< يارىتىلىش 18 >
پەرۋەردىگار مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىدا ئىبراھىمغا كۆرۈندى؛ بۇ كۈن ئەڭ ئىسسىغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئولتۇراتتى. | 1 |
Rəbb İbrahimıs yiğıne pırane gahıl Mamreene mı'qəəşine avur, çadırne ghalee gyu'uringa gyaagva.
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ نەزەر سېلىۋىدى، مانا ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈچ كىشى ئۆرە تۇراتتى. ئۇلارنى كۆرۈپ ئۇ چېدىرىنىڭ ئىشىكىدىن قوپۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ: | 2 |
Mang'vee vuk'ul ooqa qav'umee xhebiyre insan g'ooce. Manbı g'avcu, çadırene ghaleençe manbışde ögiylqa g'adarxhun ç'iyelqamee k'yoorzul eyhen:
ــ ئى رەببىم، ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆتۈنىمەنكى، قۇللىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتمىگەيلا؛ | 3 |
– Yizda xərna, zı ulen aqqıxhe ulydolyrzul yiğne nukarısse ılğeemeç'e.
ئازغىنا سۇ كەلتۈرۈلسۇن، سىلەر پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇپ دەرەخنىڭ تېگىدە ئارام ئېلىۋېلىڭلار. | 4 |
Hasre g'elybı hoğalasın xhyan allecen, yivek avub gyuv'ure manzil hee'e.
سىلەر ئۆز قۇلۇڭلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنىكەنسىلەر، مەن بىر چىشلەم نان ئېلىپ چىقاي، سىلەر ھاردۇقۇڭلارنى چىقىرىپ، ئاندىن ئۆتۈپ كەتكەيسىلەر، دېدى. ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقىنىڭدەك قىلغىن، دېۋىدى، | 5 |
Şu vuşde nukarne çadırne k'anençevub ı'lğəə, zı şos sık'ınin gıney alles, oxhne yik' aqqecen. Mançile qiyğa şos vukkanxhe hudoora. Manbışe eyhen: – Ğu eyhəxüd he'e.
ئىبراھىم چېدىرىغا ساراھنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئۈچ داس ئېسىل ئۇندىن تېز خېمىر يۇغۇرۇپ توقاچ ئەتكىن، ــ دېدى. | 6 |
Sark'ıl mana ekra Sarraysqa çadıreeqa ayk'an. Məng'ı'k'le eyhen: – Həşdexhinee xhebne xənne vexhxheedın yugun urva alyaat'u xamır hı'ı, kokaybı qece.
ئاندىن ئىبراھىم كالا پادىسىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يۇمران ئوبدان بىر موزاينى تاللاپ، چاكىرىغا تاپشۇردى؛ ئۇ بۇنى تېزلا تەييار قىلدى. | 7 |
Mana mançe çavra-vəq'əysqa g'adarxhun sa kokna q'ıka avqu mek'vung'usqa qoole. Mek'vnar giyğalna ek'da oxhanasın kar ha'a.
ئاندىن ئىبراھىم سېرىق ماي، سۈت ۋە تەييارلاتقان موزاينى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇتۇپ، ئۆزى دەرەخنىڭ تېگىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇردى؛ ئۇلار ئۇلاردىن يېدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن: ئايالىڭ ساراھ نەدە، دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، چېدىردا، دېدى. | 8 |
İbrahimee qoocuna q'ıka, şor, nyak manbışde ögiylqa qadı giyxhe. Manbışe man otxhanang'a, vucur cone k'ane yivek avur ulyoyzar.
Manbışe qiyghıniyn: – Yiğna xhunaşşe Sarra nyayxha? Mang'vee eyhen: – İnya'ar çadıre vor.
بىرسى: ــ مەن كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا قېشىڭغا جەزمەن قايتىپ كېلىمەن، ۋە مانا ئۇ ۋاقىتتا ئايالىڭ ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى. ساراھ بولسا ئۇنىڭ كەينىدىكى چېدىرنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ، بۇلارنى ئاڭلاۋاتاتتى. | 10 |
Manbışde sang'vee meed eyhen: – Qööne ine gahıl zı vasqa meer ayresda. Manke yiğne xhunaşşeys Sarrays dix ixhes. Sarra mang'une yı'q'əl, çadıreeqa əkkəəne cigee ulyorzul, k'ırı iliyxhe yixha.
ئىبراھىم بىلەن ساراھ ئىككىسى ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى؛ ساراھتا ئايال كىشىلەردە بولىدىغان ئادەت كۆرۈش توختاپ قالغانىدى. | 11 |
İbrahimiy Sarra q'əsniy qeepxha. Sarrayn yadaaşik eyxhenbı ç'əveetxhaynbıniy.
شۇڭا ساراھ ئۆز ئىچىدە كۈلۈپ: ــ مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا لەززەت كۆرەلەرمەنمۇ؟ ئېرىممۇ قېرىپ كەتكەن تۇرسا؟ ــ دەپ خىيال قىلدى. | 12 |
Məng'ee yik'ee əqəna ha'u eyhen: – Zı g'art'una, məxbına xoşbaxtıyvalla vooxheye? Yizda xərnar q'əs qıxha.
پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا: ــ ساراھنىڭ: «مەن قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا بالا تۇغارمەنمۇ؟» دەپ كۈلگىنى نېمىسى؟ | 13 |
Rəbbee İbrahimıke qiyghanan: – «Zı Sarra qəsra vor, zasse uşax uxas əxəye?» uvhu, nya'a məng'ee əqəna hı'ı?
پەرۋەردىگارغا مۇمكىن بولمايدىغان تىلسىمات ئىش بارمۇ؟ بېكىتكەن ۋاقىتتا، يەنى كېلەر يىلى دەل بۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن ۋە ئۇ ۋاقىتتا ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى. | 14 |
Nya'a, Rəbbisse ha'as dəxən vodunne? Qööne sen ine gahıl Zı vasqa sark'ıling'a, Sarrays dix ıxha ixhes.
ئەمما ساراھ قورقۇپ كېتىپ: ــ كۈلمىدىم، دەپ ئىنكار قىلدى. لېكىن ئۇ: ــ ياق، سەن كۈلدۈڭ، ــ دېدى. | 15 |
Sarree qərq'ı'niyvalin horbışika eyhen: – Zı əqəna hı'ı deşdiy. Rəbbee manke eyhen: – Deeş, ğu əqəna hı'ınniy.
ئاندىن بۇ زاتلار ئۇ يەردىن قوپۇپ، سودوم تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇردى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنى ئۇزىتىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى. | 16 |
Mançe in adamer suğoots'u Sodomusqa avayk'an. İbrahimır ayk'anna manbı yəqqı'l haa'as.
پەرۋەردىگار: ــ مەن قىلىدىغان ئىشىمنى ئىبراھىمدىن يوشۇرسام بولامدۇ؟ | 17 |
Rəbbee eyhen: – Ha'asın kar İbrahimılene dyugul ha'as?
چۈنكى ئىبراھىمدىن ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر ئەل چىقىدۇ ۋە شۇنىڭدەك يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-مىللەتلەر ئۇ ئارقىلىق بەخت-بەرىكەتكە مۇيەسسەر بولىدىغان تۇرسا؟ | 18 |
Hək'edad, İbrahimıke xədın, gucnan millet g'ales, mang'ulek'ena gırgıne milletbışe xayir-düə alyapt'as.
چۈنكى مەن ئۇنى بىلىپ تاللىغانمەن؛ ئۇ چوقۇم ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ھەققانىيلىقنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىم توغرۇلۇق قىلغان ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، ــ دېدى. | 19 |
Cule qiyğa yugun, qotkun ha'a Rəbbine yəqqı'n hophuriy dixbışis, cune xaabınbışis, xət qe'ecenva Zı mana g'əyxı'. Manke Zı Rəbbeeyid İbrahimıs hucooyiy cuvab huvu, man ha'asın.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «سودوم ۋە گوموررا توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ گۇناھى ئىنتايىن ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن، | 20 |
Rəbbee eyhen: – Sodomulqanayiy Homorulqana şikayat geebıb. Maane insanaaşina bınah geeb yı'q'navub.
مەن ھازىرلا چۈشىمەن، قىلمىشلىرى راستتىنلا شۇ داد-پەريادلاردىن ماڭا مەلۇم بولغاندەك شۇنچە رەزىلمۇ، بىلىپ باقاي؛ ئۇنچە رەزىل بولمىغاندىمۇ، مەن ئۇنى بىلىشىم كېرەك». | 21 |
Mançil-allar giç'u avqa ilyakkasda, Zalqa hiyxharanbı hək'enbıye, dişee.
شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر ئۇ يەردىن قوزغىلىپ، سودوم تەرەپكە يول ئالدى. لېكىن ئىبراھىم يەنىلا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى. | 22 |
İnsanar sapk'ıl avayk'ananbı Sodomne suralqa. İbrahimır axvana Rəbbine ögiyl.
ئىبراھىم يېقىن بېرىپ: ــ سەن راستتىنلا ھەققانىيلارنى رەزىللەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلامسەن؟ | 23 |
İbrahim Mang'usqana qıxha eyhen: – Hək'ebane, bınahnanbışika qopkuynbub havaakal haa'as?
شەھەردە ئەللىك ھەققانىي كىشى بار بولۇشى مۇمكىن؛ سەن راستتىنلا شۇ جاينى ھالاك قىلامسەن، ئەللىك ھەققانىي كىشى ئۈچۈن ئۇ جاينى كەچۈرۈم قىلمامسەن؟ | 24 |
Eyhes, ine şaharee xhots'al qorkuna insan vor. Ğu mana hək'ebab havaakal haa'asdane? Mane xhots'alyne qorkune insannemee Ğu mane şaharne bınahıle ilyheç'es dişde?
ياق، ياق! بۇ ئىش سەندىن نېرى بولغاي! ھەققانىيلارنى رەزىللەرگە قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ، ھەققانىيلارغا رەزىللەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش سەندىن نېرى بولغاي! پۈتكۈل جاھاننىڭ سوراقچىسى ئادالەت يۈرگۈزمەمدۇ؟ ــ دېدى. | 25 |
Ğu man hidya'a, qorkunayiy bınahnana sacigee gidek'a. Qorkunayiy bınahna Ğu sa hidya'a. İnimeen dyunye vuk'lek Ikkekkana, qorkura ixhes ıkkan!
پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر مەن سودوم شەھىرىدە ئەللىك ھەققانىينى تاپسام، ئۇلار ئۈچۈن پۈتكۈل جاينى ئاياپ قالىمەن، ــ دېدى. | 26 |
Rəbbee eyhen: – Sodomne şaharee xhots'al qorkuna insan avaykee, manbışdemee ine cigayne bıkırra bınaheençe ilyheç'esda.
ئاندىن ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن پەقەت توپا بىلەن كۈلدىن ئىبارەت بولساممۇ، مەن ئىگەم بىلەن سۆزلەشكىلى يەنە پېتىنالىدىم. | 27 |
İbrahimee meed eyhen: – Zı Yiğnimee yı'qiy toz xhinnen sa kar ixheyir, zı meed yik' hı'ı Xudaavandayke qiyghanan,
مۇبادا شۇ ئەللىك ھەققانىيدىن بەش كىشى كەم بولسا، سەن بۇ بەش كىشىنىڭ كەم بولغىنى ئۈچۈن پۈتكۈل شەھەرنى يوقىتامسەن؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئەگەر مەن شۇ يەردە قىرىق بەشنى تاپساممۇ، ئۇنى يوقاتمايمەن، دېدى. | 28 |
xhots'alyna qorkuna g'ales xhoyre insan ivdekeene, mana xhoyre g'idiyxharva şahar havaakal haa'asdane? Rəbbee eyhen: – Yoqts'ale xhoyre aveykeene, şahar havaakal haa'as deş.
ئىبراھىم ئۇنىڭغا سۆزىنى داۋام قىلىپ: ــ شۇ يەردە قىرىق كىشىلا تېپىلىشى مۇمكىن، دېۋىدى، [پەرۋەردىگار]: ــ بۇ قىرىقى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى. | 29 |
İbrahimee meed qiyghanan: – Maa'ar yoqts'al aveykeene, hucoone ha'as? Rəbbee eyhen: – Yoqts'alyung'unemeeyir set'as deş.
ئۇ يەنە سۆز قىلىپ: ئى ئىگەم، خاپا بولمىغايسەن، مەن يەنە سۆز قىلاي. شۇ يەردە ئوتتۇزى تېپىلىشى مۇمكىن؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئەگەر مەن ئۇ يەردە ئوتتۇزنى تاپساممۇ، يوقاتمايمەن، ــ دېدى. | 30 |
İbrahimee eyhen: – Zı geer yuşani'il-alla Xudaavanda qəllamişmexhecen: maa'ar xhebts'al aveykeene, nəxüdne ixhes? Rəbbee uvhuyn: – Maa'ar xhebts'alir aveykeene, vuççud ha'as deş.
ئۇ يەنە سۆز قىلىپ: ــ مانا ئەمدى مەن ئىگەم بىلەن سۆزلەشكىلى جۈرئەت قىلدىم؛ شۇ يەردە يىگىرمىسى تېپىلىشى مۇمكىن، ــ دېدى. پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: بۇ يىگىرمىسى ئۈچۈن ئۇ يەرنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى. | 31 |
İbrahimee eyhen: – Zı meed yik' hı'ı Xudaavandayke in qiyghanan: maa'ar g'ayre aveykene, hucoone ha'as? Rəbbee eyhen: – G'ang'unemeeyib havaakal haa'as deş.
ئۇ سۆزلەپ: ــ ئى ئىگەم، خاپا بولمىغاي، مەن پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا سۆز قىلاي! شۇ يەردە ئونى تېپىلىشى مۇمكىن، دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئونى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى. | 32 |
İbrahimee eyhen: – Zı sayid eyheva Xudaavanda qəllamişmexhecen, yits'iyre aveykeene, hucoone ha'as? Rəbbee eyhen: – Yits'ıng'unemeeyib havaakal haa'as deş.
پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن كەتتى؛ ئىبراھىممۇ ئۆز جايىغا قايتىپ كەتتى. | 33 |
Rəbbee İbrahimıka haa'ana gaf ç'əvav'u ayk'anna. İbrahimır siyk'alna cune çadıreeqa.