< يارىتىلىش 14 >

شىنارنىڭ پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئارىئوق، ئېلامنىڭ پادىشاھى كېدورلايومەر ۋە گويىمنىڭ پادىشاھى تىدالنىڭ كۈنلىرىدە شۇ ۋەقە بولدىكى، 1
It came about in the days of Amraphel, king of Shinar, Arioch, king of Ellasar, Kedorlaomer, king of Elam, and Tidal, king of Goiim,
ئۇلار بىرلىشىپ سودومنىڭ پادىشاھى بېرا، گوموررانىڭ پادىشاھى بىرشا، ئادماھنىڭ پادىشاھى شىناب، زەبوئىمنىڭ پادىشاھى شەمئېبەر ۋە بېلا (يەنى زوئار)نىڭ پادىشاھىغا قارشى ھۇجۇمغا ئاتلاندى. 2
that they made war against Bera, king of Sodom, Birsha, king of Gomorrah, Shinab, king of Admah, Shemeber, king of Zeboyim, and the king of Bela (also called Zoar).
بۇ [بەشىنىڭ] ھەممىسى كېلىشىپ سىددىم ۋادىسىغا، يەنى «شور دېڭىزى» ۋادىسىغا يىغىلدى. 3
These latter five kings joined together in the Valley of Siddim (also called the Salt Sea).
ئۇلار ئون ئىككى يىل كېدورلايومەرگە بېقىندى بولدى، ئون ئۈچىنچى يىلغا كەلگەندە، كېدورلايومەرگە قارشى ئىسيان كۆتۈردى. 4
Twelve years they had served Kedorlaomer, but in the thirteenth year they rebelled.
ئون تۆتىنچى يىلى كېدورلايومەر ۋە ئۇنىڭغا ئىتتىپاقداش بولغان پادىشاھلار ھەممىسى يىغىلىپ، ئاشتاروت-كارنائىم دېگەن يەردە رەفايىيلارغا، شۇنداقلا ھام دېگەن يەردە زۇزىيلارغا، شاۋەھ-كىرىئاتايىمدا ئېمىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى يەڭدى؛ 5
Then in the fourteenth year, Kedorlaomer and the kings who were with him came and attacked the Rephaim in Ashteroth Karnaim, the Zuzites in Ham, the Emites in Shaveh Kiriathaim,
ئاندىن ئۇلار ھورىيلارنى ئۇلارنىڭ سېئىر تېغىدا مەغلۇپ قىلىپ، چۆلنىڭ يېنىدىكى ئەل-پارانغىچە سۈرۈپ-توقاي قىلدى. 6
and the Horites in their hill country of Seir, as far as El Paran, which is near the desert.
ئارقىدىنلا، ئۇلار ئەن-مىشپاتقا (يەنى قادەشكە) يېنىپ كېلىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتكۈل يۇرتىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى؛ ھازازون-تاماردا ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىمۇ ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلدى. 7
Then they turned and came to En Mishpat (also called Kadesh), and defeated all the country of the Amalekites, and also the Amorites who lived in Hazezon Tamar.
شۇنىڭ بىلەن سودومنىڭ پادىشاھى، گوموررانىڭ پادىشاھى، ئادماھنىڭ پادىشاھى، زەبوئىمنىڭ پادىشاھى ۋە بېلانىڭ (يەنى زوئارنىڭ) پادىشاھى چىقىپ، سىددىم ۋادىسىدا ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىشقا سەپ تىزدى؛ 8
Then the king of Sodom, the king of Gomorrah, the king of Admah, the king of Zeboyim, and the king of Bela (also called Zoar) went out and prepared for battle in the Valley of Siddim
مۇشۇ [بەشەيلەن] ئېلامنىڭ پادىشاھى كېدورلايومەر، گويىمنىڭ پادىشاھى تىدال، شىنارنىڭ پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئارىئوق قاتارلىقلار بىلەن سوقۇشتى؛ يەنى تۆت پادىشاھ بىلەن بەش پادىشاھ ئۆزئارا سوقۇشتى. 9
against Kedorlaomer, king of Elam, Tidal, king of Goiim, Amraphel, king of Shinar, Arioch, king of Ellasar; four kings against the five.
سىددىم ۋادىسىدىكى ھەممىلا يەردە قارىماي [ئورەكلىرى] بار ئىدى. سودوم ۋە گوموررانىڭ پادىشاھلىرى قېچىپ، ئورەكلەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئەمما قالغانلار بولسا تاغقا قېچىپ كەتتى. 10
Now the Valley of Siddim was full of tar pits, and as the kings of Sodom and Gomorrah fled, they fell in there. Those who were left fled to the mountains.
[غالىب كەلگەن تۆت پادىشاھ بولسا] سودوم بىلەن گوموررانىڭ ھەممە مال-مۈلكىنى ۋە بارلىق ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئېلىپ كەتتى. 11
So the kings took all the goods of Sodom and Gomorrah and all their provisions, and went their way.
ئۇلار يەنە ئابرامنىڭ جىيەنى لۇتنىمۇ ماللىرى بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ سودومدا ئولتۇراقلاشقانىدى. 12
When they went, they also took Lot, Abram's brother's son, who was living in Sodom, along with all his possessions.
ھالبۇكى، قۇتۇلۇپ قالغان بىرسى بېرىپ بۇ ئىشلارنى ئىبرانىي ئابرامغا ئېيتتى. شۇ چاغدا ئۇ ئامورىي مامرەنىڭ دۇبزارلىقىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. مامرە بولسا ئەشكول ۋە ئانەرنىڭ ئاكىسى ئىدى؛ بۇ ئۈچەيلەن ئابرام بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى. 13
One who had escaped came and told Abram the Hebrew. He was living by the oaks that belonged to Mamre, the Amorite, who was the brother of Eshkol and Aner, who were all allies of Abram.
ئابرام قېرىندىشىنىڭ ئەسىر بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئۆيىدە تۇغۇلغان، ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن ئۈچ يۈز ئون سەككىز ئادەمنى باشلاپ چىقىپ، [تۆت پادىشاھنى] قوغلاپ دانغىچە باردى. 14
Now when Abram heard that enemies had captured his relative, he led out his 318 trained men who had been born in his house, and he pursued them as far as Dan.
كېچىسى ئۇ ئادەملىرىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى دەمەشقنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ھوباھ دېگەن جايغىچە قوغلاپ بېرىپ، 15
He divided his men against them at night and attacked them, and pursued them as far as Hobah, which is north of Damascus.
پۈتكۈل [ئولجا ئالغان] مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇۋالدى؛ ئۆز قېرىندىشى لۇتنى، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ۋە خوتۇن-قىزلىرىنى، شۇنداقلا [بارلىق قالغان] ئادەملەرنى ياندۇرۇپ كەلدى. 16
Then he brought back all the possessions, and also brought back his relative Lot and his goods, as well as the women and the other people.
ئابرام كېدورلايومەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كەلگەندە، سودومنىڭ پادىشاھى شاۋەھ ۋادىسى (يەنى خان ۋادىسى)غا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. 17
After Abram returned from defeating Kedorlaomer and the kings who were with him, the king of Sodom went out to meet him at the Valley of Shaveh (also called the King's Valley).
سالېمنىڭ پادىشاھى مەلكىزەدەكمۇ نان بىلەن شاراب ئېلىپ ئالدىغا چىقتى. ئۇ زات بولسا، ھەممىدىن ئالىي تەڭرىنىڭ كاھىنى ئىدى؛ 18
Melchizedek, king of Salem, brought out bread and wine. He was priest of God Most High.
ئۇ [ئابرامنى] بەخت-بەرىكەتلەپ: ــ «ئابرام ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرى تەرىپىدىن بەرىكەتلەنسۇن! 19
He blessed him saying, “Blessed be Abram by God Most High, Creator of heaven and earth.
شۇنداقلا دۈشمەنلىرىڭنى ئۆز قولۇڭغا تاپشۇرغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرىگە ھەمدۇسانا ئوقۇلغاي!» ــ دېدى. ئابرام بولسا غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا بەردى. 20
Blessed be God Most High, who has given your enemies into your hand.” Then Abram gave him a tenth of everything.
ئاندىن سودومنىڭ پادىشاھى ئابرامغا: ــ ئادەملەرنى ماڭا بەرگەيلا، غەنىيمەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئالغايلا، ــ دېدى. 21
The king of Sodom said to Abram, “Give me the people, and take the goods for yourself.”
لېكىن ئابرام سودومنىڭ پادىشاھىغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بولسام ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرى پەرۋەردىگارغا قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلغانمەنكى، 22
Abram said to the king of Sodom, “I have lifted up my hand to Yahweh, God Most High, Creator of heaven and earth,
مەن سەندىن ھەتتا بىر تال يىپ نە بىر تال بوغقۇچىنىمۇ نە سېنىڭ باشقا ھەرقانداق نەرسەڭنى ئالمايمەن؛ بولمىسا، سەن كېيىن: «مەن ئابرامنى باي قىلىپ قويدوم» دېيىشىڭ مۇمكىن. 23
that I will not take a thread, a sandal strap, or anything that is yours, so that you can never say, 'I have made Abram rich.'
شۇڭا يىگىتلىرىمنىڭ يېگەن-ئىچكىنى، شۇنداقلا ماڭا ھەمراھ بولغانلار، يەنى ئانەر، ئەشكول ۋە مامرەلەرگە تېگىشلىك ئۈلۈشتىن باشقا، مەن [غەنىيمەتتىن] ھېچنەرسە ئالمايمەن؛ شۇلار ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئالسۇن، ــ دېدى. 24
I will take nothing except what the young men have eaten and the share of the men that went with me. Let Aner, Eshkol, and Mamre take their portion.”

< يارىتىلىش 14 >