< يارىتىلىش 50 >
يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ يۈزىگە ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغلاپ، ئۇنى سۆيدى. | 1 |
Josef nogore kuom wuon-gi kendo noywak kuome monyodhe.
ئاندىن يۈسۈپ ئۆز خىزمىتىدە بولغان تېۋىپلارغا ئاتىسىنى مۇمىيا قىلىشنى بۇيرۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن تېۋىپلار ئىسرائىلنى مۇمىيا قىلدى. | 2 |
Eka Josef nochiko jotichne ma jothieth mondo olos ringre wuon-gi, Israel gi yath. Kuom mano jothiethgo noloso ringre Jakobo.
بۇنى قىلىشقا قىرىق كۈن كەتتى، چۈنكى مۇمىيا قىلىشقا شۇنچىلىك كۈن كېتەتتى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭغا يەتمىش كۈن ماتەم تۇتتى. | 3 |
Notieko ndalo piero angʼwen nikech mano e kaka kitundu molos gi yath idwaro mondo otieki. Jo-Misri noywage kuom ndalo piero abiriyo.
ئۇنىڭغا ھازا تۇتۇش كۈنلىرى ئۆتۈپ بولغاندا، يۈسۈپ پىرەۋننىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە: ــ مەن نەزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپقان بولسام، پىرەۋننىڭ قۇلاقلىرىغا سۆز قىلىڭلاركى: ــ ئاتام ماڭا قەسەم قىلدۇرۇپ: «مانا مەن ئۆلىمەن؛ سەن مېنى مەن قانائان زېمىنىدا ئۆزۈم ئۈچۈن كولاپ قويغان گۆرگە دەپنە قىلغىن» دېگەنىدى. ئەمدى پىرەۋن ماڭا ئىجازەت بەرگەي، مەن بېرىپ ئاتامنى دەپنە قىلىپ بولۇپ يېنىپ كەلسەم، ــ دېدى. | 4 |
Ka ndalo mag ywak noserumo, Josef nowuoyo gi jood Farao niya, “Ka unyalo timona ngʼwono, to nyisnauru Farao niya,
‘Kane wuora chiegni tho, nomiyo asingorane ni abiro yike e bur mane okunyo e piny Kanaan. Kuom mano yie adhi aike eka abiro duogo.’”
پىرەۋن جاۋابەن: ــ سەن بېرىپ ئۆزۈڭگە ئاتاڭ قەسەم قىلدۇرغاندەك ئۇنى دەپنە قىلغىن، دېدى. | 6 |
Farao nowachone niya, “Dhiyo mondo iyik wuonu mana kaka nomiyo isingorine.”
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغىلى ماڭدى. پىرەۋننىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى، ئوردىنىڭ ئاقساقاللىرى ھەم مىسىر زېمىنىدىكى ئاقساقاللار ئۇنىڭ بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭدى. | 7 |
Kuom mano Josef nodhi moyiko wuon mare. Jotich Farao duto nodhi kode, ma gin jok midewo mane tiyo e dalane kendo e piny Misri duto,
يۈسۈپنىڭ ئۆيىدىكى ھەممىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ بىللە باردى؛ ئۇلار پەقەت كىچىك بالىلىرى، قوي-كالا پادىلىرىنى گوشەن يۇرتىدا قويۇپ كەتتى. | 8 |
kaachiel gi joode gi jood owetene kod jood wuon-gi. Nyithindo kod jamni gi dhok kende ema ne owe Goshen.
ئۇنىڭ بىلەن يەنە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارمۇ بىللە باردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ناھايىتى چوڭ بىر قوشۇن بولدى. | 9 |
Joriemb geche gi Farese bende nodhi kode. Ne en gi oganda maduongʼ.
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى «ئاتادنىڭ خامىنى»غا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردە قاتتىق ۋە ھەسرەتلىك يىغا-زار قىلىپ ماتەم تۇتۇپ يىغلاشتى. يۈسۈپ ئاتىسى ئۈچۈن يەتتە كۈن ماتەم تۇتتى. | 10 |
Kane gichopo kar dino cham man Atad, machiegni gi Jordan, negiywago wuon-gi matek kendo malit ahinya; kendo Josef nokawo ndalo abiriyo koywago wuon-gi.
شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق قانائانىيلار ئاتادنىڭ خامىنىدا بولغان بۇ ماتەمنى كۆرۈپ: ــ بۇ مىسىرلىقلارنىڭ ئىنتايىن قاتتىق تۇتقان ھازىسى بولدى، دېيىشتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ جاينىڭ نامى «ئابەل-مىزرائىم» دەپ ئاتالدى؛ ئۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىدۇر. | 11 |
Kane jo-Kanaan modak kuno oneno ywak man kar dino cham man Atad, negiwacho niya, “Jo-Misri nigi kuyo mar ywak.” Mano ema omiyo iluongo loka Jordan kono ni Abel Mizraim.
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە تاپىلىغىنىدەك قىلدى؛ | 12 |
Kuom mano yawuot Jakobo notimo mana kaka nochikogi:
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنى قانائان زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ ئىچىدىكى غاردا دەپنە قىلدى. شۇ غارنى ئىبراھىم قەبرىستانلىق قىلاي دەپ ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقى بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى. | 13 |
Negitingʼo ringre nyaka Kanaan kendo giike e rogo man e puodho man Makpela, machiegni gi Mamre, mane Ibrahim ongʼiewo kaka kar yiko kaachiel gi puodhono koa kuom Efron ja-Hiti.
يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزى، قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئاتىسىنى دەپنە قىلىشقا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چىققان ھەممە خەلقلەر مىسىرغا يېنىپ كەلدى. | 14 |
Bangʼ yiko wuon-gi, Josef nodok Misri kaachiel gi owetene kod ji mamoko mane odhi kode yiko wuon-gi.
لېكىن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى كۆرگەندە: ــ ئەمدى يۈسۈپ بىزگە دۈشمەن بولۇپ بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان بارلىق يامانلىقىمىزنى ئۈستىمىزگە ياندۇرارمىكىن، دېيىشتى. | 15 |
Kane owete Josef oneno ni wuon-gi osetho, negiwacho niya, “Mit ka Josef iye nowangʼ kodwa, mi ochulnwa kuor kuom richo duto mane watimone?”
ئۇلار يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ ئاتىلىرى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى بىزگە ۋەسىيەت قىلىپ تاپىلاپ: ــ | 16 |
Kuom mano negioro wach ne Josef kagiwacho niya, “Kane pok wuonu otho noweyonwa wach niya,
«سىلەر يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ ساڭا رەزىللىك قىلغانىدى؛ ئەمدى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقى ھەم گۇناھىنى كەچۈرگىن! ــ دەڭلار» ــ دېگەنىدى. ھازىر سىلىدىن ئۆتۈنۈمىزكى، ئاتىلىرىنىڭ خۇداسىنىڭ بەندىلىرىنىڭ ئاسىيلىقىنى كەچۈرگەيلا! ــ دېدى. يۈسۈپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يىغلىدى. | 17 |
‘Akwayi mondo iwene owetegi richogi kod gima mono mane gitimoni.’ Kuom mano yie iwenwa timbewa duto ma wasetimoni nikech wan jotich Nyasach wuonu.” To kane Josef owinjo wechego, pi wangʼe noton.
ئاندىن ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىپ: ــ مانا، بىز سىلىنىڭ قۇللىرىدۇرمىز! ــ دېدى. | 18 |
Eka owetene nobiro ire kendo ogoyo chongegi piny e nyime: Negiwachone niya, “Wan wasumbinigi.”
لېكىن يۈسۈپ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ قورقماڭلار! مەن خۇدانىڭ ئورنىدا تۇرۇۋاتامدىم؟ | 19 |
To Josef nowachonegi niya, “Kik ubed maluor. An dakaw kar Nyasaye?
سىلەر دەرۋەقە ماڭا شۇ ئىشنى يامان نىيەت بىلەن قىلدىڭلار؛ لېكىن خۇدا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك نۇرغۇنلىغان خەلقنىڭ جېنىنى تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇ ئىشنى ياخشىلىققا بېكىتكەنىدى. | 20 |
Un ne udwaro mondo utimna marach, to Nyasaye nodwaro mondo obed gima ber; mondo oresgo ngima ji mangʼeny, makoro ngima mana nikech wachno.
شۇڭا ئەمدى قورقماڭلار؛ مەن ھەم سىلەرنى ھەم بالا-چاقىلىرىڭلارنى باقىمەن، ــ دېدى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ مېھىرلىك گەپ قىلدى. | 21 |
Omiyo koro kik uluor. Abiro ritou kaachiel gi nyithindu.” Kamano nokweyo chunygi kendo owuoyo kodgi gi muolo.
يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ جەمەتى بىلەن بىللە مىسىردا تۇرۇپ قالدى. يۈسۈپ بىر يۈز ئون يىل ئۆمۈر كۆردى. | 22 |
Josef nodak Misri, kaachiel gi jood wuon-gi. Nodak higni mia achiel kod apar.
بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ ئەفرائىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆردى؛ ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىدە تۇغۇلدى. | 23 |
Kendo noneno nyikwa Efraim nyaka tiengʼ mar adek. Bende noneno nyithind Makir wuod Manase kinywolo mokwanogi ka nyithinde.
يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن ئۆلۈپ كېتىمەن؛ لېكىن خۇدا چوقۇم سىلەرنى يوقلاپ سىلەرنى بۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى. | 24 |
Eka Josef nowacho ne owetene niya, “Koro achiegni tho. To Nyasaye biro resou kendo golou e pinyni mi oteru e piny mane osingore ka okwongʼore ne Ibrahim, Isaka kod Jakobo.”
ئاندىن يۈسۈپ يەنە قېرىنداشلىرىغا قەسەم ئىچكۈزۈپ: «خۇدا سىلەرنى چوقۇم يوقلايدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى ئېلىپ، بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىڭلار كېرەك»، ــ دېدى. | 25 |
Kendo Josef nomiyo yawuot Israel okwongʼore kendo owachonegi niya, “Nyasaye biro resou, kendo nyaka une ni ukawo chokena ka udhigo.”
يۈسۈپ بىر يۈز ئون ياشقا كىرگەندە ۋاپات تاپتى. ئۇلار ئۇنى مۇمىيا قىلىپ، مىسىردا بىر مېيىت ساندۇقىغا سېلىپ قويدى. | 26 |
Kamano Josef notho ka en ja-higni mia achiel kod apar. Kendo bangʼ kane gisewiro ringre gi yath, negikete e sanduku e piny Misri kuno.