< يارىتىلىش 5 >

بۇ ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسىدۇر: ــ خۇدا ئىنساننى ياراتقان كۈنىدە، ئۇنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتتى. 1
این است شرح پیدایش آدم و نسل او. هنگامی که خدا خواست انسان را بیافریند، او را شبیه خود آفرید.
ئۇ ئۇلارنى ئەر جىنىس ۋە ئايال جىنىس قىلىپ يارىتىپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، يارىتىلغان كۈنىدە ئۇلارنىڭ نامىنى «ئادەم» دەپ ئاتىدى. 2
او آنها را مرد و زن خلق فرموده، برکت داد و از همان آغاز خلقت، ایشان را انسان نامید.
ئادەمئاتا بىر يۈز ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئوخشايدىغان، ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدەك بىر ئوغۇل تۆرەلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويدى. 3
آدم: وقتی آدم ۱۳۰ ساله بود، پسرش شیث به دنیا آمد. او شبیه پدرش آدم بود. بعد از تولد شیث، آدم ۸۰۰ سال دیگر عمر کرد و صاحب پسران و دختران شد. آدم در سن ۹۳۰ سالگی مرد.
شېت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەمئاتا سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن [يەنە] ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 4
ئادەمئاتىمىز جەمئىي توققۇز يۈز ئوتتۇز يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 5
شېت بىر يۈز بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئېنوش تۆرەلدى. 6
شیث: وقتی شیث ۱۰۵ ساله بود، پسرش انوش به دنیا آمد. بعد از تولد انوش، شیث ۸۰۷ سال دیگر عمر کرد و صاحب پسران و دختران شد. شیث در سن ۹۱۲ سالگی مرد.
ئېنوش تۇغۇلغاندىن كېيىن شېت سەككىز يۈز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن [يەنە] ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 7
شېت جەمئىي توققۇز يۈز ئون ئىككى يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 8
ئېنوش توقسان ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن كېنان تۆرەلدى. 9
انوش: وقتی انوش نود ساله بود، پسرش قینان به دنیا آمد. بعد از تولد قینان، انوش ۸۱۵ سال دیگر عمر کرد و صاحب پسران و دختران شد. انوش در سن ۹۰۵ سالگی مرد.
كېنان تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئېنوش سەككىز يۈر ئون بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 10
ئېنوش جەمئىي توققۇز يۈز بەش يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 11
كېنان يەتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ماھالالېل تۆرەلدى. 12
قینان: وقتی قینان هفتاد ساله بود، پسرش مهلل‌ئیل به دنیا آمد. بعد از تولد مهلل‌ئیل، قینان ۸۴۰ سال دیگر عمر کرد و صاحب پسران و دختران شد. او در سن ۹۱۰ سالگی مرد.
ماھالالېل تۇغۇلغاندىن كېيىن كېنان سەككىز يۈز قىرىق يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن [يەنە] ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 13
كېنان جەمئىي توققۇز يۈز ئون يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 14
ماھالالېل ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن يارەد تۆرەلدى. 15
مهلل‌ئیل: وقتی مهلل‌ئیل شصت و پنج ساله بود، پسرش یارد به دنیا آمد. پس از تولد یارد، مهلل‌ئیل ۸۳۰ سال دیگر عمر کرد و صاحب پسران و دختران شد. او در سن ۸۹۵ سالگی مرد.
يارەد تۇغۇلغاندىن كېيىن ماھالالېل سەككىز يۈز ئوتتۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن [يەنە] ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 16
ماھالالېل جەمئىي سەككىز يۈز توقسان بەش يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 17
يارەد بىر يۈز ئاتمىش ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ھانوخ تۆرەلدى. 18
یارد: وقتی یارد ۱۶۲ ساله بود، پسرش خنوخ به دنیا آمد. بعد از تولد خنوخ، یارد ۸۰۰ سال دیگر عمر کرد و صاحب پسران و دختران شد. یارد در سن ۹۶۲ سالگی مرد.
ھانوخ تۇغۇلغاندىن كېيىن يارەد سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 19
يارەد جەمئىي توققۇز يۈز ئاتمىش ئىككى يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 20
ھانوخ ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن مەتۇشەلاھ تۆرەلدى. 21
خنوخ: وقتی خنوخ شصت و پنج ساله بود، پسرش متوشالح به دنیا آمد. بعد از تولد متوشالح، خنوخ ۳۰۰ سال دیگر با خدا زیست. او صاحب پسران و دخترانی شد و ۳۶۵ سال زندگی کرد. خنوخ با خدا می‌زیست و خدا او را به حضور خود به بالا برد و دیگر کسی او را ندید.
مەتۇشەلاھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ھانوخ ئۈچ يۈز يىلغىچە خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، يەنە ئوغۇل-قىزلارنى تاپتى. 22
ھانوخنىڭ [يەر يۈزىدە] بارلىق كۆرگەن كۈنلىرى ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش يىل بولدى؛ 23
ئۇ خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى؛ ئۇ [تۇيۇقسىز كۆزدىن] غايىب بولدى؛ چۈنكى خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى. 24
مەتۇشەلاھ بىر يۈز سەكسەن يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن لەمەخ تۆرەلدى. 25
متوشالح: وقتی متوشالح ۱۸۷ ساله بود، پسرش لمک به دنیا آمد. بعد از تولد لمک، متوشالح ۷۸۲ سال دیگر زندگی کرد و صاحب پسران و دختران شد. متوشالح در سن ۹۶۹ سالگی مرد.
لەمەخ تۇغۇلغاندىن كېيىن مەتۇشەلاھ يەتتە يۈز سەكسەن ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 26
مەتۇشەلاھ جەمئىي توققۇز يۈز ئاتمىش توققۇز يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 27
لەمەخ بىر يۈز سەكسەن ئىككى ياشقا كىرگەندە بىر ئوغۇل تېپىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ ئاتاپ: ــ پەرۋەردىگار تۇپراققا لەنەت قىلدى؛ شۇڭا بىز [يەرگە] ئىشلىگىنىمىزدە ھەمدە قوللىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدە بۇ بالا بىزگە تەسەللى بېرىدۇ، ــ دېدى. 28
لمک: وقتی لمک ۱۸۲ ساله بود، پسرش نوح به دنیا آمد. لمک گفت: «این پسر، ما را از کار سختِ زراعت که در اثر لعنت خداوند بر زمین، دامنگیر ما شده، آسوده خواهد کرد.» پس لمک اسم او را نوح (یعنی «آسودگی») گذاشت. بعد از تولد نوح، لمک ۵۹۵ سال دیگر عمر کرد و صاحب پسران و دختران شد. او در سن ۷۷۷ سالگی مرد.
29
نۇھ تۇغۇلغاندىن كېيىن لەمەخ بەش يۈز توقسان بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 30
لەمەخ جەمئىي يەتتە يۈز يەتمىش يەتتە يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. 31
نۇھ بەش يۈز ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن شەم، ھام ۋە يافەت تۆرەلدى. 32
نوح: نوح در سن ۵۰۰ سالگی صاحب سه پسر به نامهای سام، حام و یافث بود.

< يارىتىلىش 5 >