ئاندىن ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەشرىقتىكى قوۋملارنىڭ زېمىنىغا يېتىپ كەلدى. | 1 |
ئینجا یاقوب پێی هەڵگرت و بەرەو خاکی گەلانی ڕۆژهەڵات ڕۆیشت. |
ئۇ قارىۋىدى، مانا، يايلاقتا بىر قۇدۇق تۇراتتى، ئۇنىڭ يېنىدا ئۈچ توپ قوي پادىسى تۇراتتى؛ چۈنكى خەلق بۇ قۇدۇقتىن پادىلارنى سۇغىراتتى. قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر تاش قويۇقلۇق ئىدى. | 2 |
بینی وا بیرێک لە دەشتودەرەکە هەیە و سێ ڕانە مەڕ لەوێ ڕاکشاون، چونکە شوانەکان لەو بیرەوە مەڕەکانیان ئاو دەدا. بەردێکی گەورەش لەسەر دەمی بیرەکە بوو. |
قاچانىكى پادىلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلسا، پادىچىلار بىرلىكتە قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى يۇمىلىتىۋېتىپ، قويلارنى سۇغىرىپ، ئاندىن تاشنى يەنە قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا ئۆز ئورنىغا قويۇپ قوياتتى. | 3 |
کاتێک هەموو مێگەلەکان لەوێ کۆدەبوونەوە، شوانەکان بەردی سەر دەمی بیرەکەیان گلۆر دەکردەوە و مەڕەکانیان ئاو دەدا. پاشان بەردەکەیان دەگەڕاندەوە سەر دەمی بیرەکە، بۆ شوێنی خۆی. |
ياقۇپ [پادىچىلاردىن]: ئەي بۇرادەرلەر، سىلەر قەيەرلىك؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ بىز ھارانلىقمىز، دېدى. | 4 |
یاقوب بانگی کردن: «برایان، ئێوە خەڵکی کوێن؟» ئەوانیش گوتیان: «ئێمە خەڵکی حەڕانین.» |
ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەر ناھورنىڭ ئوغلى لاباننى تونۇمسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ تونۇيمىز، دېدى. | 5 |
پێی گوتن: «لابانی کوڕەزای ناحۆر دەناسن؟» گوتیان: «دەیناسین.» |
ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئۇ سالامەتمۇ، دەپ سورىۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇ سالامەت تۇرۇۋاتىدۇ. مانا ئەنە ئۇنىڭ قىزى راھىلە قويلىرى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، دېدى. | 6 |
ئینجا یاقوب گوتی: «خۆ سەلامەتە؟» گوتیان: «بەڵێ سەلامەتە، ئەوەش ڕاحێلی کچیەتی کە مەڕەکان بەرەو ئێرە دێنێت.» |
ئۇ: ــ مانا، كۈن تېخى ئېگىز تۇرسا، ھازىر تېخى مالنىڭ يىغىلىدىغان ۋاقتى بولمىدى؛ نېمىشقا قويلارنى سۇغىرىپ، ئاندىن يەنە بېرىپ ئوتلاتمايسىلەر؟ ــ دېدى. | 7 |
گوتی: «وا هێشتا ڕۆژ زۆری ماوە، کاتی کۆکردنەوەی مەڕەکان نییە. مەڕەکان ئاو بدەن و بڕۆنەوە بیانلەوەڕێنن.» |
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ياق، مۇنداق قىلالمايمىز. ئاۋۋال پادىلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، پادىچىلار تاشنى قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن يۇمىلىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن قويلارنى سۇغىرىمىز، دېدى. | 8 |
ئەوانیش گوتیان: «ناتوانین، هەتا هەموو مەڕەکان کۆنەبنەوە و بەردی سەر دەمی بیرەکە تل نەدرێت. ئەو کاتە مەڕەکان ئاو دەدرێن.» |
ئۇ ئۇلار بىلەن گەپلىشىپ تۇرغىنىدا، راھىلە ئاتىسىنىڭ قويلىرى بىلەن يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى ئۇ قوي باققۇچى ئىدى. | 9 |
هێشتا خەریکی قسەکردن بوو لەگەڵیان، ڕاحێل هات و مەڕەکانی باوکیشی لەگەڵ بوو، چونکە ڕاحێل شوان بوو. |
شۇنداق بولدىكى، ياقۇپ ئانىسىنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزى راھىلە بىلەن ئانىسىنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قويلىرىنى كۆرگەندە، ئۇ قوپۇپ بېرىپ، قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىن تاشنى يۇمىلىتىۋېتىپ، ئانىسىنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قويلىرىنى سۇغاردى. | 10 |
کاتێک یاقوب ڕاحێلی کچی لابانی خاڵی و مەڕەکانی لابانی خاڵی بینی، چووە پێشەوە و بەردی سەر بیرەکەی تل دا و مەڕەکانی ئاو دا. |
ئاندىن ياقۇپ راھىلەنى سۆيۈپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يىغلاپ تاشلىدى ۋە راھىلەگە: ــ مەن سېنىڭ ئاتاڭنىڭ تۇغقىنى، رىۋكاھنىڭ ئوغلى بولىمەن، دېۋىدى، ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاتىسىغا خەۋەر بەردى. | 11 |
یاقوب ڕاحێلی ماچ کرد و دەنگی بەرز کردەوە و گریا. |
12 |
ئیتر یاقوب بە ڕاحێلی گوت کە ئەو خزمی باوکیەتی و کوڕی ڕڤقەیە. ئەویش ڕایکرد و بە باوکی ڕاگەیاند. |
شۇنداق بولدىكى، لابان ئۆز سىڭلىسىنىڭ ئوغلى ياقۇپنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ، ئۆيىگە باشلاپ كەلدى. ئاندىن ياقۇپ لابانغا [كەچۈرمىشلىرىنىڭ] ھەممىسىنى دەپ بەردى. | 13 |
هەرکە لابان ئەم هەواڵەی یاقوبی خوشکەزای بیست، بە ڕاکردن چوو بۆ دیدەنی. باوەشی پێدا کرد و ماچی کرد و هێنایە ماڵەکەی خۆی. ئینجا یاقوب باسی هەموو ئەو شتانەی بۆ لابان کرد کە ڕوویان دابوو. |
لابان ئۇنىڭغا: ــ سەن دەرۋەقە مېنىڭ سۆڭەك بىلەن گۆشۈمدۇرسەن! ــ دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ قېشىدا بىر ئايچە تۇرۇپ قالدى. | 14 |
لابانیش پێی گوت: «تۆ لە گۆشت و خوێنی منیت.» لەدوای ئەوەی یاقوب مانگێک لەلای مایەوە، |
ئاندىن لابان ياقۇپقا: ــ سەن مېنىڭ تۇغقىنىم بولغاچ، ماڭا بىكارغا خىزمەت قىلامسەن؟ ئېيتقىنا، ھەققىڭگە نېمە ئالىسەن؟ ــ دېدى. | 15 |
لابان پێی گوت: «هەر لەبەر ئەوەی کەسی خۆمیت، ئایا ئیتر دەبێت بەخۆڕایی کارم بۆ بکەیت؟ پێم بڵێ دەبێت کرێیەکەت چی بێت؟» |
لاباننىڭ ئىككى قىزى بار ئىدى؛ چوڭىنىڭ ئېتى لېياھ، كىچىكىنىڭ ئېتى راھىلە ئىدى. | 16 |
لابان دوو کچی هەبوو، گەورەکەیان ناوی لێئە بوو، بچووکەکەشیان ناوی ڕاحێل بوو. |
لېياھنىڭ كۆزلىرى يېقىملىق ئىدى؛ ئەمما راھىلەنىڭ بولسا تەقى-تۇرقى كېلىشكەن، ھۆسنى-جامالى چىرايلىق قىز ئىدى. | 17 |
چاوەکانی لێئە کز بوون، بەڵام ڕاحێل ناسک و جوان بوو. |
ياقۇپنىڭ كۆڭلى راھىلەگە چۈشكەن بولۇپ لابانغا: ــ مەن سېنىڭ كىچىك قىزىڭ راھىلە ئۈچۈن ساڭا يەتتە يىل خىزمەت قىلاي، دېدى. | 18 |
یاقوب کە ڕاحێلی خۆشدەویست، گوتی: «حەوت ساڵ کارت بۆ دەکەم بەرامبەر ڕاحێلی کچە بچووکت.» |
لابان جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنى باشقا كىشىگە بەرگىنىمدىن ساڭا بەرگىنىم ياخشى. ئەمدى مېنىڭكىدە تۇرغىن، دېدى. | 19 |
لابانیش گوتی: «بیدەمە تۆ باشترە لەوەی بیدەمە پیاوێکی دیکە. لێرە لەلای خۆم بمێنەوە.» |
ياقۇپ راھىلەنى ئېلىش ئۈچۈن يەتتە يىل خىزمەت قىلدى. ئەمما ئۇ ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەچكە، بۇ يىللار ئۇنىڭغا پەقەت بىرنەچچە كۈندەكلا بىلىندى. | 20 |
ئیتر یاقوب لەبەر ڕاحێل حەوت ساڵ کاری کرد، بەڵام لەبەر خۆشەویستییەکەی بەرامبەر بە ڕاحێل، لەلای ئەو وەک چەند ڕۆژێکی کەم وابوو. |
ۋاقىت توشقاندا ياقۇپ لابانغا: ــ مانا مېنىڭ كۈنلىرىم توشتى. ئەمدى ئايالىمنى ماڭا بەرگىن، مەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرەي، دېدى. | 21 |
ئینجا یاقوب بە لابانی گوت: «ژنەکەم بدەرێ، چونکە ماوەکەم تەواو کرد، دەشمەوێت بیگوازمەوە.» |
لابان شۇ يەردىكى ھەممە كىشىلەرنى يىغىپ، زىياپەت قىلىپ بەردى. | 22 |
لابانیش خەڵکی شوێنەکەی کۆکردەوە و ئاهەنگێکی ساز کرد. |
لېكىن شۇنداق بولدىكى، كەچ كىرگەندە، ئۇ چوڭ قىزى لېياھنى ياقۇپنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى؛ ياقۇپ ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ بىللە بولدى. | 23 |
بەڵام کاتێک ئێوارە داهات، پەلی لێئەی کچی گرت و هێنای بۆ یاقوب. ئەویش سەرجێیی لەگەڵی کرد. |
لابان ئۆز دېدىكى زىلپاھنى قىزى لېياھغا دېدەك قىلىپ بەردى. | 24 |
هەروەها لابان زیلپەی کەنیزەی خۆی کردە کەنیزەی لێئەی کچی. |
ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، مانا ئالدىدا لېياھ تۇراتتى! ئۇ لابانغا: ــ بۇ زادى ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ ئەجەبا، مەن راھىلە ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلمىدىممۇ؟ مېنى نېمىشقا شۇنداق ئالدىدىڭ؟! ــ دېدى. | 25 |
کە ڕۆژ بووەوە، لێئە لەوێ بوو! یاقوبیش بە لابانی گوت: «ئەمە چییە بە منت کرد؟ مەگەر بۆ ڕاحێل نەبوو کە کارم بۆ کردیت؟ ئەی بۆچی فێڵت لێکردم؟» |
لابان: بىزنىڭ يۇرتىمىزدا كىچىكىنى چوڭىدىن ئىلگىرى ياتلىق قىلىدىغان رەسىم-قائىدە يوق. | 26 |
لابانیش گوتی: «ئەوە دابونەریتی ئێمە نییە کە کچە بچووکەکە پێش گەورەکە بە شوو بدەین. |
ئەمدى سەن چوڭىنىڭ يەتتە كۈنلۈك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغىن؛ ئاندىن يەنە ئىككىنچىسىنىمۇ ساڭا بېرەيلى؛ ئۇ سېنىڭ ماڭا يەنە يەتتە يىل قىلىدىغان خىزمىتىڭنىڭ ھەققى بولىدۇ، ــ دېدى. | 27 |
هەفتەی بووکێنی ئەم تەواو بکە، ئەوی دیکەشیانت بەرامبەر بە حەوت ساڵی دیکەی کارکردن دەدەینێ.» |
ياقۇپ ماقۇل بولۇپ، لېياھنىڭ يەتتە كۈنلۈك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندا، لابان قىزى راھىلەنىمۇ ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. | 28 |
یاقوبیش بەم جۆرەی کرد. حەوت ڕۆژەکەی لەگەڵ لێئە تەواو کرد، لابانیش ڕاحێلی کچی پێدا هەتا ببێتە ژنی. |
لابان دېدىكى بىلھاھنى قىزى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەردى. | 29 |
هەروەها لابان بیلهەی کەنیزەی خۆی کردە کەنیزەی ڕاحێلی کچی. |
بۇ تەرىقىدە ياقۇپ راھىلەنىڭمۇ قېشىغا كىردى؛ ئۇ راھىلەنى لېياھدىن زىيادە ياخشى كۆردى. ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە يەتتە يىل لابانغا خىزمەت قىلدى. | 30 |
یاقوب لەگەڵ ڕاحێلیش سەرجێیی کرد، ئەو ڕاحێلی لە لێئە زیاتر خۆشدەویست. حەوت ساڵی دیکەش کاری بۆ لابان کرد. |
ئەمما پەرۋەردىگار لېياھنىڭ ئەتىۋارلانمىغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا تۇغۇشنى نېسىپ قىلدى. لېكىن راھىلە تۇغماس ئىدى. | 31 |
کاتێک یەزدان بینی کە لێئە خۆشەویست نییە، توانای منداڵبوونی پێ بەخشی، بەڵام ڕاحێل نەزۆک بوو. |
لېياھ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «پەرۋەردىگار خارلانغىنىمنى كۆردى؛ ئەمدى ئېرىم مېنى ياخشى كۆرىدۇ» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى «رۇبەن» قويدى. | 32 |
لێئە سکی پڕ بوو، کوڕێکی بوو ناوی لێنا ڕەئوبێن، لەبەر ئەوەی گوتی: «یەزدان نەگبەتی منی بەدی کردووە، بێگومان ئێستا مێردەکەم منی خۆشدەوێ.» |
ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «پەرۋەردىگار ئەتىۋارلانمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇنى ھەم ماڭا بەردى» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى شىمېئون قويدى. | 33 |
دیسان سکی پڕ بوو، کوڕێکی دیکەی بوو و گوتی: «یەزدان بیستوویەتی خۆشەویست نیم، بۆیە ئەمەشی پێدام.» ناوی لێنا شیمۆن. |
ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «ئەمدى بۇ قېتىم ئېرىم ماڭا باغلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى لاۋىي قويدى. | 34 |
جارێکی دیکەش سکی پڕ بوو، کوڕێکی بوو و گوتی: «وا ئەم جارە ئیتر مێردەکەم پێمەوە پەیوەست دەبێت، چونکە سێ کوڕم بۆی بووە.» لەبەر ئەوە ناوی لێنا لێڤی. |
ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «ئەمدى بۇ قېتىم مەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇي!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھۇدا قويدى. ئاندىن ئۇ تۇغۇتتىن توختاپ قالدى. | 35 |
دیسان سکی پڕ بوو، کوڕێکی بوو و گوتی: «ئەم جارە ستایشی یەزدان دەکەم.» لەبەر ئەوە ناوی لێنا یەهودا. ئیتر لە سککردن وەستا. |