sen osa on rasvainen, sen ruoka lihava.
ئەمدى ئۇ شۇ تەرىقىدە تورىنى توختاۋسىز بوشىتىۋەرسە، شۇ تەرىقىدە ئەللەرنى ھېچ رەھىم قىلماي قىرىۋەرسە بولامدۇ؟ | 17 |
Saako se sentähden tyhjentää pyydyksensä, aina surmata kansoja säälimättä?