< يارىتىلىش 23 >
ساراھ بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ياشقىچە ئۆمۈر كۆردى. بۇ ساراھنىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى ئىدى. | 1 |
サラの一生は百二十七年であった。これがサラの生きながらえた年である。
ساراھ قانائان زېمىنىدىكى كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروندا ۋاپات بولدى. ئىبراھىم بېرىپ ساراھ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار قىلدى. | 2 |
サラはカナンの地のキリアテ・アルバすなわちヘブロンで死んだ。アブラハムは中にはいってサラのために悲しみ泣いた。
ئىبراھىم ئۆز مەرھۇمەسىنىڭ يېنىدىن قوپۇپ، ھىتتىيلارغا سۆز قىلىپ: | 3 |
アブラハムは死人のそばから立って、ヘテの人々に言った、
ــ مەن بولسام ئاراڭلاردا مۇساپىر مېھمان، خالاس؛ سىلەر ئەمدى ئاراڭلاردىن ماڭا بىر يەرلىك بېرىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ مەرھۇمەمنى ئالدىمدا كۆرۈنۈپ تۇرمىسۇن ئۈچۈن ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلاي، ــ دېدى. | 4 |
「わたしはあなたがたのうちの旅の者で寄留者ですが、わたしの死人を出して葬るため、あなたがたのうちにわたしの所有として一つの墓地をください」。
ھىتتىيلار ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئى خوجام، بىزگە قۇلاق سالغايلا! سىلى ئارىمىزدا خۇدانىڭ بىر شاھزادىسى ھېسابلىنىلا! ئارىمىزدىكى ئەڭ ئېسىل يەرلىكنى تاللاپ، شۇ يەردە مەرھۇمەلىرىنى دەپنە قىلغايلا! مەرھۇمەلىرىنى دەپنە قىلىشقا ھېچقايسىمىز ئۆز يەرلىكىنى سىلىدىن ئايىمايدۇ، ــ دېدى. | 5 |
ヘテの人々はアブラハムに答えて言った、
「わが主よ、お聞きなさい。あなたはわれわれのうちにおられて、神のような主君です。われわれの墓地の最も良い所にあなたの死人を葬りなさい。その墓地を拒んで、あなたにその死人を葬らせない者はわれわれのうちには、ひとりもないでしょう」。
ئىبراھىم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇ زېمىندىكى خەلققە، يەنى ھىتتىيلارغا تەزىم قىلىپ، | 7 |
アブラハムは立ちあがり、その地の民ヘテの人々に礼をして、
ئۇلارغا: ــ ئەگەر مەرھۇمەمنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇرىۋەرمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، دەپنە قىلىشىمنى راۋا كۆرسەڭلار، ئۇنداقتا سۆزۈمنى ئاڭلاپ مېنىڭ ئۈچۈن زوھارنىڭ ئوغلى ئەفرونغا سۆز قىلىپ، | 8 |
彼らに言った、「もしわたしの死人を葬るのに同意されるなら、わたしの願いをいれて、わたしのためにゾハルの子エフロンに頼み、
ئۇنىڭ ئېتىزىنىڭ ئايىغىدا ئۆزىنىڭكى بولغان ماكپېلاھنىڭ غارىنى ماڭا بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىڭلار. ئۇ ماڭا بۇنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۆرىستان بولۇشقا تولۇق نەرخىدە بەرسۇن، ــ دېدى. | 9 |
彼が持っている畑の端のマクペラのほら穴をじゅうぶんな代価でわたしに与え、あなたがたのうちに墓地を持たせてください」。
شۇ چاغدا ئەفرون ھىتتىيلار ئارىسىدا ئولتۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن ھىتتىيلىق ئەفرون ھىتتىيلارنىڭ ئالدىدا، يەنى شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ: ــ | 10 |
時にエフロンはヘテの人々のうちにすわっていた。そこでヘテびとエフロンはヘテの人々、すなわちすべてその町の門にはいる人々の聞いているところで、アブラハムに答えて言った、
يوقسۇ، ئەي خوجام، ماڭا قۇلاق سالغايلا. بۇ ئېتىزلىقنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى غارنى سىلىگە بېرەي؛ ئۇنى ئۆز خەلقىم بولغان ئادەملەرنىڭ ئالدىدا سىلىگە بەردىم؛ ئۆز مېيىتلىرىنى دەپنە قىلغايلا، ــ دېدى. | 11 |
「いいえ、わが主よ、お聞きなさい。わたしはあの畑をあなたにさしあげます。またその中にあるほら穴もさしあげます。わたしの民の人々の前で、それをさしあげます。あなたの死人を葬りなさい」。
ئاندىن ئىبراھىم يەنە زېمىن خەلقى ئالدىدا تەزىم قىلىپ، | 12 |
アブラハムはその地の民の前で礼をし、
شۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ قۇلاقلىرى ئالدىدا ئەفرونغا: ــ ئىلتىماسىمغا قۇلاق سالغايلا؛ مەن بۇ ئېتىزلىقنىڭ نەرخى بويىچە پۇل بېرەي، ئۇنى مەندىن قوبۇل قىلغايلا، ئاندىن مەن مېيىتىمنى شۇ يەردە دەپنە قىلاي، ــ دېدى. | 13 |
その地の民の聞いているところでエフロンに言った、「あなたがそれを承諾されるなら、お聞きなさい。わたしはその畑の代価を払います。お受け取りください。わたしの死人をそこに葬りましょう」。
ئەفرون ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا: | 14 |
エフロンはアブラハムに答えて言った、
ئەي خوجام، ماڭا قۇلاق سالغايلا؛ تۆت يۈز شەكەل كۈمۈشكە يارايدىغان بىر ئېتىزلىق، سىلى بىلەن مېنىڭ ئارامدا نېمە ئىدى؟ سىلى مېيىتلىرىنى دەپنە قىلغايلا ــ دېدى. | 15 |
「わが主よ、お聞きなさい。あの地は銀四百シケルですが、これはわたしとあなたの間で、なにほどのことでしょう。あなたの死人を葬りなさい」。
ئىبراھىم ئەفروننىڭ سۆزىگە قوشۇلدى؛ ئاندىن ئەفرون ھىتتىيلار ئالدىدا ئېيتقان باھانى، يەنى شۇ چاغدىكى سودا ئۆلچىمى بويىچە تۆت يۈز شەكەل كۈمۈشنى تارازىدا تارتىپ بەردى. | 16 |
そこでアブラハムはエフロンの言葉にしたがい、エフロンがヘテの人々の聞いているところで言った銀、すなわち商人の通用銀四百シケルを量ってエフロンに与えた。
شۇنداق قىلىپ مامرەنىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلاھقا جايلاشقان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقى، يەنى ئېتىزلىقنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭدىكى غار، شۇنداقلا ئېتىزلىقنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى | 17 |
こうしてマムレの前のマクペラにあるエフロンの畑は、畑も、その中のほら穴も、畑の中およびその周囲の境にあるすべての木も皆、
ھىتتىيلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىبراھىمغا تاپشۇرۇلۇپ، [يەنى ئەفروننىڭ] شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن بارلىق كىرگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ مۈلكى قىلىپ بېكىتىلدى. | 18 |
ヘテの人々の前、すなわちその町の門にはいるすべての人々の前で、アブラハムの所有と決まった。
شۇنىڭدىن كېيىن ئىبراھىم ئايالى ساراھنى قانائان زېمىنىدىكى مامرە (يەنى، ھېبرون)نىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ غارىدا دەپنە قىلدى. | 19 |
その後、アブラハムはその妻サラをカナンの地にあるマムレ、すなわちヘブロンの前のマクペラの畑のほら穴に葬った。
شۇ تەرىقىدە ئۇ ئېتىزلىق ۋە ئۇنىڭدىكى غار ھىتتىيلار تەرىپىدىن ئىبراھىمغا گۆرىستان بولۇشقا تايىن قىلىندى. | 20 |
このように畑とその中にあるほら穴とはヘテの人々によってアブラハムの所有の墓地と定められた。