< يارىتىلىش 48 >

بۇ ئىشلاردىن كېيىن بىرسى يۈسۈپكە: ــ مانا ئاتاڭ كېسەل بولۇپ قاپتۇ، دەپ خەۋەر بەردى. ئۇ ئىككى ئوغلى ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىمنى بىللە ئېلىپ باردى. 1
His ita transactis, nuntiatum est Joseph quod ægrotaret pater suus: qui, assumptis duobus filiis Manasse et Ephraim, ire perrexit.
بىرسى ياقۇپقا: ــ مانا ئوغلۇڭ يۈسۈپ قېشىڭغا كېلىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر بېرىۋىدى، ئىسرائىل كۈچەپ قوپۇپ كارىۋاتتا ئولتۇردى. 2
Dictumque est seni: Ecce filius tuus Joseph venit ad te. Qui confortatus sedit in lectulo.
ياقۇپ يۈسۈپكە: ــ ھەممىگە قادىر تەڭرى ماڭا قانائان زېمىنىدىكى لۇز دېگەن جايدا ئايان بولۇپ، مېنى بەرىكەتلەپ 3
Et ingresso ad se ait: Deus omnipotens apparuit mihi in Luza, quæ est in terra Chanaan: benedixitque mihi,
ماڭا: مانا، مەن سېنىڭ نەسلىڭنى كۆپەيتىپ، سېنى ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن، سەندىن بىر تۈركۈم خەلق چىقىرىمەن؛ بۇ زېمىننى سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە ئەبەدىي مىراس قىلىپ بېرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى. 4
et ait: Ego te augebo et multiplicabo, et faciam te in turbas populorum: daboque tibi terram hanc, et semini tuo post te in possessionem sempiternam.
ئەمدى مەن مىسىرغا كېلىشتىن ئىلگىرى ساڭا مىسىر زېمىنىدا تۇغۇلغان ئىككى ئوغلۇڭ مېنىڭ ھېسابلىنىدۇ؛ ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھ بولسا، خۇددى رۇبەن بىلەن شىمېئونغا ئوخشاش، ھەر ئىككىسى مېنىڭ ئوغۇللىرىم بولىدۇ. 5
Duo ergo filii tui, qui nati sunt tibi in terra Ægypti antequam huc venirem ad te, mei erunt: Ephraim et Manasses, sicut Ruben et Simeon reputabuntur mihi.
ئۇلاردىن كېيىن تاپقان بالىلىرىڭ ئۆزۈڭنىڭ بولىدۇ؛ ئۇلار كەلگۈسىدە مىراسقا ئېرىشكەندە ئاكىلىرىنىڭ نامى ئاستىدا بولىدۇ. 6
Reliquos autem quos genueris post eos, tui erunt, et nomine fratrum suorum vocabuntur in possessionibus suis.
ماڭا كەلسەك، پاداندىن كېلىۋاتقىنىمدا راھىلە قانائان زېمىنىدا يول ئۈستىدە ئەفراتقا ئاز قالغاندا مېنى تاشلاپ ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئۇنى شۇ يەردە، يەنى ئەفراتقا (يەنى بەيت-لەھەمگە) بارىدىغان يولدا دەپنە قىلدىم، ــ دېدى. 7
Mihi enim, quando veniebam de Mesopotamia, mortua est Rachel in terra Chanaan in ipso itinere, eratque vernum tempus: et ingrediebar Ephratam, et sepelivi eam juxta viam Ephratæ, quæ alio nomine appellatur Bethlehem.
ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا قاراپ: ــ بۇلار كىمدۇر، ــ دەپ سورىدى. 8
Videns autem filios ejus dixit ad eum: Qui sunt isti?
يۈسۈپ ئاتىسىغا جاۋابەن: ــ بۇلار بولسا خۇدا ماڭا بۇ يەردە بەرگەن ئوغۇللىرىمدۇر، ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۇلارنى ئالدىمغا يېقىن كەلتۈرگىن، مەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەي، ــ دېدى. 9
Respondit: Filii mei sunt, quos donavit mihi Deus in hoc loco. Adduc, inquit, eos ad me, ut benedicam illis.
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى قېرىلىقىدىن غۇۋالىشىپ [ياخشى] كۆرەلمەيتتى. شۇڭا يۈسۈپ ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا يېقىنراق كەلتۈردى؛ ئۇ ئۇلارنى سۆيۈپ قۇچاقلىدى. 10
Oculi enim Israël caligabant præ nimia senectute, et clare videre non poterat. Applicitosque ad se, deosculatus et circumplexus eos,
ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرەلەيمەن دەپ ھېچ ئويلىمىغانىدىم؛ لېكىن خۇدا مېنى سېنىڭ بالىلىرىڭنىمۇ كۆرۈشكە نېسىپ قىلدى، ــ دېدى. 11
dixit ad filium suum: Non sum fraudatus aspectu tuo: insuper ostendit mihi Deus semen tuum.
يۈسۈپ بالىلارنى [ياقۇپنىڭ] تىزلىرىنىڭ ئارىلىقىدىن ئېلىپ، يۈزىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى. 12
Cumque tulisset eos Joseph de gremio patris, adoravit pronus in terram.
ئاندىن يۈسۈپ بۇ ئىككىيلەننى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ، ئەفرائىمنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ سول قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى؛ ماناسسەھنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ ئوڭ قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى. 13
Et posuit Ephraim ad dexteram suam, id est, ad sinistram Israël: Manassen vero in sinistra sua, ad dexteram scilicet patris, applicuitque ambos ad eum.
لېكىن ئىسرائىل ئوڭ قولىنى ئۇزىتىپ، كەنجى بالىسى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويدى، سول قولىنى ماناسسەھنىڭ بېشىغا قويدى. ماناسسەھ تۇنجىسى بولسىمۇ، ئۇ ئىككى قولىنى قايچىلاپ تۇتۇپ شۇنداق قويدى. 14
Qui extendens manum dexteram, posuit super caput Ephraim minoris fratris: sinistram autem super caput Manasse qui major natu erat, commutans manus.
ئۇ يۈسۈپكە بەخت-بەرىكەت تىلەپ: ــ ئاتىلىرىم ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق خۇدا دەپ بىلىپ يۈزى ئالدىدا ماڭغان، مېنى پۈتكۈل ئۆمرۈمدە بۇ كۈنگىچە پادىچىدەك يېتەكلەپ بېقىپ كەلگەن خۇدا، 15
Benedixitque Jacob filiis Joseph, et ait: Deus, in cujus conspectu ambulaverunt patres mei Abraham, et Isaac; Deus qui pascit me ab adolescentia mea usque in præsentem diem:
ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ مېنى ھەممە بالا-قازادىن قۇتغۇزغان پەرىشتە بۇ ئىككى ئوغۇلنى بەرىكەتلىسۇن؛ ئۇلار مېنىڭ ئىسمىم ۋە ئاتىلىرىم بولغان ئىبراھىم ۋە ئىسھاقنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىپ، يەر يۈزىدە كۆپ ئاۋۇغاي! ــ دېدى. 16
angelus, qui eruit me de cunctis malis, benedicat pueris istis: et invocetur super eos nomen meum, nomina quoque patrum meorum Abraham et Isaac, et crescant in multitudinem super terram.
يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خاپا بولدى؛ شۇڭا ئۇ ئاتىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئەفرائىمنىڭ بېشىدىن ئېلىپ ماناسسەھنىڭ بېشىغا يۆتكىمەكچى بولۇپ، 17
Videns autem Joseph quod posuisset pater suus dexteram manum super caput Ephraim, graviter accepit: et apprehensam manum patris levare conatus est de capite Ephraim, et transferre super caput Manasse.
ئاتىسىغا: ــ ئەي ئاتا، بۇنداق قىلمىغىن؛ چۈنكى مانا، تۇنجىسى بۇدۇر؛ ئوڭ قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن! ــ دېدى. 18
Dixitque ad patrem: Non ita convenit, pater: quia hic est primogenitus, pone dexteram tuam super caput ejus.
لېكىن ئاتىسى رەت قىلىپ: ــ بىلىمەن، ئى ئوغلۇم، بىلىمەن؛ ئۇنىڭدىنمۇ بىر قوۋم چىقىپ، ئۆزىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئەمما دەرھەقىقەت ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ؛ ئۇنىڭ نەسلىدىن ناھايىتى كۆپ قوۋملار پەيدا بولىدۇ، ــ دېدى. 19
Qui renuens, ait: Scio, fili mi, scio: et iste quidem erit in populos, et multiplicabitur: sed frater ejus minor, major erit illo: et semen illius crescet in gentes.
شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى ئۇ بۇ ئىككىسىنى بەرىكەتلەپ: ــ كەلگۈسىدە ئىسرائىللار بەخت-بەرىكەت تىلىگەندە: «خۇدا سېنى ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھدەك ئۇلۇغ قىلسۇن!» دەيدىغان بولىدۇ، دېدى. بۇ تەرىقىدە ئۇ ئەفرائىمنى ماناسسەھتىن ئۈستۈن قويدى. 20
Benedixitque eis in tempore illo, dicens: In te benedicetur Israël, atque dicetur: Faciat tibi Deus sicut Ephraim, et sicut Manasse. Constituitque Ephraim ante Manassen.
ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە يەنە: ــ مانا، مەن ئۆلىمەن؛ لېكىن خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ بارىدۇ. 21
Et ait ad Joseph filium suum: En ego morior, et erit Deus vobiscum, reducetque vos ad terram patrum vestrorum.
مەن ساڭا قېرىنداشلىرىڭنىڭكىدىن بىر ئۈلۈش يەرنى ئارتۇق بەردىم؛ شۇ يەرنى ئۆزۈم قىلىچ ۋە ئوقيايىم بىلەن ئامورىيلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغانىدىم. 22
Do tibi partem unam extra fratres tuos, quam tuli de manu Amorrhæi in gladio et arcu meo.

< يارىتىلىش 48 >