< يارىتىلىش 6 >
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئىنسانلار يەر يۈزىدە كۆپىيىشكە باشلىغاندا، شۇنداقلا قىزلارمۇ كۆپلەپ تۇغۇلغاندا، | 1 |
Kad su se ljudi počeli širiti po zemlji i kćeri im se narodile,
خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، خالىغانچە تاللاپ، ئۆزلىرىگە خوتۇن قىلىشقا باشلىدى. | 2 |
opaze sinovi Božji da su kćeri ljudske pristale, pa ih uzimahu sebi za žene koje su god htjeli.
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ ــ مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىۋەرمەيدۇ؛ چۈنكى ئىنسان ئەتتۇر، خالاس. كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن! ــ دېدى. | 3 |
Onda Jahve reče: “Neće moj duh u čovjeku ostati dovijeka; čovjek je tjelesan, pa neka mu vijek bude stotinu dvadeset godina.”
شۇ كۈنلەردە (ۋە شۇنداقلا كېيىنكى كۈنلەردىمۇ)، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلاردىن بالىلارنى تاپقىنىدا، گىگانتلار يەر يۈزىدە پەيدا بولدى. بۇلار بولسا قەدىمكى زامانلاردىكى داڭلىق پالۋان-باتۇرلار ئىدى. | 4 |
U ona su vremena - a i kasnije - na zemlji bili Nefili, kad su Božji sinovi općili s ljudskim kćerima pa im one rađale djecu. To su oni od starine po snazi glasoviti ljudi.
پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان رەزىللىكى يەر يۈزىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنىڭ ھەرقاچان يامان بولۇۋاتقىنىنى كۆردى. | 5 |
Vidje Jahve kako je čovjekova pokvarenost na zemlji velika i kako je svaka pomisao u njegovoj pameti uvijek samo zloća.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە ئادەمنى ئاپىرىدە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ، كۆڭلىدە ئازابلاندى. | 6 |
Jahve se pokaja i u svom srcu ražalosti što je načinio čovjeka na zemlji.
بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار: ــ ئۆزۈم ياراتقان ئىنساننى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن ــ ئىنساندىن تارتىپ مال-چارۋىلارغىچە، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلاردىن ئاسماندىكى قۇشلارغىچە، ھەممىسىنى يوق قىلىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى ياراتقىنىمغا پۇشايمەن قىلدىم، ــ دېدى. | 7 |
Reče Jahve: “Ljude koje sam stvorio izbrisat ću s lica zemlje - od čovjeka do zvijeri, puzavce i ptice u zraku - jer sam se pokajao što sam ih napravio.”
لېكىن نۇھ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە شەپقەت تاپقانىدى. | 8 |
Ali je Noa našao milost u očima Jahvinim.
نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ نۇھ ھەققانىي، ئۆز دەۋرىدىكىلەر ئارىسىدا ئەيىبسىز ئادەم ئىدى؛ نۇھ خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى. | 9 |
Ovo je povijest Noina: Noa je bio čovjek pravedan i neporočan u svom vremenu. S Bogom je Noa hodio.
نۇھتىن شەم، ھام، يافەت دېگەن ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى. | 10 |
Tri su se sina rodila Noi: Šem, Ham i Jafet.
پۈتكۈل جاھان خۇدانىڭ ئالدىدا رەزىللىشىپ، ھەممە يەر زوراۋانلىققا تولۇپ كەتكەنىدى. | 11 |
U očima Božjim zemlja se bila iskvarila; nepravdom se napunila.
خۇدا يەر يۈزىگە نەزەر سېلىۋىدى، مانا، جاھان رەزىللەشكەنىدى؛ چۈنكى بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ يەر يۈزىدە قىلىۋاتقىنى يۇزۇقچىلىق ئىدى. | 12 |
I kad je Bog vidio kako se zemlja iskvarila - tÓa svako se biće na zemlji izopačilo -
شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: ــ مانا، ئالدىمغا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ زاۋاللىقى يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پۈتكۈل يەر-جاھاننى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن زوراۋانلىق قاپلىدى. مانا، مەن ئۇلارنى يەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمەن. | 13 |
reče Bog Noi: “Odlučio sam da bude kraj svim bićima jer se zemlja napunila opačinom; i, evo, uništit ću ih zajedno sa zemljom.
ئەمدى سەن ئۆزۈڭگە گوفەر ياغىچىدىن بىر كېمە ياساپ، كېمىنىڭ ئىچىدە بۆلمە-خانىلارنى قىلىپ، ئىچى-تېشىنى قارىماي بىلەن سۇۋا. | 14 |
Napravi sebi korablju od smolastoga drveta; korablju načini s prijekletima i obloži je iznutra i izvana paklinom.
سەن ئۇنى شۇنداق ياسىغىن: ــ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ يۈز گەز، كەڭلىكى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز بولسۇن. | 15 |
A pravit ćeš je ovako: neka korablja bude trista lakata u duljinu, pedeset u širinu, a trideset lakata u visinu.
كېمىنىڭ پېشايۋىنى ئاستىغا بىر ئوچۇقچىلىق ياسا، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر گەز بولسۇن؛ ئىشىكىنى كېمىنىڭ يېنىفا ئورۇنلاشتۇر؛ كېمىنى ئاستى، ئوتتۇرا ۋە ئۈستى قىلىپ ئۈچ قەۋەت ياسا. | 16 |
Na korablji načini otvor za svjetlo, završi ga jedan lakat od vrha. Vrata na korablji načini sa strane; neka ima donji, srednji i gornji kat.
چۈنكى مانا، مەن ئۆزۈم ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھاياتلىق تىنىقى بارلىكى ھەربىر ئەت ئىگىسىنى ھالاك قىلىدىغان سۇ توپاننى يەر يۈزىگە كەلتۈرىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق مەخلۇقلار تىنىقىدىن توختايدۇ. | 17 |
Ja ću, evo, pustiti potop - vode na zemlju - da izgine svako biće pod nebom, sve u čemu ima dah života: sve na zemlji mora poginuti.
لېكىن سەن بىلەن ئەھدەمنى تۈزىمەن. سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇللىرىڭ، ئايالىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى ئېلىپ بىرلىكتە كېمىگە كىرىڭلار. | 18 |
A s tobom ću učiniti Savez; ti ćeš ući u korablju - ti i s tobom tvoji sinovi, tvoja žena i žene tvojih sinova.
ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بارلىق جاندارلاردىن ھەرقايسىسىدىن بىر جۈپ، يەنى ئەركىكىدىن بىرىنى، چىشىدىن بىرىنى كېمىگە ئېلىپ كىرگىن؛ | 19 |
A od svega što je živo - od svih bića - uvedi u korablju od svakoga po dvoje da s tobom preživi, i neka budu muško i žensko.
تىرىك قېلىش ئۈچۈن قۇشلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن، مال-چارۋىلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن ۋە يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن بىر جۈپى قېشىڭغا كىرىدۇ. | 20 |
Od ptica prema njihovim vrstama, od životinja prema njihovim vrstama i od svih stvorova što po tlu puze prema njihovim vrstama: po dvoje od svega neka uđe k tebi da preživi.
ئۆزۈڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئۈچۈن ھەرخىل يېمەكلىكلەردىن ئېلىپ، يېنىڭغا غەملىگىن، ــ دېدى. | 21 |
Sa sobom uzmi svega za jelo pa čuvaj da bude hrane tebi i njima.”
نۇھ شۇنداق قىلدى؛ خۇدا ئۆزىگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشنى ئۇ بەجا كەلتۈردى. | 22 |
Noa učini tako. Sve kako mu je Bog naredio, tako je izvršio.