بىر كۈنى، لېياھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن قىزى دىناھ يۇرتنىڭ قىزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. | 1 |
روزی دینه، دختر یعقوب و لیه، برای دیدن دخترانی که در همسایگی آنها سکونت داشتند بیرون رفت. |
شۇ يۇرتنىڭ ئەمىرى ھىۋىي ھامورنىڭ ئوغلى شەكەم ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، زورلاپ نومۇسىغا تەگدى. | 2 |
وقتی شکیم پسر حمور، پادشاه حّوی، دینه را دید او را گرفته، به وی تجاوز نمود. |
ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى ياقۇپنىڭ قىزى دىناھقا چۈشۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببىتى بىلەن كۆڭۈل سورىدى. | 3 |
شکیم سخت عاشق دینه شد و سعی کرد با سخنان دلنشین توجه او را به خود جلب نماید. |
شۇنىڭ بىلەن شەكەم ئاتىسى ھاموردىن: ــ بۇ قىزنى ماڭا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەرگىن، دەپ تەلەپ قىلدى. | 4 |
شکیم این موضوع را با پدر خویش در میان نهاد و از او خواهش کرد که آن دختر را برایش به زنی بگیرد. |
ياقۇپ [شەكەمنىڭ] قىزى دىناھنىڭ ئىپپىتىگە تەگكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ماللىرى بىلەن دالالاردا ئىدى؛ شۇڭا ياقۇپ ئۇلار كەلگۈچە جىم تۇرۇپ تۇردى. | 5 |
چیزی نگذشت که این خبر به گوش یعقوب رسید، ولی چون پسرانش برای چرانیدن گلهها به صحرا رفته بودند، تا مراجعت آنها هیچ اقدامی نکرد. |
شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامور ياقۇپنىڭ ئالدىغا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكىلى چىقتى؛ | 6 |
حمور، پدر شکیم، نزد یعقوب رفت تا با او صحبت کند. |
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى خەۋەرنى ئاڭلاپلا دالالاردىن قايتىپ كەلگەنىدى. بۇلار [شەكەمنىڭ] قىلمايدىغان ئىشنى قىلىپ، ياقۇپنىڭ قىزىنىڭ نومۇسىغا تېگىپ ئىسرائىل قەبىلىسىدە شەرمەندىلىك قىلغىنى ئۈچۈن ئازابلىنىپ، ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەندى. | 7 |
او وقتی به آنجا رسید که پسران یعقوب نیز از صحرا برگشته بودند. ایشان از شنیدن آنچه بر سر خواهرشان آمده بود به شدت خشمگین بودند، زیرا این عملِ زشت حیثیت آنها را پایمال کرده بود. |
ھامور ئۇلارغا سۆز قىلىپ: ــ ئوغلۇم شەكەمنىڭ كۆڭلى قىزىڭلارغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئىلتىپات قىلىپ ئۇنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرسەڭلار! | 8 |
حمور به یعقوب گفت: «پسرم شکیم دلباختۀ دختر شماست. خواهش میکنم وی را به زنی به او بدهید. |
بىز بىلەن قۇدا-باجا بولۇپ، قىزلىرىڭلارنى بىزگە بېرىڭلار، بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىمۇ سىلەر ئېلىڭلار؛ | 9 |
علاوه بر این، میتوانیم با هم وصلت کنیم، دختران خود را به پسران ما بدهید و دختران ما را برای پسران خود بگیرید. |
بىز بىلەن بىللە تۇرۇڭلار. مانا، يەر ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇ؛ بۇ يەرنى ماكان قىلىپ، سودا قىلىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۆي-مۈلۈك ئېلىڭلار، ــ دېدى. | 10 |
شما میتوانید میان ما ساکن شوید؛ این سرزمین به روی شما باز است! در اینجا ساکن شوید و با ما تجارت کنید. میتوانید در این سرزمین صاحب املاک شوید.» |
شەكەم قىزنىڭ ئاتىسى بىلەن ئاكا-ئۇكىلىرىغا: ــ نەزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپسام دەيمەن؛ سىلەر نېمە دېسەڭلار، شۇنى بېرەي. | 11 |
آنگاه شکیم به پدر و برادران دینه گفت: «خواهش میکنم در حق من این لطف را بکنید و اجازه دهید دینه را به زنی بگیرم. هر چه به من بگویید خواهم کرد. |
مەندىن قانچىلىك تويلۇق ياكى سوۋغات تەلەپ قىلساڭلار، ماڭا ئېيتقىنىڭلارچە بېرەي؛ پەقەت بۇ قىزنى ماڭا خوتۇنلۇققا بەرسەڭلارلا بولىدۇ، دېدى. | 12 |
هر چقدر مهریه و پیشکش بخواهید به شما خواهم داد. فقط این دختر را به زنی به من بدهید.» |
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بولسا شەكەم ۋە ئاتىسى ھامورغا ھىيلە-مىكىر بىلەن جاۋاب بەردى، چۈنكى ئۇ سىڭلىسى دىناھنىڭ ئىپپىتىگە تەگكەنىدى؛ | 13 |
برادران دینه به خاطر این که شکیم خواهرشان را رسوا کرده بود، به نیرنگ به شکیم و پدرش گفتند: |
ئۇلارغا: ــ بىز بۇنداق قىلالمايمىز، سىڭلىمىزنى خەتنىسىز بىرسىگە بېرىشكە ماقۇل دېيەلمەيمىز؛ چۈنكى بۇ بىزگە نومۇس بولىدۇ. | 14 |
«ما نمیتوانیم خواهر خود را به یک ختنه نشده بدهیم. این مایهٔ رسوایی ما خواهد شد. |
پەقەت بىر شەرتىمىزگە كۆنسەڭلارلا سىلەرگە ماقۇل بولىمىز؛ سىلەرنىڭ بارلىق ئەركەكلىرىڭلار خەتنە قىلىنىپ بىزدەك بولسا، | 15 |
ولی به یک شرط حاضریم این کار را بکنیم، و آن شرط این است که همهٔ مردان و پسران شما ختنه شوند. |
قىزلىرىمىزنى سىلەرگە بېرىپ، سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى بىز ئېلىپ ئاراڭلاردا ئولتۇرۇپ، بىر قوۋم بولۇپ قالىمىز. | 16 |
آنگاه دختران خود را به شما خواهیم داد و دختران شما را برای خود خواهیم گرفت و در بین شما ساکن شده، یک قوم خواهیم بود. |
ئەمما بىزگە قۇلاق سالماي خەتنە قىلىنىشقا ئۇنىمىساڭلار، ئۇنداقتا بىز قىزىمىزنى ئېلىپ كېتىمىز، ــ دېدى. | 17 |
اگر این شرط را نپذیرید و ختنه نشوید، دخترمان را برداشته از اینجا خواهیم رفت.» |
ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ھامور ۋە ئوغلى شەكەمنىڭ نەزىرىگە ياقتى. | 18 |
حمور و شکیم شرط آنها را پذیرفتند. |
يىگىت بۇ ئىشنى كەينىگە سوزمىدى، چۈنكى ئۇ ياقۇپنىڭ قىزىغا ئېجىل بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇ ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ھەممىدىن ئەتىۋارلىق ئىدى. | 19 |
شکیم که در خاندان خود بسیار مورد احترام بود، در انجام این کار درنگ ننمود، زیرا عاشق دختر یعقوب بود. |
شۇنىڭ بىلەن ھامور ئوغلى شەكەم بىلەن شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپ، شەھەرنىڭ ئادەملىرىگە سۆز قىلىپ: ــ | 20 |
پس او و پدرش به دروازهٔ شهر رفتند و به اهالی آنجا گفتند: |
بۇ ئادەملەرنىڭ بىز بىلەن ئىناق ئۆتكۈسى بار. شۇڭا ئۇلار مۇشۇ يۇرتتا تۇرۇپ سودا-سېتىق قىلسۇن؛ مانا، بۇ جاينىڭ ئىككى تەرىپى ئۇلارغا يەتكۈدەك كەڭرىدۇر. بىز ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئۆز قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا بېرىمىز. | 21 |
«این مردم، دوستان ما هستند. اجازه دهید در میان ما ساکن شده، به کسب و کار خود مشغول شوند. زمین وسیع است و جای کافی برای آنها وجود دارد و ما و آنها میتوانیم با هم وصلت کنیم. |
لېكىن پەقەت ئارىمىزدىكى ھەممە ئەركەك ئۇلار خەتنە قىلىنغاندەك خەتنە قىلىنسا، ئۇ ئادەملەر ئارىمىزدا تۇرۇپ بىز بىلەن بىر خەلق بولۇشقا ماقۇل دەيدۇ. | 22 |
اما آنها فقط به این شرط حاضرند در اینجا بمانند و با ما یک قوم شوند که همۀ مردان و پسران ما مانند ایشان ختنه گردند. |
شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ مال-تەئەللۇقاتى، ھەممە چارپايلىرى بىزنىڭكى بولمامدۇ؟ بىز پەقەت ئۇلارغا ماقۇل دېسەكلا، ئۇلار ئارىمىزدا تۇرىدۇ، ــ دېدى. | 23 |
اگر چنین کنیم، اموال و گلهها و آنچه که دارند از آن ما خواهد شد. بیایید با این شرط موافقت کنیم تا آنها در اینجا با ما زندگی کنند.» |
شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ-چىقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ھامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى. شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ-چىقادىغانلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىندى. | 24 |
اهالی شهر پیشنهاد شکیم و پدرش را پذیرفتند و ختنه شدند. |
ئەمما ئۈچىنچى كۈنى، ئۇلار تېخىچە ئاغرىق ياتقىنىدا شۇنداق بولدىكى، ياقۇپنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى دىناھنىڭ ئاكىلىرى شىمېئون بىلەن لاۋىي ھەرقايسىسى ئۆز قىلىچىنى ئېلىپ، شەھەر خاتىرجەملىك ئىچىدە تۇرغىنىدا بېسىپ كىرىپ، ھەممە ئەركەكنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ | 25 |
ولی سه روز بعد، در حالی که آنها هنوز درد داشتند، شمعون و لاوی، برادران دینه، شمشیرهای خود را برداشته، بدون روبرو شدن با کوچکترین مقاومتی وارد شهر شدند و تمام مردان را از دمِ شمشیر گذرانیدند. |
ئۇلار ھامور بىلەن ئوغلى شەكەمنىمۇ قىلىچلاپ، دىناھنى شەكەمنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەتتى. | 26 |
آنها حمور و شکیم را کُشتند و دینه را از خانهٔ شکیم برداشته، با خود بردند. |
ئاندىن ياقۇپنىڭ [بارلىق] ئوغۇللىرى: «ئۇلار سىڭلىمىزنىڭ نومۇسىغا تەگدى» دەپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جايىغا كېلىپ، شەھەرنى بۇلاپ-تالاڭ قىلدى. | 27 |
سپس پسران یعقوب رفتند و تمام شهر را غارت کردند، زیرا خواهرشان در آنجا رسوا شده بود. |
ئۇلارنىڭ قوي-كالا، ئېشەكلىرىنى، شەھەردىكى ھەممىنى، ئېتىزلىقلاردىكى ھەممىنى ئېلىپ كەتتى، | 28 |
ایشان گلهها و رمهها و الاغها و هر چه را که به دستشان رسید، چه در شهر و چه در صحرا، |
شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى بۇلاپ-تالاپ، بارلىق خوتۇن-بالىلارنى ئەسىر قىلىپ، ئۆي ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ كەتتى. | 29 |
با زنان و اطفال و تمامی اموالی که در خانهها بود غارت کردند و با خود بردند. |
ياقۇپ شىمېئون ۋە لاۋىينى ئەيىبلەپ: ــ سىلەر مېنى بالاغا تىقىپ، زېمىندىكىلەر ــ قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەرنىڭ ئالدىدا سېسىتتىڭلار. بىزنىڭ ئادىمىمىز ئاز بىر خەلقتۇرمىز؛ ئۇلار ماڭا قارشى چىقىپ يىغىلىپ ھۇجۇم قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن ۋە جەمەتىم ۋەيران بولىمىز، ــ دېدى. | 30 |
یعقوب به شمعون و لاوی گفت: «شما مرا به دردسر انداختهاید؛ حال کنعانیها و فرّزیها و تمامی ساکنان این مرزوبوم دشمن من خواهند شد. عدهٔ ما در برابر آنها ناچیز است؛ اگر آنها بر سر ما بریزند، ما را نابود خواهند کرد.» |
ئەمما ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئەجەبا، سىڭلىمىزغا بىر پاھىشە ئايالغا قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسا بولامدۇ؟ ــ دېدى. | 31 |
آنها با خشم جواب دادند: «آیا او میبایست با خواهر ما مانند یک فاحشه رفتار میکرد؟» |