< يارىتىلىش 44 >
ئاندىن ئۇ ئۆز ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارىغا بۇيرۇپ: ــ بۇ كىشىلەرنىڭ تاغارلىرىنى ئېلىپ كۆتۈرەلىگۈدەك ئاشلىق قاچىلاپ، ھەربىرىنىڭ پۇلىنى تاغىرىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغىن؛ | 1 |
Joseph ordered his household supervisor, “Fill the men's sacks with as much grain as they can hold and put each man's money at the top of his sack.
ئاندىن مېنىڭ جامىمنى، يەنى كۈمۈش جامنى ئاشلىقنىڭ پۇلى بىلەن بىللە ئەڭ كىچىكىنىڭ تاغىرىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغىن، ــ دېدى. ئۇ ئادەم يۈسۈپنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. | 2 |
Then put my special silver cup at the top of the sack of the youngest, along with the money for his grain.” He did as Joseph told him.
ئەتىسى تاڭ يورىغاندا، ئۇلار ئېشەكلىرى بىلەن بىللە يولغا سېلىپ قويۇلدى. | 3 |
At sunrise they were sent on their way with their donkeys.
لېكىن ئۇلار شەھەردىن چىقىپ ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا، يۈسۈپ غوجىدارىغا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، بۇ ئادەملەرنىڭ كەينىدىن قوغلىغىن؛ ئۇلارغا يېتىشكىنىڭدە ئۇلارغا: «نېمىشقا ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇردۇڭلار؟ | 4 |
They had hardly left the city when Joseph told his household supervisor, “Go after those men, and when you catch up with them, ask them, ‘Why have you paid back good with evil by stealing my master's silver cup?
خوجام شۇ [جامدا] شاراب ئىچىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدا پال ئاچىدۇ ئەمەسمۇ؟! مۇنداق قىلغىنىڭلار رەزىللىك قىلغىنىڭلار بولمامدۇ!» دېگىن، ــ دېدى. | 5 |
This is the cup he personally drinks from, and which he uses for divination. What you've done is really evil!’”
بۇ ئادەم ئۇلارنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ بېرىپ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلدى. | 6 |
When he caught up with them, he told them what Joseph had said.
ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ خوجىمىز نېمىشقا مۇنداق گەپ قىلىدۇ؟ مۇنداق ئىشنى قىلىش كەمىنىلىرىدىن نېرى بولسۇن! | 7 |
“My lord, what are you saying?” they replied. “We your servants wouldn't do anything like that!
بىز ئەسلىدە تاغارلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن تاپقان پۇلنىمۇ قانائان زېمىنىدىن سىلىنىڭ قاشلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىشكە ئەكەلگەنىدۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ خوجىلىرىنىڭ ئۆيىدىن ئالتۇن-كۈمۈشنى ئوغرىلايلى؟ | 8 |
Remember that we brought back the money we found at the top of our sacks when we returned from Canaan. Why would we steal silver or gold from your master's house?
كەمىنىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا كىمدىن بۇ [جام] تېپىلسا، شۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن، بىزمۇ خوجىمىزنىڭ قۇللىرى بولايلى، ــ دېدى. | 9 |
If any one of us is found with it, he shall die, and all of us will become your slaves.”
غوجىدار جاۋابەن: ــ ئېيتقان سۆزلىرىڭلاردەك بولسۇن؛ جام كىمنىڭ يېنىدىن تېپىلسا، شۇ كىشى قۇلۇم بولۇپ قېلىپ قالسۇن، قالغانلىرىڭلار بىگۇناھ بولىسىلەر، ــ دېدى. | 10 |
“Whatever you say,” the man replied, “but only the one found with it will become my slave since the rest of you will be free of any blame.”
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ، تاغارلىرىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ھەربىرى ئۆز تاغىرىنى ئېچىپ بەردى. | 11 |
They all unloaded their sacks and put them on the ground. They each opened their own sacks.
غوجىدار چوڭىنىڭكىدىن باشلاپ كىچىكىنىڭكىگىچە ئاختۇردى، جام بىنيامىننىڭ تاغىرىدىن تېپىلدى. | 12 |
The household supervisor searched the sacks, beginning with the oldest and working his way down to the youngest. The cup was found in Benjamin's sack.
بۇنى كۆرۈپ ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، ھەربىرى ئېشىكىگە قايتىدىن يۈكنى ئارتىپ، شەھەرگە قايتتى. | 13 |
The brothers tore their clothes in grief. Then they loaded their sacks back on their donkeys and headed back to the city.
شۇنداق قىلىپ يەھۇدا ۋە قېرىنداشلىرى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە كەلدى؛ ئۇ تېخى شۇ يەردە ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىشتى. | 14 |
Joseph was still at home when Judah and his brothers arrived, and they fell to the ground before him.
يۈسۈپ ئۇلارغا: ــ بۇ سىلەرنىڭ زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ مېنىڭدەك ئادەمنىڭ چوقۇم پال ئاچالايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ ــ دېدى. | 15 |
“Why did you do this?” Joseph asked. “Don't you know a man like me can find out things through divination?”
يەھۇدا جاۋابەن: ــ بىز خوجىمىزغا نېمىمۇ دېيەلەيمىز؟ نېمە گەپ قىلالايمىز، قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنى ئاقلىيالايمىز؟ خۇدا كەمىنلىرىنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارا قىلدى. مانا، بىز ۋە قولىدىن جاملىرى تېپىلغان كىشى ھەممىمىز خوجىمىزغا قۇل بولىدىغان بولدۇق، ــ دېدى. | 16 |
“My lord, what can we say?” Judah replied. “How can we explain this to you? In what way can we prove our innocence? God has exposed the guilt of your servants. My lord, we are your slaves—all of us, including the one who was found with the cup.”
لېكىن يۈسۈپ: ــ مۇنداق قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن! بەلكى جام كىمنىڭ قولىدىن تېپىلغان بولسا پەقەت شۇ كىشى مېنىڭ قۇلۇم بولىدۇ. لېكىن قالغانلىرىڭلار ئامان-ئېسەن ئاتاڭلارنىڭ قېشىغا كېتىڭلار، ــ دېدى. | 17 |
“I wouldn't do anything like that!” Joseph replied. “Only the man who was found with the cup will become my slave. The rest of you are free to return to your father.”
ئاندىن يەھۇدا ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي خوجام، كەمىنىلىرىگە قۇلاق سېلىپ خوجامنىڭ قۇلىقىغا بىر ئېغىز گەپ قىلىشقا ئىجازەت بەرگەيلا. غەزەپلىرى كەمىنىلىرىگە تۇتاشمىغاي؛ چۈنكى ئۆزلىرى پىرەۋنگە ئوخشاش ئىكەنلا. | 18 |
Judah came closer and said to him, “If you please, my lord, let your servant just say a word. Please don't become angry with your servant, even though you are as powerful as Pharaoh himself.
ئەسلىدە خوجام كەمىنىلىرىدىن: «ئاتاڭلار يا ئىنىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىۋىدىلا، | 19 |
My lord, previously you asked us, ‘Do you have a father or a brother?’
بىز خوجىمىزغا جاۋابەن: «بىزنىڭ بىر قېرى ئاتىمىز بار ۋە ئۇ قېرىغاندا تاپقان، ياش بىر بالىسىمۇ بار. بۇ بالىنىڭ بىر ئانىسىدىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز قالدى؛ ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئىنتايىن سۆيىدۇ» دېسەك، | 20 |
We told you, my lord, ‘We have an elderly father, and a younger brother, born when our father was already old. The boy's brother is dead. He is the only one of his mother's children left, and his father loves him dearly.’
سىلى كەمىنىلىرىگە: «ئۇنىڭ ئۆزىنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەي» دېدىلە. | 21 |
Then you ordered us, ‘Bring him here to me so I can see him.’
بىز خوجىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «يىگىت ئاتىسىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ ئەگەر ئاتىسىدىن ئايرىلسا، ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ» دېسەك، | 22 |
We told you, ‘The boy can't leave his father; if he did, his father would die.’
سىلى يەنىلا كەمىنىلىرىگە: «ئەگەر كىچىك ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى يەنە كۆرىمىز دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەنىدىلا. | 23 |
But you told us, ‘If your youngest brother doesn't come with you, you won't see me again.’
شۇنىڭ بىلەن بىز كەمىنىلىرى ئاتىمىزنىڭ قېشىغا بارغاندا خوجامنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتتۇق؛ | 24 |
So when we went back to your servant, our father, we explained to him everything you had told us.
ئاندىن ئاتىمىز يەنە: «يەنە بېرىپ، بىزگە ئازراق ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار» دېۋىدى، | 25 |
However, later on, our father told us, ‘Go back and buy some more food.’
بىز جاۋابەن: «بىز شۇ يەرگە قايتىدىن چۈشەلمەيمىز؛ ئەگەر كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بولسا، ئۇنداقتا بارىمىز؛ چۈنكى كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بولمىسا، ئۇ زاتنىڭ يۈزى ئالدىدا تۇرالمايمىز»، دېدۇق. | 26 |
But we said, ‘There's no way we can go back unless Benjamin our youngest brother goes with us, because we won't be able to see the man if Benjamin isn't with us.’
سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز بىزگە يەنە: «سىلەرگە مەلۇمكى، ئايالىم ماڭا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. | 27 |
Then my father said to us, ‘You realize that my wife had two sons for me.
بىرى مېنىڭ يېنىمدىن چىقىپ، يوق بولۇپ كەتتى؛ مەن: ئۇ جەزمەن تىتما-تىتما قىلىۋېتىلىپتۇ، دەپ ئويلىدىم، شۇنداقلا ئۇنى بۈگۈنگىچە كۆرمىدىم. | 28 |
One is no more, ripped to pieces no doubt, for I've never seen him since.
ئەمدى سىلەر بۇنىمۇ مېنىڭ قېشىمدىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇنىڭغا بىر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا، سىلەر مەندەك بىر ئاق چاچلىق ئادەمنى دەرد-ئەلەم بىلەن تەختىساراغا چۈشۈرىۋېتىسىلەر»، دېگەنىدى. (Sheol ) | 29 |
If you take this one away from me too, and something bad happens to him, you'll send this old man to his grave in grief.’ (Sheol )
ئەمدى مەن سىلىنىڭ قۇللىرى مېنىڭ ئاتامنىڭ قېشىغا بارغاندا، شۇ بالا بىز بىلەن بولمىسا ئۇنىڭ جېنى بالىنىڭ جېنىغا باغلانغان بولغاچقا، | 30 |
So if the boy isn't with us when I go back to my father, whose life depends on the life of the boy,
شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ بالىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسە، جەزمەن ئۆلۈپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز بولغان بۇ ئاق چاچنى دەرد-ئەلەم ئىچىدە تەھتىساراغا چۈشۈرۈۋەتكەن بولىمىز. (Sheol ) | 31 |
as soon as he sees the boy isn't there he'll die, and we will really send this old man, our father, to his grave in grief. (Sheol )
چۈنكى مەنكى كەمىنىلىرى ئاتامغا بۇ يىگىت ئۈچۈن كېپىل بولۇپ: «ئەگەر مەن ئۇنى قېشىڭغا قايتۇرۇپ كەلمىسەم پۈتكۈل ئۆمرۈمدە ئاتامنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي» دېگەنىدىم. | 32 |
In fact I gave myself as the guarantee for the boy to my father. I told him, ‘If I don't bring him back to you, then I will always carry the blame!’
شۇڭا ھازىر ئۆتۈنۈپ قالاي، مەنكى كەمىنىلىرى ئۇ يىگىتنىڭ ئورنىدا خوجامنىڭ قېشىدا قۇل بولۇپ تۇرسام، ئۇ يىگىت قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەتسە! | 33 |
So please let me stay here as my lord's slave instead of the boy. Let him go back home with his brothers.
چۈنكى يىگىت مەن بىلەن بولمىسا، مەن قانداقمۇ ئاتامنىڭ قېشىغا بارالايمەن؟ ئاتامغا شۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ چۈشۈشىنى كۆزۈم كۆرگۈچى بولمىسۇن! ــ دېدى. | 34 |
For how could I ever go back to my father if the boy wasn't with me? I couldn't stand seeing the anguish that would cause my father.”