< يارىتىلىش 40 >
بۇ ئىشلاردىن كېيىن مىسىر پادىشاھىنىڭ ساقىيسى ۋە باش ناۋىيى مىسىر پادىشاھىنىڭ زىتىغا تېگىپ گۇناھكار بولۇپ قالدى. | 1 |
Bu ixlardin keyin Misir padixaⱨining saⱪiysi wǝ bax nawiyi Misir padixaⱨining zitiƣa tegip gunaⱨkar bolup ⱪaldi.
شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن ئۇنىڭ بۇ ئىككى مەنسەپدارىغا، يەنى باش ساقىي ۋە باش ناۋايغا غەزەپلىنىپ، | 2 |
Xuning bilǝn Pirǝwn uning bu ikki mǝnsǝpdariƣa, yǝni bax saⱪiy wǝ bax nawayƣa ƣǝzǝplinip,
ئۇلارنى پاسىبان بېشىنىڭ سارىيىغا، يۈسۈپ سولاقلىق مۇنارلىق زىندانغا سولاپ قويدى. | 3 |
ularni pasiban bexining sariyiƣa, Yüsüp solaⱪliⱪ munarliⱪ zindanƣa solap ⱪoydi.
پاسىبان بېشى يۈسۈپنى ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇلارنى كۈتۈشكە تەيىنلىدى. ئۇلار سولاقتا بىرنەچچە كۈن يېتىپ قالدى. | 4 |
Pasiban bexi Yüsüpni ularning hizmitidǝ bolup ularni kütüxkǝ tǝyinlidi. Ular solaⱪta birnǝqqǝ kün yetip ⱪaldi.
ئۇلار ئىككىسى ــ مىسىر پادىشاھىنىڭ ساقىيسى ۋە ناۋىيى گۇندىخانىدا سولاقلىق تۇرغان بىر كېچىدە چۈش كۆردى. ھەربىرىنىڭ چۈشىنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىرى بار ئىدى. | 5 |
Ular ikkisi — Misir padixaⱨining saⱪiysi wǝ nawiyi gundihanida solaⱪliⱪ turƣan bir keqidǝ qüx kɵrdi. Ⱨǝrbirining qüxining ɵzigǝ has tǝbiri bar idi.
ئەتىسى ئەتىگەندە، يۈسۈپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كىرىۋىدى، ئۇلارنىڭ غەمكىن ئولتۇرغىنىنى كۆردى؛ | 6 |
Ətisi ǝtigǝndǝ, Yüsüp ularning ⱪexiƣa kiriwidi, ularning ƣǝmkin olturƣinini kɵrdi;
شۇڭا ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە خوجىسىنىڭ سارىيىدا سولاقلىق ياتقان پىرەۋننىڭ بۇ ئىككى مەنسەپدارىدىن: ــ نېمىشقا چىرايىڭلار بۈگۈن شۇنچە سولغۇن؟ ــ دەپ سورىدى. | 7 |
xunga u ɵzi bilǝn billǝ hojisining sariyida solaⱪliⱪ yatⱪan Pirǝwnning bu ikki mǝnsǝpdaridin: — Nemixⱪa qirayinglar bügün xunqǝ solƣun? — dǝp soridi.
ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئىككىمىز بىر چۈش كۆردۇق؛ ئەمما چۈشىمىزنىڭ تەبىرىنى يېشىپ بېرىدىغان كىشى يوق، دېدى. يۈسۈپ ئۇلارغا: ــ چۈشكە تەبىر بېرىش خۇدادىن بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، ــ دېدى. | 8 |
Ular uningƣa jawab berip: — Ikkimiz bir qüx kɵrduⱪ; ǝmma qüximizning tǝbirini yexip beridiƣan kixi yoⱪ, dedi. Yüsüp ularƣa: — Qüxkǝ tǝbir berix Hudadin bolidu ǝmǝsmu? Qüxünglarni manga eytip beringlar, — dedi.
بۇنىڭ بىلەن باش ساقىي يۈسۈپكە چۈشىنى ئېيتىپ: ــ چۈشۈمدە ئالدىمدا بىر ئۈزۈم تېلى تۇرغۇدەك؛ | 9 |
Buning bilǝn bax saⱪiy Yüsüpkǝ qüxini eytip: — Qüxümdǝ aldimda bir üzüm teli turƣudǝk;
بۇ ئۈزۈم تېلىنىڭ ئۈچ شېخى بار ئىكەن. ئۇ بىخ ئۇرۇپ چېچەكلەپ، ساپلىرىدا ئۇزۇم پىشىپ كېتىپتۇدەك؛ | 10 |
bu üzüm telining üq xehi bar ikǝn. U bih urup qeqǝklǝp, saplirida uzum pixip ketiptudǝk;
پىرەۋننىڭ قەدەھى قولۇمدا ئىكەن؛ مەن ئۈزۈملەرنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ قەدەھىگە سىقىپ، قەدەھنى ئۇنىڭ قولىغا سۇنۇپتىمەن، دېدى. | 11 |
Pirǝwnning ⱪǝdǝⱨi ⱪolumda ikǝn; mǝn üzümlǝrni elip Pirǝwnning ⱪǝdǝⱨigǝ siⱪip, ⱪǝdǝⱨni uning ⱪoliƣa sunuptimǝn, dedi.
يۈسۈپ ئۇنىڭغا جاۋابەن: چۈشنىڭ تەبىرى شۇدۇركى، بۇ ئۈچ شاخ ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. | 12 |
Yüsüp uningƣa jawabǝn: Qüxning tǝbiri xudurki, bu üq xah üq künni kɵrsitidu.
ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرەۋن قەددىڭنى رۇسلىتىپ، سېنى مەنسىپىڭگە قايتىدىن تەيىنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن سەن بۇرۇن ئۇنىڭغا ساقىي بولغاندەك پىرەۋننىڭ قەدەھىنى ئۇنىڭ قولىغا سۇنىدىغان بولىسەن. | 13 |
Üq kün iqidǝ Pirǝwn ⱪǝddingni ruslitip, seni mǝnsipinggǝ ⱪaytidin tǝyinlǝydu. Buning bilǝn sǝn burun uningƣa saⱪiy bolƣandǝk Pirǝwnning ⱪǝdǝⱨini uning ⱪoliƣa sunidiƣan bolisǝn.
لېكىن ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولغاندا مېنى يادىڭغا يەتكۈزۈپ، ماڭا شاپائەت كۆرسىتىپ پىرەۋننىڭ ئالدىدا مېنىڭ توغرامدا گەپ قىلىپ، مېنى بۇ ئۆيدىن چىقارتقايسەن. | 14 |
Lekin ixliring onguxluⱪ bolƣanda meni yadingƣa yǝtküzüp, manga xapaǝt kɵrsitip Pirǝwnning aldida mening toƣramda gǝp ⱪilip, meni bu ɵydin qiⱪartⱪaysǝn.
چۈنكى مەن ھەقىقەتەن ئىبرانىيلارنىڭ زېمىنىدىن ناھەق تۇتۇپ ئېلىپ كېلىندىم؛ بۇ يەردىمۇ مېنى زىندانغا سالغۇدەك بىر ئىش قىلمىدىم، ــ دېدى. | 15 |
Qünki mǝn ⱨǝⱪiⱪǝtǝn ibraniylarning zeminidin naⱨǝⱪ tutup elip kelindim; bu yǝrdimu meni zindanƣa salƣudǝk bir ix ⱪilmidim, — dedi.
باش ناۋاي يۈسۈپنىڭ شۇنداق ياخشى تەبىر بەرگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ مەنمۇ ئۆزۈمنى چۈشۈمدە كۆردۈم؛ مانا، بېشىمدا ئاق نان بار ئۈچ سېۋەت بار ئىكەن. | 16 |
Bax naway Yüsüpning xundaⱪ yahxi tǝbir bǝrginini kɵrüp uningƣa mundaⱪ dedi: — Mǝnmu ɵzümni qüxümdǝ kɵrdüm; mana, beximda aⱪ nan bar üq sewǝt bar ikǝn.
ئەڭ ئۈستۈنكى سېۋەتتە ناۋايلار پىرەۋنگە پىشۇرغان ھەرخىل نازۇنېمەتلەر بار ئىكەن؛ لېكىن قۇشلار بېشىمدىكى ئۇ سېۋەتتىكى نەرسىلەرنى يەپ كېتىپتۇدەك، ــ دېدى. | 17 |
Əng üstünki sewǝttǝ nawaylar Pirǝwngǝ pixurƣan ⱨǝrhil nazunemǝtlǝr bar ikǝn; lekin ⱪuxlar beximdiki u sewǝttiki nǝrsilǝrni yǝp ketiptudǝk, — dedi.
يۈسۈپ جاۋابەن: ــ چۈشنىڭ تەبىرى شۇدۇركى: ــ بۇ ئۈچ سېۋەت ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. | 18 |
Yüsüp jawabǝn: — Qüxning tǝbiri xudurki: — Bu üq sewǝt üq künni kɵrsitidu.
ئۈچ كۈن ئىچىدە پىرەۋن سېنىڭ بېشىڭنى كېسىپ، جەسىتىڭنى دەرەخكە ئاسىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇچارقاناتلار كېلىپ گۆشۈڭنى يەيدىكەن، ــ دېدى. | 19 |
Üq kün iqidǝ Pirǝwn sening bexingni kesip, jǝsitingni dǝrǝhkǝ asidikǝn. Xuning bilǝn uqarⱪanatlar kelip gɵxüngni yǝydikǝn, — dedi.
ئۈچىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، پىرەۋننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا، ئۇ ھەممە خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن بىر زىياپەت قىلىپ بەردى، شۇنداقلا دەرۋەقە خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا باش ساقىينىڭ بېشىنى كۆتۈردى ۋە باش ناۋاينىڭ بېشىنى ئالدى؛ | 20 |
Üqinqi küni xundaⱪ boldiki, Pirǝwnning tuƣulƣan küni bolƣaqⱪa, u ⱨǝmmǝ hizmǝtkarliri üqün bir ziyapǝt ⱪilip bǝrdi, xundaⱪla dǝrwǝⱪǝ hizmǝtkarlirining arisida bax saⱪiyning bexini kɵtürdi wǝ bax nawayning bexini aldi;
ئۇ باش ساقىينى قايتىدىن ئۆز مەنسىپىگە تەيىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پىرەۋننىڭ قەدەھىنى ئۇنىڭ قولىغا قايتىدىن سۇنىدىغان بولدى. | 21 |
u bax saⱪiyni ⱪaytidin ɵz mǝnsipigǝ tǝyinlidi; xuning bilǝn u Pirǝwnning ⱪǝdǝⱨini uning ⱪoliƣa ⱪaytidin sunidiƣan boldi.
لېكىن باش ناۋاينى بولسا يۈسۈپ ئۇلارغا تەبىر بەرگەندەك ئېسىۋەتتى. | 22 |
Lekin bax nawayni bolsa Yüsüp ularƣa tǝbir bǝrgǝndǝk esiwǝtti.
ئەمما باش ساقىي يۈسۈپنى ھېچ ئەسلىمەي، ئەكسىچە ئۇنى ئۇنتۇپ قالدى. | 23 |
Əmma bax saⱪiy Yüsüpni ⱨeq ǝslimǝy, ǝksiqǝ uni untup ⱪaldi.