< يارىتىلىش 32 >
ياقۇپ ئۆز يولىغا كېتىپ باراتتى؛ يولدا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا ئۇچرىدى. | 1 |
Yaⱪup ɵz yoliƣa ketip baratti; yolda Hudaning pǝrixtiliri uningƣa uqridi.
ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ جاي خۇدانىڭ بارگاھى ئىكەن! ــ دەپ، بۇ جاينىڭ نامىنى «ماھانائىم» دەپ قويدى. | 2 |
Yaⱪup ularni kɵrüp: — Bu jay Hudaning bargaⱨi ikǝn! — dǝp, bu jayning namini «Maⱨanaim» dǝp ⱪoydi.
ئاندىن ياقۇپ سېئىر زېمىنىدىكى «ئېدوم يايلىقى»غا، ئاكىسى ئەساۋنىڭ قېشىغا ئالدىن خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتىپ، | 3 |
Andin Yaⱪup Seir zeminidiki «Edom yayliⱪi»ƣa, akisi Əsawning ⱪexiƣa aldin hǝwǝrqilǝrni ǝwǝtip,
ئۇلارغا جېكىلەپ: ــ سىلەر خوجامغا، يەنى ئەساۋغا: «كەمىنىلىرى ياقۇپ مۇنداق دېدى: ــ مەن لاباننىڭ قېشىدا مۇساپىر بولۇپ، تا مۇشۇ ۋاقىتقىچە تۇردۇم. | 4 |
ularƣa jekilǝp: — Silǝr hojamƣa, yǝni Əsawƣa: «Kǝminiliri Yaⱪup mundaⱪ dedi: — Mǝn Labanning ⱪexida musapir bolup, ta muxu waⱪitⱪiqǝ turdum.
ئەمدى مەندە كالا، ئېشەك ۋە قويلار، قۇل-دېدەكلەرمۇ بار؛ مەن ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپارمەنمىكىن دەپ خوجامغا خەۋەر يەتكۈزۈشنى لايىق كۆردۈم»، دەڭلار، ــ دېدى. | 5 |
Əmdi mǝndǝ kala, exǝk wǝ ⱪoylar, ⱪul-dedǝklǝrmu bar; mǝn ɵzlirining nǝziridǝ iltipat taparmǝnmikin dǝp hojamƣa hǝwǝr yǝtküzüxni layiⱪ kɵrdüm», dǝnglar, — dedi.
خەۋەرچىلەر ياقۇپنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىپ: ــ بىز ئاكىلىرى ئەساۋنىڭ قېشىغا باردۇق؛ ئۇ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ، سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. | 6 |
Hǝwǝrqilǝr Yaⱪupning yeniƣa yenip kelip: — Biz akiliri Əsawning ⱪexiƣa barduⱪ; u tɵt yüz kixini elip, silining aldiliriƣa keliwatidu, — dedi.
ياقۇپ ناھايىتى قورقۇپ، غەم-غۇسسىگە چۈشۈپ ئادەملىرىنى قوي، كالا ۋە تۆگىلىرىگە قوشۇپ، ئىككى توپقا ئايرىدى. | 7 |
Yaⱪup naⱨayiti ⱪorⱪup, ƣǝm-ƣussigǝ qüxüp adǝmlirini ⱪoy, kala wǝ tɵgilirigǝ ⱪoxup, ikki topⱪa ayridi.
ئۇ: ــ «ئەگەر ئەساۋ كېلىپ بىر توپىمىزغا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپى قېچىپ قۇتۇلۇپ قالار» ــ دەپ ئويلىدى. | 8 |
U: — «Əgǝr Əsaw kelip bir topimizƣa ⱨujum ⱪilsa, yǝnǝ bir top ⱪeqip ⱪutulup ⱪalar» — dǝp oylidi.
ئاندىن ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئاتام ئىسھاقنىڭ خۇداسى! ماڭا: «ئۆز زېمىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا يېنىپ كەتكىن، ساڭا ياخشىلىق قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان پەرۋەردىگار! | 9 |
Andin Yaⱪup mundaⱪ dua ⱪildi: — I atam Ibraⱨimning Hudasi wǝ atam Isⱨaⱪning Hudasi! Manga: «Ɵz zemining wǝ uruⱪ-tuƣⱪanliringning ⱪexiƣa yenip kǝtkin, sanga yahxiliⱪ ⱪilimǝn» dǝp wǝdǝ ⱪilƣan Pǝrwǝrdigar!
ــ مەن سېنىڭ ئۆز قۇلۇڭغا كۆرسەتكەن ئۆزگەرمەس بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە بارلىق ۋاپادارلىقىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە يالغۇز بىر ھاسام بار ئىدى. ئەمدى مەن ئىككى توپ ئادەم بولۇپ قايتىۋاتىمەن. | 10 |
— Mǝn Sening Ɵz ⱪulungƣa kɵrsǝtkǝn ɵzgǝrmǝs barliⱪ meⱨribanliⱪing wǝ barliⱪ wapadarliⱪing aldida ⱨeqnemǝ ǝmǝsmǝn; qünki mǝn bu Iordan dǝryasidin ɵtkinimdǝ yalƣuz bir ⱨasam bar idi. Əmdi mǝn ikki top adǝm bolup ⱪaytiwatimǝn.
ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى ئۇ كېلىپ مەن بىلەن خوتۇن-بالىلىرىمنى ئۆلتۈرۈۋېتەمدىكىن، دەپ قورقىمەن. | 11 |
Ɵtünüp ⱪalay, meni akam Əsawning ⱪolidin ⱪutⱪuzƣaysǝn; qünki u kelip mǝn bilǝn hotun-balilirimni ɵltürüwetǝmdikin, dǝp ⱪorⱪimǝn.
سەن: «مەن جەزمەن ساڭا زور ياخشىلىق قىلىپ، سېنىڭ نەسلىڭنى دېڭىزدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز كۆپ قىلىمەن»، دېگەنىدىڭ، ــ دېدى. | 12 |
Sǝn: «Mǝn jǝzmǝn sanga zor yahxiliⱪ ⱪilip, sening nǝslingni dengizdiki ⱪumdǝk ⱨǝddi-ⱨesabsiz kɵp ⱪilimǝn», degǝniding, — dedi.
ئۇ شۇ كېچىسى شۇ يەردە قونۇپ قالدى؛ ئاندىن ئۇ قول ئىلىكىدىكى ماللاردىن ئېلىپ، ئاكىسى ئەساۋغا ئىككى يۈز ئۆچكە، يىگىرمە تېكە، ئىككى يۈز ساغلىق، يىگىرمە قوچقار، ئوتتۇز چىشى تۆگىنى تايلاقلىرى بىلەن، قىرىق ئىنەك، ئون بۇقا، يىگىرمە مادا ئېشەك، ئون ھاڭگا ئېشەكنى سوۋغات قىلىپ تەييارلاپ، | 13 |
U xu keqisi xu yǝrdǝ ⱪonup ⱪaldi; andin u ⱪol ilikidiki mallardin elip, akisi Əsawƣa ikki yüz ɵqkǝ, yigirmǝ tekǝ, ikki yüz saƣliⱪ, yigirmǝ ⱪoqⱪar, ottuz qixi tɵgini taylaⱪliri bilǝn, ⱪiriⱪ inǝk, on buⱪa, yigirmǝ mada exǝk, on ⱨangga exǝkni sowƣat ⱪilip tǝyyarlap,
بۇلارنى ئايرىم-ئايرىم توپ قىلىپ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارغا جېكىلەپ: ــ سىلەر مەندىن بۇرۇن مېڭىپ، ھەر توپنىڭ ئارىسىدا ئارىلىق قويۇپ ھەيدەپ مېڭىڭلار، ــ دېدى. | 16 |
Bularni ayrim-ayrim top ⱪilip hizmǝtkarlirining ⱪoliƣa tapxurup, ularƣa jekilǝp: — Silǝr mǝndin burun mengip, ⱨǝr topning arisida ariliⱪ ⱪoyup ⱨǝydǝp menginglar, — dedi.
ئۇ ئەڭ ئالدىدىكى توپ بىلەن ماڭغان كىشىكە ئەمر قىلىپ: ــ ئاكام ئەساۋ ساڭا ئۇچرىغاندا، ئەگەر ئۇ سەندىن: «كىمنىڭ ئادىمىسەن؟ قەيەرگە بارىسەن؟ ئالدىڭدىكى جانىۋارلار كىمنىڭ؟» ــ دەپ سورىسا، | 17 |
U ǝng aldidiki top bilǝn mangƣan kixikǝ ǝmr ⱪilip: — Akam Əsaw sanga uqriƣanda, ǝgǝr u sǝndin: «Kimning adimisǝn? Ⱪǝyǝrgǝ barisǝn? Aldingdiki janiwarlar kimning?» — dǝp sorisa,
ئۇنداقتا سەن جاۋاب بېرىپ: «بۇلار كەمىنىلىرى ياقۇپنىڭ بولۇپ، خوجام ئەساۋغا ئەۋەتكەن سوۋغاتتۇر. مانا، ئۇ ئۆزىمۇ كەينىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ» ــ دېگىن، دېدى. | 18 |
Undaⱪta sǝn jawab berip: «Bular kǝminiliri Yaⱪupning bolup, hojam Əsawƣa ǝwǝtkǝn sowƣattur. Mana, u ɵzimu kǝynimizdin keliwatidu» — degin, dedi.
شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى پادىلارنى ھەيدەپ ماڭغۇچى كىشىلەرگىمۇ ئوخشاش ئەمر قىلىپ: ــ ئەساۋ سىزلەرگە ئۇچرىغاندا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق دەڭلار، ئاندىن: ــ مانا، كەمىنىلىرى ياقۇپ ئۆزىمۇ ئارقىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ، ــ دەڭلار، دېدى؛ چۈنكى ئۇ: ــ مەن ئالدىمدا بارغان سوۋغات بىلەن ئۇنى مېنى كەچۈرۈم قىلدۇرۇپ، ئاندىن يۈزىنى كۆرسەم، مېنى قوبۇل قىلارمىكىن، ــ دەپ ئويلىغانىدى. | 19 |
Xu tǝriⱪidǝ u ikkinqi, üqinqi wǝ ulardin keyinki padilarni ⱨǝydǝp mangƣuqi kixilǝrgimu ohxax ǝmr ⱪilip: — Əsaw sizlǝrgǝ uqriƣanda, silǝrmu uningƣa xundaⱪ dǝnglar, andin: — Mana, kǝminiliri Yaⱪup ɵzimu arⱪimizdin keliwatidu, — dǝnglar, dedi; qünki u: — Mǝn aldimda barƣan sowƣat bilǝn uni meni kǝqürüm ⱪildurup, andin yüzini kɵrsǝm, meni ⱪobul ⱪilarmikin, — dǝp oyliƣanidi.
شۇنداق قىلىپ سوۋغات ئالدىن ئەۋەتىلدى؛ ئۇ شۇ كېچىسى بارگاھدا قونۇپ قالدى. | 21 |
Xundaⱪ ⱪilip sowƣat aldin ǝwǝtildi; u xu keqisi bargaⱨda ⱪonup ⱪaldi.
ئۇ شۇ كېچىدە قوپۇپ، ئىككى ئايالى ۋە ئىككى دېدىكى ۋە ئون بىر ئوغلىنى ئېلىپ، ياببوك كېچىكىدىن ئۆتۈپ كەتتى. | 22 |
U xu keqidǝ ⱪopup, ikki ayali wǝ ikki dediki wǝ on bir oƣlini elip, Yabbok keqikidin ɵtüp kǝtti.
ئۇ ئۇلارنى ئېقىندىن ئۆتكۈزدى، شۇنداقلا ھەممە تەئەللۇقىنىمۇ ئۇ قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزدى. | 23 |
U ularni eⱪindin ɵtküzdi, xundaⱪla ⱨǝmmǝ tǝǝlluⱪinimu u ⱪarxi tǝrǝpkǝ ɵtküzdi.
ياقۇپ بولسا بۇ قاتتا يالغۇز قالدى؛ بىر زات كېلىپ شۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى. | 24 |
Yaⱪup bolsa bu ⱪatta yalƣuz ⱪaldi; bir zat kelip xu yǝrdǝ uning bilǝn tang atⱪuqǝ qelixti.
لېكىن بۇ زات ئۇنى يېڭەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يوتىسىنىڭ يىرىقىغا قولىنى تەگكۈزۈپ قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چېلىشىۋاتقاندا ياقۇپنىڭ يوتىسى قازاندىن چىقىپ كەتتى. | 25 |
Lekin bu zat uni yengǝlmǝydiƣanliⱪini kɵrüp, uning yotisining yiriⱪiƣa ⱪolini tǝgküzüp ⱪoydi; xuning bilǝn ular qelixiwatⱪanda Yaⱪupning yotisi ⱪazandin qiⱪip kǝtti.
ئۇ زات: ــ مېنى قويۇپ بەرگىن، چۈنكى تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، دېدى. ــ سەن مېنى بەرىكەتلىمىگۈچە، سېنى قويۇپ بەرمەيمەن، دېدى ياقۇپ. | 26 |
U zat: — Meni ⱪoyup bǝrgin, qünki tang atay dǝp ⱪaldi, dedi. — Sǝn meni bǝrikǝtlimigüqǝ, seni ⱪoyup bǝrmǝymǝn, dedi Yaⱪup.
ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ ئېتىڭ نېمە؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ئېتىم ياقۇپ، ــ دېدى. | 27 |
U uningdin: — Eting nemǝ? dǝp soridi. U: etim Yaⱪup, — dedi.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئېتىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ بولماي، بەلكى ئىسرائىل بولىدۇ؛ چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ، ئىنسان بىلەنمۇ ئېلىشىپ غالىب كەلدىڭ، ــ دېدى. | 28 |
U uningƣa: — Sening eting buningdin keyin Yaⱪup bolmay, bǝlki Israil bolidu; qünki sǝn Huda bilǝnmu, insan bilǝnmu elixip ƣalib kǝlding, — dedi.
ئاندىن ياقۇپ ئۇنىڭدىن: ــ نامىڭنى ماڭا دەپ بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ: ــ نېمىشقا مېنىڭ نامىمنى سورايسەن؟ ــ دېدى ۋە شۇ يەردە ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى. | 29 |
Andin Yaⱪup uningdin: — Namingni manga dǝp bǝrgin, dewidi, u: — Nemixⱪa mening namimni soraysǝn? — dedi wǝ xu yǝrdǝ uningƣa bǝht-bǝrikǝt ata ⱪildi.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ: ــ خۇدانى يۈزمۇ-يۈز كۆرۈپ، جېنىم قۇتۇلۇپ قالدى، دەپ ئۇ جاينىڭ نامىنى «پەنىئەل» دەپ ئاتىدى. | 30 |
Xuning bilǝn Yaⱪup: — Hudani yüzmu-yüz kɵrüp, jenim ⱪutulup ⱪaldi, dǝp u jayning namini «Pǝniǝl» dǝp atidi.
ئۇ پەنىئەلدىن ئۆتۈپ ماڭغاندا، كۈن ئۇنىڭ ئۈستىبېشىنى يورۇتتى؛ ئەمما ئۇ يوتىسى تۈپەيلىدىن ئاقساپ ماڭاتتى. | 31 |
U Pǝniǝldin ɵtüp mangƣanda, kün uning üstibexini yorutti; ǝmma u yotisi tüpǝylidin aⱪsap mangatti.
بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار بۈگۈنگىچە يوتىنىڭ ئۈگىسىدىكى پەينى يېمەيدۇ؛ چۈنكى شۇ زات ياقۇپنىڭ يوتىسىنىڭ يىرىقىغا، يەنى ئۇنىڭ پېيىگە قولىنى تەگكۈزۈپ قويغانىدى. | 32 |
Bu sǝwǝbtin Israillar bügüngiqǝ yotining ügisidiki pǝyni yemǝydu; qünki xu Zat Yaⱪupning yotisining yiriⱪiƣa, yǝni uning peyigǝ ⱪolini tǝgküzüp ⱪoyƣanidi.