< يارىتىلىش 37 >
ياقۇپ بولسا ئاتىسى مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەردە، يەنى قانائان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى. | 1 |
Yaⱪup bolsa atisi musapir bolup turƣan yǝrdǝ, yǝni Ⱪanaan zeminida olturaⱪlaxti.
تۆۋەندىكىلەر ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر. يۈسۈپ يىگىت بولۇپ ئون يەتتە ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، ئاكىلىرى بىلەن بىللە قويلارنى باقاتتى؛ ئۇ ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنلىرى بىلھاھ ۋە زىلپاھنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىللە ئىشلەيتتى. يۈسۈپ ئاتىسىغا ئۇلارنىڭ ناچار قىلىقلىرىنى ئېيتىپ قوياتتى. | 2 |
Tɵwǝndikilǝr Yaⱪup ǝwladlirining ix-izliridur. Yüsüp yigit bolup on yǝttǝ yaxⱪa kirgǝn qaƣlirida, akiliri bilǝn billǝ ⱪoylarni baⱪatti; u atisining kiqik hotunliri Bilⱨaⱨ wǝ Zilpaⱨning oƣulliri bilǝn billǝ ixlǝytti. Yüsüp atisiƣa ularning naqar ⱪiliⱪlirini eytip ⱪoyatti.
يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا تاپقان بالىسى بولغاچقا، ئۇنى باشقا ئوغۇللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا ئۇ يۈسۈپكە ئۇزۇن يەڭلىك تون تىكتۈرۈپ بەردى. | 3 |
Yüsüp Israilning ⱪeriƣan waⱪtida tapⱪan balisi bolƣaqⱪa, uni baxⱪa oƣulliridin bǝkrǝk yahxi kɵrǝtti. Xunga u Yüsüpkǝ uzun yǝnglik ton tiktürüp bǝrdi.
ئەمما ئاكىلىرى ئاتىسىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ياخشى كۆرىدىغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالغانىدى ۋە ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ قىلماتتى. | 4 |
Əmma akiliri atisining uni ɵzliridin yahxi kɵridiƣinini kɵrüp, uningƣa ɵq bolup ⱪalƣanidi wǝ uningƣa qirayliⱪ gǝp ⱪilmatti.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈسۈپ بىر چۈش كۆرگەن بولۇپ، ئۇنى ئاكىلىرىغا دەپ بېرىۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى. | 5 |
Uning üstigǝ Yüsüp bir qüx kɵrgǝn bolup, uni akiliriƣa dǝp beriwidi, ular uningƣa tehimu ɵq bolup kǝtti.
يۈسۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ كۆرگەن شۇ چۈشۈمنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. | 6 |
Yüsüp ularƣa mundaⱪ dedi: — Mening kɵrgǝn xu qüxümni anglap beⱪinglar.
مانا، بىز ھەممىمىز ئېتىزلاردا ئاشلىقلارنى باغلاۋاتقۇدەكمىز. قارىسام مېنىڭ ئۆنچەم ئۆرە تۇرۇپتىدەك؛ سىلەرنىڭ ئۆنچەڭلار بولسا مېنىڭ ئۆنچەمنىڭ چۆرىسىگە ئولىشىپ تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى. | 7 |
Mana, biz ⱨǝmmimiz etizlarda axliⱪlarni baƣlawatⱪudǝkmiz. Ⱪarisam mening ɵnqǝm ɵrǝ turuptidǝk; silǝrning ɵnqǝnglar bolsa mening ɵnqǝmning qɵrisigǝ olixip tǝzim ⱪilip turƣudǝk! — dedi.
ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن: ــ ئەجەبا، سەن بىزگە پادىشاھ بولامسەن؟ ئۈستىمىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى ۋە گېپىدىن ئاكىلىرى ئۇنى تېخىمۇ يامان كۆردى. | 8 |
Akiliri uningdin: — Əjǝba, sǝn bizgǝ padixaⱨ bolamsǝn? Üstimizgǝ ⱨɵkümranliⱪ ⱪilamsǝn? — dǝp soridi. Uning kɵrgǝn qüxliri wǝ gepidin akiliri uni tehimu yaman kɵrdi.
كېيىن ئۇ يەنە بىر چۈش كۆردى ۋە چۈشىنى ئاكىلىرىغا دەپ: ــ مانا، مەن يەنە بىر چۈش كۆردۈم. قارىسام، قۇياش بىلەن ئاي ۋە ئون بىر يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى. | 9 |
Keyin u yǝnǝ bir qüx kɵrdi wǝ qüxini akiliriƣa dǝp: — Mana, mǝn yǝnǝ bir qüx kɵrdüm. Ⱪarisam, ⱪuyax bilǝn ay wǝ on bir yultuz manga tǝzim ⱪilip turƣudǝk! — dedi.
ئۇ بۇ چۈشنى ئاتىسى ۋە ئاكىلىرىغا دەپ بەردى. ئاتىسى ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرىپ: ــ بۇ كۆرگىنىڭ زادى قانداق چۈش؟ ئەجەبا، مەن، ئاناڭ ۋە ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ئالدىڭغا بېرىپ، ساڭا يەرگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلىمىزمۇ؟ ــ دېدى. | 10 |
U bu qüxni atisi wǝ akiliriƣa dǝp bǝrdi. Atisi uningƣa tǝnbiⱨ berip: — Bu kɵrgining zadi ⱪandaⱪ qüx? Əjǝba, mǝn, anang wǝ aka-ukiliring aldingƣa berip, sanga yǝrgǝ bax urup tǝzim ⱪilimizmu? — dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغىلى تۇردى. ئەمما ئاتىسى شۇ گەپنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. | 11 |
Xuning bilǝn akiliri uningƣa ⱨǝsǝt ⱪilƣili turdi. Əmma atisi xu gǝpni kɵngligǝ püküp ⱪoydi.
ئەمدى يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى شەكەمگە كەتكەنىدى. | 12 |
Əmdi Yüsüpning ⱪerindaxliri atisining ⱪoylirini baⱪⱪili Xǝkǝmgǝ kǝtkǝnidi.
ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە پادا بېقىۋاتىدىغۇ؟ كەل، مەن سېنى ئۇلارنىڭ قېشىغا ئەۋەتەي، دېۋىدى، يۈسۈپ: ــ مانا مەن، دېدى. | 13 |
Israil Yüsüpkǝ: — Akiliring Xǝkǝmdǝ pada beⱪiwatidiƣu? Kǝl, mǝn seni ularning ⱪexiƣa ǝwǝtǝy, dewidi, Yüsüp: — Mana mǝn, dedi.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئەمدى بېرىپ ئاكىلىرىڭ ئامان-ئېسەنمۇ-ئەمەسمۇ، قويلار ئامان-ئېسەنمۇ-ئەمەسمۇ، ماڭا خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگىن، دەپ ئۇنى ھېبرون جىلغىسىدىن يولغا سالدى؛ ئۇ شەكەمگە باردى. | 14 |
U uningƣa: — Əmdi berip akiliring aman-esǝnmu-ǝmǝsmu, ⱪoylar aman-esǝnmu-ǝmǝsmu, manga hǝwirini elip kǝlgin, dǝp uni Ⱨebron jilƣisidin yolƣa saldi; u Xǝkǝmgǝ bardi.
شۇ يەردە بىرسى ئۇنىڭ دالادا تېنەپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ نېمە ئىزدەۋاتىسەن، دەپ سورىدى. | 15 |
Xu yǝrdǝ birsi uning dalada tenǝp yürginini kɵrüp uningdin: — Nemǝ izdǝwatisǝn, dǝp soridi.
ئۇ: ــ مەن ئاكىلىرىمنى ئىزدەۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ پادىلىرىنى قەيەردە بېقىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، دېدى. | 16 |
U: — Mǝn akilirimni izdǝwatimǝn. Ularning padilirini ⱪǝyǝrdǝ beⱪiwatⱪanliⱪini eytip bǝrsingiz, dedi.
ئۇ ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار بۇ يەردىن كېتىپ قالدى، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ: «يۈرۈڭلار، دوتانغا بارايلى» دېگىنىنى ئاڭلىدىم، دېدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇلارنى دوتاندىن تاپتى. | 17 |
U adǝm jawab berip: — Ular bu yǝrdin ketip ⱪaldi, qünki mǝn ularning: «Yürünglar, Dotanƣa barayli» deginini anglidim, dedi. Xuning bilǝn Yüsüp akilirining arⱪisidin berip, ularni Dotandin tapti.
ئۇلار ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇ تېخى ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلمەيلا، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى مەسلىھەتلەشتى. | 18 |
Ular uni yiraⱪtin kɵrüp, u tehi ularning ⱪexiƣa kǝlmǝyla, uni ɵltürüwetixni mǝsliⱨǝtlǝxti.
ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ مانا ھېلىقى چۈش كۆرگۈچى كېلىۋاتىدۇ. | 19 |
Ular bir-birigǝ: — Mana ⱨeliⱪi qüx kɵrgüqi keliwatidu.
كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ مۇشۇ يەردىكى ئورەكلەردىن بىرىگە تاشلىۋېتەيلى، ئاندىن: ــ ۋەھشىي بىر ھايۋان ئۇنى يەپ كېتىپتۇ، دەيلى. شۇندا، بىز ئۇنىڭ چۈشلىرىنىڭ نېمە بولىدىغىنىنى كۆرىمىز! ــ دېدى. | 20 |
Kelinglar, uni ɵltürüp muxu yǝrdiki orǝklǝrdin birigǝ taxliwetǝyli, andin: — Wǝⱨxiy bir ⱨaywan uni yǝp ketiptu, dǝyli. Xunda, biz uning qüxlirining nemǝ bolidiƣinini kɵrimiz! — dedi.
ئەمما رۇبەن بۇنى ئاڭلاپ ئۇنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزماقچى بولۇپ: ــ ئۇنى ئۆلتۈرمەيلى، دېدى. | 21 |
Əmma Rubǝn buni anglap uni ularning ⱪolliridin ⱪutⱪuzmaⱪqi bolup: — Uni ɵltürmǝyli, dedi.
رۇبەن ئۇلارغا يەنە: ــ قان تۆكمەڭلار! بەلكى ئۇنى چۆلدىكى مۇشۇ ئورەككە تاشلىۋېتىڭلار؛ لېكىن ئۇنىڭغا قول تەگكۈزمەڭلەر، دېدى (ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا قايتۇرۇۋەتمەكچى ئىدى). | 22 |
Rubǝn ularƣa yǝnǝ: — Ⱪan tɵkmǝnglar! Bǝlki uni qɵldiki muxu orǝkkǝ taxliwetinglar; lekin uningƣa ⱪol tǝgküzmǝnglǝr, dedi (ǝmǝliyǝttǝ, u uni ularning ⱪolidin ⱪutⱪuzup, atisining ⱪexiƣa ⱪayturuwǝtmǝkqi idi).
يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە تونىنى، يەنى كىيىكلىك ئۇزۇن يەڭلىك تونىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئورەككە تاشلىۋەتتى. لېكىن ئورەك قۇرۇق بولۇپ، ئىچىدە سۇ يوق ئىدى. | 23 |
Yüsüp akilirining ⱪexiƣa yetip kǝlgǝndǝ ular uni tutup, uning alaⱨidǝ tonini, yǝni kiyiklik uzun yǝnglik tonini salduruwelip, orǝkkǝ taxliwǝtti. Lekin orǝk ⱪuruⱪ bolup, iqidǝ su yoⱪ idi.
ئاندىن ئۇلار تاماق يېگىلى ئولتۇردى. ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئىسمائىللارنىڭ بىر كارۋىنى گىلېئاد تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. تۆگىلىرىگە دورا-دەرمەك، تۇتىيا ۋە مۇرمەككىلەر ئارتىلغان بولۇپ، مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتاتتى. | 25 |
Andin ular tamaⱪ yegili olturdi. Ular bexini kɵtürüp ⱪariwidi, mana Ismaillarning bir karwini Gilead tǝrǝptin keliwatatti. Tɵgilirigǝ dora-dǝrmǝk, tutiya wǝ murmǝkkilǝr artilƣan bolup, Misir tǝrǝpkǝ ketiwatatti.
يەھۇدا قېرىنداشلىرىغا: ــ بىزنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، قېنىنى يوشۇرغىنىمىزنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ | 26 |
Yǝⱨuda ⱪerindaxliriƣa: — Bizning bir tuƣⱪan ⱪerindiximizni ɵltürüp, ⱪenini yoxurƣinimizning nemǝ paydisi bar?
كېلىڭلار، ئۇنى ئىسمائىللارغا سېتىۋېتەيلى؛ قانداقلا بولمىسۇن ئۇ بىزنىڭ ئىنىمىز، بىر تۇغقان قېرىندىشىمىز؛ شۇڭا ئۇنىڭغا قول سالمايلى، دېۋىدى، قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا قۇلاق سالدى. | 27 |
Kelinglar, uni Ismaillarƣa setiwetǝyli; ⱪandaⱪla bolmisun u bizning inimiz, bir tuƣⱪan ⱪerindiximiz; xunga uningƣa ⱪol salmayli, dewidi, ⱪerindaxliri buningƣa ⱪulaⱪ saldi.
مىدىيانلىق سودىگەرلەر شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلار يۈسۈپنى ئورەكتىن تارتىپ چىقىرىپ، ئۇلارغا يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتتى. بۇلار بولسا يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى. | 28 |
Midiyanliⱪ Sodigǝrlǝr xu yǝrdin ɵtüp ketiwatⱪanda, ular Yüsüpni orǝktin tartip qiⱪirip, ularƣa yigirmǝ kümüx tǝnggigǝ setiwǝtti. Bular bolsa Yüsüpni Misirƣa elip kǝtti.
رۇبەن ئورەكنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، يۈسۈپنىڭ ئورەكتە يوقلۇقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، | 29 |
Rubǝn orǝkning yeniƣa ⱪaytip kelip, Yüsüpning orǝktǝ yoⱪluⱪini kɵrüp, kiyimlirini yirtip,
ئىنىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ بالا يوق تۇرىدۇ! ئەمدى مەن نەگە باراي؟! ــ دېدى. | 30 |
inilirining ⱪexiƣa berip: — Bala yoⱪ turidu! Əmdi mǝn nǝgǝ baray?! — dedi.
ئەمما ئۇلار يۈسۈپنىڭ تونىنى ئېلىپ، بىر تېكىنى بوغۇزلاپ توننى ئۇنىڭ قېنىغا مىلەپ، | 31 |
Əmma ular Yüsüpning tonini elip, bir tekini boƣuzlap tonni uning ⱪeniƣa milǝp,
ئاندىن ئۇزۇن يەڭلىك توننى ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: ــ بۇنى بىز تېپىۋالدۇق؛ بۇ ئوغلۇڭنىڭ تونىمۇ-ئەمەسمۇ، ئۆزۈڭ كۆرۈپ باققىن، دېدى. | 32 |
Andin uzun yǝnglik tonni atisining ⱪexiƣa ǝwǝtip, uningƣa: — Buni biz tepiwalduⱪ; bu oƣlungning tonimu-ǝmǝsmu, ɵzüng kɵrüp baⱪⱪin, dedi.
ئۇ ئۇنى تونۇپ: ــ بۇ دەرۋەقە مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ تونى ئىكەن؛ بىر ۋەھشىي ھايۋان ئۇنى يەپ كەتكەن ئوخشايدۇ؛ شۈبھىسىزكى، يۈسۈپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىلىپتۇ! ــ دېدى. | 33 |
U uni tonup: — Bu dǝrwǝⱪǝ mening oƣlumning toni ikǝn; bir wǝⱨxiy ⱨaywan uni yǝp kǝtkǝn ohxaydu; xübⱨisizki, Yüsüp titma-titma ⱪiliwetiliptu! — dedi.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېلىگە بۆز باغلاپ، نۇرغۇن كۈنلەرگىچە ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى. | 34 |
Xuning bilǝn Yaⱪup kiyimlirini yirtip, beligǝ bɵz baƣlap, nurƣun künlǝrgiqǝ oƣli üqün matǝm tutti.
ئۇنىڭ ھەممە ئوغۇل-قىزلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، ئۇ تەسەللىنى قوبۇل قىلماي: «مەن تەھتىساراغا چۈشۈپ ئوغلۇمنىڭ قېشىغا بارغۇچە شۇنداق ماتەم تۇتىمەن!» دېدى. يۈسۈپنىڭ ئاتىسى شۇ پېتى ئۇنىڭغا ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتى. (Sheol ) | 35 |
Uning ⱨǝmmǝ oƣul-ⱪizliri yeniƣa kelip uningƣa tǝsǝlli bǝrsimu, u tǝsǝllini ⱪobul ⱪilmay: «Mǝn tǝⱨtisaraƣa qüxüp oƣlumning ⱪexiƣa barƣuqǝ xundaⱪ matǝm tutimǝn!» dedi. Yüsüpning atisi xu peti uningƣa aⱨ-zar kɵtürüp matǝm tutti. (Sheol )
ئەمدى مىدىيانىيلار [يۈسۈپنى] مىسىرغا ئېلىپ بېرىپ، پىرەۋننىڭ بىر غوجىدارى، پاسىبان بېشى پوتىفارغا ساتتى. | 36 |
Əmdi midiyaniylar [Yüsüpni] Misirƣa elip berip, Pirǝwnning bir ƣojidari, pasiban bexi Potifarƣa satti.