< يارىتىلىش 48 >
بۇ ئىشلاردىن كېيىن بىرسى يۈسۈپكە: ــ مانا ئاتاڭ كېسەل بولۇپ قاپتۇ، دەپ خەۋەر بەردى. ئۇ ئىككى ئوغلى ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىمنى بىللە ئېلىپ باردى. | 1 |
And it came to pass after these things, that some one said to Joseph, Behold, thy father is sick; and he took his two sons with him, Menasseh and Ephraim.
بىرسى ياقۇپقا: ــ مانا ئوغلۇڭ يۈسۈپ قېشىڭغا كېلىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر بېرىۋىدى، ئىسرائىل كۈچەپ قوپۇپ كارىۋاتتا ئولتۇردى. | 2 |
And some one told Jacob, and said, Behold, thy son Joseph is coming unto thee; and Israel strengthened himself, and sat upon the bed.
ياقۇپ يۈسۈپكە: ــ ھەممىگە قادىر تەڭرى ماڭا قانائان زېمىنىدىكى لۇز دېگەن جايدا ئايان بولۇپ، مېنى بەرىكەتلەپ | 3 |
And Jacob said unto Joseph, God, the Almighty, appeared unto me at Luz in the land of Canaan, and blessed me,
ماڭا: مانا، مەن سېنىڭ نەسلىڭنى كۆپەيتىپ، سېنى ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن، سەندىن بىر تۈركۈم خەلق چىقىرىمەن؛ بۇ زېمىننى سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە ئەبەدىي مىراس قىلىپ بېرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى. | 4 |
And he said unto me, Behold, I will make thee fruitful, and multiply thee, and I will make of thee a multitude of people; and I will give this land to thy seed after thee for an everlasting possession.
ئەمدى مەن مىسىرغا كېلىشتىن ئىلگىرى ساڭا مىسىر زېمىنىدا تۇغۇلغان ئىككى ئوغلۇڭ مېنىڭ ھېسابلىنىدۇ؛ ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھ بولسا، خۇددى رۇبەن بىلەن شىمېئونغا ئوخشاش، ھەر ئىككىسى مېنىڭ ئوغۇللىرىم بولىدۇ. | 5 |
And now thy two sons, who were born unto thee in the land of Egypt, before I came unto thee into Egypt, shall be mine; Ephraim and Menasseh shall be unto me as Reuben and Simeon.
ئۇلاردىن كېيىن تاپقان بالىلىرىڭ ئۆزۈڭنىڭ بولىدۇ؛ ئۇلار كەلگۈسىدە مىراسقا ئېرىشكەندە ئاكىلىرىنىڭ نامى ئاستىدا بولىدۇ. | 6 |
And thy issue, which thou begettest after them, shall be thine, after the name of their brothers shall they be called in their inheritance.
ماڭا كەلسەك، پاداندىن كېلىۋاتقىنىمدا راھىلە قانائان زېمىنىدا يول ئۈستىدە ئەفراتقا ئاز قالغاندا مېنى تاشلاپ ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئۇنى شۇ يەردە، يەنى ئەفراتقا (يەنى بەيت-لەھەمگە) بارىدىغان يولدا دەپنە قىلدىم، ــ دېدى. | 7 |
And as for me, when I came from Padan, Rachel died by me in the land of Canaan on the way, when yet there was some distance to come unto Ephrath: and I buried her there on the way of Ephrath, the same is Beth-lechem.
ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا قاراپ: ــ بۇلار كىمدۇر، ــ دەپ سورىدى. | 8 |
And Israel perceived the sons of Joseph, and said, Who are these?
يۈسۈپ ئاتىسىغا جاۋابەن: ــ بۇلار بولسا خۇدا ماڭا بۇ يەردە بەرگەن ئوغۇللىرىمدۇر، ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۇلارنى ئالدىمغا يېقىن كەلتۈرگىن، مەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەي، ــ دېدى. | 9 |
And Joseph said unto his father, They are my sons, whom God hath given me in this place. And he said, Bring them, I pray thee, unto me, and I will bless them.
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى قېرىلىقىدىن غۇۋالىشىپ [ياخشى] كۆرەلمەيتتى. شۇڭا يۈسۈپ ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا يېقىنراق كەلتۈردى؛ ئۇ ئۇلارنى سۆيۈپ قۇچاقلىدى. | 10 |
Now the eyes of Israel were dim through age, he could not see; and he brought them near unto him, and he kissed them, and embraced them.
ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرەلەيمەن دەپ ھېچ ئويلىمىغانىدىم؛ لېكىن خۇدا مېنى سېنىڭ بالىلىرىڭنىمۇ كۆرۈشكە نېسىپ قىلدى، ــ دېدى. | 11 |
And Israel said unto Joseph, To see thy face I had not hoped; and lo, God hath shown me also thy seed.
يۈسۈپ بالىلارنى [ياقۇپنىڭ] تىزلىرىنىڭ ئارىلىقىدىن ئېلىپ، يۈزىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى. | 12 |
And Joseph brought them out from between his knees, and he bowed himself with his face to the earth.
ئاندىن يۈسۈپ بۇ ئىككىيلەننى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ، ئەفرائىمنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ سول قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى؛ ماناسسەھنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ ئوڭ قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى. | 13 |
And Joseph took them both, Ephraim in his right hand toward Israel's left, and Menasseh in his left hand toward Israel's right, and brought them near unto him.
لېكىن ئىسرائىل ئوڭ قولىنى ئۇزىتىپ، كەنجى بالىسى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويدى، سول قولىنى ماناسسەھنىڭ بېشىغا قويدى. ماناسسەھ تۇنجىسى بولسىمۇ، ئۇ ئىككى قولىنى قايچىلاپ تۇتۇپ شۇنداق قويدى. | 14 |
And Israel stretched out his right hand, and laid it upon Ephraim's head, who was the younger, and his left hand upon Menasseh's head; he laid his hands wittingly; although Menasseh was the first-born.
ئۇ يۈسۈپكە بەخت-بەرىكەت تىلەپ: ــ ئاتىلىرىم ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق خۇدا دەپ بىلىپ يۈزى ئالدىدا ماڭغان، مېنى پۈتكۈل ئۆمرۈمدە بۇ كۈنگىچە پادىچىدەك يېتەكلەپ بېقىپ كەلگەن خۇدا، | 15 |
And he blessed Joseph, and said, The God, before whom my fathers Abraham and Isaac did walk, the God who fed me from my first being unto this day,
ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ مېنى ھەممە بالا-قازادىن قۇتغۇزغان پەرىشتە بۇ ئىككى ئوغۇلنى بەرىكەتلىسۇن؛ ئۇلار مېنىڭ ئىسمىم ۋە ئاتىلىرىم بولغان ئىبراھىم ۋە ئىسھاقنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىپ، يەر يۈزىدە كۆپ ئاۋۇغاي! ــ دېدى. | 16 |
The angel who redeemed me from all evil, bless the lads; and let my name be called on them, and the name of my fathers Abraham and Isaac; and let them grow into a multitude in the midst of the earth.
يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خاپا بولدى؛ شۇڭا ئۇ ئاتىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئەفرائىمنىڭ بېشىدىن ئېلىپ ماناسسەھنىڭ بېشىغا يۆتكىمەكچى بولۇپ، | 17 |
And when Joseph saw that his father would lay his right hand upon the head of Ephraim, it displeased him: and he took hold of his father's hand, to remove it from the head of Ephraim unto the head of Menasseh.
ئاتىسىغا: ــ ئەي ئاتا، بۇنداق قىلمىغىن؛ چۈنكى مانا، تۇنجىسى بۇدۇر؛ ئوڭ قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن! ــ دېدى. | 18 |
And Joseph said unto his father, Not so, my father; for this is the first-born, put thy right hand upon his head.
لېكىن ئاتىسى رەت قىلىپ: ــ بىلىمەن، ئى ئوغلۇم، بىلىمەن؛ ئۇنىڭدىنمۇ بىر قوۋم چىقىپ، ئۆزىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئەمما دەرھەقىقەت ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ؛ ئۇنىڭ نەسلىدىن ناھايىتى كۆپ قوۋملار پەيدا بولىدۇ، ــ دېدى. | 19 |
And his father refused, and said, I know, my son, I know, he also shall become a people, and he also shall be great; but truly his younger brother shall be greater than he, and his seed shall become a multitude of nations.
شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى ئۇ بۇ ئىككىسىنى بەرىكەتلەپ: ــ كەلگۈسىدە ئىسرائىللار بەخت-بەرىكەت تىلىگەندە: «خۇدا سېنى ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھدەك ئۇلۇغ قىلسۇن!» دەيدىغان بولىدۇ، دېدى. بۇ تەرىقىدە ئۇ ئەفرائىمنى ماناسسەھتىن ئۈستۈن قويدى. | 20 |
And he blessed them that day, saying, With thee shall Israel bless, saying, God make thee as Ephraim and Menasseh: and so he set Ephraim before Menasseh.
ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە يەنە: ــ مانا، مەن ئۆلىمەن؛ لېكىن خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ بارىدۇ. | 21 |
And Israel said unto Joseph, Behold, I die; but God will be with you, and bring you again unto the land of your fathers
مەن ساڭا قېرىنداشلىرىڭنىڭكىدىن بىر ئۈلۈش يەرنى ئارتۇق بەردىم؛ شۇ يەرنى ئۆزۈم قىلىچ ۋە ئوقيايىم بىلەن ئامورىيلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغانىدىم. | 22 |
Moreover I have given unto thee one portion above thy brothers, which I took out of the hand of the Emorite with my sword and with my bow.