< يارىتىلىش 8 >
خۇدا نۇھنى، شۇنداقلا كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بارلىق مال-چارۋىلارنى ئەسلىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدا بىر شامال چىقىرىپ يەر يۈزىنى يەلپۈتتى ۋە سۇلار يېنىشقا باشلىدى. | 1 |
天主想起了諾厄和同他在方舟內的一切野獸和牲畜,遂使風吹過大地,水漸漸退落;
چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ تەگلىرىدىكى بۇلاقلار ۋە ئاسماننىڭ پەنجىرىلىرى ئېتىلىپ، ئاسماندىن تۆكۈلگەن يامغۇر توختىدى. | 2 |
深淵的泉源和天上的水閘已關閉,雨也由天上停止降落,
سۇلار بارغانسېرى يەر يۈزىدىن ياندى؛ بىر يۈز ئەللىك كۈن ئۆتكەندىن كېيىن خېلى ئازلىدى. | 3 |
於是水逐漸由地上退去;過了一百五十天,水就低落了。
يەتتىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى، كېمە ئارارات تاغ تىزمىلىرىدىكى بىرىنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالدى. | 4 |
七月十七日,方舟停在阿辣辣特山上。
سۇلار ئونىنچى ئايغىچە بارغانسېرى ئازىيىپ، ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تاغ چوققىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. | 5 |
洪水繼續減退,直到十月;十月一日,許多山頂都露出來。
قىرىق كۈندىن كېيىن نۇھ كېمىگە ئۆزى ئورناتقان دەرىزىنى ئېچىپ، | 6 |
過了四十天,諾厄開了在方舟上做的窗戶,
بىر قۇزغۇننى سىرتقا چىقاردى. ئۇ يەر يۈزىدىكى سۇلار تارتىلىپ بولغۇچە ئۇيان-بۇيان ئۇچۇپ يۈردى. | 7 |
放了一隻烏鴉;烏鴉飛去又飛回,直到地上的水都乾了。
ئۇنىڭدىن كېيىن نۇھ سۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن تارتىلغان-تارتىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بىر كەپتەرنى چىقاردى. | 8 |
諾厄等待了七天,又放出了一隻鴿子,看看水是否已由地面退盡。
لېكىن سۇلار تېخىچە پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلاپ تۇرغاچقا، كەپتەر پۇتىنى قويغۇدەك جاي تاپالماي، نۇھنىڭ قېشىغا كېمىگە يېنىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن نۇھ قولىنى سۇنۇپ ئۇنى تۇتۇپ، كېمىگە ئەكىرىۋالدى. | 9 |
但是,因為全地面上還有水,鴿子找不著落腳的地方,遂飛回方舟;諾厄伸手將牠接入方舟內。
ئۇ يەتتە كۈن ساقلاپ، بۇ كەپتەرنى كېمىدىن يەنە سىرتقا چىقاردى. | 10 |
再等了七天,他由方舟中又放出一隻鴿子,
كەپتەر كەچتە ئۇنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلدى؛ مانا، ئۇنىڭ تۇمشۇقىدا يېڭى ئۈزۈۋالغان زەيتۇن يوپۇرمىقى بار ئىدى. بۇنى كۆرۈپ نۇھ سۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن تارتىلغىنىنى بىلدى. | 11 |
傍晚時,那隻鴿子飛回他那裏,看,嘴裏啣著一根綠的橄欖樹枝;諾厄於是知道,水已由地上退去。
ئۇ يەنە يەتتە كۈن ساقلاپ، كەپتەرنى يەنە سىرتقا چىقاردى، ئەمما بۇ قېتىم كەپتەر ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلمىدى. | 12 |
諾厄又等了七天再放出一隻鴿子;這隻鴿子沒有回來。
نۇھ ئالتە يۈز بىر ياشقا كىرگەن يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە سۇ يەر يۈزىدىن قۇرۇغانىدى. نۇھ كېمىنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ قارىۋىدى، يەرنىڭ قۇرۇغىنىنى كۆردى. | 13 |
諾厄六百零一歲,正月初一,地上的水都乾了,諾厄就撤開方舟的頂觀望,看見地面已乾。
ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى، يەر يۈزى پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولدى. | 14 |
二月二十七日,大地全乾了。
ئۇ ۋاقىتتا خۇدا نۇھقا سۆز قىلىپ: ــ سەن ئۆزۈڭ، ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭ كېمىدىن چىقىڭلار. | 15 |
天主於是吩咐諾厄說:「
ئۆزۈڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ئەت ئىگىلىرىدىن ھەربىر تۈردىكى جانىۋارلارنى، يەنى ئۇچار-قاناتلارنى ھەم مال-چارۋىلارنى، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ كېمىدىن ئېلىپ چىققىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ، نەسىللىنىپ زېمىندا كۆپەيسۇن، ــ دېدى. | 17 |
所有同你在方舟內的有血肉的生物:飛禽、牲畜和各種地上的爬蟲,你都帶出來,叫他們在地上滋生,在地上生育繁殖。」
شۇنىڭ بىلەن نۇھ، ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرى بىلەن بىللە سىرتقا چىقتى. | 18 |
諾厄遂同他的兒子、妻子及兒媳出來;
جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى، بارلىق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار، بارلىق ئۇچار-قاناتلار، يەردە مىدىرلاپ يۈرىدىغانلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز تۈرلىرى بويىچە كېمىدىن چىقىشتى. | 19 |
所有的爬蟲、飛禽和地上所有的動物,各依其類出了方舟。
شۇ چاغدا نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھنى ياسىدى؛ ئۇ ھالال جانىۋارلار بىلەن ھالال قۇشلارنىڭ ھەر تۈرىدىن ئېلىپ كېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» ئۆتكۈزدى. | 20 |
諾厄給上主築了一座祭壇,拿各種潔淨的牲畜和潔淨的飛禽,獻在祭壇上,作為全燔祭。
شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار خۇشبۇي پۇراپ [مەمنۇن بولدى]؛ پەرۋەردىگار كۆڭلىدە: ــ «ئىنساننىڭ كۆڭۈل-نىيىتى ياشلىقىدىن تارتىپ رەزىل بولسىمۇ، مەن ئىنسان تۈپەيلىدىن يەرگە يەنە لەنەت ئوقۇمايمەن ۋە ئەمدى بۇ قېتىمقىدەك ھەممە جاندارلارنى ئۇرۇپ يوقىتىۋەتمەيمەن. | 21 |
上主聞到了馨香,心裏說:「我再不為人的緣故咒罵大地,因為人心的思念從小就邪惡;我也再不照我所作的打擊一切生物了,
بۇندىن كېيىن، يەر مەۋجۇت كۈنلىرىدە، تېرىش بىلەن ئورما، سوغۇق بىلەن ئىسسىق، ياز بىلەن قىش، كۈندۈز بىلەن كېچە ئۈزۈلمەي ئايلىنىپ تۇرىدۇ» ــ دېدى. | 22 |
只願大地存在之日,稼穡寒暑,冬夏晝夜,循環不息。」
A Dove is Sent Forth from the Ark