< يارىتىلىش 7 >

پەرۋەردىگار نۇھقا مۇنداق دېدى: ــ «سەن پۈتۈن ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن كېمىگە كىرگىن؛ چۈنكى بۇ دەۋردە ئالدىمدا سېنى ھەققانىي دەپ كۆردۈم. 1
上主對諾厄說:「你和你全家進入方舟,因為在這一世代,我看只有你在我面前正義。
ھەممە ھالال ھايۋانلارنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن، ھارام ھايۋانلارنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىپ، شۇنىڭدەك ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭمۇ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن ئېلىپ، ئۇلارنىڭ نەسلىنى پۈتكۈل يەر يۈزىدە تىرىك ساقلاش ئۈچۈن ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئەكىر. 2
由一切潔淨牲畜中,各取公母七對;由那些不潔淨的牲畜中,各取公母一對;
3
由天空的飛鳥中,也各取公母七對;好在全地面上傳種。
چۈنكى يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن؛ ئۆزۈم ياسىغان ھەممە جانىۋارلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن». 4
因為還有七天,我要在地上降雨四十天四十夜,消滅我在地面上所造的一切生物。」
شۇنىڭ بىلەن نۇھ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلدى. 5
諾厄全照上主吩咐他的做了。
يەر يۈزىنى توپان باسقاندا نۇھ ئالتە يۈز ياشتا ئىدى. 6
當洪水在地上氾濫時,諾厄已六百歲。
توپاندىن [قۇتۇلۇپ قېلىش] ئۈچۈن نۇھ بىلەن ئوغۇللىرى، ئايالى ۋە كېلىنلىرى بىللە كېمىگە كىردى. 7
諾厄和他的兒子,他的妻子和他的兒媳,同他進了方舟,為躲避洪水。
ھالال ھايۋانلار بولسۇن، ھارام ھايۋانلار بولسۇن، قۇشلار بىلەن يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلار بولسۇن، [ھەربىر تۈردىن] بىر جۈپ-بىر جۈپتىن ئەركەك-چىشى بولۇپ، خۇدا نۇھقا بۇيرۇغاندەك كېمىگە، نۇھنىڭ قېشىغا كىردى. 8
潔淨的牲畜和不潔淨的牲畜,飛鳥和各種在地上爬行的動物,
9
一對一對地同諾厄進了方舟;都是一公一母,照天主對他所吩咐的。
ۋە شۇنداق بولدىكى، يەتتە كۈندىن كېيىن، يەر يۈزىنى توپان بېسىشقا باشلىدى. 10
七天一過,洪水就在地上氾濫。
نۇھنىڭ ئۆمرىنىڭ ئالتە يۈزىنچى يىلى، ئىككىنچى ئېيىنىڭ ئون يەتتىنچى كۈنىدە چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ تەگلىرىدىكى بارلىق بۇلاقلار يېرىلىپ، ئاسماننىڭ پەنجىرىلىرى ئېچىلىپ كەتتى. 11
諾厄六百歲那一年,二月十七日那天,所有深淵的泉水都冒出,天上的水閘都開放了;
يامغۇر ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز يەر يۈزىگە توختىماي ياغدى. 12
大雨在地上下了四十天四十夜。
دەل يامغۇر باشلانغان كۈنى، نۇھ، نۇھنىڭ شەم، ھام، يافەت دېگەن ئوغۇللىرى، نۇھنىڭ ئايالى بىلەن ئۈچ كېلىنى كېمىگە كىردى. 13
正在這一天,諾厄和他的兒子閃、含、耶斐特,他的妻子和他的三個兒媳,一同進了方舟。
ئۇلار بىلەن بىللە ھەرخىل ياۋا ھايۋانلار تۈر-تۈرى بويىچە، ھەرخىل مال-چارۋىلار تۈر-تۈرى بويىچە، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھەرخىل جانىۋارلار تۈر-تۈرى بويىچە ۋە ھەرخىل ئۇچار-قاناتلار، يەنى ھەرخىل قاناتلىق جانىۋارلار تۈر-تۈرى بويىچە كېمىگە كىردى. 14
他們八口和所有的野獸、各種牲畜、各種在地上爬行的爬蟲、各種飛禽,
ئەت ئىگىلىرىدىن، يەنى بارلىق ھاياتلىق تىنىقى بولغان ھەرخىل جاندارلاردىن، بىر جۈپ-بىر جۈپ بولۇپ، كېمىگە نۇھنىڭ قېشىغا كىردى. 15
一切有生氣有血肉的,都一對一對地同諾厄進了方舟。
كىرگەنلەر خۇدانىڭ نۇھقا بۇيرۇغىنىدەك ئەت ئىگىلىرىنىڭ ھەرتۈرىنىڭ ئەركەك-چىشىسى ئىدى. ئاندىن پەرۋەردىگار ئىشىكنى ئېتىۋەتتى. 16
凡有血肉的,都是一公一母地進了方舟,如天主對諾厄所吩咐的。隨後上主關了門。
توپان يەر يۈزىنى ئۇدا قىرىق كۈن بېسىپ، سۇلار ئۇلغىيىپ كەتتى. كېمە يەر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈپ لەيلەپ قالدى. 17
洪水在地上氾濫了四十天;水不斷增漲,浮起了方舟,方舟遂由地面上升起。
سۇ ئۇلغىيىپ، يەر ئۈستىدە تېخىمۇ ئېگىزلەپ كەتتى؛ كېمە سۇ ئۈستىدە داۋالغۇپ تۇراتتى. 18
洪水洶湧,在地上猛漲,方舟漂浮在水面上。
سۇلار يەر يۈزىدە تولىمۇ ئۇلغىيىپ، پۈتكۈل ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق ئېگىز تاغلارنىمۇ بېسىپ كەتتى. 19
洪水在地上一再猛漲,天下所有的高山也都沒了頂;
سۇلار [تاغلاردىن] يەنە ئون بەش گەز ئۆرلەپ، تاغ چوققىلىرىمۇ سۇ ئاستىدا قالدى. 20
洪水高出淹沒的群山十有五肘。
بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدە يۈرگۈچى ھەممە ئەت ئىگىلىرى، ئۇچار-قۇشلار، مال-چارۋىلار، ياۋايى ھايۋانلار، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھەممە جانىۋارلار، جۈملىدىن پۈتكۈل ئادەملەر ھەممىسى ئۆلدى؛ 21
凡地上行動而有血肉的生物:飛禽、牲畜、野獸,在地上爬行的爬蟲,以及所有的人全滅亡了;
قۇرۇقلۇقتا ياشىغۇچى، بۇرنىدا ھاياتلىق تىنىقى بار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. 22
凡在旱地上以鼻呼吸的生靈都死了。
يەر يۈزىدىكى جېنى بارلارنىڭ ھەممىسى، ئىنسان بولسۇن، مال-چارۋىلار بولسۇن، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار بولسۇن، ئاسماندىكى قۇشلار بولسۇن، ھەممىسى ھالاك بولۇپ يەر يۈزىدىن يوق قىلىندى؛ پەقەت نۇھ ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغانلار قۇتۇلۇپ قالدى. 23
這樣,天主消滅了在地面上的一切生物,由人以至於牲畜、爬蟲以及天空中的飛鳥,這一切都由地上消滅了,只剩下諾厄和同他在方舟內的人物。
بىر يۈز ئەللىك كۈنگىچە يەر يۈزىنى سۇ بېسىپ تۇردى. 24
洪水在地上氾濫了一百五十天。

< يارىتىلىش 7 >

The Great Flood
The Great Flood