< يارىتىلىش 27 >
ئىسھاق قېرىپ، كۆزلىرى تورلىشىپ، كۆزى غۇۋا كۆرىدىغان بولۇپ قالغاندا شۇنداق بولدىكى، ئۇ چوڭ ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئوغلۇم! ــ دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. | 1 |
イサク老て目くもりて見るあたはざるに及びて其長子エサウを召て之に吾子よといひければ答へて我此にありといふ
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مانا مەن ئەمدى قېرىپ كەتتىم، قانچىلىك كۈن كۆرىدىغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. | 2 |
イサクいひけるは視よ我は今老て何時死るやを知ず
شۇڭا سەندىن ئۆتۈنىمەن، قوراللىرىڭ، يەنى ساداق ۋە ئوقيايىڭنى ئېلىپ جاڭگالغا چىقىپ، مەن ئۈچۈن بىر ئوۋ ئوۋلاپ كەل؛ | 3 |
然ば請ふ汝の器汝の弓矢を執て野に出でわがために麆を獵て
مەن ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك تاماقتىن بىرنى ئېتىپ، ماڭا كەلتۈرگىن. مەن ئۇنى يەپ، ئۆلۈشتىن ئىلگىرى كۆڭلۈمدىن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي، ــ دېدى. | 4 |
わが好む美味を作り我にもちきたりて食はしめよ我死るまへに心に汝を祝せん
ئىسھاق ئوغلى ئەساۋغا سۆز قىلغاندا رىۋكاھمۇ ئاڭلىدى. ئەساۋ ئوۋ ئوۋلاپ كەلگىلى جاڭگالغا چىقىپ كەتكەندە، | 5 |
イサクが其子エサウに語る時にリベカ聞ゐたりエサウは麆を獵て携きたらんとて野に往り
رىۋكاھ ئوغلى ياقۇپقا: ــ مانا مەن ئاتاڭنىڭ ئاكاڭ ئەساۋغا: «سەن ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، ماڭا مەززىلىك بىر تائامنى ئەتكىن؛ مەن ئۇنى يەپ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي»، ــ دەپ ئېيتقىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. | 6 |
是に於てリベカ其子ヤコブに語りていひけるは我聞ゐたるに汝の父汝の兄エサウに語りて言けらく
吾ために麆をとりきたり美味を製りて我にくはせよ死るまへに我ヱホバの前にて汝を祝せんと
ئەمدى، ئى ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ بۇيرۇغىنىمنى قىلغىن. | 8 |
然ば吾子よ吾言にしたがひわが汝に命ずるごとくせよ
سەن دەرھال پادىغا بېرىپ، ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىن ئېسىل ئىككى ئوغلاقنى ئېلىپ كەلگىن؛ مەن ئۇلاردىن ئاتاڭ ئۈچۈن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك بىر تائام تەييار قىلاي. | 9 |
汝群畜の所にゆきて彼處より山羊の二箇の善き羔を我にとりきたれ我之をもて汝の父のために其好む美味を製らん
سەن ئۇنى ئاتاڭنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەپ، ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ــ دېدى. | 10 |
汝之を父にもちゆきて食しめ其死る前に汝を祝せしめよ
لېكىن ياقۇپ ئانىسى رىۋكاھغا: ــ مانا ئاكام ئەساۋ بولسا تۈكلۈك كىشى، مەن بولسام تۈكسىز سىلىق تەنلىك ئادەممەن. | 11 |
ヤコブ其母リベカに言けるは兄エサウは毛深き人にして我は滑澤なる人なり
مۇبادا ئاتام مېنى سىلاپ قالسا، ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇنى مازاق قىلغۇچى ئادەم بولۇپ قېلىپ، بېشىمغا بەرىكەت ئەمەس، بەلكى لەنەت تاپارمەنمىكىن، دېدى. | 12 |
恐くは父我に捫ることあらん然らば我は欺く者と父に見えんされば祝をえずして返て呪詛をまねかん
ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ساڭا چۈشىدىغان لەنەت ماڭا چۈشسۇن؛ ئەمما سەن پەقەت سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، بېرىپ [ئوغلاقلارنى] ئېلىپ كەل، ــ دېدى. | 13 |
其母彼にいひけるは我子よ汝の詛はるる所は我に歸せん只わが言にしたがひ往て取來れと
ئۇ بېرىپ ئۇلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئانىسىغا بەردى. ئانىسى ئۇنىڭ ئاتىسى ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك بىر تائامنى تەييار قىلدى. | 14 |
是において彼往て取り母の所にもちきたりければ母すなはち父の好むところの美味を製れり
ئاندىن رىۋكاھ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنىڭ ئۆيدە ئۆز يېنىدا ساقلاقلىق ئەڭ ئېسىل كىيىملىرىنى ئېلىپ كىچىك ئوغلى ياقۇپقا كىيدۈرۈپ، | 15 |
而してリベカ家の中に己の所にある長子エサウの美服をとりて之を季子ヤコブに衣せ
ئوغلاقلارنىڭ تېرىسىنى ئىككى قولى بىلەن بوينىنىڭ تۈكسىز جايىغا يۆگەپ، | 16 |
又山羊の羔の皮をもて其手と其頸の滑澤なる處とを掩ひ
ئاندىن ئۆزى ئەتكەن مەززىلىك تائاملار بىلەن نانلارنى ئوغلى ياقۇپنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. | 17 |
其製りたる美味とパンを子ヤコブの手にわたせり
ياقۇپ ئاتىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ: ــ ئەي ئاتا! دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن! ئوغلۇم، سەن كىم بولىسەن؟ ــ دېۋىدى، | 18 |
彼乃ち父の許にいたりて我父よといひければ我此にありわが子よ汝は誰なると曰ふ
ياقۇپ ئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چوڭ ئوغۇللىرى ئەساۋمەن، ماڭا ئېيتقانلىرىدەك قىلدىم؛ ئەمدى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئولتۇرۇپ قىلغان ئوۋۇمنىڭ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ئاندىن كۆڭۈللىرىدىن ماڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا، ــ دېدى. | 19 |
ヤコブ父にいひけるは我は汝の長子エサウなり我汝が我に命じたるごとくなせり請ふ起て坐しわが麆の肉をくらひて汝の心に我を祝せよ
ئىسھاق ئوغلىغا: ــ ئەي ئوغلۇم، قانداقمۇ ئۇنى شۇنچە تېز تېپىپ كەلدىڭ؟ ــ دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدالىرى ئۇنى دەل يولۇمغا يولۇقتۇردى، ــ دېدى. | 20 |
イサク其子に言けるは吾子よ汝いかにして斯速に獲たるや彼言ふ汝の神ヱホバ之を我にあはせたまひしが故なり
ئىسھاق ياقۇپقا: ــ ئەي ئوغلۇم، يېقىنراق كەل، سەن راست ئوغلۇم ئەساۋمۇ، ئەمەسمۇ، سىلاپ باقاي، ــ دېدى. | 21 |
イサク、ヤコブにいひけるはわが子よ請ふ近くよれ我汝に捫りて汝がまことに吾子エサウなるや否やをしらん
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىغا يېقىن باردى؛ ئۇ ئۇنى سىلاپ تۇرۇپ: ــ ئاۋاز ياقۇپنىڭ ئاۋازى، لېكىن قول بولسا ئەساۋنىڭ قولىدۇر، ــ دېدى. | 22 |
ヤコブ父イサクに近よりければイサク之にさはりていひけるは聲はヤコブの聲なれども手はエサウの手なりと
ئۇنىڭ قوللىرى بولسا ئاكىسى ئەساۋنىڭ قوللىرىدەك تۈكلۈك بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى تونىيالماي، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى. | 23 |
彼の手其兄エサウの手のごとく毛深かりしに因て之を辨別へずして遂に之を祝したり
ئاندىن ئۇ يەنە: ــ سەن راست ئوغلۇم ئەساۋمۇسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ دەل مەن، ــ دېدى. | 24 |
即ちイサクいひけるは汝はまことに吾子エサウなるや彼然りといひければ
ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ تائامنى ئېلىپ كەلگىن، مەن ئوغلۇمنىڭ ئوۋ گۆشىدىن يەپ، كۆڭلۈمدىن ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلاي، ــ دېدى. [ياقۇپ] ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى؛ ئۇ يېدى. ئۇ شاراب كەلتۈرۈۋىدى، ئۇنىمۇ ئىچتى. | 25 |
イサクいひけるは我に持きたれ吾子の麆を食ひてわが心に汝を祝せんと是に於てヤコブ彼の許にもちきたりければ食へり又酒をもちきたりければ飮り
ئاندىن ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ئەمدى يېقىن كېلىپ مېنى سۆيگىن، ــ دېدى. | 26 |
かくて父イサク彼にいひけるは吾子よ近くよりて我に接吻せよと
ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى سۆيدى. ئاتىسى ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىپ: ــ «مانا، ئوغلۇمنىڭ تېنىدىكى پۇراق پەرۋەردىگار بەرىكەتلىگەن كۆكلەمزارنىڭ خۇش پۇرىقىغا ئوخشايدىكەن! | 27 |
彼すなはち近よりて之に接吻しければ其衣の馨香をかぎて彼を祝していひけるは嗚呼吾子の香はヱホバの祝たまへる野の馨香のごとし
خۇدا ساڭا ئاسماننىڭ شەبنىمى، يەرنىڭ مۇنبەت كۈچىنى ئاتا قىلىپ، ئاشلىق-تۈلۈك بىلەن شارابنىمۇ كۆپ بەرگەي. | 28 |
ねがはくは神天の露と地の腴および饒多の殼と酒を汝にたまへ
خەلقلەر سېنىڭ قۇللۇقۇڭدا بولغاي، ئەل-مىللەتلەر ئالدىڭدا تىزلانغاي؛ قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن؛ ئاناڭنىڭ ئوغۇللىرى ساڭا تىزلانغاي؛ ساڭا لەنەت قىلغانلار لەنەتكە قالغاي؛ ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي!» ــ دېدى. | 29 |
諸の民汝につかへ諸の邦汝に躬を鞠ん汝兄弟等の主となり汝の母の子等汝に身をかがめん汝を詛ふ者はのろはれ汝を祝す者は祝せらるべし
شۇنداق بولدىكى، ئىسھاق ياقۇپقا دۇئا قىلىپ بولۇپ، ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىدىن چىقىپ بولۇشىغا، ئاكىسى ئەساۋ ئوۋدىن قايتىپ كەلدى. | 30 |
イサク、ヤコブを祝することを終てヤコブ父イサクの前より出さりし時にあたりて兄エサウ獵より歸り來り
ئۇمۇ مەززىلىك تائاملارنى ئېتىپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كىرىپ، ئاتىسىغا: ــ ئاتا قوپقايلا، ئوغۇللىرىنىڭ ئوۋ گۆشىدىن يەپ، كۆڭۈللىرىدىن ماڭا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا، ــ دېدى. | 31 |
己も亦美味をつくりて之を其父の許にもちゆき父にいひけるは父よ起て其子の麆を食ひて心に我を祝せよ
ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ سەن كىمسەن؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئوغۇللىرى، چوڭ ئوغۇللىرى ئەساۋمەن! ــ دېدى. | 32 |
父イサク彼にいひけるは汝は誰なるや彼いふ我は汝の子汝の長子エサウなり
بۇنى ئاڭلاپ ئىسھاق ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، پۈتۈن بەدىنى جالاقلاپ تىترەپ: ــ ئۇنداقتا باياتىن ئوۋ ئوۋلاپ ئېلىپ كەلگىنى كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن يەپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدىم؛ ۋە بەرھەق، ئۇ بەخت-بەرىكەت كۆرىدۇ! ــ دېدى. | 33 |
イサク甚大に戰兢ていひけるは然ば彼麆を獵て之を我にもちきたりし者は誰ぞや我汝がきたるまへに諸の物を食ひて彼を祝したれば彼まことに祝福をうべし
ئەساۋ ئاتىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپلا ئىنتايىن ئېچىنارلىق ھالدا ئۈن سېلىپ ئاچچىق پەرياد كۆتۈرۈپ ئاتىسىغا: ــ مېنىمۇ، ئى ئاتا، مېنىمۇ بەخت-بەرىكەتلىگەيلا! ــ دېدى. | 34 |
エサウ父の言を聞て大に哭き痛く泣て父にいひけるは父よ我を祝せよ我をも祝せよ
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سېنىڭ ئىنىڭ ھىيلە بىلەن كىرىپ، ساڭا تېگىشلىك بەخت-بەرىكەتنى ئېلىپ كېتىپتۇ، دېدى. | 35 |
イサク言けるは汝の弟僞りて來り汝の祝を奪ひたり
ئەساۋ: ــ راست ئۇنىڭ ئېتى ياقۇپ ئەمەسمۇ؟! چۈنكى ئۇ ئىككى قېتىم مېنى پۇتلاپ، ئورنۇمنى تارتىۋالدى. ئاۋۋال تۇنجىلىق ھوقۇقۇمنى تارتىۋالدى ۋە مانا ھازىر ئۇ ماڭا تېگىدىغان بەخت-بەرىكەتنى ئېلىپ كەتتى، ــ دېدى، ئاندىن يەنە: ــ مېنىڭ ئۈچۈن بىرەر بەخت-بەرىكەت قالدۇرمىدىلىمۇ؟ ــ دېدى. | 36 |
エサウいひけるは彼をヤコブ(推除者)となづくるは宜ならずや彼が我をおしのくる事此にて二次なり昔にはわが家督の權を奪ひ今はわが祝を奪ひたり又言ふ汝は祝をわがために殘しおかざりしや
ئىسھاق ئەساۋغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، مەن ئۇنى ئۈستۈڭگە خوجا قىلدىم؛ ھەممە قېرىنداشلىرىنى ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولىدىغان قىلدىم؛ ئاشلىق ۋە يېڭى شاراب بىلەن ئۇنى قۇۋۋەتلىدىم؛ ئەي ئوغلۇم، ئەمدى ساڭا يەنە نېمىمۇ قىلىپ بېرەلەيمەن؟ ــ دېدى. | 37 |
イサク對てエサウにいひけるは我彼を汝の主となし其兄弟を悉く僕として彼にあたへたり又殼と酒とを彼に授けたり然ば吾子よ我何を汝になすをえん
ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە: ــ ئەي ئاتا، سىلىدە پەقەت شۇ بىرلا بەخت-بەرىكەت بار ئىدىمۇ؟ ماڭا، ئەي ئاتا، ماڭىمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا! دېدى. ئاندىن ئۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. | 38 |
エサウ父に言けるは父よ父の祝唯一ならんや父よ我を祝せよ我をも祝せよと聲をあげて哭ぬ
ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ «مانا، تۇرالغۇ جايىڭ يەرنىڭ مۇنبەت كۈچىدىن نېرى، ئېگىز ئاسماننىڭ شەبنىمىدىن يىراق بولۇر؛ | 39 |
父イサク答て彼にいひけるは汝の住所は地の膏腴にはなれ上よりの天の露にはなるべし
سەن قىلىچىڭغا تايىنىپ جان باقىسەن، ئىنىڭنىڭ خىزمىتىدە بولىسەن؛ لېكىن چېگرىدىن چىقىپ كەزگىنىڭدە، سەن بوينۇڭدىن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چىقىرىپ سۇندۇرۇۋېتىسەن» ــ دېدى. | 40 |
汝は劍をもて世をわたり汝の弟に事ん然ど汝繋を離るる時は其軛を汝の頸より振ひおとすを得ん
شۇڭا ئەساۋ ئاتىسى ئۇنىڭغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەت سەۋەبىدىن ياقۇپقا ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈردى. ئەساۋ كۆڭلىدە: ــ ئاتامنىڭ ماتەم كۈنلىرى يېقىنلىشىپ قالدى؛ شۇ چاغدا ئىنىم ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، دەپ خىيال قىلدى. | 41 |
エサウ父のヤコブを祝したる其祝の爲にヤコブを惡めり即ちエサウ心に謂けるは父の喪の日近ければ其時我弟ヤコブを殺さんと
لېكىن رىۋكاھ چوڭ ئوغلى ئەساۋنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇ كىچىك ئوغلى ياقۇپنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا ئاكاڭ ئەساۋ سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن دەپ ئۆز-ئۆزىدىن تەسەللى تېپىۋېتىپتۇ؛ | 42 |
長子エサウの此言リベカに聞えければ季子ヤコブを呼よせて之に言けるは汝の兄エサウ汝を殺さんとおもひて自ら慰む
ئەمدى ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، قوپۇپ ھارانغا، ئاكام لاباننىڭ قېشىغا قېچىپ كەتكىن؛ | 43 |
されば吾子よ我言にしたがひ起てハランにゆきわが兄ラバンの許にのがれ
ئاكاڭنىڭ قەھرى يانغۇچە، ئۇنىڭ قېشىدا بىرنەچچە ۋاقىت تۇرغىن. | 44 |
汝の兄の怒の釋るまで暫く彼とともに居れ
ئاكاڭ ئاچچىقىدىن يېنىپ، سېنىڭ ئۇنىڭغا قىلغىنىڭنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرغىن؛ ئاندىن مەن ئادەم ئەۋەتىپ، سېنى ئۇ يەردىن ئالدۇرۇپ كېلىمەن. نېمە ئۈچۈن بىر كۈندىلا ھەر ئىككىڭلاردىن مەھرۇم بولۇپ قالاي؟ ــ دېدى. | 45 |
汝の兄の鬱憤釋けて汝をはなれ汝彼になしたる事を忘るるにいたらば我人をやりて汝を彼處よりむかへん我何ぞ一日のうちに汝等二人を喪ふべけんや
ئەمما رىۋكاھ ئىسھاققا: ــ مەن مۇشۇ ھىتتىي قىزلار ۋەجىدىن جېنىمدىن جاق تويدۇم. ئەگەر ياقۇپمۇ بۇ يۇرتتىكى قىزلاردىن، مۇشۇنداق ھىتتىي قىزنى خوتۇنلۇققا ئالسا ياشىغىنىمنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ ــ دېدى. | 46 |
リベカ、イサクに言けるは我はヘテの女等のために世を厭ふにいたるヤコブ若此地の彼女等の如きヘテの女の中より妻を娶らば我身生るも何の利益あらんや