< يارىتىلىش 33 >
ياقۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئەساۋ تۆت يۈز كىشى بىلەن كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلىرىنى ئايرىپ، لېياھ، راھىلە ۋە ئىككى دېدەككە تاپشۇردى؛ | 1 |
雅各舉目觀看,見以掃來了,後頭跟着四百人,他就把孩子們分開交給利亞、拉結,和兩個使女,
ئۇ ئىككى دېدەك ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى، ئاندىن لېياھ بىلەن ئۇنىڭ بالىلىرىنى، ئەڭ ئاخىرىدا راھىلە بىلەن يۈسۈپنى ماڭدۇردى. | 2 |
並且叫兩個使女和她們的孩子在前頭,利亞和她的孩子在後頭,拉結和約瑟在儘後頭。
ئۆزى بولسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭدى، ئۇ ئاكىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ بارغۇچە يەتتە قېتىم يەرگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلدى. | 3 |
他自己在他們前頭過去,一連七次俯伏在地才就近他哥哥。
ئەساۋ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ، بوينىغا گىرە سېلىپ، ئۇنى سۆيدى؛ ھەر ئىككىسى يىغلىشىپ كەتتى. | 4 |
以掃跑來迎接他,將他抱住,又摟着他的頸項,與他親嘴,兩個人就哭了。
ئاندىن ئەساۋ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ سەن بىلەن بىللە كەلگەنلەر كىملەر؟ ــ دەپ سورىدى. ياقۇپ: ــ بۇلار خۇدا شاپائەت قىلىپ كەمىنىلىرىگە بەرگەن بالىلاردۇر، ــ دېدى. | 5 |
以掃舉目看見婦人孩子,就說:「這些和你同行的是誰呢?」雅各說:「這些孩子是上帝施恩給你的僕人的。」
ئاندىن ئىككى دېدەك ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا تەزىم قىلدى؛ | 6 |
於是兩個使女和她們的孩子前來下拜;
ئاندىن لېياھمۇ ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلدى، ئاخىرىدا يۈسۈپ بىلەن راھىلە ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلدى. | 7 |
利亞和她的孩子也前來下拜;隨後約瑟和拉結也前來下拜。
ئەساۋ: ــ ماڭا يولدا ئۇچرىغان ئاشۇ توپلىرىڭدا نېمە مەقسىتىڭ بار؟ ــ دېۋىدى، ياقۇپ جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ خوجامنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈندۇر، دېدى. | 8 |
以掃說:「我所遇見的這些群畜是甚麼意思呢?」雅各說:「是要在我主面前蒙恩的。」
لېكىن ئەساۋ: ــ ئەي قېرىندىشىم، مەندە يېتىپ ئاشقۇدەك بار. سېنىڭ ئۆز نەرسىلىرىڭ ئۆزۈڭگە قالسۇن، دېدى. | 9 |
以掃說:「兄弟啊,我的已經夠了,你的仍歸你吧!」
ئەمما ياقۇپ: ــ ئۇنداق قىلمىغىن؛ ئەگەر مەن نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، سوۋغىتىمنى قولۇمدىن قوبۇل قىلغايلا؛ چۈنكى سىلىنىڭ مېنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىرىنى كۆرۈپ، دىدارلىرىنى كۆرگىنىمدە خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم! | 10 |
雅各說:「不然,我若在你眼前蒙恩,就求你從我手裏收下這禮物;因為我見了你的面,如同見了上帝的面,並且你容納了我。
ئەمدى ساڭا كەلتۈرۈلگەن، [خۇدادىن كۆرگەن] بۇ بەرىكەتلىرىمنى قوبۇل قىلغايلا؛ چۈنكى خۇدا ماڭا شاپائەت كۆرسەتتى، ھەممە نەرسىلىرىم بار بولدى، ــ دەپ ئۇنىڭدىن قايتا-قايتا ئۆتۈنۈۋىدى، ئۇ قوبۇل قىلدى. | 11 |
求你收下我帶來給你的禮物;因為上帝恩待我,使我充足。」雅各再三地求他,他才收下了。
ئاندىن ئەساۋ: ــ ئەمدى بىز قوزغىلىپ سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭاي، دېدى. | 12 |
以掃說:「我們可以起身前往,我在你前頭走。」
ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ خوجام كۆردىلە، بالىلار كىچىك، قېشىمدا ئېمىدىغان قوزا ۋە موزايلار بار؛ ئەگەر مەن بۇلارنى بىر كۈنلا ئالدىرتىپ قوغلاپ ماڭدۇرسام، پۈتكۈل پادا ئۆلۈپ كېتىدۇ. | 13 |
雅各對他說:「我主知道孩子們年幼嬌嫩,牛羊也正在乳養的時候,若是催趕一天,群畜都必死了。
شۇڭا ئۆتۈنىمەنكى، خوجام كەمىنىلىرىدىن ئالدىدا ماڭغاچ تۇرسۇن؛ مەن ئالدىمدىكى مال-چارۋىلارنىڭ مېڭىشىغا، شۇنداقلا بالىلارنىڭ مېڭىشىغا قاراپ ئاستا مېڭىپ، خوجامنىڭ قېشىغا سېئىرغا ئۇدۇل باراي، دېدى. | 14 |
求我主在僕人前頭走,我要量着在我面前群畜和孩子的力量慢慢地前行,直走到西珥我主那裏。」
ئۇ ۋاقىتتا ئەساۋ: ــ ئۇنداق بولسا، مەن ئۆزۈم بىلەن كەلگەن كىشىلەردىن بىرنەچچىنى قېشىڭدا قويۇپ كېتەي، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بۇنىڭ نېمە ھاجىتى؟ پەقەت خوجامنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپساملا شۇ كۇپايە، دېدى. | 15 |
以掃說:「容我把跟隨我的人留幾個在你這裏。」雅各說:「何必呢?只要在我主眼前蒙恩就是了。」
ئەساۋ ئۇ كۈنى يولغا چىقىپ سېئىرغا يېنىپ كەتتى. | 16 |
於是,以掃當日起行,回往西珥去了。
ياقۇپ سەپەر قىلىپ، سۇككوت دېگەن جايغا كەلگەندە، ئۇ يەرگە بىر ئۆي سېلىپ، ماللىرىغا لاپاسلارنى ياسىدى. شۇڭا بۇ يەر «سۇككوت» دەپ ئاتالدى. | 17 |
雅各就往疏割去,在那裏為自己蓋造房屋,又為牲畜搭棚;因此那地方名叫疏割。
شۇ تەرىقىدە ياقۇپ پادان-ئارامدىن قايتىپ، قانائان زېمىنىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن كەلدى. ئۇ شەھەرنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكتى. | 18 |
雅各從巴旦‧亞蘭回來的時候,平平安安地到了迦南地的示劍城,在城東支搭帳棚,
ئاندىن ئۇ چېدىر تىككەن يەرنىڭ بىر قىسىمىنى شەكەمنىڭ ئاتىسى بولغان ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىر يۈز قەسىتىگە سېتىۋېلىپ، | 19 |
就用一百塊銀子向示劍的父親、哈抹的子孫買了支帳棚的那塊地,
شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ سېلىپ، نامىنى «ئەل-ئەلوھە-ئىسرائىل» دەپ ئاتىدى. | 20 |
在那裏築了一座壇,起名叫伊利‧伊羅伊‧以色列 。