< يارىتىلىش 34 >

بىر كۈنى، لېياھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن قىزى دىناھ يۇرتنىڭ قىزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. 1
Bir küni, Léyahning Yaqupqa tughup bergen qizi Dinah yurtning qizliri bilen körüshkili chiqti.
شۇ يۇرتنىڭ ئەمىرى ھىۋىي ھامورنىڭ ئوغلى شەكەم ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، زورلاپ نومۇسىغا تەگدى. 2
Shu yurtning emiri hiwiy Hamorning oghli Shekem uni körüp qélip, uni tutuwélip, zorlap nomusigha tegdi.
ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى ياقۇپنىڭ قىزى دىناھقا چۈشۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببىتى بىلەن كۆڭۈل سورىدى. 3
Emma uning köngli Yaqupning qizi Dinahqa chüshüp, uni yaxshi körüp qaldi we uninggha muhebbiti bilen köngül soridi.
شۇنىڭ بىلەن شەكەم ئاتىسى ھاموردىن: ــ بۇ قىزنى ماڭا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرگىن، دەپ تەلەپ قىلدى. 4
Shuning bilen Shekem atisi Hamordin: — Bu qizni manga xotunluqqa élip bergin, dep telep qildi.
ياقۇپ [شەكەمنىڭ] قىزى دىناھنىڭ ئىپپىتىگە تەگكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ماللىرى بىلەن دالالاردا ئىدى؛ شۇڭا ياقۇپ ئۇلار كەلگۈچە جىم تۇرۇپ تۇردى. 5
Yaqup [Shekemning] qizi Dinahning ippitige tegkenlikini anglap qaldi. Uning oghulliri malliri bilen dalalarda idi; shunga Yaqup ular kelgüche jim turup turdi.
شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامور ياقۇپنىڭ ئالدىغا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكىلى چىقتى؛ 6
Shekemning atisi Hamor Yaqupning aldigha uning bilen sözleshkili chiqti;
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى خەۋەرنى ئاڭلاپلا دالالاردىن قايتىپ كەلگەنىدى. بۇلار [شەكەمنىڭ] قىلمايدىغان ئىشنى قىلىپ، ياقۇپنىڭ قىزىنىڭ نومۇسىغا تېگىپ ئىسرائىل قەبىلىسىدە شەرمەندىلىك قىلغىنى ئۈچۈن ئازابلىنىپ، ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەندى. 7
Yaqupning oghulliri xewerni anglapla dalalardin qaytip kelgenidi. Bular [Shekemning] qilmaydighan ishni qilip, Yaqupning qizining nomusigha tégip Israil qebiliside shermendilik qilghini üchün azablinip, intayin qattiq ghezeplendi.
ھامور ئۇلارغا سۆز قىلىپ: ــ ئوغلۇم شەكەمنىڭ كۆڭلى قىزىڭلارغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئىلتىپات قىلىپ ئۇنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرسەڭلار! 8
Hamor ulargha söz qilip: — Oghlum Shekemning köngli qizinglargha chüshüp qaptu. Iltipat qilip uni oghlumgha xotunluqqa bersenglar!
بىز بىلەن قۇدا-باجا بولۇپ، قىزلىرىڭلارنى بىزگە بېرىڭلار، بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىمۇ سىلەر ئېلىڭلار؛ 9
Biz bilen quda-baja bolup, qizliringlarni bizge béringlar, bizning qizlirimiznimu siler élinglar;
بىز بىلەن بىللە تۇرۇڭلار. مانا، يەر ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇ؛ بۇ يەرنى ماكان قىلىپ، سودا قىلىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۆي-مۈلۈك ئېلىڭلار، ــ دېدى. 10
Biz bilen bille turunglar. Mana, yer aldinglarda turuptu; bu yerni makan qilip, soda qilip, özünglar üchün öy-mülük élinglar, — dédi.
شەكەم قىزنىڭ ئاتىسى بىلەن ئاكا-ئۇكىلىرىغا: ــ نەزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپسام دەيمەن؛ سىلەر نېمە دېسەڭلار، شۇنى بېرەي. 11
Shekem qizning atisi bilen aka-ukilirigha: — Neziringlarda iltipat tapsam deymen; siler néme désenglar, shuni bérey.
مەندىن قانچىلىك تويلۇق ياكى سوۋغات تەلەپ قىلساڭلار، ماڭا ئېيتقىنىڭلارچە بېرەي؛ پەقەت بۇ قىزنى ماڭا خوتۇنلۇققا بەرسەڭلارلا بولىدۇ، دېدى. 12
Mendin qanchilik toyluq yaki sowghat telep qilsanglar, manga éytqininglarche bérey; peqet bu qizni manga xotunluqqa bersenglarla bolidu, dédi.
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بولسا شەكەم ۋە ئاتىسى ھامورغا ھىيلە-مىكىر بىلەن جاۋاب بەردى، چۈنكى ئۇ سىڭلىسى دىناھنىڭ ئىپپىتىگە تەگكەنىدى؛ 13
Yaqupning oghulliri bolsa Shekem we atisi Hamorgha hiyle-mikir bilen jawab berdi, chünki u singlisi Dinahning ippitige tegkenidi;
ئۇلارغا: ــ بىز بۇنداق قىلالمايمىز، سىڭلىمىزنى خەتنىسىز بىرسىگە بېرىشكە ماقۇل دېيەلمەيمىز؛ چۈنكى بۇ بىزگە نومۇس بولىدۇ. 14
ulargha: — Biz bundaq qilalmaymiz, singlimizni xetnisiz birsige bérishke maqul déyelmeymiz; chünki bu bizge nomus bolidu.
پەقەت بىر شەرتىمىزگە كۆنسەڭلارلا سىلەرگە ماقۇل بولىمىز؛ سىلەرنىڭ بارلىق ئەركەكلىرىڭلار خەتنە قىلىنىپ بىزدەك بولسا، 15
Peqet bir shertimizge könsenglarla silerge maqul bolimiz; silerning barliq erkekliringlar xetne qilinip bizdek bolsa,
قىزلىرىمىزنى سىلەرگە بېرىپ، سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى بىز ئېلىپ ئاراڭلاردا ئولتۇرۇپ، بىر قوۋم بولۇپ قالىمىز. 16
Qizlirimizni silerge bérip, silerning qizliringlarni biz élip aranglarda olturup, bir qowm bolup qalimiz.
ئەمما بىزگە قۇلاق سالماي خەتنە قىلىنىشقا ئۇنىمىساڭلار، ئۇنداقتا بىز قىزىمىزنى ئېلىپ كېتىمىز، ــ دېدى. 17
Emma bizge qulaq salmay xetne qilinishqa unimisanglar, undaqta biz qizimizni élip kétimiz, — dédi.
ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ھامور ۋە ئوغلى شەكەمنىڭ نەزىرىگە ياقتى. 18
Ularning sözliri Hamor we oghli Shekemning nezirige yaqti.
يىگىت بۇ ئىشنى كەينىگە سوزمىدى، چۈنكى ئۇ ياقۇپنىڭ قىزىغا ئېجىل بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ھەممىدىن ئەتىۋارلىق ئىدى. 19
Yigit bu ishni keynige sozmidi, chünki u Yaqupning qizigha éjil bolup qalghanidi; u atisining öyide hemmidin etiwarliq idi.
شۇنىڭ بىلەن ھامور ئوغلى شەكەم بىلەن شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپ، شەھەرنىڭ ئادەملىرىگە سۆز قىلىپ: ــ 20
Shuning bilen Hamor oghli Shekem bilen sheherning derwazisigha bérip, sheherning ademlirige söz qilip: —
بۇ ئادەملەرنىڭ بىز بىلەن ئىناق ئۆتكۈسى بار. شۇڭا ئۇلار مۇشۇ يۇرتتا تۇرۇپ سودا-سېتىق قىلسۇن؛ مانا، بۇ جاينىڭ ئىككى تەرىپى ئۇلارغا يەتكۈدەك كەڭرىدۇر. بىز ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئۆز قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا بېرىمىز. 21
Bu ademlerning biz bilen inaq ötküsi bar. Shunga ular mushu yurtta turup soda-sétiq qilsun; mana, bu jayningIkki teripi ulargha yetküdek kengridur. Biz ularning qizlirini xotunluqqa élip, öz qizlirimizni ulargha bérimiz.
لېكىن پەقەت ئارىمىزدىكى ھەممە ئەركەك ئۇلار خەتنە قىلىنغاندەك خەتنە قىلىنسا، ئۇ ئادەملەر ئارىمىزدا تۇرۇپ بىز بىلەن بىر خەلق بولۇشقا ماقۇل دەيدۇ. 22
Lékin peqet arimizdiki hemme erkek ular xetne qilin’ghandek xetne qilinsa, u ademler arimizda turup biz bilen bir xelq bolushqa maqul deydu.
شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ مال-تەئەللۇقاتى، ھەممە چارپايلىرى بىزنىڭكى بولمامدۇ؟ بىز پەقەت ئۇلارغا ماقۇل دېسەكلا، ئۇلار ئارىمىزدا تۇرىدۇ، ــ دېدى. 23
Shu teriqide ularning mal-teelluqati, hemme charpayliri bizningki bolmamdu? Biz peqet ulargha maqul désekla, ular arimizda turidu, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ-چىقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى. شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ-چىقادىغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىندى. 24
Shuning bilen sheherning derwazisidin kirip-chiqidighanlarning hemmisi Hamor bilen oghli Shekemning sözige qulaq saldi. Sheherning derwazisidin kirip-chiqadighanlarning hemmisi xetne qilindi.
ئەمما ئۈچىنچى كۈنى، ئۇلار تېخىچە ئاغرىق ياتقىنىدا شۇنداق بولدىكى، ياقۇپنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى دىناھنىڭ ئاكىلىرى شىمېئون بىلەن لاۋىي ھەرقايسىسى ئۆز قىلىچىنى ئېلىپ، شەھەر خاتىرجەملىك ئىچىدە تۇرغىنىدا بېسىپ كىرىپ، ھەممە ئەركەكنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ 25
Emma üchinchi küni, ular téxiche aghriq yatqinida shundaq boldiki, Yaqupning ikki oghli, yeni Dinahning akiliri Shiméon bilen Lawiy herqaysisi öz qilichini élip, sheher xatirjemlik ichide turghinida bésip kirip, hemme erkekni öltürüwetti;
ئۇلار ھامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىمۇ قىلىچلاپ، دىناھنى شەكەمنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەتتى. 26
Ular Hamor bilen oghli Shekemnimu qilichlap, Dinahni Shekemning öyidin élip ketti.
ئاندىن ياقۇپنىڭ [بارلىق] ئوغۇللىرى: «ئۇلار سىڭلىمىزنىڭ نومۇسىغا تەگدى» دەپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جايىغا كېلىپ، شەھەرنى بۇلاپ-تالاڭ قىلدى. 27
Andin Yaqupning [barliq] oghulliri: «Ular singlimizning nomusigha tegdi» dep, öltürülgenlerning jayigha kélip, sheherni bulap-talang qildi.
ئۇلارنىڭ قوي-كالا، ئېشەكلىرىنى، شەھەردىكى ھەممىنى، ئېتىزلىقلاردىكى ھەممىنى ئېلىپ كەتتى، 28
Ularning qoy-kala, ésheklirini, sheherdiki hemmini, étizliqlardiki hemmini élip ketti,
شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى بۇلاپ-تالاپ، بارلىق خوتۇن-بالىلارنى ئەسىر قىلىپ، ئۆي ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ كەتتى. 29
Shundaqla ularning barliq mal-mülkini bulap-talap, barliq xotun-balilarni esir qilip, öy ichidiki barliq nersilernimu qoshup élip ketti.
ياقۇپ شىمېئون ۋە لاۋىينى ئەيىبلەپ: ــ سىلەر مېنى بالاغا تىقىپ، زېمىندىكىلەر ــ قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەرنىڭ ئالدىدا سېسىتتىڭلار. بىزنىڭ ئادىمىمىز ئاز بىر خەلقتۇرمىز؛ ئۇلار ماڭا قارشى چىقىپ يىغىلىپ ھۇجۇم قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن ۋە جەمەتىم ۋەيران بولىمىز، ــ دېدى. 30
Yaqup Shiméon we Lawiyni eyiblep: — Siler méni balagha tiqip, zémindikiler — Qanaaniylar bilen Perizziylerning aldida sésittinglar. Bizning adimimiz az bir xelqturmiz; ular manga qarshi chiqip yighilip hujum qilidu; shuning bilen men we jemetim weyran bolimiz, — dédi.
ئەمما ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئەجەبا، سىڭلىمىزغا بىر پاھىشە ئايالغا قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسا بولامدۇ؟ ــ دېدى. 31
Emma ular jawab bérip: — Ejeba, singlimizgha bir pahishe ayalgha qilghandek muamile qilsa bolamdu? — dédi.

< يارىتىلىش 34 >