< يارىتىلىش 36 >
تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر (ئەساۋ يەنە ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ): ــ | 1 |
Und dies sind die Geburten Esaus, das ist Edom.
ئەساۋ ئاياللىرىنى قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن ئالدى، يەنى ھىتتىيلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى ئاداھ بىلەن ھىۋىيلاردىن بولغان زىبېئوننىڭ نەۋرىسى، ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھنى ئالدى؛ | 2 |
Esau nahm seine Weiber von den Töchtern Kanaans: Adah, die Tochter Elons, des Chethiters und Oholibamah, Tochter Anahs, Tochter des Zibeon, des Chiviters.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى باسىماتنىمۇ ئالغانىدى. | 3 |
Und Basemath eine Tochter Ismaels, Schwester des Nabajoth.
ئاداھ ئەساۋغا ئېلىفازنى تۇغۇپ بەردى؛ باسىمات بولسا رېئۇئەلنى تۇغدى. | 4 |
Und Adah gebar dem Esau Eliphas und Basemath gebar Reguel.
ئوھولىباماھ يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغدى؛ بۇلار قانائان زېمىنىدا ئەساۋغا تۇغۇلغان ئوغۇللار ئىدى. | 5 |
Und Oholibamah gebar Jeusch und Jaelam und Korach. Dies sind die Söhne Esaus, die ihm im Lande Kanaan geboren wurden.
ئەساۋ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئۆيىدىكى ھەممە كىشىلىرىنى ۋە چارپايلىرىنى، بارلىق ئۇلاغلىرىنى، شۇنداقلا قانائان زېمىنىدا تاپقان بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، ئىنىسى ياقۇپتىن ئايرىلىپ، باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈپ كەتتى. | 6 |
Und Esau nahm seine Weiber und seine Söhne und sein Töchter und alle Seelen seines Hauses, und sein Besitztum und all sein Vieh, und all sein Erkauftes, das er im Lande Kanaan gewonnen, und ging in ein Land, hinweg von Jakob, seinem Bruder.
چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ تەئەللۇقاتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، بىر يەردە بىللە تۇرالمايتتى؛ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان زېمىن ئۇلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنى باقالمايتتى. | 7 |
Denn ihrer Habe war zu viel, als daß sie beisammen hätten wohnen können; und das Land ihrer Wanderungen vermochte nicht, wegen ihrer Viehherden sie zu tragen.
بۇنىڭ بىلەن ئەساۋ (ئەساۋ ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سېئىر تېغىغا بېرىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالدى. | 8 |
Und Esau wohnte auf dem Berge Seir; Esau, das ist Edom.
تۆۋەندىكىلەر تاغلىق رايون سېئىردىكى ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ | 9 |
Und dies sind die Geburten Esaus, des Vaters von Edom auf dem Berge Seir.
ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئوغلى ئېلىفاز؛ ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئوغلى رېئۇئەل. ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تېمان، ئومار، زەفو، گاتام ۋە كەناز ئىدى. ئەساۋنىڭ ئوغلى ئېلىفازنىڭ كىچىك خوتۇنى تىمنا ئىدى؛ ئۇ ئېلىفازغا ئامالەكنى تۇغۇپ بەردى. يۇقىرىلار بولسا ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ناھات، زەراھ، شامماھ ۋە مىززاھ ئىدى؛ بۇلار ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. | 10 |
Dies sind die Namen der Söhne Esaus: Eliphas, Sohn von Adah, Esaus Weib; Reguel, Sohn von Basemath, Esaus Weib.
Und die Söhne des Eliphas waren Theman, Omar, Zepho und Gaetham und Kenas.
Und Thimna war Kebsweib des Eliphas, des Sohnes Esaus, und gebar dem Eliphas Amalek. Dies sind die Söhne von Adah, Esaus Weib.
Und das sind die Söhne Reguels: Nachath und Serach, Schammah und Missah. Dies waren die Söhne Basemaths, Esaus Weib.
ئەساۋنىڭ ئايالى، يەنى زىبېئوننىڭ چوڭ قىزى، ئاناھنىڭ قىزى بولغان ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرى: ئۇ ئەساۋغا يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغۇپ بەردى. | 14 |
Und dies waren die Söhne Oholibamahs, der Tochter Anahs, der Tochter Zibeons, Esaus Weib. Und sie gebar dem Esau Jeusch und Jaelam und Korach.
ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدىن تۆۋەندىكى ئەمىرلەر چىققان: ــ ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرىدىن: ــ ئەمىر تېمان، ئەمىر ئومار، ئەمىر زەفو، ئەمىر كېناز، | 15 |
Dies waren die Stammhäupter der Söhne Esaus: Die Söhne von Eliphas, dem Erstgeborenen Esaus: das Stammhaupt Theman, das Stammhaupt Omar, das Stammhaupt Zepho, das Stammhaupt Kenas.
ئەمىر كوراھ، ئەمىر گاتام ۋە ئەمىر ئامالەك چىققان. بۇلار ئېدوم زېمىنىدا ئېلىفازنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر بولۇپ، ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. | 16 |
Das Stammhaupt Korach, das Stammhaupt Gaetham, das Stammhaupt Amalek. Dies die Stammhäupter des Eliphas im Lande Edom. Dies sind die Söhne Adahs.
ئەساۋنىڭ ئوغلى رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر ناھات، ئەمىر زەراھ، ئەمىر شامماھ ۋە ئەمىر مىززاھلار چىققان؛ بۇلار ئېدوم زېمىنىدا رېئۇئەلنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەردۇر؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. | 17 |
Und das sind die Söhne Reguels, des Sohnes Esaus: Das Stammhaupt Nachath, das Stammhaupt Serach, das Stammhaupt Schammah, das Stammhaupt Missah. Dies sind die Stammhäupter Reguels im Lande Edom. Dies die Söhne von Basemath, Esaus Weib.
ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر يەئۇش، ئەمىر يائالام ۋە ئەمىر كوراھلار چىققان. بۇلار ئاناھنىڭ قىزى، ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر ئىدى. | 18 |
Und das sind die Söhne Oholibamahs, Esaus Weib: Das Stammhaupt Jeusch, das Stammhaupt Jaelam, das Stammhaupt Korach. Dies die Stammhäupter Oholibamahs, der Tochter Anahs, Esaus Weib.
بۇلار ئەساۋنىڭ، يەنى ئېدومنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، [ئېدومىيلارنىڭ] ئەمىرلىرى ئىدى. | 19 |
Das sind die Söhne Esaus, und das ihre Stammhäupter, er ist Edom.
ھورىيلاردىن بولغان سېئىرنىڭ [ئېدوم] زېمىنىدا ئولتۇرغان ئەۋلادلىرى: ــ لوتان، شوبال، زىبېئون، ئاناھ، دىشون، ئېزەر ۋە دىشان ئىدى. بۇلار سېئىرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئېدوم زېمىنىدا ھورىيلارنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى. | 20 |
Das sind die Söhne Seirs, des Horiten, die das Land bewohnen: Lotan und Schobal und Zibeon und Anah.
Und Dischon und Ezer und Dischan. Dies die Stammhäupter des Horiten, die Söhne Seirs im Lande Edom.
لوتاننىڭ ئوغۇللىرى ھورى بىلەن ھېمام ئىدى؛ لوتاننىڭ سىڭلىسى تىمنا ئىدى. | 22 |
Und Lotans Söhne waren Hori und Hemam und die Schwester Lotans war Thimna.
شوبالنىڭ ئوغۇللىرى: ئالۋان، ماناھات، ئېبال، شېفو ۋە ئونام ئىدى. | 23 |
Und das sind die Söhne Schobals: Alwan, und Manachath, und Ebal, Schepho und Onam.
زىبېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئاياھ ۋە ئاناھ ئىدى. بۇ ئاناھ چۆلدە ئاتىسى زىبېئوننىڭ ئېشەكلىرىنى بېقىۋېتىپ، ئارشاڭلارنى تېپىۋالغان ئاناھنىڭ دەل ئۆزى شۇ ئىدى. | 24 |
Und das sind die Söhne Zibeons: Ajah, und Anah. Dies ist der Anah, der in der Wüste die Maulesel fand, als er die Esel seines Vaters Zibeon weidete.
ئاناھنىڭ پەرزەنتلىرى: ئوغلى دىشون؛ ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھ ئىدى. | 25 |
Und das sind die Söhne Anahs: Dischon und Oholibamah war Anahs Tochter.
دىشوننىڭ ئوغۇللىرى: ھەمدان، ئەشبان، ئىتران ۋە كېران ئىدى. | 26 |
Und das sind die Söhne Dischons: Chemdan und Eschban, und Jithran und Cheran.
ئېزەرنىڭ ئوغۇللىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە ئاكان ئىدى. | 27 |
Das sind die Söhne Ezers: Bilhan und Saawan und Akan.
دىشاننىڭ ئوغۇللىرى: ئۇز ۋە ئاران ئىدى. | 28 |
Das sind die Söhne Dischans: Uz und Aran.
ھورىيلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەمىرلىرى: ئەمىر لوتان، ئەمىر شوبال، ئەمىر زىبېئون، ئەمىر ئاناھ، ئەمىر دىشون، ئەمىر ئېزەر ۋە ئەمىر دىشان ئىدى. بۇلار بولسا ھورىيلارنىڭ سېئىر زېمىنىدا ئۆز ناملىرى بويىچە ئاتالغان قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى. | 29 |
Das sind die Stammhäupter des Horiten: Das Stammhaupt Lotan, das Stammhaupt Schobal das Stammhaupt Zibeon, das Stammhaupt Anah.
Das Stammhaupt Dischon, das Stammhaupt Ezer, das Stammhaupt Dischan: Dies die Stammhäupter des Horiten nach ihren Stammhäuptern im Lande Seir.
ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە ھېچ پادىشاھ تېخى سەلتەنەت قىلماستا ئېدوم زېمىنىدا سەلتەنەت قىلغان پادىشاھلار تۆۋەندىكىدەك: ــ | 31 |
Und das sind die Könige, die im Lande Edom regierten, ehe ein König über die Söhne Israel regierte.
بېئورنىڭ ئوغلى بېلا ئېدومدا سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى دىنھاباھ ئىدى. | 32 |
Und in Edom regierte Bela, der Sohn Beors, und der Name seiner Stadt war Dinhabah.
بېلا ئۆلگەندىن كېيىن، بوزراھلىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. | 33 |
Und Bela starb, und an seiner Statt regierte Jobab, der Sohn Serachs aus Bozrah.
يوباب ئۆلگەندىن كېيىن، تېمانىيلارنىڭ زېمىنىدىن كەلگەن ھۇشام ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. | 34 |
Und Jobab starb, und statt seiner regierte Chuscham aus dem Lande der Themaniter.
ھۇشام ئۆلگەندىن كېيىن، بېدادنىڭ ئوغلى ھاداد ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇ موئابنىڭ يايلاقلىرىدا مىدىيانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ يەڭگەنىدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى. | 35 |
Und Chuscham starb, und an seiner Statt regierte Hadad, der Sohn Bedads, der Midjan schlug in dem Gefilde Moabs, und der Name seiner Stadt war Awith.
ھاداد ئۆلگەندىن كېيىن، ماسرەكاھلىق ساملاھ ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. | 36 |
Und Hadad starb, und es regierte an seiner Statt Samlah aus Masrekah.
ساملاھ ئۆلگەندىن كېيىن، «دەريانىڭ بويىدىكى رەھوبوت»تىن كەلگەن سائۇل ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. | 37 |
Und Samlah starb, und an seiner Statt regierte Schaul aus Rechoboth am Flusse.
سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. | 38 |
Und Schaul starb, und es regierte statt seiner Baal Chanan, der Sohn Achbors.
ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۆلگەندىن كېيىن، ھادار ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مەھېتابەل بولۇپ، ئۇ مەي-زاھابنىڭ قىزى بولغان ماترەدنىڭ قىزى ئىدى. | 39 |
Und Baal Chanan, der Sohn Achbors, starb, und es regierte statt seiner Hadar, und der Name seiner Stadt war Pau, und der Name seines Weibes war Mehetabeel, Tochter der Matred, die eine Tochter Mesahabs war.
ئەساۋنىڭ نەسلىدىن بولغان ئەمىرلەر ئۇلارنىڭ ئات-ئىسىملىرى، جەمەتلىرى، نەسەبنامىلىرى ۋە تۇرغان جايلىرى بويىچە: ئەمىر تىمنا، ئەمىر ئالۋاھ، ئەمىر يەھەت، ئەمىر ئوھولىباماھ، ئەمىر ئېلاھ، ئەمىر پىنون، ئەمىر كېناز، ئەمىر تېمان ۋە ئەمىر مىبزار، ئەمىر ماگدىيەل ۋە ئەمىر ئىراملار ئىدى. بۇلار ئېدومىيلارنىڭ ئەمىرلىرى بولۇپ، ئۆزلىرى ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقان جايلار ئۆز ناملىرى بىلەن ئاتالغانىدى. مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى. | 40 |
Und das sind die Namen der Stammhäupter Esaus nach ihren Familien, nach ihren Orten, bei ihren Namen: Stammhaupt Thimna, Stammhaupt Alwah, Stammhaupt Jetheth.
Stammhaupt Oholibamah, Stammhaupt Elah, Stammhaupt Pinon.
Stammhaupt Kenas, Stammhaupt Theman, Stammhaupt Mibzar.
Stammhaupt Magdiel, Stammhaupt Iram. Dies sind die Stammhäupter Edoms nach ihren Wohnsitzen in dem Lande ihres Eigentums. Das ist Esau, der Vater Edoms.