< يارىتىلىش 28 >
شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنىڭغا جېكىلەپ: ــ سەن قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالما؛ | 1 |
イサク、ヤコブを呼て之を祝し之に命じて言けるは汝カナンの女の中より妻を娶るなかれ
بەلكى قوپۇپ، پادان-ئارامغا، ئاناڭنىڭ ئاتىسى بېتۇئەلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن ئاناڭنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالغىن. | 2 |
起てパダンアラムに往き汝の母の父ベトエルの家にいたり彼處にて汝の母の兄ラバンの女の中より妻を娶れ
ھەممىگە قادىر تەڭرى سېنى بەخت-بەرىكەتلەپ، ئاۋۇتۇپ، سەندىن كۆپ خەلقلەرنى چىقىرىپ كۆپەيتكەي، | 3 |
願くは全能の神汝を祝み汝をして子女を多く得せしめ且汝の子孫を増て汝をして多衆の民とならしめ
شۇنداقلا ئىبراھىمنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن نەسلىڭگە بەرگەي؛ شۇنداق قىلىپ سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يەرنى، يەنى ئەسلىدە خۇدا ئىبراھىمغا بەرگەن زېمىننى ئىگىلەيسەن! ــ دېدى. | 4 |
又アブラハムに賜んと約束せし祝を汝および汝と共に汝の子孫に賜ひ汝をして神がアブラハムにあたへ給ひし此汝が寄寓る地を持たしめたまはんことをと
شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى يولغا سالدى. ئۇ پادان-ئارامغا، ئارامىي بېتۇئەلنىڭ ئوغلى، ياقۇپ بىلەن ئەساۋنىڭ ئانىسى رىۋكاھنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قېشىغا قاراپ ماڭدى. | 5 |
斯てイサク、ヤコブを遣しければパダンアラムにゆきてラバンの所にいたれりラバンはスリア人ベトエルの子にしてヤコブとエサウの母なるリベカの兄なり
ئەساۋ ئىسھاقنىڭ ياقۇپقا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنى پادان-ئارامغا شۇ يەردىن خوتۇن ئېلىشقا ئەۋەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ، ئۇنىڭا جېكىلەپ: سەن قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالمىغىن، دېگەنلىرىنى ئۇقۇپ، ياقۇپنىڭمۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىپ، پادان-ئارامغا كەتكىنىنى كۆرگىنىدە، | 6 |
エサウはイサクがヤコブを祝して之をパダンアラムにつかはし彼處より妻を娶しめんとしたるを見又之を祝し汝はカナンの女の中より妻をめとるなかれといひて之に命じたることを見
又ヤコブが其父母の言に順ひてパダンアラムに往しを見たり
ئەساۋ: ــ قانائانيلارنىڭ قىزلىرى ئاتام ئىسھاقنىڭ نەزىرىدە يامان كۆرۈنىدىكەن، دەپ بىلىپ يەتتى. | 8 |
エサウまたカナンの女の其父イサクの心にかなはぬを見たり
ئۇ ئىسمائىلنىڭ قېشىغا بېرىپ، ھازىرقى خوتۇنلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى ماھالاتنى خوتۇنلۇققا ئالدى. | 9 |
是においてエサウ、イシマエルの所にゆきて其有る妻の外に又アブラハムの子イシマエルの女ネバヨテの妹マハラテを妻にめとれり
ياقۇپ بولسا بەئەر-شېبادىن چىقىپ، ھاران تەرەپكە مېڭىپ، | 10 |
茲にヤコブ、ベエルシバより出たちてハランの方におもむきけるが
بىر يەرگە يېتىپ كەلگەندە، كۈن ئولتۇرۇپ كەتكەچكە شۇ يەردە قونماقچى بولدى. ئۇ شۇ يەردىكى تاشلاردىن بىرىنى ئېلىپ، بېشىغا ياستۇق قىلىپ قويۇپ، ئۇخلىغىلى ياتتى. | 11 |
一處にいたれる時日暮たれば即ち其處に宿り其處の石をとり枕となして其處に臥て寢たり
ئۇ بىر چۈش كۆردى: ــ مانا، ئۇچى ئاسمانلارغا تاقىشىدىغان بىر پەلەمپەي يەردە تىكلەكلىك تۇراتتى؛ خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭدا چىقىپ-چۈشۈپ تۇرۇشاتتى. | 12 |
時に彼夢て梯の地にたちゐて其巓の天に逹れるを見又神の使者の其にのぼりくだりするを見たり
مانا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. ئۇ: ــ «مەن بولسام ئاتاڭ ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئىسھاقنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن سەن ياتقان بۇ زېمىننى سېنىڭ بىلەن نەسلىڭگە بېرىمەن. | 13 |
ヱホバ其上に立て言たまはく我は汝の祖父アブラハムの神イサクの神ヱホバなり汝が偃臥ところの地は我之を汝と汝の子孫に與へん
نەسلىڭ بولسا يەرنىڭ توپىسىدەك كۆپ بولۇپ، سەن مەغرىپ بىلەن مەشرىققە، شىمال بىلەن جەنۇبقا يېيىلىسەن؛ سەن ۋە نەسلىڭنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەر بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ. | 14 |
汝の子孫は地の塵沙のごとくなりて西東北南に蔓るべし又天下の諸の族汝と汝の子孫によりて福祉をえん
مانا، مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، قەيەرگە بارساڭ سېنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ، بۇ زېمىنغا سېنى قايتۇرۇپ كېلىمەن؛ چۈنكى ساڭا ئېيتقان سۆزۈمنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، سېنى تاشلىمايمەن» ــ دېدى. | 15 |
また我汝とともにありて凡て汝が往ところにて汝をまもり汝を此地に率返るべし我はわが汝にかたりし事を行ふまで汝をはなれざるなり
ئاندىن ياقۇپ ئويغىنىپ: ــ بەرھەق، پەرۋەردىگار بۇ يەردىدۇر، لېكىن مەن ئۇنى بىلمەپتىمەن، ــ دېدى. | 16 |
ヤコブ目をさまして言けるは誠にヱホバ此處にいますに我しらざりきと
ئۇ قورقۇپ كېتىپ: بۇ جاي ئالامەت دەھشەتلىك بىر جاي ئىكەن! بۇ خۇدانىڭ ئۆيى بىلەن ئاسماننىڭ دەرۋازىسىدىن باشقا ھېچ جاي ئەمەستۇر، ــ دېدى. | 17 |
乃ち惶懼ていひけるは畏るべき哉此處是即ち神の殿の外ならず是天の門なり
ياقۇپ ئەتىسى سەھەر قوپۇپ، بېشىنىڭ ئاستىغا قويغان تاشنى ئېلىپ، [خاتىرە] تۈۋرۈك سۈپىتىدە تىكلەپ، ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيۇپ قويدى. | 18 |
かくてヤコブ朝夙に起き其枕となしたる石を取り之を立て柱となし膏を其上に沃ぎ
ئۇ جاينىڭ ئىسمىنى بەيت-ئەل دەپ ئاتىدى؛ ئەمما ئىلگىرى ئۇ جاينىڭ ئېتى لۇز ئىدى. | 19 |
其處を名をベテル(神殿)と名けたり其邑の名は初はルズといへり
ئاندىن ياقۇپ قەسەم بىلەن ۋەدە قىلىپ: ــ ئەگەر خۇدا مېنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، بۇ سەپىرىمدە مېنى ساقلاپ، يېگىلى نان، كىيگىلى كىيىم بېرىپ، | 20 |
ヤコブ乃ち誓をたてていひけるは若神我とともにいまし此わがゆく途にて我をまもり食ふパンと衣る衣を我にあたへ
مەن ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئامان-ئېسەن يېنىپ بارسام، ئۇنداقتا پەرۋەردىگار مېنىڭ خۇدايىم بولىدۇ؛ | 21 |
我をしてわが父の家に安然に歸ることを得せしめたまはばヱホバをわが神となさん
شۇنىڭدەك مەن خاتىرە تۈۋرۈك سۈپىتىدە تىكلەپ قويغان بۇ تاش خۇدانىڭ ئۆيى بولىدۇ؛ ھەم شۇنداقلا سەن ماڭا بېرىدىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ساڭا تەقدىم قىلماي قالمايمەن، ــ دېدى. | 22 |
又わが柱にたてたる此石を神の家となさん又汝がわれにたまふ者は皆必ず其十分の一を汝にささげん