< يارىتىلىش 2 >
شۇنداق قىلىپ ئاسمان بىلەن زېمىن، پۈتكۈل مەۋجۇداتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يارىتىلىپ بولدى. | 1 |
Kwasekuqediswa amazulu lomhlaba lalo lonke ibutho lakho.
خۇدا يەتتىنچى كۈنىگىچە قىلىدىغان ئىشىنى تاماملىدى. ئۇ يەتتىنچى كۈنى بارلىق يارىتىش ئىشىنى توختىتىپ ئارام ئالدى. | 2 |
UNkulunkulu wasewuqeda ngosuku lwesikhombisa umsebenzi wakhe abewenza. Waphumula ngosuku lwesikhombisa emsebenzini wakhe wonke abewenza.
يەتتىنچى كۈنى خۇدا بارلىق يارىتىش ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كۈننى بەختلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى «مۇقەددەس كۈن» دەپ بېكىتتى. | 3 |
UNkulunkulu wasebusisa usuku lwesikhombisa, walungcwelisa; ngoba ngalo waphumula emsebenzini wakhe wonke, uNkulunkulu awudalayo wawenza.
پەرۋەردىگار خۇدا زېمىن بىلەن ئاسماننى ياراتقان كۈنىدە، ئاسمان-زېمىننىڭ يارىتىلىش جەريانىنىڭ تارىخلىرى مۇنداق: ــ | 4 |
Lezi yizizukulwana zamazulu lezomhlaba ekudalweni kwakho, mhla iNkosi uNkulunkulu isenza umhlaba lamazulu,
زېمىندا تېخى ھېچ گۈل-گىياھ، يەردە ھېچ ئوتياش ئۈنمىگەنىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا يەر يۈزىگە ھۆل-يېغىن ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. | 5 |
laso sonke isihlahlakazana sensimu, singakabi khona emhlabeni, layo yonke imibhida yeganga, ingakamili; ngoba iNkosi uNkulunkulu yayinganisanga izulu emhlabeni, njalo kwakungelamuntu wokulima umhlabathi.
لېكىن يەردىن بۇلاق سۈيى چىقىپ، تامام يەر يۈزىنى سۇغاردى. | 6 |
Kodwa kwenyuka inkungu ivela emhlabathini, yasithelela ubuso bonke bomhlabathi.
ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى يەرنىڭ توپىسىدىن ياساپ، ھاياتلىق نەپەسىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئادەم تىرىك بىر جان بولدى. | 7 |
INkosi uNkulunkulu yasibumba umuntu ngothuli oluvela emhlabathini, yaphefumulela emakhaleni akhe umoya wempilo; umuntu wasesiba ngumphefumulo ophilayo.
ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا مەشرىق تەرەپتە ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بىنا قىلىپ، ياسىغان ئادەمنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. | 8 |
INkosi uNkulunkulu yasihlanyela isivande eEdeni ngasempumalanga, yasimbeka khona umuntu eyambumbayo.
پەرۋەردىگار خۇدا يەردىن كۆزنى قاملاشتۇرىدىغان چىرايلىق، [مېۋىلىرى] يېيىشلىك ھەرخىل دەرەخنى ئۈندۈردى؛ ئۇ يەنە باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا «ھاياتلىق دەرىخى» ۋە «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نى ئۈندۈردى. | 9 |
INkosi uNkulunkulu yasimilisa emhlabeni sonke isihlahla esibukekayo lesilungele ukudla; lesihlahla sempilo phakathi kwesivande, lesihlahla solwazi lokuhle lokubi.
باغنى سۇغىرىشقا ئېرەمدىن بىر دەريا ئېقىپ چىقتى؛ ئاندىن بۆلۈنۈپ، تۆت ئېقىن بولدى. | 10 |
Kwasekuphuma eEdeni umfula wokuthelela isivande; njalo kusukela lapho wehlukaniswa waba zinhloko ezine.
بىرىنچى ئېقىننىڭ نامى پىشون بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان پۈتكۈل ھاۋىلاھ زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. | 11 |
Ibizo lowokuqala yiPishoni; yiwo ozingelezele ilizwe lonke leHavila, lapho okulegolide khona.
بۇ يۇرتنىڭ ئالتۇنى ناھايىتى ئېسىل ئىدى؛ شۇ يەردە پۇراقلىق دېۋىرقاي بىلەن ئاق ھېقىقمۇ چىقىدۇ. | 12 |
Legolide lalelolizwe lihle; lapho kulebedola lelitshe i-onikse.
ئىككىنچى دەريانىڭ نامى گىھون بولۇپ، پۈتكۈل كۇش زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. | 13 |
Lebizo lomfula wesibili yiGihoni; yiwo ozingelezele ilizwe lonke eleEthiyophiya.
ئۈچىنچى دەريانىڭ نامى دىجلە بولۇپ، ئاشۇرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، تۆتىنچى دەريانىڭ نامى ئەفرات ئىدى. | 14 |
Lebizo lomfula wesithathu yiHidekeli; yiwo ogelezela empumalanga kweAsiriya. Lomfula wesine yiYufrathi.
پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى ئېلىپ ئېرەم بېغىغا ئىشلەپ، پەرۋىش قىلسۇن دەپ ئۇنى شۇ يەرگە قويۇپ قويدى. | 15 |
INkosi uNkulunkulu yasimthatha umuntu, yambeka esivandeni seEdeni, ukuze asilime asilondoloze.
پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە ئەمر قىلىپ: باغدىكى ھەربىر دەرەخ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭچە يە؛ | 16 |
INkosi uNkulunkulu yasimlaya umuntu isithi: Kuso sonke isihlahla sesivande ungadla lokudla;
ئەمما «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نىڭ مېۋىسىدىن يېمىگىن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈنۈڭدە جەزمەن ئۆلىسەن، ــ دېدى. | 17 |
kodwa okwesihlahla solwazi lokuhle lokubi, ungadli kuso, ngoba mhla usidla kuso uzakufa lokufa.
ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئادەمنىڭ يالغۇز تۇرۇشى ياخشى ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر ياردەمچى ھەمراھنى ياساپ بېرەي، ــ دېدى. | 18 |
INkosi uNkulunkulu yasisithi: Kakukuhle ukuthi umuntu abe yedwa. Ngizamenzela umsizi onjengaye.
پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى ھەممە ئۇچار-قاناتلارنى ياسىغانىدى؛ ئۇلارغا ئادەمنىڭ نېمە دەپ ئات قويىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئادەم ھەربىر جانىۋارغا نېمە دەپ ئات قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتى شۇ بولۇپ قالدى. | 19 |
INkosi uNkulunkulu yasibumba ngomhlabathi yonke inyamazana yeganga layo yonke inyoni yamazulu; yakuletha kuAdamu, ukuthi ibone ukuthi angazibiza ngokuthini, njalo loba yikuphi uAdamu azabiza ngakho isidalwa esiphilayo, yilo ibizo laso.
بۇ تەرىقىدە ئادەم ھەممە مال-چارۋىلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالادىكى ھەربىر جانىۋارلارغا ئات قويدى؛ ۋەھالەنكى، ئادەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھېچبىر ياردەمچى ھەمراھ ئۇچراتمىدى. | 20 |
UAdamu wasesitha amabizo kuzo zonke izifuyo, lenyonini yamazulu, lakuyo yonke inyamazana yeganga; kodwa uAdamu katholelwanga umsizi onjengaye.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە بىر قاتتىق ئۇيقۇ سالدى؛ ئۇ ئۇخلاپ قالدى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، ئۇ ئۇنىڭ بىقىنىدىن بىر ئاز ئېلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئەت-گۆش بىلەن ئېتىپ قويدى. | 21 |
INkosi uNkulunkulu yasisehlisela phezu kukaAdamu ubuthongo obukhulu, waselala. Yasithatha olunye lwezimbambo zakhe, yavala ngenyama endaweni yalo.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنىڭ بىقىنىدىن ئالغان شۇ قىسىمدىن بىر ئايالنى ياساپ، ئۇنى ئادەمنىڭ قېشىغا ئەكەلدى. | 22 |
INkosi uNkulunkulu yasisenza ubambo eyayiluthethe emuntwini lwaba ngowesifazana, yasimusa emuntwini.
ئادەمئاتا خۇشال بولۇپ: ــ مانا بۇ سۆڭەكلىرىمدىكى سۆڭەك، ئېتىمدىكى ئەت بولغاچ، «ئايال» دەپ ئاتالسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغاندۇر، ــ دېدى. | 23 |
UAdamu wasesithi: Lo khathesi ulithambo lamathambo ami, lenyama yenyama yami; uzabizwa ngokuthi ngowesifazana, ngoba yena ethethwe endodeni.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىپ بىر بولۇپ، ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ. | 24 |
Ngenxa yalokhu indoda izatshiya uyise lonina, inamathele kumkayo; njalo bazakuba nyamanye.
ئادەمئاتا بىلەن ئايالى ھەر ئىككىسى يالىڭاچ بولسىمۇ، ھېچ ئۇيالمايتتى. | 25 |
Bobabili babenqunu-ke, umuntu lomkakhe, futhi bengelanhloni.