< يارىتىلىش 41 >
توپتوغرا ئىككى يىل ئۆتۈپ، پىرەۋن بىر چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇ [نىل] دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرغۇدەك. | 1 |
After two full years had passed, Pharaoh had a dream: He was standing beside the Nile,
ھەم چىرايلىق ھەم سېمىز يەتتە تۇياق ئىنەك دەريادىن چىقىپ، قۇمۇشلۇقتا ئوتلاپتۇدەك. | 2 |
when seven cows, sleek and well-fed, came up from the river and began to graze among the reeds.
ئاندىن يەنە يەتتە تۇياق ئىنەك دەريادىن چىقىپتۇ؛ ئۇلار سەت ھەم ئورۇق بولۇپ، ئالدىنقى ئىنەكلەرنىڭ يېنىدا، دەريانىڭ بويىدا تۇرۇپتۇ. | 3 |
After them, seven other cows, sickly and thin, came up from the Nile and stood beside the well-fed cows on the bank of the river.
بۇ سەت ھەم ئورۇق ئىنەكلەر ئۇ يەتتە چىرايلىق ھەم سېمىز ئىنەكلەرنى يەۋېتىپتۇ. شۇ ۋاقىتتا پىرەۋن ئويغىنىپ كېتىپتۇ. | 4 |
And the cows that were sickly and thin devoured the seven sleek, well-fed cows. Then Pharaoh woke up,
ئۇ يەنە ئۇخلاپ، ئىككىنچى قېتىم چۈش كۆردى: ــ مانا، بىر تۈپ بۇغداي شېخىدىن توق ۋە چىرايلىق يەتتە باشاق چىقىپتۇ. | 5 |
but he fell back asleep and dreamed a second time: Seven heads of grain, plump and ripe, came up on one stalk.
ئۇلاردىن كېيىن يەنە يەتتە باشاق چىقىپتۇ؛ ئۇلار ھەم ئورۇق ۋە پۇچەك بولۇپ، شەرق شامىلىدا سولىشىپ قالغانىدى. | 6 |
After them, seven other heads of grain sprouted, thin and scorched by the east wind.
بۇ ئورۇق باشاقلار ئۇ يەتتە سېمىز، توق باشاقنى يۇتۇپ كېتىپتۇ. ئاندىن پىرەۋن ئويغىنىپ كېتىپتۇ، بۇ ئۇنىڭ چۈشى ئىكەن. | 7 |
And the thin heads of grain swallowed up the seven plump, ripe ones. Then Pharaoh awoke and realized it was a dream.
ئەتىسى ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولۇپ، مىسىردىكى ھەممە پالچى-جادۇگەرلەر بىلەن بارلىق دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. پىرەۋن ئۆز چۈشىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى؛ لېكىن ھېچكىم پىرەۋنگە چۈشلەرنىڭ تەبىرىنى دەپ بېرەلمىدى. | 8 |
In the morning his spirit was troubled, so he summoned all the magicians and wise men of Egypt. Pharaoh told them his dreams, but no one could interpret them for him.
ئۇ چاغدا باش ساقىي پىرەۋنگە: ــ بۈگۈن مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم ئېسىمگە كەلدى. | 9 |
Then the chief cupbearer said to Pharaoh, “Today I recall my failures.
بۇرۇن پىرەۋن جانابلىرى قۇللىرىغا، يەنى پېقىر ۋە باش ناۋايغا ئاچچىقلىنىپ، بىزنى پاسىبان بېشىنىڭ سارىيىدا سولاققا تاشلىغانىدىلا؛ | 10 |
Pharaoh was once angry with his servants, and he put me and the chief baker in the custody of the captain of the guard.
شۇ چاغلاردا ھەربىرىمىز بىر كېچىدە بىردىن چۈش كۆردۇق؛ ھەر قايسىمىز كۆرگەن چۈشنىڭ تەبىرى باشقا-باشقا ئىدى. | 11 |
One night both the chief baker and I had dreams, and each dream had its own meaning.
شۇ يەردە بىز بىلەن بىللە پاسىبان بېشىنىڭ قۇلى بولغان بىر ئىبرانىي يىگىت بار ئىدى. ئۇنىڭغا چۈشلىرىمىزنى ئېيتىۋىدۇق، ئۇ بىزگە چۈشلىرىمىزنىڭ تەبىرىنى بايان قىلدى؛ ئۇ ھەربىرىمىزنىڭ كۆرگەن چۈشىگە قاراپ تەبىر بەرگەنىدى. | 12 |
Now a young Hebrew was there with us, a servant of the captain of the guard. We told him our dreams and he interpreted them for us individually.
شۇنداق بولدىكى، ئىشلار دەل ئۇنىڭ بەرگەن تەبىرىدە دېيىلگەندەك يۈز بەردى؛ جانابلىرى پېقىرنى ئۆز مەنسىپىمگە قايتىدىن تەيىنلىدىلە، باش ناۋاينى دارغا ئاستىلا، ــ دېدى. | 13 |
And it happened to us just as he had interpreted: I was restored to my position, and the other man was hanged.”
شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ، يۈسۈپنى چاقىردى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنى زىنداندىن چىقاردى. يۈسۈپ بۇرۇت-ساقىلىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا كىردى. | 14 |
So Pharaoh sent for Joseph, who was quickly brought out of the dungeon. After he had shaved and changed his clothes, he went in before Pharaoh.
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ مەن بىر چۈش كۆردۈم، ئەمما ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ھېچكىم چىقمىدى. ئاڭلىسام، سەن چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، ــ دېدى. | 15 |
Pharaoh said to Joseph, “I had a dream, and no one can interpret it. But I have heard it said of you that when you hear a dream you can interpret it.”
يۈسۈپ پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ تەبىر بېرىش ئۆزۈمدىن ئەمەس؛ لېكىن خۇدا پىرەۋنگە خاتىرجەملىك بېرىدىغان بىر جاۋاب بېرىدۇ، ــ دېدى. | 16 |
“I myself cannot do it,” Joseph replied, “but God will give Pharaoh a sound answer.”
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ چۈشۈمدە مەن دەريانىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپتىمەن. | 17 |
Then Pharaoh said to Joseph: “In my dream I was standing on the bank of the Nile,
قارىسام، دەريادىن ھەم سېمىز ھەم چىرايلىق يەتتە تۇياق ئىنەك چىقىپ قۇمۇشلۇقتا ئوتلاپتۇ. | 18 |
when seven cows, well-fed and sleek, came up from the river and began to graze among the reeds.
ئاندىن ئۇلاردىن كېيىن ئاجىز، تولىمۇ سەت ھەم ئورۇق يەتتە تۇياق ئىنەك چىقىپتۇ. مەن مىسىر زېمىنىدا شۇنداق سەت ئىنەكلەرنى كۆرگەن ئەمەسمەن. | 19 |
After them, seven other cows—sickly, ugly, and thin—came up. I have never seen such ugly cows in all the land of Egypt!
بۇ ئورۇق، ئەسكى ئىنەكلەر بولسا ئاۋۋالقى يەتتە سېمىز ئىنەكنى يەۋېتىپتۇ. | 20 |
Then the thin, ugly cows devoured the seven well-fed cows that were there first.
ئۇلارنى يەۋەتكەن بولسىمۇ، قورسىقىغا بىر نېمىنىڭ كىرگەنلىكى ھېچ ئايان بولماپتۇ، ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى بەلكى بۇرۇنقىدەك سەت ئىمىش. ئاندىن مەن ئويغىنىپ كەتتىم. | 21 |
When they had devoured them, however, no one could tell that they had done so; their appearance was as ugly as it had been before. Then I awoke.
ئاندىن يەنە بىر چۈش كۆردۇم، مانا بىر شاختىن يەتتە ھەم توق ھەم چىرايلىق باشاق چىقىپتۇ. | 22 |
In my dream I also saw seven heads of grain, plump and ripe, growing on a single stalk.
ئاندىن يەنە يەتتە پۇچەك، ئورۇق باشاق چىقىپتۇ؛ ئۇلار شەرق شامىلى بىلەن سولىشىپ قۇرۇپ كېتىپتۇ. | 23 |
After them, seven other heads of grain sprouted—withered, thin, and scorched by the east wind.
بۇ ئورۇق باشاقلار يەتتە چىرايلىق باشاقنى يەپ كېتىپتۇ. مەن بۇ ئىشنى پالچى-جادۇگەرلەرگە دەپ بەرسەم، ماڭا تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىدىغان ھېچ كىشى چىقمىدى، دېدى. | 24 |
And the thin heads of grain swallowed the seven plump ones. I told this dream to the magicians, but no one could explain it to me.”
يۈسۈپ پىرەۋنگە: ــ [جانابلىرى] پىرەۋننىڭ چۈشلىرى بىر مەنىدىدۇر. خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى پىرەۋنگە ئالدىن بىلدۈردى. | 25 |
At this, Joseph said to Pharaoh, “The dreams of Pharaoh are one and the same. God has revealed to Pharaoh what He is about to do.
بۇ يەتتە ياخشى ئىنەك يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ؛ يەتتە ياخشى باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ چۈشلەر ئوخشاش بىر چۈشتۇر. | 26 |
The seven good cows are seven years, and the seven ripe heads of grain are seven years. The dreams have the same meaning.
ئۇلاردىن كېيىن چىققان يەتتە ئورۇق، يامان سەت ئىنەك يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ؛ شەرق شامىلى بىلەن سولىشىپ قالغان يەتتە قۇرۇق باشاقمۇ شۇنداق بولۇپ، ئاچارچىلىق بولىدىغان يەتتە يىلدۇر. | 27 |
Moreover, the seven thin, ugly cows that came up after them are seven years, and so are the seven worthless heads of grain scorched by the east wind—they are seven years of famine.
مەن پىرەۋنگە دەيدىغان سۆزۈم شۇكى، خۇدا يېقىندا قىلماقچى بولغان ئىشنى پىرەۋنگە ئايان قىلدى. | 28 |
It is just as I said to Pharaoh: God has shown Pharaoh what He is about to do.
مانا، پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا يەتتە يىلغىچە مەمۇرچىلىق بولىدۇ؛ | 29 |
Behold, seven years of great abundance are coming throughout the land of Egypt,
ئاندىن يەتتە يىلغىچە ئاچارچىلىق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىدا پۈتكۈل مەمۇرچىلىقنى ئۇنۇتقۇزىدىغان ئاچارچىلىق زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ. | 30 |
but seven years of famine will follow them. Then all the abundance in the land of Egypt will be forgotten, and the famine will devastate the land.
كېلىدىغان ئاچارچىلىقنىڭ سەۋەبىدىن زېمىندا بولغان مەمۇرچىلىق كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئاچارچىلىق تولىمۇ ئېغىر بولىدۇ. | 31 |
The abundance in the land will not be remembered, since the famine that follows it will be so severe.
لېكىن چۈشنىڭ ياندۇرۇلۇپ، پىرەۋنگە ئىككى قېتىم كۆرۈنگىنىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، بۇ ئىش خۇدا تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، خۇدا ئۇنى پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. | 32 |
Moreover, because the dream was given to Pharaoh in two versions, the matter has been decreed by God, and He will carry it out shortly.
ئەمدى پىرەۋن ئۆزى ئۈچۈن پەم-پاراسەتلىك ھەم دانا بىر كىشىنى تېپىپ، مىسىر زېمىنىغا قويسۇن. | 33 |
Now, therefore, Pharaoh should look for a discerning and wise man and set him over the land of Egypt.
پىرەۋن شۇنداق قىلسۇنكى، مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىلدا مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئاشلىقنىڭ بەشتىن بىرىنى توپلاڭلار دەپ زېمىنغا نازارەتچىلەرنى تەيىنلىسۇن. | 34 |
Let Pharaoh take action and appoint commissioners over the land to take a fifth of the harvest of Egypt during the seven years of abundance.
بۇلار شۇ كېلىدىغان توقچىلىق يىللىرىدا بارلىق ئاشلىقنى توپلاپ، شەھەر-شەھەرلەردە يېمەكلىك بولسۇن دەپ بۇغداي-قوناقلارنى پىرەۋننىڭ قول ئاستىغا جەم قىلىپ ساقلىتىپ قويسۇن. | 35 |
Under the authority of Pharaoh, let them collect all the excess food from these good years, that they may come and lay up the grain to be preserved as food in the cities.
[يىغىلغان] شۇ ئاشلىقلار مىسىر زېمىنىدا بولىدىغان يەتتە يىللىق ئاچارچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ساقلانسۇن؛ شۇ تەرىقىدە زېمىن ئاچارچىلىقتىن ھالاك بولمايدۇ، ــ دېدى. | 36 |
This food will be a reserve for the land during the seven years of famine to come upon the land of Egypt. Then the country will not perish in the famine.”
بۇ سۆز پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ نەزىرىگە تازا ياقتى. | 37 |
This proposal pleased Pharaoh and all his officials.
شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن خىزمەتكارلىرىغا: ــ بۇ كىشىدەك، ئىچىدە خۇدانىڭ روھى بار يەنە بىرسىنى تاپالامدۇق؟! ــ دېدى. | 38 |
So Pharaoh asked them, “Can we find anyone like this man, in whom the Spirit of God abides?”
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ خۇدا ساڭا بۇنىڭ ھەممىسىنى ئايان قىلغانىكەن، سەندەك پەملىك ھەم دانا ھېچكىم چىقمايدۇ. | 39 |
Then Pharaoh said to Joseph, “Since God has made all this known to you, there is no one as discerning and wise as you.
سەن ئەمدى مېنىڭ ئۆيۈمنى باشقۇرۇشقا بېكىتىلدىڭ، بارلىق خەلقىم سېنىڭ ئاغزىڭغا قاراپ ئۆزلىرىنى تەرتىپكە تىزسۇن. پەقەت تەختتىلا مەن سەندىن ئۈستۈن تۇرىمەن، ــ دېدى. | 40 |
You shall be in charge of my house, and all my people are to obey your commands. Only with regard to the throne will I be greater than you.”
ئاخىرىدا پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ مانا، مەن سېنى پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە تەيىنلىدىم، ــ دېدى. | 41 |
Pharaoh also told Joseph, “I hereby place you over all the land of Egypt.”
بۇنىڭ بىلەن، پىرەۋن ئۆز قولىدىن مۆھۈر ئۈزۈكىنى چىقىرىپ، يۈسۈپنىڭ قولىغا سالدى؛ ئۇنىڭغا نەپىس كاناپ رەختتىن تىكىلگەن لىباسنى كىيگۈزۈپ، بوينىغا بىر ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى. | 42 |
Then Pharaoh removed the signet ring from his finger, put it on Joseph’s finger, clothed him in garments of fine linen, and placed a gold chain around his neck.
ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى شاھانە ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا: «تىز پۈكۈڭلار!» ــ دەپ جار سالدۇردى. شۇنداق قىلىپ، پىرەۋن ئۇنى پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا تىكلەپ قويدى. | 43 |
He had Joseph ride in his second chariot, with men calling out before him, “Bow the knee!” So he placed him over all the land of Egypt.
ئاندىن پىرەۋن يۈسۈپكە يەنە: ــ مەن دېگەن پىرەۋندۇرمەن؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا سەنسىز ھېچكىم قول-پۇتىنى مىدىرلاتمىسۇن! ــ دېدى. | 44 |
And Pharaoh declared to Joseph, “I am Pharaoh, but without your permission, no one in all the land of Egypt shall lift his hand or foot.”
پىرەۋن يۈسۈپكە زافىنات-پائانىياھ دېگەن نامنى بەردى ۋە ئون شەھىرىدىكى كاھىن پوتىفىراھنىڭ قىزى ئاسىناتنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ يۈسۈپ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن چۆرگىلەشكە چىقتى. يۈسۈپ مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا بېكىتىلگەندە ئوتتۇز ياشتا ئىدى؛ ئۇ پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ، مىسىر زېمىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. | 45 |
Pharaoh gave Joseph the name Zaphenath-paneah, and he gave him Asenath daughter of Potiphera, priest of On, to be his wife. And Joseph took charge of all the land of Egypt.
Now Joseph was thirty years old when he entered the service of Pharaoh king of Egypt. And Joseph left Pharaoh’s presence and traveled throughout the land of Egypt.
مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىل ئىچىدە زېمىننىڭ ھوسۇلى دۆۋە-دۆۋە بولدى. | 47 |
During the seven years of abundance, the land brought forth bountifully.
يەتتە يىلدا ئۇ مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئاشلىقنى يىغىپ، شەھەر-شەھەرگە توپلىدى؛ ھەرقايسى شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقنىڭ ئاشلىقىنى ئۇ شۇ شەھەرنىڭ ئۆزىگە جۇغلاپ قويدى. | 48 |
During those seven years, Joseph collected all the excess food in the land of Egypt and stored it in the cities. In every city he laid up the food from the fields around it.
شۇ تەرىقىدە يۈسۈپ دېڭىزدىكى قۇمدەك ناھايىتى كۆپ ئاشلىق توپلىدى؛ ئاشلىق ھەددى-ھېسابسىز بولغاچقا، ئۇلار ھېسابلاشنى توختاتتى. | 49 |
So Joseph stored up grain in such abundance, like the sand of the sea, that he stopped keeping track of it; for it was beyond measure.
ئاچارچىلىق يىللىرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن يۈسۈپكە ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بۇلارنى ئوندىكى كاھىن پوتىفەراھنىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى. | 50 |
Before the years of famine arrived, two sons were born to Joseph by Asenath daughter of Potiphera, priest of On.
يۈسۈپ: «خۇدا پۈتۈن جاپا-مۇشەققىتىم ۋە ئاتامنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈۋەتتى» دەپ تۇنجى ئوغلىغا ماناسسەھ دەپ ئات قويدى؛ | 51 |
Joseph named the firstborn Manasseh, saying, “God has made me forget all my hardship and all my father’s household.”
ئاندىن: «مەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن يۇرتتا خۇدا مېنى مېۋىلىك قىلدى» دەپ ئىككىنچىسىگە ئەفرائىم دەپ ئات قويدى. | 52 |
And the second son he named Ephraim, saying, “God has made me fruitful in the land of my affliction.”
مىسىر زېمىنىدا مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىل ئاياغلاشتى. | 53 |
When the seven years of abundance in the land of Egypt came to an end,
ئاندىن يۈسۈپنىڭ ئېيتقىنىدەك ئاچارچىلىقنىڭ يەتتە يىلى باشلاندى. ئۇ چاغلاردا باشقا بارلىق يۇرتلاردىمۇ ئاچارچىلىق بولدى؛ لېكىن مىسىر زېمىنىدىكى ھەر يەرلەردە نان بار ئىدى. | 54 |
the seven years of famine began, just as Joseph had said. And although there was famine in every country, there was food throughout the land of Egypt.
ئاچارچىلىق پۈتكۈل مىسىر زېمىننى باسقاندا، خەلق ئاشلىق سوراپ پىرەۋنگە پەرياد قىلدى. پىرەۋن مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسىگە: ــ يۈسۈپنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇ سىلەرگە نېمە دېسە، شۇنى قىلىڭلار، ــ دېدى. | 55 |
When extreme hunger came to all the land of Egypt and the people cried out to Pharaoh for food, he told all the Egyptians, “Go to Joseph and do whatever he tells you.”
ئاچارچىلىق پۈتكۈل يەر يۈزىنى بېسىپ كەتتى. يۈسۈپ ھەر يەردىكى ئامبارلارنى ئېچىپ، مىسىرلىقلارغا ئاشلىق ساتاتتى؛ ئاچارچىلىق مىسىر زېمىنىدا ئىنتايىن ئېغىر بولغىلى تۇردى. | 56 |
When the famine had spread over all the land, Joseph opened up all the storehouses and sold grain to the Egyptians; for the famine was severe in the land of Egypt.
ئاچارچىلىق پۈتكۈل يەر يۈزىنى باسقان بولغاچقا، بارلىق يۇرتلاردىكى خەلقمۇ ئاشلىق ئالغىلى مىسىرغا يۈسۈپنىڭ قېشىغا كېلەتتى. | 57 |
And every nation came to Joseph in Egypt to buy grain, because the famine was severe over all the earth.