< يارىتىلىش 20 >
ئىبراھىم ئۇ يەردىن چىقىپ، جەنۇب تەرەپتىكى نەگەۋگە كۆچۈپ كېلىپ، قادەش بىلەن شۇرنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ قالدى؛ بىر مەزگىلدىن كېيىن گەراردا ئولتۇراقلاشتى. | 1 |
А Аврам отиде оданде на југ, и стани се између Кадиса и Сура; и живеше као дошљак у Герару.
شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىمدۇر»، دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن گەرارنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ئادەم ئەۋەتىپ، ساراھنى [ئۆزىگە] خوتۇن بولۇشقا ئېلىۋالدى. | 2 |
И говораше за жену своју Сару: Сестра ми је. А цар герарски Авимелех посла те узе Сару.
لېكىن [بىر كۈنى] كېچىسى چۈشىدە خۇدا ئابىمەلەككە كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سەن ئۆزۈڭگە ئېلىۋالغان ئايال سەۋەبىدىن ئەمدى ئۆلگەن ئادەمدۇرسەن؛ چۈنكى ئۇ باشقا بىرسىنىڭ ئايالىدۇر ــ دېدى. | 3 |
Али дође Бог Авимелеху ноћу у сну, и рече му: Гле, погинућеш са жене коју си узео, јер има мужа.
ئەمما ئابىمەلەك ئۇنىڭغا تېخى يېقىنچىلىق قىلمىغانىدى. ئۇ خۇداغا: ــ ئى رەب، ھەققانىي بىر خەلقنىمۇ ھالاك قىلامسەن؟ | 4 |
А Авимелех не беше се ње дотакао, и зато рече: Господе, еда ли ћеш и праведан народ погубити?
ئۇ ئۆزىمۇ ماڭا: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم» دەپ ئېيتمىدىمۇ؟ يەنە كېلىپ، بۇ ئايالمۇ «ئۇ مېنىڭ ئاكام»، دەپ ئېيتقانىدى. مەن بولسام ساپ كۆڭلۈم ۋە دۇرۇس نىيىتىم بىلەن بۇ ئىشنى قىلدىم، ــ دېدى. | 5 |
Није ли ми сам казао: Сестра ми је? А и она сама каза: Брат ми је. Учинио сам у чистоти срца свог и у правди руку својих.
خۇدا چۈشىدە ئۇنىڭغا يەنە: ــ بۇ ئىشنى ساپ كۆڭۈل بىلەن قىلغىنىڭنى بىلىمەن؛ شۇ سەۋەبتىن مەن سېنى ئالدىمدا گۇناھ قىلىشتىن توسۇپ، ئۇنىڭغا تېگىشىڭگە قويمىدىم. | 6 |
Тада му рече Бог у сну: Знам да си учинио у чистоти срца свог, зато те сачувах да ми не сагрешиш, и не дадох да је се дотакнеш.
ئەمدى ئۇ كىشىنىڭ ئايالىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەر؛ چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر، ئۇ سېنىڭ ھەققىڭدە دۇئا قىلىدۇ ۋە سەن تىرىك قالىسەن. ئەگەر ئۇنى ياندۇرۇپ بەرمىسەڭ شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سەن ۋە ھەممە ئادەملىرىڭ قوشۇلۇپ جەزمەن ئۆلىسىلەر، ــ دېدى. | 7 |
А сада врати човеку жену његову, јер је пророк, и молиће се за те, те ћеш остати жив. Ако ли не вратиш, знај да ћеш умрети ти и сви твоји.
ئابىمەلەك ئەتىگەن تاڭ سەھەردە قوپۇپ، ھەممە خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا سالدى؛ بۇ ئادەملەر ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتتى. | 8 |
И ујутру рано уста Авимелех, и сазва све слуге своје, и каза им све ово да чују. И уплашише се људи веома.
ئاندىن ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ مەن ساڭا زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، سەن مەن ۋە پادىشاھلىقىمغا ئېغىر بىر گۇناھنى يۈكلەپ قويدۇڭ؟ ماڭا قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلدىڭ! ــ دېدى. | 9 |
Тада Авимелех дозва Аврама и рече му: Шта си нам учинио? Шта ли сам ти згрешио, те навуче на ме и на царство моје толико зло? Учинио си ми шта не ваља чинити.
ئابىمەلەك ئىبراھىمغا يەنە: ــ سەن زادى بىزنىڭ نېمە ئىشىمىزنى كۆرگىنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلدىڭ؟ ــ دېدى. | 10 |
И још рече Авимелех Авраму: Шта ти је било, те си то учинио?
ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ «بۇ يەردە شۈبھىسىزكى ھېچكىم خۇدادىن قورقمايدىكەن، ئۇلار مېنى ئايالىم تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ»، دەپ ئويلىغانىدىم. | 11 |
А Аврам одговори: Говорих: јамачно нема страха Божјег у овом месту, па ће ме убити ради жене моје.
ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ مېنىڭ سىڭلىم ئىكەنلىكى راست، لېكىن ئۇ مېنىڭ ئاتا بىر، ئانا بۆلەك سىڭلىم؛ كېيىن ئۇ مېنىڭ ئايالىم بولدى. | 12 |
А управо и јесте ми сестра, кћи оца мог; али није кћи моје матере, па пође за ме.
لېكىن خۇدا مېنى ئاتامنىڭ ئۆيىدىن چىقىرىپ سەرگەردانلىققا يۈرگۈزگىنىدە، مەن ئايالىمغا: ــ بىز قەيەرگىلا بارساق، سەن ماڭا شۇنداق شاپائەت كۆرسەتكەيسەنكى، مېنىڭ توغرامدا: «بۇ مېنىڭ ئاكام بولىدۇ»، دېگىن، ــ دەپ ئېيتقانىدىم ــ دېدى. | 13 |
А кад ме Бог изведе из дома оца мог, ја јој рекох: Учини добро, и кажи за ме где год дођемо: Брат ми је.
ئاندىن ئابىمەلەك قوي-كالىلار، قۇللار ۋە دېدەكلەرنى ئېلىپ ئۇلارنى ئىبراھىمغا بەردى ۋە ئايالى ساراھنىمۇ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردى. | 14 |
Тада Авимелех узе оваца и говеда и слуга и слушкиња, те даде Авраму, и врати му Сару жену његову.
ئابىمەلەك: ــ مانا مېنىڭ زېمىنىم بولسا ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ؛ كۆزۈڭگە قايسى يەر ياقسا شۇ يەردە تۇرغىن، ــ دېدى. | 15 |
И рече Авимелех Авраму: Ево, земља ти је моја отворена, живи слободно где ти је воља.
ئۇ ساراھقا: «مانا، مەن ئاكاڭغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە بەردىم؛ مانا بۇلار ئۆز يېنىڭدىكىلەر، شۇنداقلا ھەممە ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇياتنى ياپقۇچى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ھەرقانداق داغ-ئەيىبتىن خالاس بولىسەن». | 16 |
А Сари рече: Ево дао сам твом брату хиљаду сребрника; гле, он ти је очима покривало пред свима који буду с тобом; и то све да ти је за науку.
ئىبراھىم خۇداغا دۇئا قىلدى، خۇدا ئابىمەلەك، ئايالى ۋە كېنىزەكلىرىنى ساقايتتى؛ ئاندىن ئۇلار [يەنە] بالا تۇغالايدىغان بولدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىمنىڭ ئايالى ساراھ تۈپەيلىدىن ئابىمەلەكنىڭ ئۆيىدىكى ھەممە خوتۇنلارنىڭ بالىياتقۇلىرىنى ئېتىپ قويغانىدى. | 17 |
И Аврам се помоли Богу, и исцели Бог Авимелеха и жену његову и слушкиње његове, те рађаху.
Јер Господ беше сасвим затворио сваку материцу у дому Авимелеховом ради Саре жене Аврамове.