< يارىتىلىش 9 >
خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇڭلار. | 1 |
Dio benedisse Noè e i suoi figli e disse loro: «Siate fecondi e moltiplicatevi e riempite la terra.
يەر يۈزىدىكى بارلىق جانىۋارلار، ئاسماندىكى بارلىق قۇشلار، بارلىق يەر يۈزىدە مىدىرلاپ يۈرگۈچىلەر ۋە دېڭىزدىكى بارلىق بېلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەردىن قورقۇپ ۋەھىمىدە بولسۇن؛ بۇلار قولۇڭلارغا تاپشۇرۇلغاندۇر. | 2 |
Il timore e il terrore di voi sia in tutte le bestie selvatiche e in tutto il bestiame e in tutti gli uccelli del cielo. Quanto striscia sul suolo e tutti i pesci del mare sono messi in vostro potere.
مىدىرلاپ يۈرىدىغان ھەرقانداق جانىۋارلار سىلەرگە ئوزۇق بولىدۇ؛ مەن سىلەرگە كۆك ئوتياشلارنى بەرگەندەك، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمدى سىلەرگە بەردىم. | 3 |
Quanto si muove e ha vita vi servirà di cibo: vi do tutto questo, come gia le verdi erbe.
لېكىن سىلەر گۆشنى ئىچىدىكى جېنى، يەنى قېنى بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭلار كېرەك. | 4 |
Soltanto non mangerete la carne con la sua vita, cioè il suo sangue.
قېنىڭلار، يەنى جېنىڭلاردىكى قان تۆكۈلسە، مەن بەرھەق ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىمەن؛ ھەرقانداق ھايۋاننىڭ ئىلكىدە قېنىڭلار بار بولسا مەن ئۇنىڭغا تۆلەتكۈزىمەن؛ ئىنساننىڭ قولىدا بار بولسا، يەنى بىرسىنىڭ قولىدا ئۆز قېرىندىشىنىڭ قېنى بار بولسا، مەن ئۇنىڭغا شۇ قاننى تۆلەتكۈزىمەن. | 5 |
Del sangue vostro anzi, ossia della vostra vita, io domanderò conto; ne domanderò conto ad ogni essere vivente e domanderò conto della vita dell'uomo all'uomo, a ognuno di suo fratello.
كىمكى ئىنساننىڭ قېنىنى تۆكسە، ئۇنىڭ قېنىمۇ ئىنسان تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتقاندۇر. | 6 |
Chi sparge il sangue dell'uomo dall'uomo il suo sangue sarà sparso, perché ad immagine di Dio Egli ha fatto l'uomo.
ئەمدى سىلەر، جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ كۆپىيىڭلار». | 7 |
E voi, siate fecondi e moltiplicatevi, siate numerosi sulla terra e dominatela».
ئاندىن خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا ئۆزۈم سىلەر بىلەن ۋە سىلەردىن كېيىن كېلىدىغان ئەۋلادلىرىڭلار بىلەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان ھەربىر جان ئىگىسى، ئۇچارقاناتلار، مال-چارۋىلار، سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان يەر يۈزىدىكى ھەربىر ياۋايى ھايۋانلار، كېمىدىن چىققانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ــ يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ھايۋاننى قالدۇرماي، ئۇلار بىلەن ئۆز ئەھدەمنى تۈزىمەن | 8 |
Dio disse a Noè e ai sui figli con lui:
«Quanto a me, ecco io stabilisco la mia alleanza coni vostri discendenti dopo di voi;
con ogni essere vivente che è con voi, uccelli, bestiame e bestie selvatiche, con tutti gli animali che sono usciti dall'arca.
مەن سىلەر بىلەن شۇنداق ئەھدە تۈزىمەنكى، نە بارلىق ئەت ئىگىلىرى توپان بىلەن يوقىتىلماس، نە يەرنى ۋەيران قىلىدىغان ھېچبىر توپان يەنە كەلمەس». | 11 |
Io stabilisco la mia alleanza con voi: non sarà più distrutto nessun vivente dalle acque del diluvio, né più il diluvio devasterà la terra».
خۇدا يەنە: ــ «مەن ئۆزۈم سىلەر بىلەن ۋە قېشىڭلاردىكى ھەممە جان ئىگىلىرى بىلەن مەڭگۈلۈك، يەنى پۈتكۈل ئەۋلادلىرىڭلارغىچە بېكىتكەن مۇشۇ ئەھدەمنىڭ بەلگىسى شۇكى: ــ مانا، مەن ئۆزۈم بىلەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولسۇن دەپ ھەسەن-ھۈسىنىمنى بۇلۇتلار ئىچىگە قويىمەن؛ | 12 |
«Questo è il segno dell'alleanza, che io pongo tra me e voi e tra ogni essere vivente che è con voi per le generazioni eterne. Dio disse:
Il mio arco pongo sulle nubi ed esso sarà il segno dell'alleanza tra me e la terra.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن يەرنىڭ ئۈستىگە بۇلۇتلارنى چىقارغىنىمدا، شۇنداقلا ھەسەن-ھۈسەن بۇلۇتلار ئىچىدە ئايان بولغىنىدا، مەن سىلەر بىلەن ئەت ئىگىلىرى بولغان بارلىق جانىۋارلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ياد ئېتىمەن؛ بۇنىڭدىن كېيىن سۇلار ھەرگىز ھەممە جاندارلارنى ھالاك قىلغۇچى توپان بولماس. | 14 |
Quando radunerò le nubi sulla terra e apparirà l'arco sulle nubi
ricorderò la mia alleanza che è tra me e voi e tra ogni essere che vive in ogni carne e noi ci saranno più le acque per il diluvio, per distruggere ogni carne.
ھەسەن-ھۈسەن بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا قارايمەن ۋە شۇنىڭ بىلەن مەنكى خۇدا يەر يۈزىدىكى ئەت ئىگىلىرى بولغان بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئوتتۇرىمىزدا بېكىتكەن ئەھدەمنى ياد ئېتىمەن»، ــ دېدى. | 16 |
L'arco sarà sulle nubi e io lo guarderò per ricordare l'alleanza eterna tra Dio e ogni essere che vive in ogni carne che è sulla terra».
خۇدا نۇھقا يەنە: ــ «مانا بۇ مەن ئۆزۈم بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدا بېكىتكەن ئەھدەمنىڭ نىشان-بەلگىسىدۇر»، ــ دېدى. | 17 |
Disse Dio a Noè: «Questo è il segno dell'alleanza che io ho stabilito tra me e ogni carne che è sulla terra».
نۇھنىڭ كېمىدىن چىققان ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت ئىدى. ھام قانائاننىڭ ئاتىسى بولدى. | 18 |
I figli di Noè che uscirono dall'arca furono Sem, Cam e Iafet; Cam è il padre di Canaan.
بۇ ئۈچى نۇھنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارالغان ئاھالە شۇلارنىڭ نەسىل-ئەۋلادلىرىدۇر. | 19 |
Questi tre sono i figli di Noè e da questi fu popolata tutta la terra.
نۇھ تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلاپ، بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلدى. | 20 |
Ora Noè, coltivatore della terra, cominciò a piantare una vigna.
ئۇ ئۇنىڭ شارابىدىن ئىچىپ، مەست بولۇپ قېلىپ، ئۆز چېدىرى ئىچىدە كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، يالىڭاچ يېتىپ قالدى. | 21 |
Avendo bevuto il vino, si ubriacò e giacque scoperto all'interno della sua tenda.
قانائاننىڭ ئاتىسى ھام كېلىپ، ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىككى قېرىندىشىغا ئېيتتى. | 22 |
Cam, padre di Canaan, vide il padre scoperto e raccontò la cosa ai due fratelli che stavano fuori.
شەم بىلەن يافەت قوپۇپ يېپىنجىنى ئېلىپ، مۈرىسىگە ئارتىپ، كەينىچە مېڭىپ كىرىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى يېپىپ قويدى. ئۇلار يۈزىنى ئالدى تەرەپكە قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ تېنىگە قارىمىدى. | 23 |
Allora Sem e Iafet presero il mantello, se lo misero tutti e due sulle spalle e, camminando a ritroso, coprirono il padre scoperto; avendo rivolto la faccia indietro, non videro il padre scoperto.
نۇھ شارابنىڭ كەيپىدىن ئويغىنىپ، كەنجى ئوغلىنىڭ ئۆزىگە نېمە قىلغىنىنى بىلىپ: ــ | 24 |
Quando Noè si fu risvegliato dall'ebbrezza, seppe quanto gli aveva fatto il figlio minore;
قانائانغا لەنەت بولغاي! ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قۇلىنىڭ قۇلى بولسۇن، ــ دەپ قارغىدى. | 25 |
«Sia maledetto Canaan! Schiavo degli schiavi sarà per i suoi fratelli!». allora disse:
ئۇ يەنە: ــ شەمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە كەلتۈرۈلگەي! قانائان شەمنىڭ قۇلى بولسۇن. | 26 |
Disse poi: «Benedetto il Signore, Dio di Sem, Canaan sia suo schiavo!
خۇدا يافەتنى ئاۋۇتقاي! ئۇ شەمنىڭ چېدىرلىرىدا تۇرغاي، قانائان بولسا ئۇنىڭ قۇلى بولغاي! ــ دېدى. | 27 |
Dio dilati Iafet e questi dimori nelle tende di Sem, Canaan sia suo schiavo!».
نۇھ توپاندىن كېيىن ئۈچ يۈز ئەللىك يىل ئۆمۈر كۆردى. | 28 |
Noè visse, dopo il diluvio, trecentocinquanta anni.
بۇ تەرىقىدە نۇھ جەمئىي توققۇز يۈز ئەللىك يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. | 29 |
L'intera vita di Noè fu di novecentocinquanta anni, poi morì.