< يارىتىلىش 49 >
ئاندىن ياقۇپ ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ [ھەممىڭلار] جەم بولۇڭلار، مەن سىلەرگە كېيىنكى كۈنلەردە سىلەر يولۇقىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي: ــ | 1 |
После сазва Јаков синове своје и рече: Скупите се да вам јавим шта ће вам бити до послетка.
يىغىلىپ كېلىپ ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى؛ ئاتاڭلار ئىسرائىلغا قۇلاق سېلىڭلار. | 2 |
Скупите се и послушајте, синови Јаковљеви, послушајте Израиља оца свог.
ئەي رۇبەن، سەن مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمسەن، كۈچ-قۇدرىتىمسەن، كۈچۈم بار ۋاقتىمنىڭ تۇنجى مېۋىسىدۇرسەن، سالاپەت ۋە قۇدرەتتە ئالدى ئىدىڭ، | 3 |
Рувиме, ти си првенац мој, крепост моја и почетак силе моје; први господством и први снагом.
لېكىن قايناپ تېشىپ چۈشكەن سۇدەك، ئەمدى ئالدى بولالماسسەن؛ سەن ئاتاڭنىڭ كۆرپىسىگە چىقتىڭ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى بۇلغىدىڭ! ئۇ مېنىڭ كۆرپەمنىڭ ئۈستىگە چىقتى! | 4 |
Навро си као вода; нећеш бити први; јер си стао на постељу оца свог и оскврнио је легав на њу.
شىمېئون بىلەن لاۋىي قېرىنداشلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى زوراۋانلىقنىڭ قوراللىرىدۇر! | 5 |
Симеун и Левије, браћа, мачеви су им оружје неправди.
ئاھ جېنىم، ئۇلارنىڭ مەسلىھىتىگە كىرمىگىن! ئى ئىززىتىم، ئۇلارنىڭ جامائىتى بىلەن چېتىلىپ قالمىغاي! چۈنكى ئۇلار ئاچچىقىدا ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ بۇقىلارنىڭ پېيىنى كەستى. | 6 |
У тајне њихове да не улази душа моја, са збором њиховим да се не саставља слава моја; јер у гневу свом побише људе, и за своје весеље покидаше волове.
ئۇلارنىڭ ئاچچىقى ئەشەددىي بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن! غەزىپىمۇ رەھىمسىز بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن! مەن ئۇلارنى ياقۇپنىڭ ئىچىدە تارقىتىۋېتىمەن، ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ئۇلارنى چېچىۋېتىمەن. | 7 |
Проклет да је гнев њихов, што беше нагао, и љутина њихова, што беше жестока; разделићу их по Јакову, и расућу их по Израиљу.
ئەي يەھۇدا! سېنى بولسا قېرىنداشلىرىڭ تەرىپلەر، قولۇڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ گەجگىسىنى باسار. ئاتاڭنىڭ ئوغۇللىرى ساڭا باش ئۇرار، | 8 |
Јуда, тебе ће хвалити браћа твоја, а рука ће ти бити за вратом непријатељима твојим, и клањаће ти се синови оца твог.
يەھۇدا ياش بىر شىردۇر؛ ئەي ئوغلۇم، سەن ئوۋنى تۇتۇپلا چىقتىڭ؛ ئۇ شىردەك [ئوۋنىڭ يېنىدا] چۆكۈپ سوزۇلۇپ ياتسا، ياكى چىشى شىردەك يېتىۋالسا، كىممۇ ئۇنى قوزغاشقا پېتىنار؟ | 9 |
Лавићу Јуда! С плена си се вратио, сине мој; спусти се и леже као лав и као љути лав; ко ће га пробудити?
شاھانە ھاسا يەھۇدادىن كېتىپ قالمايدۇ، يەھۇدانىڭ پۇشتىدىن قانۇن چىقارغۇچى ئۆكسۈمەيدۇ، تاكى شۇ ھوقۇق ئىگىسى كەلگۈچە كۈتىدۇ؛ كەلگەندە، جاھان خەلقلىرى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ. | 10 |
Палица владалачка неће се одвојити од Јуде нити од ногу његових онај који поставља закон, докле не дође Онај коме припада, и Њему ће се покоравати народи.
ئۇ تەخىيىنى ئۈزۈم تېلىغا، ئېشەك بالىسىنى سورتلۇق ئۈزۈم تېلىغا باغلاپ قويار. ئۇ لىباسىنى شارابتا يۇيۇپ، تونىنى ئۈزۈم شەربىتىدە يۇيار. | 11 |
Веже за чокот магаре своје, и за племениту лозу младе од магарице своје; у вину пере хаљину своју и огртач свој у соку од грожђа.
ئۇنىڭ كۆزلىرى شارابتىن قىزىرىپ كېتەر، چىشلىرى سۈت ئىچكىنىدىن ئاپئاق تۇرار. | 12 |
Очи му се црвене од вина и зуби беле од млека.
زەبۇلۇن دېڭىز بويىنى ماكان قىلار، ماكانى كېمىلەرنىڭ پاناھگاھى بولار، يەر-زېمىنى زىدونغىچە يېتىپ بارار. | 13 |
Завулон ће живети покрај мора и где пристају лађе, а међа ће му бити до Сидона.
ئىسساكار بەستلىك بەردەم بىر ئېشەكتۇر، ئۇ ئىككى قوتان ئارىسىدا ياتقاندۇر؛ | 14 |
Исахар је магарац јак у костима, који лежи у тору,
ئۇ ئارامگاھنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە قاراپ، زېمىننىڭ ئېسىللىقىنى كۆرۈپ، يۈك كۆتۈرۈشكە مۈرىسىنى ئېگىپ، ئالۋانغا ئىشلەيدىغان قۇل بولۇپ قالار. | 15 |
И виде да је почивање добро и да је земља мила, сагнуће рамена своја да носи, и плаћаће данак.
دان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىرى بولار، ئۆز خەلقىگە ھۆكۈم چىقىرار. | 16 |
Дан ће судити свом народу, као једно између племена Израиљевих.
دان يول ئۈستىدىكى يىلان، چىغىر يول ئۈستىدە تۇرغان زەھەرلىك بىر يىلاندۇر. ئۇ ئاتنىڭ تۇيىقىنى چېقىپ، ئات مىنگۈچىنى ئارقىغا موللاق ئاتقۇزار. | 17 |
Дан ће бити змија на путу и гуја на стази, која уједа коња за кичицу, те пада коњ на узнако.
ئى پەرۋەردىگار، نىجاتىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتۈپ كەلدىم! | 18 |
Господе, Тебе чекам да ме избавиш.
گادقا بولسا، قاراقچىلار قوشۇنى ھۇجۇم قىلار؛ لېكىن ئۇ تاپىنىنى بېسىپ زەربە بېرەر. | 19 |
А Гад, њега ће војска савладати; али ће најпосле он надвладати.
ئاشىرنىڭ تامىقىدا زەيتۇن مېيى مول بولار، ئۇ شاھلار ئۈچۈن نازۇ-نېمەتلەرنى تەمىنلەر. | 20 |
У Асира ће бити обилата храна, и он ће давати сласти царске.
نافتالىدىن چىرايلىق گەپلەر چىقار، ئۇ ئەركىن قويۇۋېتىلگەن مارالدۇر. | 21 |
Нефталим је кошута пуштена, и говориће лепе речи.
يۈسۈپ مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخىدۇر، بۇلاقنىڭ يېنىدىكى كۆپ مېۋىلىك شاختەكتۇر؛ ئۇنىڭ شاخچىلىرى تامدىن ھالقىپ كەتكەندۇر. | 22 |
Јосиф је родна грана, родна грана крај извора, којој се огранци раширише сврх зида.
يا ئاتقۇچىلار ئۇنىڭغا ئازار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوق ئاتتى، ئۇنىڭغا نەپرەتلەندى. | 23 |
Ако га и уцвелише љуто и стрељаше на њ, и бише му непријатељи стрелци,
ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئوقيايى مەزمۇت تۇرار، قول-بىلەكلىرى ئەپلىك تۇرغۇزۇلار، شۇ [كۈچ] ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسىنىڭ قوللىرىدىندۇر ــ (ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى، يەنى ئۇنىڭ پادىچىسى ئۇنىڭدىن چىقار!) | 24 |
Опет оста јак лук његов и ојачаше мишице руку његових од руку јаког Бога Јаковљевог, одакле поста пастир, камен Израиљу,
[ئاشۇ كۈچ] ئاتاڭنىڭ تەڭرىسىدىندۇر ــ (ئۇ ساڭا مەدەت بېرەر!) [يەنى] ھەممىگە قادىردىندۇر ــ ئۇ سېنى بەرىكەتلەر! يۇقىرىدا ئاسماننىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن، تۆۋەندە ياتقان چوڭقۇر سۇلارنىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن، ئەمچەك بىلەن بالىياتقۇنىڭ بەرىكىتى بىلەن سېنى بەرىكەتلەر! | 25 |
Од силног Бога оца твог, који ће ти помагати, и од Свемогућег, који ће те благословити благословима озго с неба, благословима оздо из бездана, благословима од дојака и од материце.
سېنىڭ ئاتاڭنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرىدىن زىيادە بولدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك تاغ-ئېدىرلارنىڭ چەتلىرىگىچە يېتەر، ئۇلار يۈسۈپنىڭ بېشىغا چۈشەر، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىم تۇرغۇچىنىڭ چوققىسىغا تېگەر. | 26 |
Благослови оца твог надвисише благослове мојих старих сврх брда вечних, нека буду над главом Јосифовом и над теменом одвојеног између браће.
بىنيامىن يىرتقۇچ بۆرىدەكتۇر؛ ئەتىگەندە ئۇ ئوۋنى يەر، كەچقۇرۇن ئۇ ئولجىسىنى تەقسىم قىلار» ــ دېدى. | 27 |
Венијамин је вук грабљиви, јутром једе лов, а вечером дели плен.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى بولۇپ، مەزكۇر سۆزلەر بولسا ئاتىسىنىڭ ئۇلارغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەت سۆزلىرىدۇر. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ماس كېلىدىغان بىر بەرىكەت بىلەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. | 28 |
Ово су дванаест племена Израиљевих, и ово им отац изговори кад их благослови, свако благословом његовим благослови их.
ئاندىن ياقۇپ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ «مەن ئەمدى ئۆز قوۋمىمنىڭ قېشىغا قوشۇلىمەن. سىلەر مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىدا، ھىتتىيلاردىن بولغان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى غارغا دەپنە قىلىڭلار؛ | 29 |
Потом им заповеди и рече им: Кад се приберем к роду свом, погребите ме код отаца мојих у пећини која је на њиви Ефрона Хетејина,
ئۇ غار بولسا قانائان زېمىنىدا مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىدا. غارنى ئىبراھىم گۆرىستان بولسۇن دەپ شۇ ئېتىزلىق بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى. | 30 |
У пећини која је на њиви макпелској према Мамрији у земљи хананској, коју купи Аврам с њивом у Ефрона Хетејина да има свој гроб.
شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ بىلەن دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە ئىسھاق ئايالى رىۋكاھ بىلەنمۇ دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە مەنمۇ لېياھنى دەپنە قىلدىم. | 31 |
Онде погребе Аврама и Сару жену његову, онде погребоше Исака и Ревеку жену његову, и онде погребох Лију.
بۇ ئېتىزلىق ھەم ئىچىدىكى غار ھەتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن سېتىۋېلىنغانىدى». | 32 |
А купљена је њива и пећина на њој у синова Хетових.
ياقۇپ ئوغۇللىرىغا بۇ ۋەسىيەتنى تاپىلاپ بولۇپ، پۇتلىرىنى كارىۋاتتا تۈزلەپ، نەپەس توختاپ ئۆز قوۋمىغا قوشۇلدى. | 33 |
А кад изговори Јаков заповести синовима својим, диже ноге своје на постељу, и умре, и прибран би к роду свом.