< يارىتىلىش 39 >
يۈسۈپ بولسا مىسىرغا ئېلىپ كېلىندى؛ ئۇنى پىرەۋننىڭ غوجىدارى، پاسىبان بېشى پوتىفار شۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن ئىسمائىللارنىڭ قولىدىن سېتىۋالدى. | 1 |
Յովսէփին տարան Եգիպտոս: Ոմն եգիպտացի՝ փարաւոնի ներքինի դահճապետ Պետափրէսը, նրան գնեց նրան Եգիպտոս տարած իսմայէլացիներից:
لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپ بىلەن بىللە بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭغا تارتتى؛ ئۇ مىسىرلىق خوجىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى. | 2 |
Տէրը Յովսէփի հետ էր, նրա գործերը բարեյաջող էին, եւ նա մնաց իր տիրոջ տանը՝ Եգիպտոսում:
ئۇنىڭ خوجىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇ نېمە ئىش قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ قولىدا روناق تاپقۇزغانلىقىنى بايقىدى. | 3 |
Երբ իր տէրը տեսաւ, որ Տէրը նրա հետ է, եւ ինչ էլ որ ինքն անում է, Տէրը յաջողութիւն է տալիս նրան, Յովսէփը շնորհ գտաւ տիրոջ առաջ, քանի որ հաճելի էր եղել նրան:
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىپ، ئۇنىڭ خاس خىزمەتچىسى بولدى. خوجىسى ئۇنى ئۆيىنى باشقۇرۇشقا قويدى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇردى. | 4 |
Դրա համար էլ նա նրան իր տան վերակացու կարգեց եւ իր ողջ ունեցուածքը վստահեց Յովսէփին: Երբ տէրը նրան իր տան եւ իր ունեցած ամէն ինչին վերակացու կարգեց,
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇنى ئۆيى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويغاندىن تارتىپ، پەرۋەردىگار بۇ مىسىرلىقنىڭ ئۆيىنى يۈسۈپنىڭ سەۋەبىدىن بەرىكەتلىدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى ۋە بارلىق تېرىقچىلىقىغا كەلدى. | 5 |
Աստուած Յովսէփի համար օրհնեց եգիպտացու տունը, եւ այդ օրհնութիւնը տարածուեց նրա տանն ու դաշտում եղած ամբողջ ունեցուածքի վրայ: Այն ամէնն, ինչ տէրն ունէր, թողեց Յովսէփի տնօրինութեանը:
شۇنىڭ بىلەن [پوتىفار] بارلىق ئىشلىرىنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۆز تامىقىنى يېيىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولمىدى. يۈسۈپ بولسا قامىتى كېلىشكەن، خۇشچىراي يىگىت ئىدى. | 6 |
Պետափրէսը չգիտէր, թէ ինչ կայ իր տանը, բացի իր կերած հացից: Յովսէփը դէմքով շատ գեղեցիկ էր ու վայելչակազմ:
بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ خوجىسىنىڭ ئايالىنىڭ يۈسۈپكە كۆزى چۈشۈپ قېلىپ: ــ مەن بىلەن ياتقىن! ــ دېدى. | 7 |
Այս բոլորից յետոյ նրա տիրոջ կինն իր աչքը գցեց Յովսէփի վրայ ու ասաց նրան. «Պառկի՛ր ինձ հետ»:
ئەمما ئۇ ئۇنىماي خوجىسىنىڭ ئايالىغا مۇنداق دېدى: ــ مانا خوجام ئۆيدىكى ئىشلارنى، شۇنداقلا بارلىق تەئەللۇقاتىنى قولۇمغا تاپشۇردى، ماڭا تولىمۇ ئىشىنىپ ئىشلىرىم بىلەن كارى بولمايدۇ. | 8 |
Բայց նա մերժեց՝ իր տիրոջ կնոջն ասելով, թէ՝ «Եթէ իմ տէրը իր տան ողջ ունեցուածքը վստահել է ինձ,
بۇ ئۆيدە مەندىن چوڭ ئادەم يوق. سەندىن باشقا ئۇ ھېچبىر نەرسىنى مەندىن ئايىمىدى ــ چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئايالىدۇرسەن! شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن قانداقمۇ بۇنداق رەزىللىكنى قىلىپ خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ ــ دېدى. | 9 |
եւ այս տանը ինձնից աւելի մեծ մարդ չկայ, ու ինձ ոչինչ չի արգելուած, քեզնից բացի, որովհետեւ նրա կինն ես, ապա ես ինչպէ՞ս կարող եմ անել այդ չար ու սոսկալի բանը եւ մեղանչել Աստծու առաջ»:
گەرچە ھەر كۈنى يۈسۈپكە شۇنداق دېسىمۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىشنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرۇشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، | 10 |
Թէեւ նա ամէն օր այդ մասին էր խօսում Յովսէփի հետ, բայց Յովսէփը չէր համաձայնում պառկել նրա հետ, ոչ իսկ մօտենալ նրան:
شۇنداق بىر ۋەقە بولدىكى، بىر كۈنى ئۇ ئۆز ئىشى بىلەن ئۆي ئىچىگە كىرگەنىدى، ئۆيدىكىلەردىن ھېچقايسىسى ئۆينىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى؛ | 11 |
Այնպէս պատահեց, որ մի օր Յովսէփը իր ինչ-որ գործով տուն մտաւ: Ընտանիքի անդամներից ոչ ոք չկար տանը:
بۇ ئايال ئۇنىڭ تونىنى تۇتۇۋېلىپ: ــ مەن بىلەن ياتقىن! دېدى. ئۇ تونىنى ئۇنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇپ، يۈگۈرگەن پېتى قېچىپ تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى. | 12 |
Կինը բռնեց նրա շորերից ու ասաց. «Պառկի՛ր ինձ հետ»: Յովսէփը թողնելով իր շորերը նրա ձեռքում՝ դուրս փախաւ:
ئايال يۈسۈپنىڭ تونىنى ئۆز قولىغا تاشلاپ قېچىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، | 13 |
Երբ կինը տեսաւ, որ նա շորերը իր ձեռքում թողած դուրս է փախել, տան անդամներին կանչելով՝ ասաց.
ئۆيىدىكى خىزمەتچىلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئېرىم بىزگە ھاقارەت كەلتۈرسۇن دەپ بىر ئىبرانىي ئادەمنى ئېلىپ كەپتۇ! بۇ ئادەم يېنىمغا كىرىپ: «سەن بىلەن ياتاي» دېۋىدى، قاتتىق ۋارقىرىدىم! | 14 |
«Տեսէ՛ք, ամուսինս եբրայեցի ծառայ բերեց տուն, որ մեզ խայտառակ անի: Նա, մտնելով իմ սենեակը, ասաց. «Պառկի՛ր ինձ հետ»: Ես բարձրաձայն աղաղակեցի,
ئۇ مېنىڭ قاتتىق ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلاپ، تونىنى يېنىمغا تاشلاپ، تاشقىرىغا قېچىپ كەتتى، دېدى. | 15 |
իսկ նա, լսելով իմ բարձրաձայն աղաղակը, շորերն ինձ մօտ թողած՝ փախաւ, գնաց դուրս»:
شۇنىڭ بىلەن خوجىسى ئۆيىگە يېنىپ كەلگۈچە ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى يېنىدا ساقلاپ قويدى. | 16 |
Նա շորերը պահեց մօտը մինչեւ ամուսինը տուն եկաւ, նրա հետ խօսեց այս բաները՝ ասելով, թէ՝
ئاندىن ئۇ ئېرىگىمۇ شۇ گەپنى قىلىپ: ــ سەن ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ئىبرانىي قۇل ماڭا ھاقارەت قىلىشقا قېشىمغا كىردى. | 17 |
«Սենեակս մտաւ քո բերած եբրայեցի ծառան, որպէսզի խայտառակի ինձ: Նա ասաց՝ «Պառկի՛ր ինձ հետ»:
لېكىن مەن قاتتىق ۋارقىراپ-جارقىردىم، ئۇ تونىنى قېشىمدا تاشلاپ، تاشقىرىغا قېچىپ كەتتى، ــ دېدى. | 18 |
Իսկ երբ լսեց, որ ձայնս բարձրացրի, շորերն ինձ մօտ թողած՝ փախաւ, գնաց դուրս»:
ئۇنىڭ خوجىسى ئايالىنىڭ: ــ سېنىڭ قۇلۇڭ مېنى ئۇنداق-مۇنداق قىلدى، دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ غەزىپى ئوتتەك تۇتاشتى. | 19 |
Երբ տէրը լսեց իր կնոջ պատմածը, թէ՝ «Այսպէս վարուեց ինձ հետ քո ծառան», խիստ բարկացաւ:
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ خوجىسى ئۇنى تۇتۇپ ئوردا مۇنارلىق زىندانغا قاماپ قويدى. شۇ يەرگە پەقەت پادىشاھنىڭ مەھبۇسلىرى سولىناتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە سولاقتا يېتىپ قالدى. | 20 |
Յովսէփի տէրը բռնեց ու բանտ նետեց նրան, այնտեղ, ուր արքունի կալանաւորներ էին բանտարկուած:
لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىندان بېگىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپتۇردى. | 21 |
Բայց Աստուած Յովսէփի հետ էր. նա ողորմութիւն պարգեւեց նրան, եւ այնպէս արեց, որ նա բանտապետի բարեհաճութեանն արժանանայ:
شۇنىڭ بىلەن زىندان بېگى گۇندىخانىدا ياتقان ھەممە مەھبۇسلارنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇردى. شۇ يەردە قىلىنىدىغان ھەرقانداق ئىش ئۇنىڭ قولى بىلەن بولاتتى. | 22 |
Բանտապետը բանտն ու բանտում եղած բոլոր կալանաւորներին վստահեց Յովսէփին: Եւ ինչ էլ որ լինում էր այնտեղ, նա էր անողը:
زىندان بېگى يۈسۈپنىڭ قولىدىكى ھېچقانداق ئىشتىن غەم قىلماتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇ ھەرنېمە قىلسا پەرۋەردىگار ئۇنى ئوڭۇشلۇق قىلاتتى. | 23 |
Բանտապետը նրա շնորհիւ բանտի գործերին չէր խառնւում, որովհետեւ ամէն ինչ յանձնուած էր Յովսէփի ձեռքը: Աստուած նրա հետ էր, եւ ինչ էլ որ ինքն անում էր, Տէրը յաջողութիւն էր տալիս նրան: