< يارىتىلىش 13 >

شۇنىڭ بىلەن ئابرام ئايالى ۋە ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ھەمدە لۇتنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ، قانائاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگەۋ يۇرتىغا ماڭدى. 1
Shuning bilen Abram ayali we uning barliq nersilirini hemde Lutni élip Misirdin chiqip, Qanaanning jenubidiki Negew yurtigha mangdi.
ئۇ چاغدا ئابرامنىڭ مال-ۋاران ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى كۆپ بولۇپ، خېلىلا باي ئىدى. 2
U chaghda Abramning mal-waran we altun-kümüshliri köp bolup, xélila bay idi.
ئۇ كۆچۈپ يۈرۈپ، جەنۇبتىكى نەگەۋدىن بەيت-ئەلگە، يەنى بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدە چېدىر تىككەن جايغا، 3
U köchüp yürüp, jenubtiki Negewdin Beyt-Elge, yeni Beyt-El bilen Ayining otturisidiki eslide chédir tikken jaygha,
قۇربانگاھ ياسىغان جايغا قايتىپ كەلدى. ئابرام شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى. 4
qurban’gah yasighan jaygha qaytip keldi. Abram shu yerde Perwerdigarning namini chaqirip ibadet qildi.
ئابرام بىلەن بىللە ماڭغان لۇتنىڭمۇ قوي-كالا پادىلىرى ۋە چېدىرلىرى بار ئىدى. 5
Abram bilen bille mangghan Lutningmu qoy-kala padiliri we chédirliri bar idi.
ئەمدى ئۇلار بىللە تۇرسا، زېمىن ئۇلارنى قامدىيالمايتتى؛ 6
Emdi ular bille tursa, zémin ularni qamdiyalmaytti;
بۇ سەۋەبتىن ئابرامنىڭ پادىچىلىرى بىلەن لۇتنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا جېدەل چىقتى (ئۇ ۋاقىتتا قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر شۇ زېمىندا تۇراتتى). 7
bu sewebtin Abramning padichiliri bilen Lutning padichilirining arisida jédel chiqti (u waqitta Qanaaniylar bilen Perizziyler shu zéminda turatti).
شۇڭا ئابرام لۇتقا: ــ «بىز بولساق قېرىنداشلارمىز، سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا، مېنىڭ پادىچىلىرىم بىلەن سېنىڭ پادىچىلىرىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش پەيدا بولمىسۇن. 8
Shunga Abram Lutqa: — «Biz bolsaq qérindashlarmiz, sen bilen méning aramda, méning padichilirim bilen séning padichiliring arisida talash-tartish peyda bolmisun.
مانا، ئالدىڭدا پۈتكۈل زېمىن تۇرمامدۇ؟ ئەمدى سەن مەندىن ئايرىلغىن؛ ئەگەر سەن سول تەرەپكە بارساڭ، مەن ئوڭ تەرەپكە باراي؛ ئەگەر سەن ئوڭ تەرەپكە بارساڭ، مەن سول تەرەپكە باراي»، ــ دېدى. 9
Mana, aldingda pütkül zémin turmamdu? Emdi sen mendin ayrilghin; eger sen sol terepke barsang, men ong terepke baray; eger sen ong terepke barsang, men sol terepke baray», — dédi.
ئۇ ۋاقىتتا لۇت نەزەر سېلىپ كۆردىكى، ئىئوردان ۋادىسىدىكى بارلىق تۈزلەڭلىكنىڭ زوئار شەھىرىگىچە ھەممىلا يەرنىڭ سۈيى ئىنتايىن مول ئىدى؛ پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گوموررانى ۋەيران قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ يەر بەئەينى پەرۋەردىگارنىڭ بېغى، مىسىر زېمىنىدەك ئىدى. 10
U waqitta Lut nezer sélip kördiki, Iordan wadisidiki barliq tüzlenglikning Zoar shehirigiche hemmila yerning süyi intayin mol idi; Perwerdigar Sodom bilen Gomorrani weyran qilishtin ilgiri bu yer beeyni Perwerdigarning béghi, Misir zéminidek idi.
شۇنىڭ بىلەن لۇت ئۆزىگە ئىئوردان ۋادىسىدىكى پۈتكۈل تۈزلەڭلىكنى تاللىۋالدى؛ ئاندىن لۇت مەشرىق تەرەپكە كۆچۈپ باردى. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن ئايرىلدى. 11
Shuning bilen Lut özige Iordan wadisidiki pütkül tüzlenglikni talliwaldi; andin Lut meshriq terepke köchüp bardi. Shundaq qilip ikkiylen ayrildi.
ئابرام قانائان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى؛ لۇت بولسا تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنىڭ ئارىسىدا تۇردى؛ ئۇ بارا-بارا چېدىرلىرىنى سودوم شەھىرى تەرەپكە يۆتكىدى. 12
Abram Qanaan zéminida olturaqlashti; Lut bolsa tüzlengliktiki sheherlerning arisida turdi; u bara-bara chédirlirini Sodom shehiri terepke yötkidi.
سودوم خەلقى رەزىل ئادەملەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى. 13
Sodom xelqi rezil ademler bolup, Perwerdigarning neziride tolimu éghir gunahkarlar idi.
لۇت ئابرامدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئابرامغا: ــ سەن ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۆزۈڭ تۇرغان جايدىن شىمال ۋە جەنۇبقا، مەشرىق ۋە مەغرىپ تەرەپكە قارىغىن؛ 14
Lut Abramdin ayrilip ketkendin kéyin, Perwerdigar Abramgha: — Sen emdi béshingni kötürüp, özüng turghan jaydin shimal we jenubqa, meshriq we meghrip terepke qarighin;
چۈنكى سەن ھازىر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق زېمىننى ساڭا ۋە نەسلىڭگە مەڭگۈلۈك بېرىمەن. 15
chünki sen hazir körüwatqan bu barliq zéminni sanga we neslingge menggülük bérimen.
سېنىڭ نەسلىڭنى يەردىكى توپىدەك كۆپ قىلىمەن؛ شۇنداقكى، ئەگەر بىرسى يەردىكى توپىنى ساناپ چىقالىسا، سېنىڭ نەسلىڭنىمۇ ساناپ چىقالىشى مۇمكىن بولىدۇ. 16
Séning neslingni yerdiki topidek köp qilimen; shundaqki, eger birsi yerdiki topini sanap chiqalisa, séning neslingnimu sanap chiqalishi mumkin bolidu.
ئورنۇڭدىن تۇر، بۇ زېمىننى ئۇزۇنلۇقى ۋە ڭەڭلىكى بويىچە ئايلىنىپ چىققىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى ساڭا ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى. 17
Ornungdin tur, bu zéminni uzunluqi we kengliki boyiche aylinip chiqqin; chünki Men uni sanga ata qilimen, — dédi.
شۇڭا ئابرام چېدىرلىرىنى يۆتكەپ، ھېبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياسىدى. 18
Shunga Abram chédirlirini yötkep, Hébron shehirige yéqin Mamrediki dubzarliqning yénigha bérip olturaqlashti; u shu yerde Perwerdigargha atap bir qurban’gah yasidi.

< يارىتىلىش 13 >