< يارىتىلىش 46 >
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل بارلىق تەئەللۇقاتىنى ئېلىپ يولغا چىقىپ، بەئەر-شېباغا كەلدى. ئۇ شۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاقنىڭ خۇداسىغا قۇربانلىقلارنى سۇندى. | 1 |
Kuom mano Israel nowuok kod gige duto, kendo kane ochopo Bersheba, notimo misango ne Nyasach Isaka wuon-gi.
كېچىسى خۇدا ئالامەت كۆرۈنۈشلەردە ئىسرائىلغا: ــ ياقۇپ، ياقۇپ! دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن! ــ دېدى. | 2 |
Kendo Nyasaye nowuoyogi Israel e fweny gotieno kendo owachone niya, “Jakobo! Jakobo!” Nodwoke niya, “Antie.”
ئۇ: ــ ئاتاڭنىڭ تەڭرىسى بولغان خۇدا مەندۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن سېنى شۇ يەردە ئۇلۇغ بىر قوۋم قىلىمەن. | 3 |
Nyasaye nowachone niya, “An Nyasaye ma Nyasach wuonu. Kik iluor dhi Misri, nikech anami ibedi oganda maduongʼ kuno.
مەن سېنىڭ بىلەن مىسىرغا بىللە بارىمەن ۋە مەن ئۆزۈم جەزمەن يەنە سېنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىمەن. يۈسۈپ ئۆز قولى بىلەن سېنىڭ كۆزۈڭنى يۇمدۇرىدۇ، ــ دېدى. | 4 |
Abiro dhi kodi Misri kendo nachak aduogi ka adier kendo Josef ema noyuo wangʼi sa thoni.”
ئاندىن ياقۇپ بەئەر-شېبادىن يولغا چىقتى؛ ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسى ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى پىرەۋن ئۇنى ئېپكېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، | 5 |
Eka Jakobo nowuok Bersheba, kendo yawuot Israel noketo wuon-gi kod nyithindgi, kod mondgi e geche mane Farao oseorone.
چارپايلىرى بىلەن قانائان زېمىنىدا تاپقان تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ ماڭدى. بۇ تەرىقىدە ياقۇپ بىلەن بارلىق ئەۋلادلىرى مىسىرغا كەلدى؛ ئوغۇللىرىنى، ئوغۇل نەۋرىلىرىنى، قىزلىرىنى، قىز نەۋرىلىرىنى يىغىپ، نەسىللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مىسىرغا كەلدى. | 6 |
Negikawo jambgi kod mwandugi mane giseyudo e piny Kanaan, kendo Jakobo kod nyikwaye duto nodhi Misri.
Nodhi Misri gi yawuote gi nyige kod nyikwaye ma yawuowi kod ma nyiri.
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى ياقۇپنىڭ مىسىرغا كەلگەن ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن؛ | 8 |
Magi e nying yawuot Israel (ma tiende ni Jakobo kod nyikwaye) mane odhi Misri. Reuben ema ne wuod Jakobo makayo.
رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى ھانوخ، پاللۇ، ھەزرون بىلەن كارمى. | 9 |
Yawuot Reuben ne gin: Hanok, Palu, Hezron kod Karmi.
شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەمۇئەل، يامىن، ئوھاد، ياقىن، زوھار ۋە قانائانىي ئايالدىن بولغان سائۇل. | 10 |
Yawuot Simeon ne gin: Jemuel, Jamin, Ohad, Jakin, Zohar kod Shaul mane wuod nyar Kanaan.
لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: ــ گەرشون، كوھات ۋە مەرارى. | 11 |
Yawuot Lawi ne gin: Gershon, Kohath kod Merari.
يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئەر، ئونان، شەلاھ، پەرەز ۋە زەراھ. ئەمما ئەر ۋە ئونان قانائاننىڭ زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەنىدى. پەرەزنىڭ ئوغۇللىرى ھەزرون بىلەن ھامۇللار ئىدى. | 12 |
Yawuot Juda ne gin: Er, Onan, Shela, Perez kod Zera (to Er kod Onan ne otho e piny Kanaan). Yawuot Perez ne gin: Hezron kod Hamul.
ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تولا، پۇئاھ، يوب ۋە شىمرون. | 13 |
Yawuot Isakar ne gin: Tola, Pua, Jashub kod Shimron.
زەبۇلۇننىڭ ئوغۇللىرى: ــ سەرەد، ئېلون ۋە جاھلىيەل. | 14 |
Yawuot Zebulun ne gin: Sered, Elon kod Jalel.
بۇلار لېياھنىڭ ياقۇپقا پادان-ئارامدا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى ئىدى؛ ئۇ يەنە قىزى دىناھنى تۇغۇپ بەردى. بۇنىڭ بۇ ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرى جەمئىي بولۇپ ئوتتۇز ئۈچ جان ئىدى. | 15 |
Magi e yawuowi mane Lea onywolo ne Jakobo e piny mar Padan Aram, ka ok okwan Dina nyare. Yawuote kod nyige duto ne piero adek gadek.
گادنىڭ ئوغۇللىرى: ــ زىفىئون، ھاگگى، شۇنى، ئەزبون، ئېرى، ئارودى ۋە ئارئەلى. | 16 |
Yawuot Gad ne gin: Zefon, Hagi, Shuni, Ezbon, Eri, Arodi kod Areli.
ئاشىرنىڭ ئوغۇللىرى: ــ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بېرىياھ. ئۇلارنىڭ سىڭلىسى سېراھ ئىدى؛ بېرىياھنىڭ ئوغۇللىرى ھەبەر ۋە مالكىئەل ئىدى. | 17 |
Yawuot Asher ne gin: Imna, Ishva, Ishvi kod Beria. Nyamin-gi ne en Sera. Yawuot Beria ne gin: Heber kod Malkiel.
بۇلار بولسا لابان قىزى لېياھقا دېدەك بولۇشقا بەرگەن زىلپاھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە جان ئىدى. | 18 |
Magi e nyithindo mane Zilpa, jatich mane Laban omiyo nyare Lea onywolo ne Jakobo. Giduto ne gin nyithindo apar gauchiel.
ياقۇپنىڭ ئايالى راھىلەنىڭ ئوغۇللىرى يۈسۈپ ۋە بىنيامىن. | 19 |
Yawuot Rael chi Jakobo ne gin: Josef kod Benjamin.
يۈسۈپكە مىسىر زېمىنىدا تۆرەلگەن ئوغۇللىرى ماناسسەھ ۋە ئەفرائىم؛ بۇلارنى ئوندىكى كاھىن پوتىفىراھنىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى. | 20 |
Asenath nyar Potifera, jadolo mar On nonywolone Josef Manase kod Efraim e piny Misri.
بىنيامىننىڭ ئوغۇللىرى: ــ بېلاھ، بەكەر، ئاشبەل، گېرا، نائامان، ئېھى، روش، مۇپپىم، ھۇپپىم ۋە ئارد. | 21 |
Yawuot Benjamin ne gin: Bela, Beker, Ashbel, Gera, Naaman, Ehi, Rosh, Mupim, Hupim kod Ard.
بۇلار راھىلەنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت جان ئىدى. | 22 |
Magi e yawuowi mane Rael onywolone Jakobo. Giduto ne gin ji apar gangʼwen.
داننىڭ ئوغلى: ــ ھۇشىم. | 23 |
Wuod Dan ne en Hushim.
نافتالىنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ياھزىئەل، گۇنى، يەزەر ۋە شىللەم. | 24 |
Yawuot Naftali ne gin: Jaziel, Guni, Jezer kod Shilem.
بۇلار لابان قىزى راھىلەگە دېدەك بولۇشقا بەرگەن بىلھاھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي يەتتە جان ئىدى. | 25 |
Magi e yawuowi mane Bilha, jatich mane Laban omiyo Rael nyare onywolone Jakobo. Giduto ne gin ji abiriyo.
ياقۇپنىڭ كېلىنلىرىدىن باشقا، ياقۇپنىڭ پۇشتىدىن بولغان، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مىسىرغا كەلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئالتە جان ئىدى. | 26 |
Ji duto mane odhi gi Jakobo Misri, tiende ni nyithinde hie ka ok okwan mond yawuote ji piero auchiel gi auchiel.
يۈسۈپنىڭ مىسىردا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىككى ئىدى. ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، مىسىرغا كەلگەنلەر جەمئىي يەتمىش جان ئىدى. | 27 |
Joka Jakobo duto mane odhi Misri ne gin ji piero abiriyo koriwore gi yawuowi ariyo mane Josef onywolo Misri.
ياقۇپ يۈسۈپتىن كۆرسەتمە ئېلىپ، ئۆزلىرىنى گوشەنگە باشلاپ بېرىشقا يەھۇدانى يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار گوشەن يۇرتىغا كېلىپ چۈشتى. | 28 |
Omiyo Jakobo nooro Juda mondo odhi ir Josef mondo obi oromnegi ka gidhi Goshen. Kane gichopo e gwengʼ mar Goshen,
يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ۋەزىرلىك ھارۋىسىنى قاتقۇزۇپ، ئاتىسى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا گوشەنگە چىقتى. ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىپ ئاتىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ بوينىغا گىرە سېلىپ قۇچاقلاپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلىدى. | 29 |
Josef noiko gache kendo oikore mar dhi Goshen mondo odhi oromne wuon-gi Israel. Kane Josef ochopo ire, nokwako wuon-gi kendo oywak kuom kinde malach.
ئىسرائىل يۈسۈپكە: مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرۈپ، تىرىك ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم؛ ئەمدى ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق، ــ دېدى. | 30 |
Israel nowacho ne Josef niya, “Koro kata ka atho, to onge wach, nikech aseneno an awuon ni kara pod ingima.”
ئاندىن يۈسۈپ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيدىكىلىرىگە مۇنداق دېدى: ــ مەن ھازىر چىقىپ پىرەۋنگە خەۋەر بېرىپ: «قانائان زېمىنىدا ئولتۇرغان قېرىنداشلىرىم، شۇنداقلا ئاتامنىڭ ئۆيىدىكىلەر قېشىمغا كەلدى؛ | 31 |
Eka Josef nowacho ne owetene kod jood wuon mare duto niya, “Abiro dhi mondo awuo gi Farao kendo abiro wachone ni, ‘Owetena kod jood wuora duto mane odak e piny Kanaan osebiro ira.
بۇ ئادەملەر پادىچىلار بولۇپ، مال بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، قوي-كالىلىرى، شۇنداقلا بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ كەلدى» دەپ ئېيتاي. | 32 |
Jogi gin jokwath; gikwayo jamni, kendo gisebiro kod kwethgi kod dhogi kod gigegi duto.’
شۇنداق بولىدۇكى، پىرەۋن سىلەرنى چاقىرىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ سىلەردىن: «نېمە ئوقىتىڭلار بار؟» دەپ سورىسا، | 33 |
Ka Farao oluongou kendo openjou ni, ‘Utiyo angʼo?’
سىلەر جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش پادا بېقىپ كەلگەنمىز، ــ دەڭلار. شۇنداق دېسەڭلار گوشەن يۇرتىدا ئولتۇرۇپ قالىسىلەر؛ چۈنكى پادىچىلارنىڭ ھەممىسى مىسىرلىقلار ئارىسىدا كۆزگە ئىلىنمايدۇ. | 34 |
to nyaka uwachne ni, ‘Jotichgi osebedo jokwath chakre tindowa, mana kaka kwerewa notimo.’ Eka ibiro yienu mondo udag e gwengʼ Goshen, nikech jo-Misri ok ohero jokwath.”