< يارىتىلىش 30 >
ئەمما راھىلە ئۆزىنىڭ ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگىنىنى كۆرگەندە، ئاچىسىغا ھەسەت قىلىپ ياقۇپقا: ــ ماڭا بالا بەرگىن؛ بولمىسا ئۆلىمەن، ــ دېدى. | 1 |
Alors Rachel, voyant qu'elle ne donnait point d'enfant à Jacob, fut jalouse de sa sœur, et dit à Jacob: Donne-moi des enfants; sinon je suis morte.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ راھىلەگە غەزىپى كېلىپ: ــ مەن بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىنى سەندىن ئايىغان خۇدانىڭ ئورنىدىمۇ؟! ــ دېدى. | 2 |
Et la colère de Jacob s'enflamma contre Rachel, et il dit: Suis-je à la place de Dieu, qui t'a refusé la fécondité
ــ مانا، دېدىكىم بىلھاھ بۇ يەردە تۇرىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرگىن، ئۇ مېنىڭ قۇچىقىمغا تۇغسۇن؛ مەن ئۇ ئارقىلىق بالىلىق بولاي، ــ دېدى راھىلە. | 3 |
Et elle dit: Voici ma servante Bilha; viens vers elle, et elle enfantera sur mes genoux, et j'aurai, moi aussi, des enfants par elle.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېدىكى بىلھاھنى ئۇنىڭغا خوتۇن قىلىپ بەردى؛ ياقۇپ ئۇنىڭ قېشىغا كىردى. | 4 |
Elle lui donna donc pour femme Bilha, sa servante; et Jacob vint vers elle.
بىلھاھ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. | 5 |
Et Bilha conçut, et enfanta un fils à Jacob.
راھىلە: ــ «خۇدا مەن ئۈچۈن ئادالەت يۈرگۈزۈپ پەريادىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى»، دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى دان قويدى. | 6 |
Et Rachel dit: Dieu m'a rendu justice, et il a aussi exaucé ma voix, et m'a donné un fils; c'est pourquoi elle l'appela Dan (juge).
راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. | 7 |
Et Bilha, servante de Rachel, conçut encore et enfanta un second fils à Jacob.
راھىلە: ــ «مەن ئاچام بىلەن بەسلىشىپ قاتتىق تۇتۇشۇپ، يەڭدىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى نافتالى قويدى. | 8 |
Et Rachel dit: J'ai soutenu contre ma sœur des luttes de Dieu; j'ai même eu la victoire; et elle lui donna le nom de Nephthali (ma lutte).
لېياھ ئۆزىنىڭ تۇغۇتتىن توختاپ قالغانىنى كۆرۈپ، دېدىكى زىلپاھنى ياقۇپقا خوتۇن قىلىپ بەردى. | 9 |
Alors Léa, voyant qu'elle avait cessé d'avoir des enfants, prit Zilpa, sa servante, et la donna pour femme à Jacob.
لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھ ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. | 10 |
Et Zilpa, servante de Léa, enfanta un fils à Jacob.
لېياھ: ــ «نېمىدېگەن تەلەيلىك-ھە!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى گاد قويدى. | 11 |
Et Léa dit: Quel bonheur! Et elle l'appela Gad (bonheur).
لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھ ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. | 12 |
Et Zilpa, servante de Léa, enfanta un second fils à Jacob.
لېياھ: «مەن بەختلىكتۇرمەن! چۈنكى خوتۇن-قىزلار مېنى بەختلىك دېيىشىدۇ!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاشىر قويدى. | 13 |
Et Léa dit: Que je suis heureuse! car les filles me diront heureuse; et elle l'appela Asser (heureux).
بۇغداي ئورمىسى كۈنلىرىدە رۇبەن چىقىپ ئېتىزلىققا باردى ۋە ئېتىزدىن بىرقانچە مۇھەببەتگۈلىنى تېرىپ، بۇلارنى ئانىسى لېياھنىڭ قېشىغا ئەكەلدى. ئەمدى راھىلە لېياھقا: ــ ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇڭنىڭ مۇھەببەتگۈلىدىن بىرنەچچىنى ماڭا بەرگىن! ــ دېدى. | 14 |
Et Ruben s'en alla au temps de la moisson des blés, et trouva des mandragores dans les champs, et les apporta à Léa, sa mère. Et Rachel dit à Léa: Donne-moi, je te prie, des mandragores de ton fils.
[لېياھ] ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئېرىمنى تارتىۋالغىنىڭ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى ئوغلۇمنىڭ مۇھەببەتگۈلىنىمۇ تارتىۋالماقچىمۇسەن؟ ــ دېدى. راھىلە جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنداق بولسا ئۇ ئوغلۇڭنىڭ مۇھەببەتگۈللىرى ئۈچۈن بۈگۈن كېچە سەن بىلەن ياتسۇن، ــ دېدى. | 15 |
Et elle lui répondit: Est-ce peu d'avoir pris mon mari, que tu veuilles encore prendre les mandragores de mon fils? Et Rachel dit: Eh bien! qu'il couche avec toi cette nuit en échange des mandragores de ton fils.
ياقۇپ كەچقۇرۇن ئېتىزدىن قايتىپ كەلگىنىدە، لېياھ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ مېنىڭ قېشىمغا كىرىشىڭ كېرەك؛ چۈنكى مەن ئوغلۇمنىڭ مۇھەببەتگۈللىرى بىلەن سېنى ئىجارىگە ئالدىم، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇ بۇ كېچە ئۇنىڭ بىلەن ياتتى. | 16 |
Et lorsque Jacob revint des champs le soir, Léa alla au-devant de lui, et dit: Tu viendras vers moi; car je t'ai loué pour les mandragores de mon fils; et il coucha avec elle cette nuit-là.
خۇدا لېياھنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى؛ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بەشىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. | 17 |
Et Dieu exauça Léa, et elle conçut, et enfanta à Jacob un cinquième fils.
شۇنىڭ بىلەن لېياھ: «دېدىكىمنى ئېرىمگە بەرگىنىمگە خۇدا ئەمدى ماڭا «ئىجارە ھەققىم»نى ئاتا قىلدى» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسساكار قويدى. | 18 |
Et elle dit: Dieu m'a donné mon salaire, pour avoir donné ma servante à mon mari; et elle l'appela Issacar (il y a salaire).
لېياھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئالتىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. | 19 |
Et Léa conçut encore, et enfanta un sixième fils à Jacob,
لېياھ: ــ «خۇدا ماڭا ياخشى تويلۇق ئاتا قىلدى؛ ئەمدى ئېرىم مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرىدىغان بولدى؛ چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى زەبۇلۇن قويدى. | 20 |
Et Léa dit: Dieu m'a donné un bon douaire; cette fois mon mari habitera avec moi; car je lui ai enfanté six fils. Et elle l'appela Zabulon (habitation).
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بىر قىز تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى دىناھ قويدى. | 21 |
Ensuite elle enfanta une fille, et elle l'appela Dina.
ئەمما خۇدا راھىلەنى ياد قىلىپ، دۇئاسىنى ئاڭلاپ ئۇنى تۇغىدىغان قىلدى. | 22 |
Et Dieu se souvint de Rachel, et Dieu l'exauça et la rendit féconde.
ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: ــ «خۇدا مېنى نومۇستىن خالاس قىلدى»، دېدى. | 23 |
Et elle conçut, et enfanta un fils, et dit: Dieu a ôté mon opprobre;
ئۇ: ــ «پەرۋەردىگار ماڭا يەنە بىر بالا بەرسە» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يۈسۈپ قويدى. | 24 |
Et elle l'appela Joseph (il ôte ou il ajoute), en disant: Que l'Éternel m'ajoute encore un autre fils!
راھىلە يۈسۈپنى تۇغقاندىن كېيىن ياقۇپ لابانغا: ــ مېنى ئۆز يۇرتۇمغا، ئۆز ۋەتىنىمگە كەتكىلى قويغىن. | 25 |
Et lorsque Rachel eut enfanté Joseph, Jacob dit à Laban: Donne-moi mon congé, que je m'en aille en mon lieu, dans mon pays.
مېنىڭ ساڭا ئىشلەپ ئېرىشكەن ئىش ھەققىم بولغان ئاياللىرىم بىلەن بالىلىرىمنى ماڭا بەرگىن؛ مەن كېتەي؛ چۈنكى مېنىڭ ساڭا ئىشلىگەن جاپالىق خىزمىتىم ئۆزۈڭگە ئايان، ــ دېدى. | 26 |
Donne-moi mes femmes et mes enfants, pour lesquels je t'ai servi, et que je m'en aille; car tu sais le service que j'ai fait pour toi.
لابان ئۇنىڭغا جاۋابەن: نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆتۈنۈپ قالاي، [يېنىمدىن كەتمە]. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ماڭا بەرىكەت بەرگىنىنى تونۇپ يەتتىم، دېۋىدى، [ياقۇپ] يەنە: ــ | 27 |
Et Laban lui répondit: Puissé-je avoir trouvé grâce à tes yeux; car j'ai deviné que l'Éternel m'a béni à cause de toi.
ماڭا ئالىدىغان ھەققىڭنى توختاتقىن؛ مەن ساڭا شۇنى بېرەي، دېدى. | 28 |
Puis il dit: Fixe-moi ton salaire, et je te le donnerai.
[ياقۇپ] ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ساڭا قانداق خىزمەت قىلىپ كەلگىنىم، مېنىڭ قولۇمدا ماللىرىڭنىڭ قانداق بولغىنى ئۆزۈڭگە ئايان. | 29 |
Et il lui répondit: Tu sais comment je t'ai servi, et ce qu'est devenu ton bétail avec moi.
چۈنكى مەن كەلمەستە مېلىڭ ئاز ئىدى؛ ئەمدى ناھايىتى زور بىر توپ بولدى. مېنىڭ قەدىمىم قەيەرگە يەتسە، پەرۋەردىگار ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلدى. ئەمدى مەن قاچان ئۆز ئائىلەم ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەيمەن؟ ــ دېدى. | 30 |
Car ce que tu avais avant moi était peu de chose; mais depuis il s'est fort accru, et l'Éternel t'a béni depuis que j'ai mis le pied chez toi; et maintenant, quand travaillerai-je aussi pour ma maison?
شۇنىڭ بىلەن لابان: ــ مەن ساڭا نېمە بېرەي، دېۋىدى، ياقۇپ: ــ سەن ماڭا ھېچنېمە بەرمىگىن؛ پەقەت مېنىڭ شۇ ئىشىمغا قوشۇلساڭلا، مەن يەنە پاداڭنى بېقىپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئالىمەن. | 31 |
Et Laban lui dit: Que te donnerai-je? Et Jacob répondit: Tu ne me donneras rien. Je paîtrai encore tes troupeaux, et je les garderai, si tu fais ceci pour moi:
مەن بۈگۈن پۈتكۈل پاداڭنى ئارىلاپ، ئالا-چىپار قويلارنى، قارا-قوڭۇر پاخلانلارنى، شۇنداقلا ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىنمۇ ئالا-چىپارلىرىنى ئايرىپ چىقىمەن. بۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىم بولسۇن. | 32 |
Je passerai aujourd'hui parmi tous tes troupeaux; ôtes-en toute bête picotée et tachetée, et toute bête noire parmi les agneaux, et ce qui est tacheté et picoté parmi les chèvres; et ce sera mon salaire.
كېيىن، مېنىڭ ھەققىمنى تەكشۈرۈپ كەلگەن ۋاقتىڭدا، ھەققانىي بولغىنىم كۆز ئالدىڭدا ئىسپاتلىنىدۇ؛ ئۆچكىلەر ئارىسىدا ئالا-چىپار بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسى، پاخلانلار ئارىسىدا قارا-قوڭۇر بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېلىنگەن ھېسابلانسۇن، ــ دېدى. | 33 |
Et ma justice me rendra témoignage à l'avenir devant toi, quand tu viendras reconnaître mon salaire. Tout ce qui ne sera point picoté ou tacheté parmi les chèvres, et noir parmi les agneaux, aura été volé, s'il est trouvé chez moi.
ئۇ ۋاقىتتا لابان: ــ ماقۇل، دېگىنىڭدەك بولسۇن، ــ دېدى. | 34 |
Alors Laban dit: Eh bien! qu'il en soit comme tu dis.
شۇ كۈنى [لابان] تاغىل ۋە ئالا-چىپار تېكىلەرنى، ئالا-چىپار چىشى ئۆچكىلەرنى، شۇنداقلا ئاز-پاز ئاق چىكىمى بولغان بارلىق ئۆچكىلەرنى، بارلىق قارا-قوڭۇر قوزىلارنى ئايرىپ، ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، | 35 |
Et le jour même il sépara les boucs rayés et tachetés, et toutes les chèvres picotées et tachetées, tout ce qui avait du blanc, et tout ce qui était noir parmi les agneaux; et il les confia à ses fils.
ئۆزى بىلەن ياقۇپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ كۈنلۈك ئارىلىقنى قويدى. ياقۇپ بولسا لاباننىڭ پادىلىرىنىڭ قالغىنىنى باقتى. | 36 |
Et il mit l'espace de trois jours de chemin entre lui et Jacob. Et Jacob paissait le reste des troupeaux de Laban.
لېكىن ياقۇپ تېرەك، بادام ۋە چىنار دەرەخلىرىدىن يۇمران چىۋىقلارنى ئېلىپ، قوۋزىقىنى يوللۇق قىلىپ شىلىپ، ئاق سىزىقلارنى چىقاردى. | 37 |
Alors Jacob prit des branches vertes de peuplier, d'amandier et de platane, et y fit des raies blanches, en découvrant le blanc qui était aux branches.
ئاندىن مال كۈيلىگەن ۋاقىتلىرىدا سۇ ئىچكىلى كەلگەندە، ئۇ مۇشۇ شىلغان چىۋىقلارنى پادىلار سۇ ئىچىدىغان يەرلەردىكى ئۇلاقلارغا مالنىڭ ئالدىغا تىكلەپ قوياتتى. مال بۇ [تاغىل] چىۋىقلارنىڭ ئالدىدا جۈپلەشكەندىن كېيىن ئۇلار تاغىل ۋە ئالا-چىپار قوزىلارنى تۇغدى. | 38 |
Et il mit les branches qu'il avait pelées, dans les auges, dans les abreuvoirs où les brebis venaient boire, en face des brebis; et elles entraient en chaleur, quand elles venaient boire.
Les brebis entraient donc en chaleur à la vue des branches, et elles faisaient des agneaux rayés, picotés et tachetés.
ئاندىن ياقۇپ بۇ قوزىلارنى لاباننىڭ پادىسىدىن ئايرىپ چىقاردى؛ ئاندىن ئۇ لاباننىڭ پادىسىنىڭ يۈزلىرىنى تاغىل ۋە قوڭۇر قويلىرىغا قارىتىپ جۈپلەشتۈردى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆز مېلىنى لاباننىڭ مېلىغا قوشماي بۆلەك قويۇپ، ئۆزى ئۈچۈن ئايرىم بادىلارنى قىلدى. | 40 |
Et Jacob partageait les agneaux, et mettait les brebis du troupeau de Laban en face de ce qui était rayé, et de tout ce qui était noir; et il mit ses troupeaux à part, et ne les mit point auprès des troupeaux de Laban.
ساغلام كۈچلۈك مال جۈپلەشكىنىدە، ياقۇپ چىۋىقلارنى پادىنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇلاقلاردا قوياتتى؛ ماللار شۇ چىۋىقلارنىڭ يېنىدا جۈپلىشەتتى. | 41 |
Et il arrivait que toutes les fois que les brebis vigoureuses entraient en chaleur, Jacob mettait les branches sous les yeux du troupeau dans les auges, afin qu'elles entrassent en chaleur auprès des branches.
لېكىن جۈپلىشىۋاتقان مال ئاجىز بولسا، ئۇ چىۋىقلارنى قويمايتتى. بۇ تەرىقىدە ئاجىزلىرى لابانغا، كۈچلۈكلىرى ياقۇپقا تەۋە بولدى. | 42 |
Mais quand les brebis étaient chétives, il ne les mettait point. En sorte que les agneaux chétifs étaient pour Laban, et les vigoureux pour Jacob.
شۇنداق قىلىپ، بۇ كىشى ناھايىتى باي بولۇپ، ماللىرى، دېدەكلىرى، قۇللىرى، تۆگىلىرى ۋە ئېشەكلىرى خېلى كۆپ بولدى. | 43 |
Et cet homme devint extrêmement riche, et il eut de nombreux troupeaux, des servantes et des serviteurs, des chameaux et des ânes.