< يارىتىلىش 31 >
ئەمما ياقۇپ لاباننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ: ــ ياقۇپ ئاتىمىزنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى ئېلىپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئېرىشكەن بۇ دۆلىتى ئاتىمىزنىڭ تەئەللۇقاتىدىن كەلگەن، دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدى. | 1 |
さてヤコブはラバンの子らが、「ヤコブはわれわれの父の物をことごとく奪い、父の物によってあのすべての富を獲たのだ」と言っているのを聞いた。
ياقۇپ لاباننىڭ چىرايىغا قارىۋىدى، مانا، ئۇ ئۆزىگە بۇرۇنقىدەك خۇش پېئىل بولمىدى. | 2 |
またヤコブがラバンの顔を見るのに、それは自分に対して以前のようではなかった。
بۇ چاغدا، پەرۋەردىگار ياقۇپقا: ــ سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ زېمىنىغا، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا قايتىپ كەتكىن. مەن سېنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، ــ دېدى. | 3 |
主はヤコブに言われた、「あなたの先祖の国へ帰り、親族のもとに行きなさい。わたしはあなたと共にいるであろう」。
شۇنىڭ ئۈچۈن ياقۇپ ئادەم ئەۋەتىپ، راھىلە ۋە لېياھنى ئۆز پادىسى تۇرغان كۆكلەمگە چاقىرىپ كېلىپ | 4 |
そこでヤコブは人をやって、ラケルとレアとを、野にいる自分の群れのところに招き、
ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مەن ئاتاڭلارنىڭ چىرايىغا قارىسام ماڭا بۇرۇنقىدەك خۇش پېئىل بولمىدى؛ ئەمما ئاتامنىڭ خۇداسى مەن بىلەن بىللە بولۇپ كەلدى. | 5 |
彼女らに言った、「わたしがあなたがたの父の顔を見るのに、わたしに対して以前のようではない。しかし、わたしの父の神はわたしと共におられる。
كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئاتاڭلارغا ئىشلەپ بەرگىنىم سىلەرگە ئايان؛ | 6 |
あなたがたが知っているように、わたしは力のかぎり、あなたがたの父に仕えてきた。
ھالبۇكى، ئاتاڭلار مېنى ئەخمەق قىلىپ، ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمىدى. | 7 |
しかし、あなたがたの父はわたしを欺いて、十度もわたしの報酬を変えた。けれども神は彼がわたしに害を加えることをお許しにならなかった。
ئەگەر ئۇ: «ئالا-چىپار قوزىلار ھەققىڭ بولىدۇ»، دېسە، بارلىق پادىلار ئالا-چىپار قوزىلىغىلى تۇردى. ئۇ: «تاغىل قوزىلار ھەققىڭ بولسۇن»، دېسە، بارلىق پادىلار تاغىل قوزىلىغىلى تۇردى. | 8 |
もし彼が、『ぶちのものはあなたの報酬だ』と言えば、群れは皆ぶちのものを産んだ。もし彼が、『しまのあるものはあなたの報酬だ』と言えば、群れは皆しまのあるものを産んだ。
بۇ تەرىقىدە خۇدا ئاتاڭلارنىڭ ماللىرىنى تارتىۋېلىپ، ماڭا بەردى. | 9 |
こうして神はあなたがたの父の家畜をとってわたしに与えられた。
پادىلار كۈيلىگەن ۋاقىتتا مەن بىر قېتىم چۈشۈمدە بېشىمنى كۆتۈرۈپ شۇنى كۆردۇمكى، مانا، ماللارنىڭ ئۈستىگە جۈپلىشىشكە ئېتىلغان قوچقار-تېكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل ياكى ئالا-چىپار ئىدى. | 10 |
また群れが発情した時、わたしが夢に目をあげて見ると、群れの上に乗っている雄やぎは皆しまのあるもの、ぶちのもの、霜ふりのものであった。
ئاندىن خۇدانىڭ پەرىشتىسى چۈشۈمدە ماڭا: «ئەي ياقۇپ»، دېۋىدى، مەن جاۋاب بېرىپ: «مانا مەن»، دېدىم. | 11 |
その時、神の使が夢の中でわたしに言った、『ヤコブよ』。わたしは答えた、『ここにおります』。
ئۇ ماڭا: ــ «ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارىغىن؛ مانا ماللارنىڭ ئۈستىگە جۈپلىشىشكە ئېتىلغان قوچقار-تېكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل ۋە ئالا-چىپاردۇر؛ چۈنكى مەن لاباننىڭ ساڭا قىلغىنىنىڭ ھەممىسىنى كۆردۈم. | 12 |
神の使は言った、『目を上げて見てごらん。群れの上に乗っている雄やぎは皆しまのあるもの、ぶちのもの、霜ふりのものです。わたしはラバンがあなたにしたことをみな見ています。
مەن بەيت-ئەلدە [ساڭا كۆرۈنگەن] تەڭرىدۇرمەن. سەن شۇ يەردە تۈۋرۈكنى مەسىھلەپ، ماڭا قەسەم ئىچتىڭ. ئەمدى سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بۇ زېمىندىن چىقىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ زېمىنىغا يانغىن» دېدى. | 13 |
わたしはベテルの神です。かつてあなたはあそこで柱に油を注いで、わたしに誓いを立てましたが、いま立ってこの地を出て、あなたの生れた国へ帰りなさい』」。
راھىلە ۋە لېياھ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئاتىمىزنىڭ ئۆيىدە بىزگە تېگىشلىك نېسىۋە ياكى مىراس قالمىغانمۇ؟ | 14 |
ラケルとレアは答えて言った、「わたしたちの父の家に、なおわたしたちの受くべき分、また嗣業がありましょうか。
بىز دەرۋەقە ئۇنىڭغا يات ئادەم ھېسابلىنىپ قالغانمۇ؟! ئۇ بىزنى سېتىۋەتتى، تويلۇقىمىزنىمۇ پۈتۈنلەي يەپ كەتتى! | 15 |
わたしたちは父に他人のように思われているではありませんか。彼はわたしたちを売ったばかりでなく、わたしたちのその金をさえ使い果たしたのです。
شۇنداق بولغاندىن كېيىن، خۇدا ئاتىمىزدىن ساڭا ئېلىپ بەرگەن بارلىق دۆلەت بىز بىلەن بالىلىرىمىزنىڭكىدۇر. ئەمدى خۇدا ساڭا نېمە دېگەن بولسا، شۇنى قىلغىن، ــ دېدى. | 16 |
神がわたしたちの父から取りあげられた富は、みなわたしたちとわたしたちの子どものものです。だから何事でも神があなたにお告げになった事をしてください」。
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىلىرى ۋە ئاياللىرىنى تۆگىلەرگە مىندۇرۇپ، ئېرىشكەن بارلىق ماللىرى ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىنى، يەنى پادان-ئارامدا تاپقان تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، ئاتىسى ئىسھاقنىڭ يېنىغا بېرىشقا قانائان زېمىنىغا قاراپ يول ئالدى. | 17 |
そこでヤコブは立って、子らと妻たちをらくだに乗せ、
またすべての家畜、すなわち彼がパダンアラムで獲た家畜と、すべての財産を携えて、カナンの地におる父イサクのもとへ赴いた。
لابان بولسا قويلىرىنى قىرقىغىلى كەتكەنىدى؛ راھىلە ئۆز ئاتىسىغا تەۋە «ئۆي بۇتلىرى»نى ئوغرىلاپ ئېلىۋالدى. | 19 |
その時ラバンは羊の毛を切るために出ていたので、ラケルは父の所有のテラピムを盗み出した。
ياقۇپ ئارامىي لابانغا ئۆز قېشىدىن ئوغرىلىقچە قېچىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرماي ئۇنى ئالداپ قويغانىدى. | 20 |
またヤコブはアラムびとラバンを欺き、自分の逃げ去るのを彼に告げなかった。
ئۇ بار-يوقىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى؛ ئۇ دەريادىن ئۆتۈپ گىلېئاد تېغى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. | 21 |
こうして彼はすべての持ち物を携えて逃げ、立って川を渡り、ギレアデの山地へ向かった。
ئۈچىنچى كۈنى، لابانغا ياقۇپنىڭ قاچقىنى توغرىسىدا خەۋەر يەتتى. | 22 |
三日目になって、ヤコブの逃げ去ったことが、ラバンに聞えたので、
ئۇ ئۆز تۇغقانلىرىنى ئېلىپ، يەتتە كۈنلۈك يولغىچە كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، گىلېئاد تېغىدا ئۇنىڭغا يېتىشتى. | 23 |
彼は一族を率いて、七日の間そのあとを追い、ギレアデの山地で追いついた。
لېكىن كېچىسى خۇدا ئارامىي لاباننىڭ چۈشىگە كىرىپ ئۇنىڭغا: «سەن ھېزى بول، ياقۇپقا يا ئاق يا كۆك دېمە!» دېدى. | 24 |
しかし、神は夜の夢にアラムびとラバンに現れて言われた、「あなたは心してヤコブに、よしあしを言ってはなりません」。
لابان ياقۇپقا يېتىشىپ بارغاندا، ياقۇپ چېدىرىنى تاغنىڭ ئۈستىگە تىكگەنىدى. لابانمۇ تۇغقانلىرى بىلەن گىلېئاد تېغىنىڭ ئۈستىدە چېدىر تىكتى. | 25 |
ラバンはついにヤコブに追いついたが、ヤコブが山に天幕を張っていたので、ラバンも一族と共にギレアデの山に天幕を張った。
لابان ياقۇپقا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ سەن مېنى ئالداپ، قىزلىرىمنى ئۇرۇشتا ئالغان ئولجىدەك ئېلىپ كەتتىڭ؟ | 26 |
ラバンはヤコブに言った、「あなたはなんという事をしたのですか。あなたはわたしを欺いてわたしの娘たちをいくさのとりこのように引いて行きました。
نېمىشقا يوشۇرۇن قاچىسەن، ماڭا خەۋەر بەرمەي مەندىن ئوغرىلىقچە كەتتىڭ؟ ماڭا دېگەن بولساڭ مەن خۇشال-خۇراملىق بىلەن غەزەل ئوقۇپ، داپ ۋە چاڭ چېلىپ، سېنى ئۇزىتىپ قويمامتىم؟ | 27 |
なぜあなたはわたしに告げずに、ひそかに逃げ去ってわたしを欺いたのですか。わたしは手鼓や琴で喜び歌ってあなたを送りだそうとしていたのに。
شۇنداق قىلىپ سەن ماڭا ئۆز ئوغۇللىرىم ۋە قىزلىرىمنى سۆيۈپ ئۇزىتىپ قويۇش پۇرسىتىنىمۇ بەرمىدىڭ. بۇ ئىشتا ئەخمەقلىق قىلدىڭ. | 28 |
なぜわたしの孫や娘にわたしが口づけするのを許さなかったのですか。あなたは愚かな事をしました。
سىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش قولۇمدىن كېلەتتى؛ لېكىن تۈنۈگۈن كېچە ئاتاڭنىڭ خۇداسى ماڭا سۆز قىلىپ: «ھېزى بول، ياقۇپقا يا ئاق يا كۆك دېمە» دېدى. | 29 |
わたしはあなたがたに害を加える力をもっているが、あなたがたの父の神が昨夜わたしに告げて、『おまえは心して、ヤコブによしあしを言うな』と言われました。
خوش، سەن ئاتاڭنىڭ ئۆيىنى تولىمۇ سېغىنغىنىڭ ئۈچۈن كەتمەي قويمايسەن؛ لېكىن نېمىشقا يەنە مېنىڭ بۇتلىرىمنى ئوغرىلىدىڭ؟ ــ دېدى. | 30 |
今あなたが逃げ出したのは父の家が非常に恋しくなったからでしょうが、なぜあなたはわたしの神を盗んだのですか」。
ياقۇپ لابانغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن قورقۇپ قاچتىم؛ چۈنكى سېنى قىزلىرىنى مەندىن مەجبۇرىي تارتىۋالامدىكىن، دېدىم. | 31 |
ヤコブはラバンに答えた、「たぶんあなたが娘たちをわたしから奪いとるだろうと思ってわたしは恐れたからです。
ئەمدى بۇتلىرىڭغا كەلسەك، ئۇلار كىمدىن چىقسا شۇ تىرىك قالمايدۇ! قېرىنداشلىرىمىز ئالدىدا مەندىن قانداقلا نېمەڭنى تونۇۋالساڭ، ئۇنى ئېلىپ كەت، ــ دېدى. ھالبۇكى، ياقۇپنىڭ راھىلەنىڭ بۇتلارنى ئوغرىلاپ كەلگىنىدىن خەۋىرى يوق ئىدى. | 32 |
だれの所にでもあなたの神が見つかったら、その者を生かしてはおきません。何かあなたの物がわたしのところにあるか、われわれの一族の前で、調べてみて、それをお取りください」。ラケルが神を盗んだことをヤコブは知らなかったからである。
لابان ئالدى بىلەن ياقۇپنىڭ چېدىرىغا كىرىپ، ئاندىن لېياھنىڭ چېدىرى ھەم ئىككى دېدەكنىڭ چېدىرلىرىغا كىرىپ ئاختۇرۇپ ھېچنېمە تاپالمىدى. لېياھنىڭ چېدىرىدىن چىقىپ، راھىلەنىڭ چېدىرىغا كىردى. | 33 |
そこでラバンはヤコブの天幕にはいり、またレアの天幕にはいり、更にふたりのはしための天幕にはいってみたが、見つからなかったので、レアの天幕を出てラケルの天幕にはいった。
راھىلە بولسا ئۆي بۇتلىرىنى ئېلىپ، بۇلارنى تۆگىنىڭ چومىنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويۇپ، ئۈستىدە ئولتۇرۇۋالغانىدى. لابان پۈتكۈل چېدىرىنى ئاختۇرۇپ، ھېچنېمە تاپالمىدى. | 34 |
しかし、ラケルはすでにテラピムを取って、らくだのくらの下に入れ、その上にすわっていたので、ラバンは、くまなく天幕の中を捜したが、見つからなかった。
راھىلە ئاتىسىغا: ــ ئەي خوجام، ئالدىڭدا تۇرالمىغىنىم ئۈچۈن خاپا بولمىغىن؛ چۈنكى مەن ھازىر ئاياللارنىڭ ئادەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمەن، ــ دېدى. شۇنداق قىلىپ، لابان ھەممە يەرنى قويماي ئاختۇرۇپمۇ، ئۆي بۇتلىرىنى تاپالمىدى. | 35 |
その時ラケルは父に言った、「わたしは女の常のことがあって、あなたの前に立ち上がることができません。わが主よ、どうかお怒りにならぬよう」。彼は捜したがテラピムは見つからなかった。
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئاچچىقلاپ لابان بىلەن جېدەللىشىپ كەتتى. ياقۇپ لابانغا: ــ سەن مېنى كەينىمدىن مۇنچە ئالدىراپ-تېنەپ قوغلاپ كەلگۈدەك مەندە نېمە سەۋەنلىك، نېمە گۇناھ بار؟ | 36 |
そこでヤコブは怒ってラバンを責めた。そしてヤコブはラバンに言った、「わたしにどんなあやまちがあり、どんな罪があって、あなたはわたしのあとを激しく追ったのですか。
سەن ھەممە يۈك-تاقلىرىمنى ئاختۇرۇپ چىقتىڭ، ئۆيۈڭنىڭ نەرسىلىرىدىن بىرەر نېمە تاپالىدىڭمۇ؟ بىرنېمە تاپقان بولساڭ، مېنىڭ قېرىنداشلىرىم بىلەن سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئالدىدا ئۇنى قويغىن، ئۇلار بىز ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلسۇن. | 37 |
あなたはわたしの物をことごとく探られたが、何かあなたの家の物が見つかりましたか。それを、ここに、わたしの一族と、あなたの一族の前に置いて、われわれふたりの間をさばかせましょう。
مەن مۇشۇ يىگىرمە يىل قېشىڭدا تۇردۇم؛ ھېچقاچان ساغلىقىڭ ۋە چىشى ئۆچكىلىرىڭ بالا تاشلىۋەتمىدى؛ پادىلىرىڭدىن قوچقارلىرىڭنى يېگىنىم يوق. | 38 |
わたしはこの二十年、あなたと一緒にいましたが、その間あなたの雌羊も雌やぎも子を産みそこねたことはなく、またわたしはあなたの群れの雄羊を食べたこともありませんでした。
بوغۇۋېتىلگەنلىرىنى قېشىڭغا ئېلىپ كەلمەي، بۇ زىياننى ئۆزۈم تولدۇردۇم؛ كېچىسى ئوغرىلانغان ياكى كۈندۈزى ئوغرىلانغان بولسۇن سەن ئۇنى مەندىن تۆلىتىپ ئالدىڭ. | 39 |
また野獣が、かみ裂いたものは、あなたのもとに持ってこないで、自分でそれを償いました。また昼盗まれたものも、夜盗まれたものも、あなたはわたしにその償いを求められました。
مېنىڭ كۈنلىرىم شۇنداق ئۆتتىكى، كۈندۈزى ئىسسىقتىن، كېچىسى سوغۇقتىن قىينىلىپ، ئۇيقۇ كۆزۈمدىن قاچاتتى. | 40 |
わたしのことを言えば、昼は暑さに、夜は寒さに悩まされて、眠ることもできませんでした。
مېنىڭ كۈنلىرىم مۇشۇ يىگىرمە يىلدا ئۆيۈڭدە تۇرۇپ شۇنداق بولدى؛ ئون تۆت يىل ئىككى قىزىڭ ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلدىم، ئالتە يىل پاداڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتىڭ. | 41 |
わたしはこの二十年あなたの家族のひとりでありました。わたしはあなたのふたりの娘のために十四年、またあなたの群れのために六年、あなたに仕えましたが、あなたは十度もわたしの報酬を変えられました。
ئەگەر ئاتامنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، يەنى ئىسھاقنىڭ قورقۇنچىسى بولغاننىڭ ئۆزى مەن بىلەن بىللە بولمىسا ئىدى، سەن جەزمەن مېنى قۇرۇق قول قىلىپ قايتۇرۇۋېتەتتىڭ. لېكىن خۇدا مېنىڭ تارتقان جەبىر-جاپالىرىمنى، قوللىرىمنىڭ مۇشەققىتىنى كۆرۈپ تۈنۈگۈن كېچە ساڭا تەنبىھ بەردى، ــ دېدى. | 42 |
もし、わたしの父の神、アブラハムの神、イサクのかしこむ者がわたしと共におられなかったなら、あなたはきっとわたしを、から手で去らせたでしょう。神はわたしの悩みと、わたしの労苦とを顧みられて昨夜あなたを戒められたのです」。
لابان ياقۇپقا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ قىزلار مېنىڭ قىزلىرىم، بۇ ئوغۇللار مېنىڭ ئوغۇللىرىم، بۇ پادا بولسا مېنىڭ پادام بولىدۇ؛ شۇنداقلا كۆز ئالدىڭدىكى ھەممە نەرسە مىنىڭكىدۇر؛ ئەمما مەن بۈگۈن بۇ قىزلىرىمنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقان ئوغۇللىرىنى نېمە قىلاي؟ | 43 |
ラバンは答えてヤコブに言った、「娘たちはわたしの娘、子どもたちはわたしの孫です。また群れはわたしの群れ、あなたの見るものはみなわたしのものです。これらのわたしの娘たちのため、また彼らが産んだ子どもたちのため、きょうわたしは何をすることができましょうか。
قېنى كەل، سەن بىلەن ئىككىمىز بىر ئەھدە تۈزۈشەيلى، بۇ مەن بىلەن سېنىڭ ئوتتۇرىمىزدا گۇۋاھ بولسۇن، ــ دېدى. | 44 |
さあ、それではわたしとあなたと契約を結んで、これをわたしとあなたとの間の証拠としましょう」。
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ بىر تاشنى ئېلىپ ئۆرە تىكلەپ تۈۋرۈك قىلىپ قويدى. | 45 |
そこでヤコブは石を取り、それを立てて柱とした。
ئاندىن ياقۇپ قېرىنداشلىرىغا: ــ تاش يىغىڭلار، ــ دېۋىدى، تاشلارنى ئېلىپ كېلىپ دۆۋىلىدى، شۇ يەردە تاش دۆۋىسىنىڭ يېنىدا غىزالىنىشتى. | 46 |
ヤコブはまた一族の者に言った、「石を集めてください」。彼らは石を取って、一つの石塚を造った。こうして彼らはその石塚のかたわらで食事をした。
لابان بۇ دۆۋىنى «يەگار-ساھادۇتا» دەپ ئاتىدى، ياقۇپ ئۇنىڭغا «گالېئەد» دەپ ئات قويدى. | 47 |
ラバンはこれをエガル・サハドタと名づけ、ヤコブはこれをガルエドと名づけた。
لابان: ــ بۇ دۆۋە بۈگۈن سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا گۇۋاھ بولسۇن، ــ دېدى. شۇڭا بۇ سەۋەبتىن دۆۋىنىڭ نامى «گالېئەد» ئاتالدى. | 48 |
そしてラバンは言った、「この石塚はきょうわたしとあなたとの間の証拠となります」。それでその名はガルエドと呼ばれた。
ئۇ جاي يەنە «مىزپاھ»، دەپمۇ ئاتالدى؛ چۈنكى لابان يەنە: ــ ئىككىمىز بىر-بىرىمىز بىلەن كۆرۈشمىگەن ۋاقىتلاردا، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا قاراۋۇل بولۇپ كۆزىتىپ تۇرسۇن. | 49 |
またミズパとも呼ばれた。彼がこう言ったからである、「われわれが互に別れたのちも、どうか主がわたしとあなたとの間を見守られるように。
ئەگەر سەن قىزلىرىمنى بوزەك قىلساڭ، ياكى قىزلىرىمنىڭ ئۈستىگە باشقا خوتۇنلارنى ئالساڭ، باشقا ھېچ كىشى قېشىمىزدا ھازىر بولمىغان تەقدىردىمۇ، مانا، خۇدا مەن بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا گۇۋاھچىدۇر! | 50 |
もしあなたがわたしの娘を虐待したり、わたしの娘のほかに妻をめとることがあれば、たといそこにだれひとりいなくても、神はわたしとあなたとの間の証人でいらせられる」。
لابان ياقۇپقا يەنە: ــ مانا، بۇ دۆۋىگە قارا، مەن بىلەن سەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەن تىكلەپ قويغان بۇ تۈۋرۈككىمۇ قارا؛ | 51 |
更にラバンはヤコブに言った、「あなたとわたしとの間にわたしが建てたこの石塚をごらんなさい、この柱をごらんなさい。
كەلگۈسىدە بۇ دۆۋە ۋە بۇ تۈۋرۈكمۇ مەن يامان نىيەت بىلەن بۇ دۆۋىدىن سېنىڭ تەرىپىڭگە ئۆتمەسلىكىم ئۈچۈن، سېنىڭمۇ نىيىتىڭنى يامان قىلىپ بۇ دۆۋە ۋە بۇ تۈۋرۈكتىن ئۆتۈپ مېنىڭ تەرىپىمگە كەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن گۇۋاھچى بولسۇن. | 52 |
この石塚を越えてわたしがあなたに害を加えず、またこの石塚とこの柱を越えてあなたがわたしに害を加えないように、どうかこの石塚があかしとなり、この柱があかしとなるように。
ئىبراھىمنىڭ ئىلاھى، ناھورنىڭ ئىلاھى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىلاھلىرى ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن، ــ دېدى. ياقۇپ بولسا ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قورقۇنچىسى بولغۇچى بىلەن قەسەم قىلدى. | 53 |
どうかアブラハムの神、ナホルの神、彼らの父の神がわれわれの間をさばかれるように」。ヤコブは父イサクのかしこむ者によって誓った。
ئاندىن ياقۇپ تاغ ئۈستىدە بىر قۇربانلىق سۇنۇپ، قېرىنداشلىرىنى ئۆزى بىلەن تاماقلىنىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ھەمداستىخان ئولتۇردى ۋە كېچىسى تاغدا قوندى. | 54 |
そしてヤコブは山で犠牲をささげ、一族を招いて、食事をした。彼らは食事をして山に宿った。
ئەتىسى تاڭ سەھەردە لابان ئورنىدىن تۇرۇپ، نەۋرىلىرى بىلەن قىزلىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۆز ئۆيىگە راۋان بولدى. | 55 |
あくる朝ラバンは早く起き、孫と娘たちに口づけして彼らを祝福し、去って家に帰った。