ئاچارچىلىق زېمىننى ئىنتايىن ئېغىر باسقانىدى. | 1 |
והרעב כבד בארץ׃ |
بۇ سەۋەبتىن ئۇلار مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن ئاشلىقنى يەپ تۈگەتكەندە، ئاتىسى ئۇلارغا: ــ يەنە بېرىپ بىزگە ئازغىنا ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار، ــ دېدى. | 2 |
ויהי כאשר כלו לאכל את השבר אשר הביאו ממצרים ויאמר אליהם אביהם שבו שברו לנו מעט אכל׃ |
لېكىن يەھۇدا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھېلىقى كىشى بىزنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى كۆرىمەن دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەن. | 3 |
ויאמר אליו יהודה לאמר העד העד בנו האיש לאמר לא תראו פני בלתי אחיכם אתכם׃ |
ئەگەر ئىنىمىزنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتسەڭ، بىز بېرىپ ساڭا ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز. | 4 |
אם ישך משלח את אחינו אתנו נרדה ונשברה לך אכל׃ |
ئەمما ئەۋەتىشكە ئۇنىمىساڭ، بىز بارمايمىز؛ چۈنكى ھېلىقى كىشى بىزگە: «ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى كۆرىمەن دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەن، ــ دېدى. | 5 |
ואם אינך משלח לא נרד כי האיש אמר אלינו לא תראו פני בלתי אחיכם אתכם׃ |
ئىسرائىل ئۇلارغا: ــ سىلەر نېمىشقا ماڭا شۇنچە يامانلىق قىلىپ ئۇ كىشىگە: «يەنە بىر ئىنىمىزمۇ بار» دېدىڭلار، ــ دېدى. | 6 |
ויאמר ישראל למה הרעתם לי להגיד לאיש העוד לכם אח׃ |
ئۇلار جاۋابەن: ــ ئۇ كىشى بىزنىڭ ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ كوچىلاپ: «ئاتاڭلار تېخى ھاياتمۇ؟ يەنە بىر ئىنىڭلار بارمۇ؟» ــ دەپ سورىدى. بىز ئۇنىڭ شۇ سوئالىغا يارىشا جاۋاب بەردۇق. ئۇنىڭ بىزگە: «ئىنىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار» دەيدىغىنىنى نەدىن بىلەيلى؟ ــ دېدى. | 7 |
ויאמרו שאול שאל האיש לנו ולמולדתנו לאמר העוד אביכם חי היש לכם אח ונגד לו על פי הדברים האלה הידוע נדע כי יאמר הורידו את אחיכם׃ |
يەھۇدا ئاتىسى ئىسرائىلغا: ــ بالىنى مەن بىلەن ئەۋەتكىن؛ بىز دەرھال قوزغىلىپ يولغا چىقايلى؛ شۇنداقتا بىز ۋە سەن، بىزلەر ھەم بالىلىرىمىز ئۆلمەي، تىرىك قالىمىز. | 8 |
ויאמר יהודה אל ישראל אביו שלחה הנער אתי ונקומה ונלכה ונחיה ולא נמות גם אנחנו גם אתה גם טפנו׃ |
مەن ئۇنىڭغا كېپىل بولىمەن؛ سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭدىن ھېساب ئالىسەن؛ ئەگەر مەن ئۇنى سېنىڭ قېشىڭغا ئامان-ئېسەن ياندۇرۇپ كېلىپ، يۈزۈڭنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزمىسام، پۈتكۈل ئۆمرۈمدە ئالدىڭدا گۇناھكار بولاي. | 9 |
אנכי אערבנו מידי תבקשנו אם לא הביאתיו אליך והצגתיו לפניך וחטאתי לך כל הימים׃ |
چۈنكى ھايال بولمىغان بولساق، بۇ چاغقىچە ئىككى قېتىم بېرىپ كېلەتتۇق، ــ دېدى. | 10 |
כי לולא התמהמהנו כי עתה שבנו זה פעמים׃ |
ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئىسرائىل ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، مۇنداق قىلىڭلار: ــ ئۇ كىشىگە قاچا-قۇچاڭلارغا زېمىندىكى ئەڭ ئېسىل مېۋىلەردىن سوۋغات ئالغاچ بېرىڭلار: يەنە ئازغىنا تۇتىيا، ئازراق ھەسەل، دورا-دەرمانلار، مۇرمەككى، پىستە ۋە باداملارنى ئالغاچ بېرىڭلار. | 11 |
ויאמר אלהם ישראל אביהם אם כן אפוא זאת עשו קחו מזמרת הארץ בכליכם והורידו לאיש מנחה מעט צרי ומעט דבש נכאת ולט בטנים ושקדים׃ |
قولۇڭلاردا ئىككى ھەسسە پۇل ئېلىپ، تاغارلىرىڭلارنىڭ ئاغزىدىكى ئۆزۈڭلارغا ياندۇرۇلغان پۇلنىمۇ ئالغاچ بېرىڭلار. ئېھتىمال، بۇ ئىشتا سەۋەنلىك كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. | 12 |
וכסף משנה קחו בידכם ואת הכסף המושב בפי אמתחתיכם תשיבו בידכם אולי משגה הוא׃ |
ئىنىڭلارنىمۇ بىللە ئېلىپ، قوزغىلىپ ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا يەنە بېرىڭلار. | 13 |
ואת אחיכם קחו וקומו שובו אל האיש׃ |
ھەممىگە قادىر تەڭرى ئۆزى سىلەرنى ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدا رەھىمگە ئېرىشتۈرگەي. بۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنىڭ شۇ يەردىكى قېرىندىشىڭلارنى ۋە بىنيامىننى قويۇپ بېرىپ، سىلەرگە قوشۇپ قويارمىكىن؛ ئۆزۈم ناۋادا بالىلىرىمدىن جۇدا بولسام بولاي! ــ دېدى. | 14 |
ואל שדי יתן לכם רחמים לפני האיש ושלח לכם את אחיכם אחר ואת בנימין ואני כאשר שכלתי שכלתי׃ |
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەملەر شۇ سوۋغاتنى ئېلىپ، قوللىرىغا ئىككى ھەسسە پۇلنى تۇتۇپ، بىنيامىننى ئېلىپ قوزغىلىپ، مىسىرغا بېرىپ يۈسۈپنىڭ ئالدىدا ھازىر بولدى. | 15 |
ויקחו האנשים את המנחה הזאת ומשנה כסף לקחו בידם ואת בנימן ויקמו וירדו מצרים ויעמדו לפני יוסף׃ |
يۈسۈپ بىنيامىننى ئۇلار بىلەن بىللە كۆرگىنىدە، ئۆز ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارىغا بۇيرۇپ: ــ بۇ ئادەملەرنى ئۆيۈمگە باشلاپ كىرىپ، مال سويۇپ تائام تەييار قىلغىن؛ چۈنكى بۇ كىشىلەر چۈشلۈك غىزانى مەن بىلەن يەيدۇ، ــ دېدى. | 16 |
וירא יוסף אתם את בנימין ויאמר לאשר על ביתו הבא את האנשים הביתה וטבח טבח והכן כי אתי יאכלו האנשים בצהרים׃ |
ئۇ كىشى يۈسۈپنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلىپ، ئادەملەرنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىردى. | 17 |
ויעש האיש כאשר אמר יוסף ויבא האיש את האנשים ביתה יוסף׃ |
ئۇلار بولسا يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كېلىنگىنىدىن قورقۇشۇپ: ــ ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىمىزغا ياندۇرۇلغان پۇلنىڭ سەۋەبىدىن بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىندۇق؛ ئۇنىڭ مەقسىتى بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈستىمىزدىن بېسىپ قۇل قىلىپ، ئېشەكلىرىمىزنى تارتىۋېلىش ئوخشايدۇ، ــ دېيىشتى. | 18 |
וייראו האנשים כי הובאו בית יוסף ויאמרו על דבר הכסף השב באמתחתינו בתחלה אנחנו מובאים להתגלל עלינו ולהתנפל עלינו ולקחת אתנו לעבדים ואת חמרינו׃ |
ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ تۈۋىدە ئۇنىڭغا: ــ | 19 |
ויגשו אל האיש אשר על בית יוסף וידברו אליו פתח הבית׃ |
ئەي خوجام، بىز ھەقىقەتەن ئەسلىدە مۇشۇ يەرگە ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنىدۇق؛ | 20 |
ויאמרו בי אדני ירד ירדנו בתחלה לשבר אכל׃ |
شۇنداق بولدىكى، بىز ئۆتەڭگە كېلىپ ئۆز تاغارلىرىمىزنى ئاچساق، مانا ھەربىرىمىزنىڭ پۇلى، ئەينى ئېغىرلىقى بويىچە تاغارلىرىمىزنىڭ ئاغزىدا تۇرۇپتۇ؛ شۇڭا بىز بۇنى ياندۇرۇپ قولىمىزدا ئالغاچ كەلدۇق. | 21 |
ויהי כי באנו אל המלון ונפתחה את אמתחתינו והנה כסף איש בפי אמתחתו כספנו במשקלו ונשב אתו בידנו׃ |
ئاشلىق ئالغىلى قولىمىزدا باشقا پۇلمۇ ئېلىپ كەلدۇق؛ ئەمما تاغارلىرىمىزغا پۇلنى كىمنىڭ سېلىپ قويغانلىقىنى بىلمىدۇق، ــ دېدى. | 22 |
וכסף אחר הורדנו בידנו לשבר אכל לא ידענו מי שם כספנו באמתחתינו׃ |
ئۇ ئۇلارغا: ــ خاتىرجەم بولۇڭلار، قورقماڭلار. سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ خۇداسى تاغارلىرىڭلاردا سىلەرگە بايلىق ئاتا قىلغان ئوخشايدۇ؛ سىلەرنىڭ پۇلۇڭلارنى ئاللىقاچان تاپشۇرۇپ ئالدىم، ــ دېدى. ئاندىن ئۇ شىمېئوننى ئۇلارنىڭ قېشىغا ئېلىپ چىقتى. | 23 |
ויאמר שלום לכם אל תיראו אלהיכם ואלהי אביכם נתן לכם מטמון באמתחתיכם כספכם בא אלי ויוצא אלהם את שמעון׃ |
ئۇ كىشى ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشىغا سۇ ئەكىرىپ بېرىپ، ئاندىن ئېشەكلىرىگە يەم بەردى. | 24 |
ויבא האיש את האנשים ביתה יוסף ויתן מים וירחצו רגליהם ויתן מספוא לחמריהם׃ |
ئۇلار يۈسۈپنىڭ چۈشتە كېلىشىگە ئۈلگۈرتۈپ سوۋغاتنى تەييارلاپ قويدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ يەردە غىزا يەيدىغىنىنى ئاڭلىغانىدى. | 25 |
ויכינו את המנחה עד בוא יוסף בצהרים כי שמעו כי שם יאכלו לחם׃ |
يۈسۈپ ئۆيگە كەلگەندە ئۇلار قوللىرىدىكى سوۋغاتنى ئۆيگە ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا تەزىم قىلدى. | 26 |
ויבא יוסף הביתה ויביאו לו את המנחה אשר בידם הביתה וישתחוו לו ארצה׃ |
ئۇ ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئاندىن: ــ سىلەر گېپىنى قىلغان قېرى ئاتاڭلار سالامەتمۇ؟ ئۇ ھاياتمۇ؟ ــ دېدى. | 27 |
וישאל להם לשלום ויאמר השלום אביכם הזקן אשר אמרתם העודנו חי׃ |
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز سالامەت تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ تېخى ھاياتتۇر، ــ دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. | 28 |
ויאמרו שלום לעבדך לאבינו עודנו חי ויקדו וישתחו׃ |
يۈسۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئىنىسى بىنيامىننى كۆرۈپ: ــ سىلەر ماڭا گېپىنى قىلغان كىچىك ئىنىڭلار شۇمۇ؟ ــ دەپ سوراپ: ــ ئەي ئوغلۇم، خۇدا ساڭا شاپائەت كۆرسەتكەي! ــ دېدى. | 29 |
וישא עיניו וירא את בנימין אחיו בן אמו ויאמר הזה אחיכם הקטן אשר אמרתם אלי ויאמר אלהים יחנך בני׃ |
يۈسۈپنىڭ ئۆز ئىنىسىغا بولغان سېغىنىش ئوتى قاتتىق كۈچىيىپ، يىغلىۋالغۇدەك خالىي جاي ئىزدەپ، ئالدىراپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ تازا بىر يىغلىۋالدى. | 30 |
וימהר יוסף כי נכמרו רחמיו אל אחיו ויבקש לבכות ויבא החדרה ויבך שמה׃ |
ئاندىن يۈزىنى يۇيۇپ چىقىپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ: ــ تائاملارنى قويۇڭلار، ــ دەپ بۇيرۇدى. | 31 |
וירחץ פניו ויצא ויתאפק ויאמר שימו לחם׃ |
خىزمەتكارلار يۈسۈپكە ئايرىم، ئۇلارغا ئايرىم ۋە يۈسۈپ بىلەن بىللە تاماققا كەلگەن مىسىرلىقلارغىمۇ ئايرىم تاماق قويدى؛ چۈنكى مىسىرلىقلار ئىبرانىيلار بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشنى يىرگىنچلىك دەپ قاراپ، ئۇلار بىلەن بىللە تاماق يېمەيتتى. | 32 |
וישימו לו לבדו ולהם לבדם ולמצרים האכלים אתו לבדם כי לא יוכלון המצרים לאכל את העברים לחם כי תועבה הוא למצרים׃ |
يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا، ھەربىرى چوڭ-كىچىك تەرتىپى بويىچە ئولتۇرغۇزۇلدى؛ چوڭى چوڭلۇقىغا يارىشا، كىچىكى كىچىكلىكىگە يارىشا ئولتۇرغۇزۇلدى؛ ئۇلار بىر-بىرىگە قاراپ ھەيران قېلىشتى. | 33 |
וישבו לפניו הבכר כבכרתו והצעיר כצערתו ויתמהו האנשים איש אל רעהו׃ |
يۈسۈپ ئالدىدىكى داستىخاندىكى تاماقلاردىن ئۇلارغا بۆلۈپ بەردى. ئەمما بىنيامىنغا بەرگىنى باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا بەش ھەسسە كۆپ ئىدى. ئۇلار شاراب ئىچىپ، ئۇنىڭ بىلەن خۇش كەيپ قىلىشتى. | 34 |
וישא משאת מאת פניו אלהם ותרב משאת בנימן ממשאת כלם חמש ידות וישתו וישכרו עמו׃ |