< يارىتىلىش 42 >
ئەمدى ياقۇپ مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى بىلگىنىدە ئوغۇللىرىغا: ــ نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپ تۇرىسىلەر؟ ــ دېدى. | 1 |
Յակոբը իմանալով, որ ցորենի վաճառք կայ Եգիպտացիների երկրում, ասում է իր որդիներին. «Ինչո՞ւ էք յապաղում:
ئاندىن يەنە: ــ ماڭا قاراڭلار، ئاڭلىشىمچە مىسىردا ئاشلىق بار ئىكەن. ئۇ يەرگە بېرىپ، ئاندىن شۇ يەردىن بىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كەتمەي، تىرىك قالىمىز، ــ دېدى. | 2 |
Իմացել եմ, որ Եգիպտոսում ցորեն կայ: Գնացէ՛ք այնտեղ եւ մեզ համար մի քիչ պարէն գնեցէ՛ք, որ ապրենք, սովամահ չլինենք»:
بۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئون ئاكىسى ئاشلىق سېتىۋالغىلى مىسىرغا يولغا چىقتى. | 3 |
Յովսէփի տասը եղբայրները իջան Եգիպտոսից ցորեն գնելու:
لېكىن ياقۇپ يۈسۈپنىڭ ئىنىسى بىنيامىننىڭ بىرەر يامانلىققا ئۇچراپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئۇنى ئاكىلىرى بىلەن بىللە ئەۋەتمىدى. | 4 |
Յակոբը Յովսէփի եղբայր Բենիամինին չթողեց, որ գնայ իր եղբայրների հետ, որովհետեւ ասում էր, թէ՝ «Գուցէ նա կը հիւանդանայ»:
شۇنىڭدەك ئاچارچىلىق قانائان زېمىنىدىمۇ يۈز بەرگەچكە، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنلەر ئارىسىدا بار ئىدى. | 5 |
Իսրայէլի որդիներն այլ ճանապարհորդների հետ եկան ցորեն գնելու, քանի որ Քանանացիների երկրում սով էր:
يۈسۈپ زېمىننىڭ ۋالىيسى بولۇپ، يۇرتنىڭ بارلىق خەلقىگە ئاشلىق سېتىپ بەرگۈچى شۇ ئىدى. يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا يۈزلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى. | 6 |
Յովսէփը երկրի իշխանն էր, ուստի ինքն էր ցորեն վաճառում երկրի ողջ ժողովրդին: Յովսէփի եղբայրները, գալով, գլուխները խոնարհեցին մինչեւ գետին:
يۈسۈپ ئاكىلىرىنى كۆرۈپلا ئۇلارنى تونۇدى؛ لېكىن ئۇ تونۇشلۇق بەرمەي، ئۇلارغا قوپال تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ: ــ قەيەردىن كەلدىڭلار، دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن: ــ قانائان زېمىنىدىن ئاشلىق ئالغىلى كەلدۇق، ــ دېدى. | 7 |
Երբ Յովսէփը տեսաւ իր եղբայրներին, ճանաչեց նրանց, բայց օտար ձեւացրեց իրեն, խստագոյնս խօսեց նրանց հետ եւ ասաց. «Որտեղի՞ց էք գալիս»: Նրանք պատասխանեցին. «Քանանացիների երկրից. եկել ենք պարէն գնելու»:
يۈسۈپ ئاكىلىرىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنى تونۇمىدى. | 8 |
Յովսէփը ճանաչեց իր եղբայրներին, բայց նրանք չճանաչեցին իրեն:
يۈسۈپ ئەمدى ئۇلار توغرىسىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇلارغا: ــ سىلەر جاسۇس، بۇ ئەلنىڭ مۇداپىئەسىز جايلىرىنى كۆزەتكىلى كەلدىڭلار، ــ دېدى. | 9 |
Յովսէփը յիշեց իր տեսած երազները եւ ասաց նրանց. «Դուք լրտեսներ էք եւ եկել էք երկիրը հետախուզելու»:
ئەمما ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي خوجام، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى كەمىنىلىرى ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدى! | 10 |
Նրանք ասացին. «Ո՛չ, տէ՛ր: Մենք՝ քո ծառաները, եկել ենք ցորեն գնելու:
بىز ھەممىمىز بىر ئادەمنىڭ ئوغۇللىرى، سەمىمىي ئادەملەرمىز. كەمىنىلىرى جاسۇس ئەمەس! ــ دېدى. | 11 |
Մենք ամէնքս մի մարդու զաւակներ ենք: Խաղաղասէր մարդիկ ենք մենք, քո ծառաները լրտեսներ չեն»:
ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئۇنداق ئەمەس! بەلكى زېمىننىڭ مۇداپىئەسىز جايلىرىنى كۆرگىلى كەلدىڭلار، ــ دېدى. | 12 |
Յովսէփն ասաց նրանց. «Ո՛չ, դուք եկել էք երկիրը հետախուզելու»:
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى ئەسلىدە ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق؛ بىز ھەممىمىز قانائان زېمىنىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئوغۇللىرىدۇرمىز؛ لېكىن كەنجى ئىنىمىز ئاتىمىزنىڭ قېشىدا قېلىپ قالدى؛ يەنە بىر ئىنىمىز يوقاپ كەتتى، ــ دېدى. | 13 |
Նրանք պատասխանեցին. «Մենք՝ քո ծառաները, տասներկու եղբայրներ էինք, Քանանացիների երկրում մի մարդու որդիներ: Այս պահին մեր կրտսեր եղբայրն իր հօր մօտ է, իսկ միւսն այլեւս չկայ»:
ئەمما يۈسۈپ ئۇلارغا يەنە: ــ مانا مەن دەل سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، جاسۇس ئىكەنسىلەر! | 14 |
Յովսէփն ասաց նրանց. «Ահա թէ ինչպիսի փորձի պիտի ենթարկուէք. հէնց դրա համար ասացի ձեզ՝ դուք լրտեսներ էք:
پىرەۋننىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، كىچىك ئىنىڭلار بۇ يەرگە كەلمىگۈچە سىلەر بۇ يەردىن چىقىپ كېتەلمەيسىلەر؛ سىلەر شۇنىڭ بىلەن سىنىلىسىلەر. | 15 |
Երդւում եմ փարաւոնի արեւով, որ այստեղից դուրս չէք գայ, քանի ձեր կրտսեր եղբայրն այստեղ չի եկել:
ئىنىڭلارنى ئېلىپ كەلگىلى بىرىڭلارنى ئەۋەتىڭلار، قالغانلىرىڭلار بولسا سولاپ قويۇلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئېيتقىنىڭلارنىڭ راست-يالغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ؛ بولمىسا، پىرەۋننىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر جەزمەن جاسۇس! ــ دېدى. | 16 |
Արդ, ձեզնից մէկին ուղարկեցէ՛ք, որ այստեղ բերի ձեր եղբօրը, իսկ դուք կը մնաք արգելարանում, մինչեւ որ պարզուի, թէ ճի՞շտ էք ասում, թէ՞ ոչ: Հակառակ դէպքում, երդւում եմ փարաւոնի արեւով, որ դուք լրտեսներ էք»:
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى ئۈچ كۈنگىچە سولاپ قويدى. | 17 |
Եւ երեք օր նրանց բանտարկեց:
ئۈچىنچى كۈنى يۈسۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن خۇدادىن قورقىدىغان ئادەممەن؛ تىرىك قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلىڭلار: ــ | 18 |
Յովսէփը երրորդ օրն ասաց նրանց. «Այսպէս արէք, որպէսզի փրկուէք. ես ինքս էլ աստուածավախ մարդ եմ:
ئەگەر سەمىمىي ئادەملەر بولساڭلار، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى سىلەر سولانغان گۇندىخانىدا سولاقلىق تۇرىۋەرسۇن، قالغىنىڭلار ئاچارچىلىقتا قالغان ئائىلەڭلار ئۈچۈن ئاشلىق ئېلىپ كېتىڭلار؛ | 19 |
Եթէ խաղաղասէր մարդիկ էք, ձեր եղբայրներից մէկն այստեղ՝ բանտում կը մնայ, իսկ մնացածներդ կը տանէք ձեր գնած ցորենը:
ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن سۆزلىرىڭلار ئىسپاتلانسا، ئۆلمەيسىلەر!، ــ دېدى. ئۇلار شۇنداق قىلىدىغان بولدى. | 20 |
Ձեր կրտսեր եղբօրն ինձ մօտ կը բերէք, որ հաւատամ ձեր ասածներին, ապա թէ ոչ՝ մահուան կը դատապարտուէք»:
ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا: ــ بەرھەق، بىز ئىنىمىزغا قىلغان ئىشىمىز بىلەن گۇناھكار بولۇپ قالدۇق؛ ئۇ بىزگە يالۋۇرسىمۇ ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئازاب-ئوقۇبەت بېشىمىزغا چۈشتى، ــ دېيىشتى. | 21 |
Նրանք այդպէս էլ արեցին: Նրանք՝ եղբայրները, միմեանց ասացին. «Այո՛, մենք մեր եղբօր նկատմամբ մեղաւոր ենք, որովհետեւ անտեսեցինք նրա հոգու մղձաւանջը, երբ նա մեզ աղաչում էր, իսկ մենք նրան չլսեցինք: Դրա համար էլ մեր գլխին է իջնում այս պատուհասը»:
رۇبەن ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مەن سىلەرگە: بالىغا زۇلۇم قىلماڭلار، دېگەن ئەمەسمىدىم؟ لېكىن ئۇنىمىدىڭلار. مانا ئەمدى ئۇنىڭ قان قەرزى بىزدىن سورىلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. | 22 |
Պատասխան տուեց Ռուբէնն ու ասաց նրանց. «Ես ձեզ չասացի՞, թէ՝ «Մեղք մի՛ գործէք պատանու դէմ», իսկ դուք ինձ չլսեցիք: Հիմա նրա արեան գինն է պահանջւում»:
ئەمما يۈسۈپ ئۇلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەچكە، ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆز گەپلىرىنى ئۇقۇپ تۇرۇۋاتقىنىنى بىلمىدى. | 23 |
Նրանք չգիտէին, որ Յովսէփը հասկանում էր նրանց, որովհետեւ թարգմանիչ ունէր: Եւ նրանցից մեկուսանալով՝ Յովսէփը լաց եղաւ:
ئۇ ئۇلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يىغلاپ كەتتى. ئاندىن ئۇلارنىڭ قېشىغا يېنىپ كېلىپ، ئۇلارغا يەنە سۆز قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن شىمېئوننى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا باغلىدى. | 24 |
Նա դարձեալ եկաւ նրանց մօտ եւ խօսեց նրանց հետ: Ապա նրանցից առանձնացնելով Շմաւոնին՝ նրանց ներկայութեամբ շղթայեց նրան:
ئاندىن يۈسۈپ ئەمر چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تاغارلىرىغا ئاشلىق تولدۇرۇپ، ھەر بىرسىنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ تاغىرىغا سېلىپ قويۇپ، سەپەر ھازىرلىقلىرىمۇ بېرىلسۇن دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلارغا شۇنداق قىلىندى. | 25 |
Յովսէփը հրամայեց, որ նրանց պարկերը լցնեն ցորենով, իւրաքանչիւրի արծաթը դնեն իր պարկի մէջ եւ ճանապարհի պաշար տան: Այդպէս էլ արեցին:
شۇنىڭ بىلەن ئاكىلىرى ئېشەكلىرىگە ئاشلىقلىرىنى ئارتىپ، شۇ يەردىن كەتتى. | 26 |
Նրանք բարձելով իրենց էշերը՝ գնացին այնտեղից:
ئەمما ئۆتەڭگە كەلگەندە ئۇلاردىن بىرى ئېشىكىگە يەم بەرگىلى تاغىرىنى ئېچىۋىدى، مانا، ئۆز پۇلى تاغارنىڭ ئاغزىدا تۇراتتى. | 27 |
Նրանցից մէկը, իջեւանում իր գրաստին կեր տալու համար բացելով իր պարկը, տեսաւ, որ իր արծաթի քսակը դրուած է իր պարկի բերանին:
ئۇ قېرىنداشلىرىغا: ــ مېنىڭ پۇلۇمنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ. مانا ئۇ تاغىرىمدا تۇرىدۇ، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ، تىترىشىپ بىر-بىرىگە: ــ بۇ خۇدانىڭ بىزگە زادى نېمە قىلغىنىدۇ؟ ــ دېيىشتى. | 28 |
Այն ժամանակ նա ասաց իր եղբայրներին. «Դրամը վերադարձրել են ինձ, ահա իմ պարկի մէջ է»: Նրանք զարմացան, իրար անցան ու ասացին. «Այս ի՞նչ արեց մեզ Աստուած»:
ئۇلار قانائان زېمىنىغا، ئاتىسى ياقۇپنىڭ قېشىغا كېلىپ، بېشىدىن ئۆتكەن ھەممە ۋەقەلەرنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىپ: | 29 |
Նրանք եկան իրենց հայր Յակոբի մօտ, Քանանի երկիրը, պատմեցին նրան այն ամէնը, ինչ պատահել էր իրենց հետ, եւ ասացին.
ــ ھېلىقى كىشى، يەنى شۇ زېمىننىڭ خوجىسى بىزگە قوپال گەپ قىلدى، بىزگە زېمىننى پايلىغۇچى جاسۇستەك مۇئامىلە قىلدى؛ | 30 |
«Մարդը, որ երկրի տէրն էր, մեզ հետ շատ խիստ խօսեց եւ մեզ, իբրեւ այդ երկրի լրտեսներ, բանտ նետեց:
ئەمدى بىز ئۇنىڭغا: «بىز بولساق سەمىمىي ئادەملەرمىز، جاسۇس ئەمەسمىز. | 31 |
Մենք նրան ասացինք. «Մենք խաղաղասէր մարդիկ ենք, լրտեսներ չենք:
بىز بىر ئاتىدىن بولغان ئوغۇللار بولۇپ، ئون ئىككى ئاكا-ئۇكا ئىدۇق؛ بىرى يوقاپ كەتتى، كىچىك ئىنىمىز ھازىر قانائان زېمىنىدا ئاتىمىزنىڭ يېنىدا قالدى» دېسەك، | 32 |
Մենք տասներկու եղբայրներ ենք՝ մեր հօր որդիները: Մէկը չկայ, իսկ կրտսերն այս պահին մեր հօր մօտ է՝ Քանանացիների երկրում»:
ھېلىقى كىشى، يەنى شۇ زېمىننىڭ خوجىسى بىزگە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ سىلەرنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىشىم ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ بىرىنى مېنىڭ يېنىمدا قالدۇرۇپ قويۇپ، ئاچ قالغان ئائىلەڭلار ئۈچۈن ئاشلىق ئېلىپ كېتىڭلار؛ | 33 |
Երկրի տէրը մեզ ասաց. «Ձեր խաղաղասէր լինելը սրանով կ՚իմանամ, եթէ ձեր մի եղբօրն այստեղ՝ ինձ մօտ թողնէք, ձեր գնած ցորենը վերցնէք տանէք ձեր տուն
ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرنىڭ جاسۇس ئەمەس، بەلكى سەمىمىي ئادەملەر ئىكەنلىكىڭلارنى بىلەلەيمەن. ئاندىن قېرىندىشىڭلارنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن ۋە سىلەر زېمىندا سودا-سېتىق قىلساڭلار بولىدۇ» ــ دېدى. | 34 |
եւ ձեր կրտսեր եղբօրը բերէք ինձ մօտ: Այն ժամանակ ես կ՚իմանամ, որ դուք լրտեսներ չէք, այլ խաղաղասէր մարդիկ էք, եւ ձեր այս եղբօրն էլ կը վերադարձնեմ ձեզ, եւ դուք այս երկրում առեւտուր կ՚անէք»:
ئەمما شۇنداق بولدىكى، ئۇلار تاغارلىرىنى تۆككەندە، مانا ھەربىرىنىڭ پۇلدىنى ئۆز تاغارلىرىدا تۇراتتى! ئۇلار ۋە ئاتىسى ئۆزلىرىنىڭ چىگىكلىك پۇللىرىنى كۆرگەندە، قورقۇپ قېلىشتى. | 35 |
Երբ նրանք դատարկում էին իրենց պարկերը, իւրաքանչիւրի արծաթի քսակը իր պարկում էր: Եւ երբ նրանք տեսան իրենց արծաթի քսակները, իրենք եւ իրենց հայրը խիստ վախեցան:
ئاتىسى ياقۇپ ئۇلارغا: ــ مېنى ئوغلۇمدىن جۇدا قىلدىڭلار! يۈسۈپ يوق بولدى، شىمېئونمۇ يوق، ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتىسىلەر! مانا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كەلدى! ــ دېدى. | 36 |
Նրանց հայրը՝ Յակոբը, ասաց նրանց. «Ինձ անզաւակ էք թողնում: Յովսէփը չկայ, Շմաւոնը չկայ, հիմա էլ Բենիամինի՞ն էք վերցնելու: Այս բոլորը իմ գլխին են թափւում»:
رۇبەن ئاتىسىغا: ــ ئەگەر مەن بىنيامىننى قېشىڭغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلمىسەم، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغىن؛ مەن ئۇنى قېشىڭغا ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىمەن، ــ دېدى. | 37 |
Ռուբէնը, դիմելով հօրը, ասաց. «Դու իմ երկու որդիներին կը սպանես, եթէ նրան չվերադարձնեմ քեզ: Դու Բենիամինին վստահիր ինձ, եւ ես նրան կը վերադարձնեմ քեզ»:
لېكىن ياقۇپ جاۋاب بېرىپ: ــ ئوغلۇم سىلەر بىلەن بىللە ئۇ يەرگە چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز قالدى. مۇبادا يولدا كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭغا بىرەر كېلىشمەسلىك كەلسە، سىلەر مەندەك بىر ئاق چاچلىق ئادەمنى دەرد-ئەلەم بىلەن تەختىساراغا چۈشۈرىۋېتىسىلەر، ــ دېدى. (Sheol ) | 38 |
Նա ասաց. «Իմ որդին ձեզ հետ չի իջնի, որովհետեւ սրա եղբայրը մեռաւ, եւ միայն սա է մնացել: Եթէ սա հիւանդանայ ձեր գնացած ճանապարհին, ապա դուք ինձ վշտով այս ծեր հասակում գերեզման կ՚իջեցնէք»: (Sheol )