< يارىتىلىش 35 >
ئاندىن خۇدا ياقۇپقا: ــ سەن ھازىر بەيت-ئەلگە چىقىپ، شۇ يەرنى ماكان قىل، ئۆزۈڭ ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ ماڭغىنىڭدا ساڭا كۆرۈنگەن [مەن] تەڭرىگە بىر قۇربانگاھ ياسىغىن، ــ دېدى. | 1 |
Andin Huda Yaⱪupⱪa: — Sǝn ⱨazir Bǝyt-Əlgǝ qiⱪip, xu yǝrni makan ⱪil, ɵzüng akang Əsawdin ⱪeqip mangƣiningda sanga kɵrüngǝn [Mǝn] Tǝngrigǝ bir ⱪurbangaⱨ yasiƣin, — dedi.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئۆيىدىكىلەر ۋە ئۆزى بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ــ ئاراڭلاردىكى يات ئىلاھ بۇتلىرىنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ ئېگىنلىرىڭلارنى يەڭگۈشلەڭلار. | 2 |
Xuning bilǝn Yaⱪup ɵyidikilǝr wǝ ɵzi bilǝn billǝ bolƣanlarning ⱨǝmmisigǝ mundaⱪ dedi: — Aranglardiki yat ilaⱨ butlirini taxliwetip, ɵzünglarni paklap eginliringlarni yǝnggüxlǝnglar.
ئاندىن قوپۇپ بەيت-ئەلگە چىقىمىز. مەن شۇ يەردە قىيىنچىلىقتا قالغاندا دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ، يۈرگەن يولۇمدا مېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كەلگەن تەڭرىگە قۇربانگاھ سالاي، ــ دېدى. | 3 |
Andin ⱪopup Bǝyt-Əlgǝ qiⱪimiz. Mǝn xu yǝrdǝ ⱪiyinqiliⱪta ⱪalƣanda duayimni ijabǝt ⱪilip, yürgǝn yolumda mening bilǝn billǝ bolup kǝlgǝn Tǝngrigǝ ⱪurbangaⱨ salay, — dedi.
شۇنىڭ بىلەن ئۆز قوللىرىدىكى ھەممە يات ئىلاھ بۇتلىرىنى، شۇنداقلا قۇلاقلىرىدىكى زىرىلەرنى چىقىرىپ ياقۇپقا بەردى. ياقۇپ بۇلارنى شەكەمدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى. | 4 |
Xuning bilǝn ɵz ⱪolliridiki ⱨǝmmǝ yat ilaⱨ butlirini, xundaⱪla ⱪulaⱪliridiki zirilǝrni qiⱪirip Yaⱪupⱪa bǝrdi. Yaⱪup bularni Xǝkǝmdiki dub dǝrihining tüwigǝ kɵmüp ⱪoydi.
ئاندىن ئۇلار سەپەرگە ئاتلاندى؛ ئەمما ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى خۇدادىن بولغان بىر ۋەھىمە باسقاچقا، ئۇلار ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىنى قوغلىمىدى. | 5 |
Andin ular sǝpǝrgǝ atlandi; ǝmma ǝtrapidiki xǝⱨǝrlǝrni Hudadin bolƣan bir wǝⱨimǝ basⱪaqⱪa, ular Yaⱪupning oƣullirini ⱪoƣlimidi.
بۇ تەرىقىدە ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ھەممىسى قانائان زېمىنىدىكى لۇز، يەنى بەيت-ئەلگە يېتىپ كەلدى. | 6 |
Bu tǝriⱪidǝ Yaⱪup wǝ uning bilǝn billǝ bolƣanlarning ⱨǝmmisi Ⱪanaan zeminidiki Luz, yǝni Bǝyt-Əlgǝ yetip kǝldi.
ئۇ شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياسىدى؛ ئاكىسىدىن قېچىپ ماڭغىنىدا شۇ يەردە خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنگىنى ئۈچۈن بۇ جاينىڭ ئىسمىنى «ئەل-بەيت-ئەل» دەپ ئاتىدى. | 7 |
U xu yǝrdǝ bir ⱪurbangaⱨ yasidi; akisidin ⱪeqip mangƣinida xu yǝrdǝ Huda uningƣa kɵrüngini üqün bu jayning ismini «Əl-Bǝyt-Əl» dǝp atidi.
رىۋكاھنىڭ ئىنىكئانىسى دەبوراھ بولسا شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ بەيت-ئەلنىڭ ئايىغىدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە دەپنە قىلىندى. بۇ سەۋەبتىن شۇ دەرەخ «يىغا-زارنىڭ دۇب دەرىخى» دەپ ئاتالدى. | 8 |
Riwkaⱨning inik’anisi Dǝboraⱨ bolsa xu yǝrdǝ alǝmdin ɵtti. U Bǝyt-Əlning ayiƣidiki dub dǝrihining tüwidǝ dǝpnǝ ⱪilindi. Bu sǝwǝbtin xu dǝrǝh «Yiƣa-Zarning dub dǝrihi» dǝp ataldi.
ياقۇپ [شۇ يول بىلەن] پادان-ئارامدىن يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى. | 9 |
Yaⱪup [xu yol bilǝn] Padan-Aramdin yenip kǝlgǝndin keyin, Huda uningƣa yǝnǝ bir ⱪetim kɵrünüp, uningƣa bǝht-bǝrikǝt ata ⱪildi.
ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئىسمىڭ ياقۇپتۇر؛ ئەمما مۇندىن كېيىن سەن ياقۇپ ئاتالماي، بەلكى نامىڭ ئىسرائىل بولىدۇ، دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىل قويۇپ قويدى. | 10 |
Andin Huda uningƣa: — Sening isming Yaⱪuptur; ǝmma mundin keyin sǝn Yaⱪup atalmay, bǝlki naming Israil bolidu, dǝp uning ismini Israil ⱪoyup ⱪoydi.
ئاندىن خۇدا يەنە ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۆزۈم ھەممىگە قادىر تەڭرىدۇرمەن؛ سەن نەسىللىنىپ، كۆپەيگىن؛ بىر ئەل، شۇنداقلا بىر تۈركۈم ئەللەر سەندىن پەيدا بولىدۇ؛ پادىشاھلارمۇ سېنىڭ پۇشتۇڭدىن چىقىدۇ. | 11 |
Andin Huda yǝnǝ uningƣa: — Mǝn Ɵzüm Ⱨǝmmigǝ Ⱪadir Tǝngridurmǝn; sǝn nǝsillinip, kɵpǝygin; bir ǝl, xundaⱪla bir türküm ǝllǝr sǝndin pǝyda bolidu; padixaⱨlarmu sening puxtungdin qiⱪidu.
مەن ئىبراھىم ۋە ئىسھاققا بەرگەن زېمىننى ساڭا بېرىمەن، شۇنداقلا سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگىمۇ شۇ زېمىننى بېرىمەن، ــ دېدى. | 12 |
Mǝn Ibraⱨim wǝ Isⱨaⱪⱪa bǝrgǝn zeminni sanga berimǝn, xundaⱪla sǝndin keyinki nǝslinggimu xu zeminni berimǝn, — dedi.
ئاندىن خۇدا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن جايدىن، ئۇنىڭ يېنىدىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى. | 13 |
Andin Huda uning bilǝn sɵzlǝxkǝn jaydin, uning yenidin yuⱪiriƣa kɵtürüldi.
ياقۇپ خۇدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن جايدا بىر تاش تۈۋرۈكنى تىكلەپ، ئۈستىگە بىر شاراب ھەدىيەسىنى تۆكتى ۋە زەيتۇن مېيى قۇيۇپ قويدى. | 14 |
Yaⱪup Huda ɵzi bilǝn sɵzlǝxkǝn jayda bir tax tüwrükni tiklǝp, üstigǝ bir xarab ⱨǝdiyǝsini tɵkti wǝ zǝytun meyi ⱪuyup ⱪoydi.
ياقۇپ خۇدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن شۇ جاينىڭ نامىنى «بەيت-ئەل» دەپ ئاتىدى. | 15 |
Yaⱪup Huda ɵzi bilǝn sɵzlǝxkǝn xu jayning namini «Bǝyt-Əl» dǝp atidi.
ئاندىن ئۇلار بەيت-ئەلدىن مېڭىپ، ئەفراتقا ئازغىنا يول قالغاندا، راھىلەنى تولغاق تۇتۇپ كېتىپ، قاتتىق تۇغۇت ئازابىدا قالدى. | 16 |
Andin ular Bǝyt-Əldin mengip, Əfratⱪa azƣina yol ⱪalƣanda, Raⱨilǝni tolƣaⱪ tutup ketip, ⱪattiⱪ tuƣut azabida ⱪaldi.
ئەمما تولغىقى قاتتىق ئېغىرلاشقاندا، تۇغۇت ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن، بۇ قېتىم يەنە بىر ئوغلۇڭ بولىدىغان بولدى ــ دېدى. | 17 |
Əmma tolƣiⱪi ⱪattiⱪ eƣirlaxⱪanda, tuƣut anisi uningƣa: — Ⱪorⱪmiƣin, bu ⱪetim yǝnǝ bir oƣlung bolidiƣan boldi — dedi.
شۇنداق بولدىكى، راھىلە جېنى چىقىش ئالدىدا، ئاخىرقى نەپىسى بىلەن ئوغلىغا «بەن-ئونى» دەپ ئىسىم قويدى؛ ئەمما ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى «بەن-يامىن» دەپ ئاتىدى. | 18 |
Xundaⱪ boldiki, Raⱨilǝ jeni qiⱪix aldida, ahirⱪi nǝpisi bilǝn oƣliƣa «Bǝn-Oni» dǝp isim ⱪoydi; ǝmma uning atisi uni «Bǝn-Yamin» dǝp atidi.
راھىلە ۋاپات بولدى ۋە بەيت-لەھەم دەپ ئاتىلىدىغان ئەفراتنىڭ يولىنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى. | 19 |
Raⱨilǝ wapat boldi wǝ Bǝyt-Lǝⱨǝm dǝp atilidiƣan Əfratning yolining boyiƣa dǝpnǝ ⱪilindi.
ياقۇپ ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە بىر خاتىرە تېشى تىكلەپ قويدى. بۈگۈنگە قەدەر «راھىلەنىڭ قەبرە تېشى» شۇ يەردە تۇرماقتا. | 20 |
Yaⱪup uning ⱪǝbrisining üstigǝ bir hatirǝ texi tiklǝp ⱪoydi. Bügüngǝ ⱪǝdǝr «Raⱨilǝning Ⱪǝbrǝ Texi» xu yǝrdǝ turmaⱪta.
ئاندىن ئىسرائىل سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ مىگدال-ئېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئۆز چېدىرىنى تىكتى. | 21 |
Andin Israil sǝpǝrni dawamlaxturup Migdal-Edirning u tǝripidǝ ɵz qedirini tikti.
ئىسرائىل ئۇ زېمىندا تۇرغان ۋاقتىدا، رۇبەن بېرىپ ئۆز ئاتىسىنىڭ كېنىزىكى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى؛ ئىسرائىل بۇنى ئاڭلاپ قالدى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى: ــ | 22 |
Israil u zeminda turƣan waⱪtida, Rubǝn berip ɵz atisining keniziki Bilⱨaⱨ bilǝn bir orunda yatti; Israil buni anglap ⱪaldi. Yaⱪupning on ikki oƣli bar idi: —
لېياھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن ۋە شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ھەم زەبۇلۇن ئىدى. | 23 |
Leyaⱨdin tuƣulƣan oƣulliri: — Yaⱪupning tunji oƣli Rubǝn wǝ Ximeon, Lawiy, Yǝⱨuda, Issakar ⱨǝm Zǝbulun idi.
راھىلەدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ يۈسۈپ ۋە بىنيامىن ئىدى. | 24 |
Raⱨilǝdin tuƣulƣan oƣulliri: — Yüsüp wǝ Binyamin idi.
راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ دان ۋە نافتالى ئىدى. | 25 |
Raⱨilǝning dediki Bilⱨaⱨdin tuƣulƣan oƣulliri: — Dan wǝ Naftali idi.
لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ گاد بىلەن ئاشىر ئىدى. بۇلار بولسا ياقۇپقا پادان-ئارامدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىدى. | 26 |
Leyaⱨning dediki Zilpaⱨdin tuƣulƣan oƣulliri: — Gad bilǝn Axir idi. Bular bolsa Yaⱪupⱪa Padan-Aramda tuƣulƣan oƣulliri idi.
ئەمدى ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىغا، ئىبراھىم ۋە ئىسھاق مۇساپىر بولۇپ تۇرغان كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروننىڭ يېنىدىكى مامرەگە كەلدى. | 27 |
Əmdi Yaⱪup atisi Isⱨaⱪning ⱪexiƣa, Ibraⱨim wǝ Isⱨaⱪ Musapir bolup turƣan Kiriat-Arba, yǝni Ⱨebronning yenidiki Mamrǝgǝ kǝldi.
ئىسھاقنىڭ كۆرگەن كۈنلىرى بىر يۈز سەكسەن يىل بولدى. | 28 |
Isⱨaⱪning kɵrgǝn künliri bir yüz sǝksǝn yil boldi.
ئىسھاق تولىمۇ قېرىپ، كۈنلىرى توشۇپ، نەپەستىن توختاپ ۋاپات بولدى ۋە ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ ئۇنى دەپنە قىلدى. | 29 |
Isⱨaⱪ tolimu ⱪerip, künliri toxup, nǝpǝstin tohtap wapat boldi wǝ ɵz ⱪowmining ⱪexiƣa berip ⱪoxuldi. Uning oƣulliri Əsaw bilǝn Yaⱪup uni dǝpnǝ ⱪildi.