< يارىتىلىش 3 >
يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن: ــ خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 1 |
Yer yüzide yilan Reb Perwerdigar yaratqan daladiki haywanlarning hemmisidin hiyliger idi. U ayaldin: — Xuda rasttinla baghdiki derexlerning héchqaysisining méwisidin yémenglar, dédimu? — dep soridi.
ئايال يىلانغا جاۋاب بېرىپ: ــ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ. | 2 |
Ayal yilan’gha jawab bérip: — Baghdiki derexlerning méwilirini yések bolidu.
ئەمما باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسى توغرىسىدا خۇدا: «بۇنىڭدىن يېمەڭلار، قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر» دېگەن، دېدى. | 3 |
Emma baghning otturisidiki derexning méwisi toghrisida Xuda: «Buningdin yémenglar, qolmu tegküzmenglar, bolmisa ölisiler» dégen, dédi.
يىلان ئايالغا: ــ ئۇنداق ئەمەس! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر! | 4 |
Yilan ayalgha: — Undaq emes! Hergiz ölmeysiler!
بەلكى سىلەر ئۇنى يېگەن كۈنۈڭلاردا، خۇدا كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، خۇداغا ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، ــ دېدى. | 5 |
Belki siler uni yégen kününglarda, Xuda közünglarning échilip, Xudagha oxshash yaxshi bilen yamanni bilidighan bolup qalidighanliqinglarni bilidu, — dédi.
ئايال دەرەخنىڭ [مېۋىسىنىڭ] يېمەكلىك ئۈچۈن ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭ كۆزنى قاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەمدە دەرەخنىڭ ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدىغان جەلپكارلىقىنى كۆرۈپ، مېۋىدىن يېدى ۋە ئۇنىڭدىن يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى؛ ئۇمۇ يېدى. | 6 |
Ayal derexning [méwisining] yémeklik üchün yaxshiliqini, uning közni qamlashturidighanliqini körüp, hemde derexning ademni eqilliq qilidighan jelpkarliqini körüp, méwidin yédi we uningdin yénida turghan érigimu berdi; umu yédi.
يېيىشى بىلەنلا ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى ئېلىپ بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكىپ، ئۆزلىرىگە ياپقۇچ قىلىپ تارتتى. | 7 |
Yéyishi bilenla her ikkisining közliri échilip, özlirining yalingach ikenlikini bilip, enjür yopurmaqlirini élip bir-birige ulap tikip, özlirige yapquch qilip tartti.
كۈن سالقىنلىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا ماڭغان شەپىسىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئادەم ئايالى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ھازىر بولغىنىدىن قېچىپ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى. | 8 |
Kün salqinlighanda, ular Perwerdigar Xudaning baghda mangghan shepisini anglap qélip, adem ayali bilen Perwerdigar Xudaning hazir bolghinidin qéchip baghdiki derexlerning arisigha yoshurunuwaldi.
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا توۋلاپ ئادەمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سەن نەدە؟ ــ دېدى. | 9 |
Lékin Perwerdigar Xuda towlap ademni chaqirip uninggha: Sen nede? — dédi.
ئادەمئاتا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن باغدا شەپەڭنى ئاڭلاپ، يالىڭاچ تۇرغىنىم ئۈچۈن قورقۇپ كېتىپ، يوشۇرۇنىۋالدىم، ــ دېدى. | 10 |
Adem’ata jawab bérip: — Men baghda shepengni anglap, yalingach turghinim üchün qorqup kétip, yoshuruniwaldim, — dédi.
[خۇدا] ئۇنىڭغا: ــ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدىڭمۇ-يا؟ ــ دېدى. | 11 |
[Xuda] uninggha: — Yalingach ikenlikingni sanga kim éytti? Men sanga yéme, dep emr qilghan derexning méwisidin yédingmu-ya? — dédi.
ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا بەرگەن ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، مەن يېدىم، ــ دېدى. | 12 |
Adem jawab bérip: — Sen manga hemrah bolushqa bergen ayal derexning méwisidin manga bergenidi, men yédim, — dédi.
پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ــ يىلان مېنى ئالداپ ئازدۇرسا، مەن يەپ ساپتىمەن، ــ دېدى. | 13 |
Perwerdigar Xuda ayalgha: — Bu néme qilghining? — dédi. Ayal jawab bérip: — Yilan méni aldap azdursa, men yep saptimen, — dédi.
پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا مۇنداق دېدى: ــ «بۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، سەن ھەممە مال-چارۋىلاردىن، دالادىكى بارلىق ھايۋاناتلاردىن بەكرەك لەنەتكە قالىسەن؛ قورسىقىڭ بىلەن بېغىرلاپ مېڭىپ، ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە توپا يەيسەن. | 14 |
Perwerdigar Xuda yilan’gha mundaq dédi: — «Bu qilghining üchün, Sen hemme mal-charwilardin, Daladiki barliq haywanatlardin bekrek lenetke qalisen; Qorsiqing bilen béghirlap méngip, Ömrüngning barliq künliride topa yeysen.
ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا، سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛ ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى [چېقىپ] زەخىملەندۈرىسەن». | 15 |
We men sen bilen ayalning arisigha, Séning nesling bilen ayalning neslining arisigha öchmenlik salimen; U séning béshingni dessep zeximlendüridu, Sen qopup uning tapinini [chéqip] zeximlendürisen».
ئاندىن خۇدا ئايالغا: ــ «سېنىڭ ھامىلىدارلىقىڭنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى كۆپەيتىمەن؛ سەن قاتتىق تولغاق ئىچىدە بوشىنىسەن؛ سەن ئېرىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا ھەۋەس قىلساڭمۇ، ئۇ ئۈستۈڭدىن خوجىلىق قىلىدۇ» ــ دېدى. | 16 |
Andin Xuda ayalgha: — «Séning hamilidarliqingning japa-musheqqetlirini köpeytimen; Sen qattiq tolghaq ichide boshinisen; Sen éringdin üstün turushqa hewes qilsangmu, U üstüngdin xojiliq qilidu» — dédi.
ئاندىن ئۇ ئادەمئاتىغا: ــ «سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەختىن يېگىنىڭ تۈپەيلىدىن، سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن يەر-تۇپراق لەنىتىمگە ئۇچرايدۇ؛ ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەقەت جاپالىق ئىشلەپلا، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىسەن. | 17 |
Andin U Adem atigha: — «Sen ayalingning sözige qulaq sélip, Men sanga yéme, dep emr qilghan derextin yégining tüpeylidin, Séning tüpeylingdin yer-tupraq lenitimge uchraydu; Ömrüngning barliq künliride peqet japaliq ishlepla, andin uningdin ozuqlinisen.
يەر ساڭا تىكەن بىلەن قامغاق ئۈندۈرىدۇ؛ شۇنداقتىمۇ سەن يەردىكى زىرائەت-ئوتياشلارنى يەيسەن. | 18 |
Yer sanga tiken bilen qamghaq ündüridu; Shundaqtimu sen yerdiki ziraet-otyashlarni yeysen.
تاكى سەن تۇپراققا قايتقۇچە يۈز-كۆزۈڭ تەرگە چۈمگەندە، ئاندىن نان يېيەلەيسەن؛ چۈنكى سەن ئەسلى تۇپراقتىن ئېلىنغانسەن؛ سەن ئەسلىدە توپا بولغاچ، يەنە توپىغا قايتىسەن» ــ دېدى. | 19 |
Taki sen tupraqqa qaytquche yüz-közüng terge chümgende, andin nan yéyeleysen; Chünki sen esli tupraqtin élin’ghansen; Sen eslide topa bolghach, Yene topigha qaytisen» — dédi.
ئۇنىڭ ئايالى بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدىغىنى ئۈچۈن ئادەم ئۇنىڭغا «ھاۋا» دەپ ئات قويدى. | 20 |
Uning ayali barliq jan igilirining anisi bolidighini üchün adem uninggha «Hawa» dep at qoydi.
پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋان تېرىلىرىدىن كىيىم قىلىپ كىيدۈرۈپ قويدى. | 21 |
Perwerdigar Xuda Adem’ata bilen uning ayaligha haywan tériliridin kiyim qilip kiydürüp qoydi.
پەرۋەردىگار خۇدا سۆز قىلىپ: ــ مانا، ئادەم بىزلەردىن بىرىگە ئوخشاپ قالدى، ياخشى بىلەن ياماننى بىلدى. ئەمدى قولىنى ئۇزىتىپ ھاياتلىق دەرىخىدىن ئېلىپ يەۋېلىپ، تا ئەبەدگىچە ياشاۋەرمەسلىكى ئۈچۈن [ئۇنى توسۇشىمىز كېرەك]، دېدى. | 22 |
Perwerdigar Xuda söz qilip: — Mana, adem Bizlerdin birige oxshap qaldi, yaxshi bilen yamanni bildi. Emdi qolini uzitip hayatliq derixidin élip yewélip, ta ebedgiche yashawermesliki üchün [uni tosushimiz kérek], dédi.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنى يەرگە ئىشلەيدىغان، يەنى ئۆزى ئەسلى ئاپىرىدە قىلىنغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان قىلىپ قويدى. | 23 |
Shuning bilen Perwerdigar Xuda uni Érem baghdin qoghlap chiqiriwetti; shundaq qilip uni yerge ishleydighan, yeni özi esli apiride qilin’ghan tupraqqa ishleydighan qilip qoydi.
ئادەمنى قوغلىۋېتىپ، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئېرەم بېغىنىڭ مەشرىق تەرىپىگە كېرۇبلارنى ۋە تۆت تەرەپكە پىرقىرايدىغان يالقۇنلۇق بىر شەمشەرنى قويۇپ قويدى. | 24 |
Ademni qoghliwétip, hayatliq derixige baridighan yolni muhapizet qilish üchün, u Érem béghining meshriq teripige kérublarni we töt terepke pirqiraydighan yalqunluq bir shemsherni qoyup qoydi.