< يارىتىلىش 21 >
ئەمدى پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك ساراھنى يوقلىدى؛ پەرۋەردىگار ساراھقا دېگىنىدەك قىلدى. | 1 |
Emdi Perwerdigar wede qilghinidek Sarahni yoqlidi; Perwerdigar Sarahqa déginidek qildi.
ساراھ ھامىلىدار بولۇپ، ئىبراھىم قېرىغاندا خۇدا ئۇنىڭغا بېكىتكەن ۋاقىتتا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. | 2 |
Sarah hamilidar bolup, Ibrahim qérighanda Xuda uninggha békitken waqitta bir oghul tughup berdi.
ئىبراھىم ئۆزىگە تۆرەلگەن ئوغلى، يەنى ساراھ ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق قويدى. | 3 |
Ibrahim özige törelgen oghli, yeni Sarah uninggha tughup bergen oghlining ismini Ishaq qoydi.
ئاندىن ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك ئۆز ئوغلى ئىسھاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلدى. | 4 |
Andin Ibrahim Xuda uninggha buyrughinidek öz oghli Ishaq tughulup sekkizinchi küni xetne qildi.
ئوغلى ئىسھاق تۇغۇلغان چاغدا، ئىبراھىم يۈز ياشتا ئىدى. | 5 |
Oghli Ishaq tughulghan chaghda, Ibrahim yüz yashta idi.
ساراھ: «خۇدا مېنى كۈلدۈرۈۋەتتى؛ ھەركىم بۇ ئىشنى ئاڭلىسا، مەن بىلەن تەڭ كۈلۈشىدۇ»، دېدى. | 6 |
Sarah: «Xuda méni küldürüwetti; herkim bu ishni anglisa, men bilen teng külüshidu», dédi.
ئۇ يەنە: ــ كىممۇ ئىبراھىمغا: «ساراھ بالا ئېمىتىدىغان بولىدۇ!» دەپ ئېيتالايتتى؟ چۈنكى ئۇ قېرىغاندا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم! ــ دېدى. | 7 |
U yene: — Kimmu Ibrahimgha: «Sarah bala émitidighan bolidu!» dep éytalaytti? Chünki u qérighanda uninggha bir oghul tughup berdim! — dédi.
بالا چوڭ بولۇپ، ئەمچەكتىن ئايرىلدى. ئىسھاق ئەمچەكتىن ئايرىلغان كۈنى ئىبراھىم چوڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بەردى. | 8 |
Bala chong bolup, emchektin ayrildi. Ishaq emchektin ayrilghan küni Ibrahim chong ziyapet ötküzüp berdi.
ئەمما ساراھ مىسىرلىق ھەجەرنىڭ ئىبراھىمغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇلنىڭ [ئىسھاقنى] مەسخىرە قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدى. | 9 |
Emma Sarah misirliq Hejerning Ibrahimgha tughup bergen oghulning [Ishaqni] mesxire qiliwatqinini körüp qaldi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىبراھىمغا: ــ بۇ دېدەك بىلەن ئوغلىنى ھەيدىۋەت! چۈنكى بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى مېنىڭ ئوغلۇم ئىسھاق بىلەن تەڭ ۋارىس بولسا بولمايدۇ!، ــ دېدى. | 10 |
Shuning bilen u Ibrahimgha: — Bu dédek bilen oghlini heydiwet! Chünki bu dédekning oghli méning oghlum Ishaq bilen teng waris bolsa bolmaydu!, — dédi.
[ساراھنىڭ] بۇ سۆزى ئىبراھىمغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى؛ چۈنكى [ئىسمائىلمۇ] ئۇنىڭ ئوغلى-دە! | 11 |
[Sarahning] bu sözi Ibrahimgha tolimu éghir keldi; chünki [Ismailmu] uning oghli-de!
لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا: ــ بالاڭ ۋە دېدىكىڭ ۋەجىدىن بۇ سۆز ساڭا ئېغىر كەلمىسۇن، بەلكى ساراھنىڭ ساڭا دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سالغىن؛ چۈنكى ئىسھاقتىن بولغىنى سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ. | 12 |
Lékin Xuda Ibrahimgha: — Balang we dédiking wejidin bu söz sanga éghir kelmisun, belki Sarahning sanga dégenlirining hemmisige qulaq salghin; chünki Ishaqtin bolghini séning nesling hésablinidu.
لېكىن دېدەكنىڭ ئوغلىدىنمۇ بىر خەلق-مىللەت پەيدا قىلىمەن، چۈنكى ئۇمۇ سېنىڭ نەسلىڭ، ــ دېدى. | 13 |
Lékin dédekning oghlidinmu bir xelq-millet peyda qilimen, chünki umu séning nesling, — dédi.
ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئىبراھىم قوپۇپ، نان بىلەن بىر تۇلۇم سۇنى ئېلىپ ھەجەرگە بېرىپ، ئۆشنىسىگە يۈدكۈزۈپ، بالىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ، ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويدى. ھەجەر كېتىپ، بەئەر-شېبانىڭ چۆلىدە كېزىپ يۈردى. | 14 |
Etisi tang seherde Ibrahim qopup, nan bilen bir tulum suni élip Hejerge bérip, öshnisige yüdküzüp, balini uninggha tapshurup, ikkisini yolgha sélip qoydi. Hejer kétip, Beer-Shébaning chölide kézip yürdi.
ئەمدى تۇلۇمدىكى سۇ تۈگەپ كەتكەنىدى؛ ھەجەر بالىنى بىر چاتقالنىڭ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ چىدىمايمەن» دەپ، بىر ئوق ئېتىمچە يىراققا بېرىپ، ئۇدۇلىدا ئولتۇردى. ئۇ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىدى. | 15 |
Emdi tulumdiki su tügep ketkenidi; Hejer balini bir chatqalning tüwige tashlap qoyup, öz-özige: «Balining ölüp kétishige qarap chidimaymen» dep, bir oq étimche yiraqqa bérip, udulida olturdi. U udulida olturup, peryad kötürüp yighlidi.
خۇدا ئوغۇلنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ھەجەرنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ھەجەر، ساڭا نېمە بولدى؟ قورقمىغىن؛ چۈنكى خۇدا ئوغۇلنىڭ [يىغا] ئاۋازىنى ياتقان يېرىدىن ئاڭلىدى. | 17 |
Xuda oghulning yigha awazini anglidi; shuning bilen Xudaning Perishtisi asmandin Hejerni chaqirip uninggha: — Ey Hejer, sanga néme boldi? Qorqmighin; chünki Xuda oghulning [yigha] awazini yatqan yéridin anglidi.
ئەمدى قوپۇپ، قولۇڭ بىلەن بالىنى يۆلەپ تۇرغۇز؛ چۈنكى مەن ئۇنى ئۇلۇغ بىر ئەل-مىللەت قىلىمەن، ــ دېدى. | 18 |
Emdi qopup, qolung bilen balini yölep turghuz; chünki Men uni ulugh bir el-millet qilimen, — dédi.
شۇئان خۇدا [ھەجەرنىڭ] كۆزلىرىنى ئاچتى، ئۇ بىر قۇدۇقنى كۆردى. ئۇ بېرىپ تۇلۇمغا سۇ تولدۇرۇپ، ئوغۇلغا ئىچكۈزدى. | 19 |
Shuan Xuda [Hejerning] közlirini achti, u bir quduqni kördi. U bérip tulumgha su toldurup, oghulgha ichküzdi.
خۇدا ئۇ بالا بىلەن بىللە بولدى؛ ئۇ ئۆسۈپ چوڭ بولدى. ئۇ چۆلدە ياشاپ، مەرگەن بولۇپ يېتىشتى. | 20 |
Xuda u bala bilen bille boldi; u ösüp chong boldi. U chölde yashap, mergen bolup yétishti.
ئۇ پاران چۆلىدە تۇردى؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئانىسى ئۇنىڭغا مىسىر زېمىنىدىن بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. | 21 |
U Paran chölide turdi; shu waqitlarda anisi uninggha Misir zéminidin bir qizni xotunluqqa élip berdi.
ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول كېلىپ ئىبراھىمغا: ــ قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭدا، خۇدا سېنىڭ بىلەن بىللىدۇر. | 22 |
U waqitlarda shundaq boldiki, Abimelek we uning leshkerbéshi Fikol kélip Ibrahimgha: — Qilghan hemme ishliringda, Xuda séning bilen billidur.
ئەمدى سەن دەل مۇشۇ يەردە ماڭا، ئوغلۇمغا ۋە نەۋرەمگە خىيانەت قىلماسلىققا خۇدانىڭ نامىدا قەسەم قىلىپ بەرگەيسەن؛ مەن ساڭا كۆرسىتىپ كەلگەن مېھرىبانلىقىمدەك، سەنمۇ ماڭا ۋە سەن ھازىر تۇرۇۋاتقان يۇرتقا مېھرىبانلىق قىلغايسەن، ــ دېدى. | 23 |
Emdi sen del mushu yerde manga, oghlumgha we newremge xiyanet qilmasliqqa Xudaning namida qesem qilip bergeysen; men sanga körsitip kelgen méhribanliqimdek, senmu manga we sen hazir turuwatqan yurtqa méhribanliq qilghaysen, — dédi.
ئىبراھىم: قەسەم قىلىپ بېرەي، دېدى. | 24 |
Ibrahim: Qesem qilip bérey, dédi.
ئاندىن ئىبراھىم ئابىمەلەكنىڭ چاكارلىرى تارتىۋالغان بىر قۇدۇق توغرىسىدا ئابىمەلەكنى ئەيىبلىدى. | 25 |
Andin Ibrahim Abimelekning chakarliri tartiwalghan bir quduq toghrisida Abimelekni eyiblidi.
ئابىمەلەك: ــ بۇ ئىشنى قىلغان كىشىنى بىلمەيمەن؛ سەن بۇ ئىشنى ماڭىمۇ ئېيتماپسەن؛ مەن بۇ ئىشنى پەقەت بۈگۈنلا ئاڭلىشىم، ــ دېدى. | 26 |
Abimelek: — Bu ishni qilghan kishini bilmeymen; sen bu ishni mangimu éytmapsen; men bu ishni peqet bügünla anglishim, — dédi.
ئىبراھىم قوي-كالا ئېلىپ ئابىمەلەككە تەقدىم قىلدى؛ ئاندىن ئۇلار ئىككىلىسى ئەھدە قىلىشتى. | 27 |
Ibrahim qoy-kala élip Abimelekke teqdim qildi; andin ular ikkilisi ehde qilishti.
ئىبراھىم يەنە پادىدىن يەتتە چىشى قوزىنى بىر تەرەپكە ئايرىپ قويدى. | 28 |
Ibrahim yene padidin yette chishi qozini bir terepke ayrip qoydi.
ئابىمەلەك ئىبراھىمدىن: ــ سەن بىر تەرەپكە ئايرىپ قويغان بۇ يەتتە چىشى قوزىنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ ــ دەپ سورىۋىدى، | 29 |
Abimelek Ibrahimdin: — Sen bir terepke ayrip qoyghan bu yette chishi qozining néme menisi bar? — dep soriwidi,
ئۇ: ــ مېنىڭ بۇ قۇدۇقنى كولىغىنىمنى ئېتىراپ قىلغىنىڭغا گۇۋاھلىق سۈپىتىدە بۇ يەتتە چىشى قوزىنى قولۇمدىن قوبۇل قىلغايسەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى. | 30 |
u: — Méning bu quduqni kolighinimni étirap qilghininggha guwahliq süpitide bu yette chishi qozini qolumdin qobul qilghaysen, — dep jawab berdi.
بۇ ئىككىسى شۇ يەردە قەسەم قىلىشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ شۇ جاينى «بەئەر-شېبا» دەپ ئاتىدى. | 31 |
Bu ikkisi shu yerde qesem qilishqanliqi üchün, u shu jayni «Beer-Shéba» dep atidi.
شۇ تەرىقىدە ئۇلار بەئەر-شېبادا ئەھدە قىلىشتى. ئاندىن ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول قوزغىلىپ، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا يېنىپ كەتتى. | 32 |
Shu teriqide ular Beer-Shébada ehde qilishti. Andin Abimelek we uning leshkerbéshi Fikol qozghilip, Filistiylerning zéminigha yénip ketti.
ئىبراھىم بەئەر-شېبادا بىر تۈپ يۇلغۇننى تىكىپ، ئۇ يەردە ئەبەدىي تەڭرى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىپ ئىبادەت قىلدى. | 33 |
Ibrahim Beer-Shébada bir tüp yulghunni tikip, u yerde Ebediy Tengri bolghan Perwerdigarning namigha nida qilip ibadet qildi.
ئىبراھىم فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە تۇرۇپ قالدى. | 34 |
Ibrahim Filistiylerning zéminida uzun waqitqiche turup qaldi.