< يارىتىلىش 25 >
ئىبراھىم كەتۇراھ ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى ئالغانىدى. | 1 |
Ibrahim Keturah isimlik yene bir ayalni alghanidi.
ئۇ ئىبراھىمغا زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباق ۋە شۇئاھنى تۇغۇپ بەردى. | 2 |
U Ibrahimgha Zimran, Yoqshan, Médan, Midiyan, Ishbak we Shuahni tughup berdi.
يوقشاندىن شېبا بىلەن دېدان تۆرەلدى؛ دېداننىڭ ئەۋلادلىرى ئاشۇرىيلار، لېتۇشىيلار ۋە لېئۇممىيلار ئىدى. | 3 |
Yoqshandin Shéba bilen Dédan töreldi; Dédanning ewladliri Ashuriylar, Létushiylar we Léummiylar idi.
مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفاھ، ئېفەر، ھانوخ، ئابىدا ۋە ئەلدائاھ ئىدى. بۇلار ھەممىسى كەتۇراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. | 4 |
Midiyanning oghulliri Efah, Éfer, Hanox, Abida we Eldaah idi. Bular hemmisi Keturahning ewladliri idi.
ئىبراھىم بارلىقىنى ئىسھاققا ئاتىۋەتكەنىدى؛ | 5 |
Ibrahim barliqini Ishaqqa atiwetkenidi;
ئىبراھىم تېخى ھايات ۋاقتىدا كىچىك خوتۇنلىرىدىن بولغان ئوغۇللىرىغا ھەدىيەلەرنى بېرىپ، ئاندىن بۇلارنى ئوغلى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، كۈن چىقىش تەرەپكە، شەرقىي زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى. | 6 |
Ibrahim téxi Hayat waqtida kichik xotunliridin bolghan oghullirigha hediyelerni bérip, andin bularni oghli Ishaqtin yiraq tursun dep, kün chiqish terepke, sherqiy zémin’gha ewetiwetkenidi.
ئىبراھىمنىڭ ئۆمرىنىڭ كۈنلىرى بىر يۈز يەتمىش يىل بولدى؛ ئۇ تولىمۇ قېرىپ، كۈنلىرى توشۇپ، نەپەستىن توختاپ ۋاپات بولدى؛ ئۇ ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. | 7 |
Ibrahimning ömrining künliri bir yüz yetmish yil boldi; u tolimu qérip, künliri toshup, nepestin toxtap wapat boldi; u öz qowmining qéshigha bérip qoshuldi.
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق ۋە ئىسمائىل ئۇنى مامرەنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان، ھىتتىي زوھارنىڭ ئوغلى ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى ماكپيلاھنىڭ غارىدا دەپنە قىلدى. | 9 |
Uning oghulliri Ishaq we Ismail uni Mamrening uduligha jaylashqan, hittiy Zoharning oghli Efronning étizliqidiki Makpélahning gharida depne qildi.
بۇ ئېتىزلىقنى ئىبراھىم ھىتتىيلاردىن سېتىۋالغانىدى؛ مانا بۇ يەرلىككە ئىبراھىم دەپنە قىلىندى، ئايالى ساراھمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىدى. | 10 |
Bu étizliqni Ibrahim hittiylardin sétiwalghanidi; mana bu yerlikke Ibrahim depne qilindi, ayali Sarahmu mushu yerge depne qilin’ghanidi.
ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاقنى بەرىكەتلىدى. ئىسھاق بەئەر-لاھاي-روينىڭ يېنىدا تۇراتتى. | 11 |
Ibrahim wapat bolghandin kéyin shundaq boldiki, Perwerdigar uning oghli Ishaqni beriketlidi. Ishaq Beer-Lahay-Royning yénida turatti.
تۆۋەندىكىلەر ساراھنىڭ مىسىرلىق دېدىكى ھەجەردىن تۇغۇلغان، ئىبراھىمنىڭ ئوغلى بولغان ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ | 12 |
Töwendikiler Sarahning misirliq dédiki Hejerdin tughulghan, Ibrahimning oghli bolghan Ismailning ewladliri: —
ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى ۋە قەبىلىلىرى بويىچە ئىسمى تۆۋەندىكىچە: ــ ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نېبايوت؛ ئاندىن كېدار، ئادبەئەل، مىبسام، | 13 |
Ismailning oghullirining, ularning nesebnamiliri we qebililiri boyiche ismi töwendikiche: — Ismailning tunji oghli Nébayot; andin Kédar, Adbeel, Mibsam,
ھاداد بىلەن تېما، يەتۇر بىلەن نافىش ۋە قەدەماھ ئىدى. | 15 |
Hadad bilen Téma, Yetur bilen Nafish we Qedemah idi.
بۇلار بولسا ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەنت ۋە چېدىرگاھلىرى ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئون ئىككى قەبىلىگە ئەمىر بولغانىدى. | 16 |
Bular bolsa Ismailning oghulliri bolup, ularning kent we chédirgahliri ularning nami bilen atalghan bolup, ular on ikki qebilige emir bolghanidi.
ئىسمائىلنىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل بولدى؛ ئۇ ئاخىرقى نەپسىنى تارتىپ ۋاپات بولۇپ، ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. | 17 |
Ismailning ömrining yilliri bir yüz ottuz yette yil boldi; u axirqi nepsini tartip wapat bolup, öz qowmining qéshigha bérip qoshuldi.
[ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى] ھاۋىلاھ رايونىدىن تارتىپ شۇرغىچە ئولتۇراقلاشتى (شۇر بولسا مىسىرنىڭ ئۇتتۇرىسىدا بولۇپ، ئاشۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى). ئىسمائىل ئۆزىنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراقلاشتى. | 18 |
[Uning ewladliri] Hawilah rayonidin tartip shurghiche olturaqlashti (Shur bolsa Misirning utturisida bolup, Ashurgha baridighan yolda idi). Ismail özining barliq qérindashlirining udulida olturaqlashti.
ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداقتۇر: ــ ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. | 19 |
Ibrahimning oghli Ishaqning neslining bayani mundaqtur: — Ibrahimdin Ishaq töreldi.
ئىسھاق پادان-ئارامدا ئولتۇرۇشلۇق ئارامىي بېتۇئەلنىڭ قىزى، ئارامىي لاباننىڭ سىڭلىسى بولغان رىۋكاھنى خوتۇنلۇققا ئالغاندا قىرىق ياشقا كىرگەنىدى. | 20 |
Ishaq Padan-Aramda olturushluq aramiy Bétuelning qizi, aramiy Labanning singlisi bolghan Riwkahni xotunluqqa alghanda qiriq yashqa kirgenidi.
ئەمما رىۋكاھ بولسا تۇغماس بولغاچقا، ئىسھاق خوتۇنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئايالى رىۋكاھ ھامىلىدار بولدى. | 21 |
Emma Riwkah bolsa tughmas bolghachqa, Ishaq xotuni üchün Perwerdigargha dua-tilawet qildi; Perwerdigar uning duasini ijabet qildi; shuning bilen ayali Riwkah hamilidar boldi.
ئەمما ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئىككى بالا بىر-بىرى بىلەن سوقۇشقىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن رىۋكاھ: ــ ئەگەر بۇنداقلىقىنى بىلسەم، [ھامىلىدار] بولۇپ نېمە قىلاتتىم؟ ــ دەپ پەرۋەردىگاردىن سەۋەبىنى سورىغىلى باردى. | 22 |
Emma uning qorsiqidiki ikki bala bir-biri bilen soqushqili turdi. Shuning bilen Riwkah: — Eger bundaqliqini bilsem, [hamilidar] bolup néme qilattim? — dep Perwerdigardin sewebini sorighili bardi.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى ئەل باردۇر، ئىچىڭدىن ئىككى خەلق چىقىپ بىر-بىرىدىن ئايرىلىدۇ، بىر خەلق يەنە بىر خەلقتىن غالىب كېلىدۇ، چوڭى كىچىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ» ــ دېدى. | 23 |
Perwerdigar uninggha: — «Séning qorsiqingda ikki el bardur, Ichingdin ikki xelq chiqip bir-biridin ayrilidu, Bir xelq yene bir xelqtin ghalib kélidu, Chongi kichikining xizmitini qilidu» — dédi.
ئۇنىڭ ئاي-كۈنى توشقاندا، مانا ئۇنىڭ قورسىقىدا دەرۋەقە بىر جۈپ قوشكېزەك بار ئىدى. | 24 |
Uning ay-küni toshqanda, mana uning qorsiqida derweqe bir jüp qoshkézek bar idi.
ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى جۇۋىدەك تۈكلۈك ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەساۋ دەپ قويدى. | 25 |
Awwal tughulghini qizghuch bolup, pütün bedini juwidek tüklük idi. Ular uning ismini Esaw dep qoydi.
ئاندىن ئىنىسى قولى بىلەن ئەساۋنىڭ تاپىنىنى تۇتقان ھالدا چىقتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئىسمى ياقۇپ دەپ قويۇلدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا ئىسھاق ئاتمىش ياشتا ئىدى. | 26 |
Andin inisi qoli bilen Esawning tapinini tutqan halda chiqti. Bu sewebtin uning ismi Yaqup dep qoyuldi. Ular tughulghanda Ishaq atmish yashta idi.
بالىلار ئۆسۈپ چوڭ بولدى؛ ئەساۋ ماھىر ئوۋچى بولۇپ، دالا-جاڭگالدا يۈرىدىغان ئادەم بولدى. ياقۇپ بولسا دۇرۇس ئادەم بولۇپ، چېدىرلاردا تۇراتتى. | 27 |
Balilar ösüp chong boldi; Esaw mahir owchi bolup, dala-janggalda yüridighan adem boldi. Yaqup bolsa durus adem bolup, chédirlarda turatti.
ئىسھاق ئەساۋنىڭ ئوۋلاپ كەلگەن گۆشىدىن دائىم يەپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. لېكىن رىۋكاھ ياقۇپقا ئامراق ئىدى. | 28 |
Ishaq Esawning owlap kelgen göshidin daim yep turghachqa, uninggha amraq idi. Lékin Riwkah Yaqupqa amraq idi.
بىر كۈنى ياقۇپ [پۇرچاق] شورپىسى قاينىتىۋاتاتتى؛ ئەساۋ دالادىن ھېرىپ-ئېچىپ قايتىپ كەلدى. | 29 |
Bir küni Yaqup [purchaq] shorpisi qaynitiwatatti; Esaw daladin hérip-échip qaytip keldi.
ئەساۋ ياقۇپقا: ــ مەن ھالىمدىن كەتتىم! ئۆتۈنۈپ قالاي، ئاۋۇ قىزىلدىن بەرسەڭ! ــ ئاۋۇ قىزىل نەرسىدىن مېنى ئوزۇقلاندۇرساڭچۇ! مەن ھالىمدىن كەتتىم، ــ دېدى (شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئېتى «ئېدوم» دەپمۇ ئاتالدى). | 30 |
Esaw Yaqupqa: — Men halimdin kettim! Ötünüp qalay, awu qizildin berseng! — Awu qizil nersidin méni ozuqlandursangchu! Men halimdin kettim, — dédi (shu sewebtin uning éti «Édom» depmu ataldi).
ياقۇپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا، تۇنجىلىق ھوقۇقۇڭنى ماڭا سېتىپ بەرگىن، ــ دېدى. | 31 |
Yaqup uninggha: — Undaq bolsa, tunjiliq hoququngni manga sétip bergin, — dédi.
ئەساۋ: ــ مەن ئۆلەي دەۋاتىمەن، بۇ تۇنجىلىق ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ ــ دېدى. | 32 |
Esaw: — Men öley dewatimen, bu tunjiliq hoquqining manga néme paydisi? — dédi.
ياقۇپ: ــ ئەمىسە ھازىر ماڭا قەسەم قىلغىن، دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ، تۇنجىلىق ھوقۇقىنى ياقۇپقا سېتىپ بەردى. | 33 |
Yaqup: — Emise hazir manga qesem qilghin, déwidi, u uninggha qesem qilip, tunjiliq hoquqini Yaqupqa sétip berdi.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئەساۋغا نان بىلەن قىزىل پۇرچاق شورپىسىنى بەردى. ئۇ يەپ-ئىچىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ ئەساۋ تۇنجىلىق ھوقۇقىغا شۇنچە ئېتىبارسىز قارىغانىدى. | 34 |
Shuning bilen Yaqup Esawgha nan bilen qizil purchaq shorpisini berdi. U yep-ichip ornidin turup ketti. Shundaq qilip Esaw tunjiliq hoquqigha shunche étibarsiz qarighanidi.