ھاباككۇك پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى، «شىگگائون» ئاھاڭىدا: ــ | 1 |
«پەرۋەردىگار، مەن خەۋىرىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنىپ قورقتۇم. ئى پەرۋەردىگار، يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى قايتىدىن جانلاندۇرغايسەن، يىللار ئارىسىدا ئىشىڭنى تونۇتقايسەن؛ دەرغەزەپتە بولغىنىڭدا رەھىمدىللىقنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن! | 2 |
تەڭرى تېماندىن، پاك-مۇقەددەس بولغۇچى پاران تېغىدىن كەلدى؛ سېلاھ! ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئاسمانلارنى قاپلىدى، يەر يۈزى ئۇنىڭ مەدھىيىلىرى بىلەن تولدى؛ | 3 |
ئۇنىڭ پارقىراقلىقى تاڭ نۇرىدەك بولدى، قولىدىن چاقماق چاققاندەك ئىككى نۇر چىقتى؛ شۇ يەردە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. | 4 |
ئۇنىڭ ئالدىدىن ۋابا، پۇتلىرىدىن چوغدەك يالقۇن چىقماقتا ئىدى؛ | 5 |
ئۇ تۇرۇپ يەر يۈزىنى مۆلچەرلىدى؛ ئۇ قارىۋىدى، ئەللەرنى دەككە-دۈككىگە سالدى؛ «مەڭگۈ تاغلار» پارە-پارە قىلىندى، «ئەبەدىي دۆڭ-ئېگىزلىكلەر» ئېگىلدۈرۈلدى، ئۇنىڭ يوللىرى بولسا ئەبەدىيدۇر. | 6 |
مەن كۇشان قەبىلىسىنىڭ چېدىرلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكتە بولغانلىقىنى، مىدىيان زېمىنىدىكى پەردىلەرنى تىترەك باسقانلىقىنى كۆردۇم. | 7 |
پەرۋەردىگار دەريالارغا ئاچچىقلاندىمىكىن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ دەريالارغا قارىتىلدىمىكىن؟ قەھرىڭ دېڭىزغا قارىتىلدىمىكىن؟ ئاتلىرىڭغا، نىجات-قۇتقۇزۇشنى ئېپكېلىدىغان جەڭ ھارۋىلىرىڭغا مىنىپ كەلگەنغۇسەن! | 8 |
سېنىڭ ئوقيايىڭ ئايان قىلىندى، سۆزۈڭ بويىچە، [ئىسرائىل] قەبىلىلىرىگە ئىچكەن قەسەملىرىڭ ئۈچۈن ئايان قىلىندى! سېلاھ! سەن يەر يۈزىنى دەريا-كەلكۈنلەر بىلەن ئايرىۋەتتىڭ. | 9 |
تاغلار سېنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ تولغىنىپ كەتتى؛ دولقۇنلاپ ئاققان سۇلار كەلكۈندەك ئۆتۈپ كەتتى؛ چوڭقۇر دېڭىز ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ، قوللىرىنى يۇقىرىغا ئۆرلەتتى. | 10 |
ئېتىلغان ئوقلىرىڭنىڭ پارقىراق نۇرىنى كۆرۈپ، پالىلدىغان نەيزەڭنىڭ يورۇقلۇقىنى كۆرۈپ، قۇياش ھەم ئاي ئۆز تۇرالغۇسىدا جىم تۇردى. | 11 |
سەن ئاچچىقىڭدا يەر يۈزىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىڭ؛ ئەللەرنى غەزىپىڭدە زىرائەتنى سوققاندەك سوقتۇڭ؛ | 12 |
ئۆز خەلقىڭنىڭ نىجات-قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن، سەن ئۆز مەسىھىڭ بىلەن بىللە نىجات-قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چىقتىڭ؛ ئۇلىنى بوينىغىچە ئېچىپ تاشلاپ، رەزىلنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىنى ئۇرۇپ-يانجىپ، ئۇنىڭدىن ئايرىۋەتتىڭ؛ سېلاھ! | 13 |
سەن ئۇنىڭ نەيزىلىرى بىلەن سەردارلىرىنىڭ بېشىغا سانجىدىڭ؛ ئۇلار دەھشەتلىك قارا قۇيۇندەك مېنى تارقىتىۋېتىشكە چىقتى، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئاجىز مۆمىنلەرنى يوشۇرۇن جايدا يالماپ يۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر! | 14 |
سەن ئاتلىرىڭ بىلەن دېڭىزدىن، يەنى دۆۋە-دۆۋە قىلىنغان ئۇلۇغ سۇلاردىن ئۆتۈپ ماڭدىڭ! | 15 |
مەن بۇلارنى ئاڭلىدىم، ئىچى-باغرىمنى تىترەك باستى؛ ئاۋازنى ئاڭلاپ كالپۇكلىرىم دىر-دىر قىلدى، ئۇستىخانلىرىم چىرىپ كەتكەندەك بولدى، پۇتلىرىمنى تىترەك باستى؛ چۈنكى مەن كۈلپەتلىك كۈنىدە، يەنى ئۆز خەلقىمگە تاجاۋۇز قىلغۇچى بېسىپ كىرگەن كۈنىدىمۇ، سەۋر-خاتىرجەملىكتە تۇرۇشۇم كېرەك. | 16 |
چۈنكى ئەنجۈر دەرىخى چېچەكلىمىسىمۇ، ئۈزۈم تاللىرىدا مېۋە بولمىسىمۇ، زەيتۇن دەرىخىگە قىلغان ئەجىر يوققا چىققان بولسىمۇ، ئېتىزلار ھېچ ھوسۇل بەرمىگەن بولسىمۇ، قوتاندىن قوي پادىسى ئۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئېغىلدا كالا پادىسى يوق بولسىمۇ، | 17 |
مەن ھامان پەرۋەردىگاردىن شادلىنىمەن، ماڭا نىجاتىمنى بەرگۈچى خۇدايىمدىن شادلىققا چۆمۈلىمەن، | 18 |
پەرۋەردىگار، رەب، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمدۇر؛ ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك قىلىدۇ؛ مېنى يۇقىرى جايلىرىمدا ماڭغۇزىدۇ! (بۇ كۈي نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن). | 19 |