< يارىتىلىش 12 >
پەرۋەردىگار [ئەسلىدە] ئابرامغا مۇنداق دېگەنىدى: ــ سەن ئۆز يۇرتۇڭدىن، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭدىن ۋە ئۆز ئاتا جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان زېمىنغا بارغىن. | 1 |
The Lord told Abram, “Leave your country, your relatives, your family home, and travel to the country I'm going to show you.
شۇنداق قىلساڭ مەن سېنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭ باشقىلارغا بەخت-بەرىكەت بولىسەن؛ | 2 |
I will make you the ancestor of a great nation and I will bless you. I will make sure you have a great reputation and that you are a blessing to others.
كىملەر ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە مەن ئۇلارنى بەرىكەتلەيمەن، كىمكى سېنى خورلىسا، مەن چوقۇم ئۇنى لەنەتكە قالدۇرىمەن؛ سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ! ــ دېدى. | 3 |
I will bless those who bless you; I will curse those who curse you. Everyone on earth will be blessed through you.”
ئابرام پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئېيتقىنى بويىچە [ھاراندىن] ئايرىلدى؛ لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدى. ئابرام ھاراندىن چىققىنىدا يەتمىش بەش ياشتا ئىدى. | 4 |
So Abram left following the Lord's instructions, and Lot went with him. Abram was 75 when he left Haran.
ئابرام ئايالى ساراي بىلەن ئىنىسىنىڭ ئوغلى لۇتنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ يىغقان بارلىق مال-مۈلۈكىنى قوشۇپ، ھاراندا ئىگىدارچىلىق قىلغان ئادەملەرنى بىللە قېتىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار قانائان زېمىنىغا يېتىپ كەلدى. | 5 |
With him went his wife Sarai, his nephew Lot, together with all the possessions they had collected and the people that had joined them in Harran. They left for the land of Canaan. When they arrived there,
ئابرام زېمىننى كېزىپ، شەكەم دېگەن جايدىكى «مورەھنىڭ دۇب دەرىخى»نىڭ يېنىغا كەلدى (ئۇ چاغدا ئۇ زېمىندا قانائانىيلار تۇراتتى). | 6 |
Abram traveled on through the country as far as a place called Shechem, stopping at the oak tree of Moreh. At that time the country was occupied by Canaanites.
پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ زېمىننى سېنىڭ نەسلىڭگە ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالدى. | 7 |
The Lord appeared to Abram and said, “I'm going to give this land to your descendants.” So Abram built an altar to the Lord there because that was where the Lord appeared to him.
ئاندىن ئۇ بۇ يەردىن يۆتكىلىپ، بەيت-ئەلنىڭ شەرقىدىكى تاغقا باردى؛ غەرب تەرىپىدە بەيت-ئەل، شەرق تەرىپىدە ئايى دېگەن جاي بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يەردە چېدىر تىكتى. ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى. | 8 |
Then he moved on to the hill country east of Bethel and set up camp there. Bethel was to the west and Ai to the east. He built an altar to the Lord there and worshiped him.
ئاندىن كېيىن ئابرام تەدرىجىي كۆچۈپ، جەنۇبىدىكى نەگەۋ رايونىغا قاراپ يۆتكەلدى. | 9 |
After that he went on his way, heading towards the Negev.
زېمىندا ئاچارچىلىق بولغانىدى؛ ئابرام مىسىرغا چۈشتى؛ ئۇ شۇ يەردە ۋاقتىنچە تۇرماقچى بولغانىدى، چۈنكى زېمىندا ئاچارچىلىق بەك ئېغىر ئىدى. | 10 |
But the land had been hit by famine. So Abram continued on to Egypt, planning to live there because the famine was so bad.
ئەمما شۇنداق بولدىكى، ئۇ مىسىرغا يېقىنلاشقاندا، ئايالى سارايغا: ــ مانا، مەن سېنىڭ ھۆسۈن-جامالىڭنىڭ گۈزەللىكىنى بىلىمەن. | 11 |
As he approached Egypt and was about to cross the border, he said to his wife Sarai, “Look, I know what a beautiful woman you are.
شۇنداق بولىدۇكى، مىسىرلىقلار سېنى كۆرسە، «بۇ ئۇنىڭ ئايالى ئىكەن» دەپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، سېنى تىرىك قالدۇرىدۇ. | 12 |
When the Egyptians see you, they'll say, ‘She's his wife,’ and they'll kill me but not you!
شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ: «مەن ئۇنىڭ سىڭلىسى» دېيىشىڭنى ئۆتىنىمەن. شۇنداق قىلساڭ، مەن سېنىڭدىن ياخشىلىق تېپىپ، سەن ئارقىلىق تىرىك قالىمەن، ــ دېدى. | 13 |
Tell them you're my sister so I'll be treated well because of you, and my life will be spared for your sake.”
ئابرام مىسىرغا كىرگەندە شۇنداق بولدىكى، مىسىرلىقلار دەرۋەقە ئايالنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردى. | 14 |
When Abram arrived in Egypt, the people there saw how beautiful Sarai was.
پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرىمۇ ئۇنى كۆرۈپ، پىرەۋنگە ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئايال پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىلدى. | 15 |
Pharaoh's officials also noticed and spoke positively about her to Pharaoh. So Sarai was taken to his palace to become one of his wives.
پىرەۋن ساراينىڭ سەۋەبىدىن ئابرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوي، كالا، ھاڭگا ئېشەكلەر، قۇل-دېدەكلەر، مادا ئېشەكلەر ۋە تۆگىلەرگە ئېرىشتى. | 16 |
Pharaoh treated Abram well because of her, giving him sheep and cattle, male donkeys, male servants, female servants, female donkeys, and camels.
ئەمما پەرۋەردىگار پىرەۋن ۋە ئۆيىدىكىلىرىنى ئابرامنىڭ ئايالى ساراينىڭ سەۋەبىدىن تولىمۇ ئېغىر ۋابالارغا مۇپتىلا قىلدى. | 17 |
But the Lord caused Pharaoh and the people in his palace to suffer from terrible diseases because of Sarai, Abram's wife.
شۇنىڭ ئۈچۈن پىرەۋن ئابرامنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ «بۇ زادى سېنىڭ ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ ئۆز ئايالىڭ ئىكەنلىكىنى ماڭا ئېيتمىدىڭ؟ | 18 |
So Pharaoh ordered Abram brought to him and said, “What have you done to me? Why didn't you tell me that she was your wife?
نېمىشقا ئۇنى «سىڭلىم» دەپ مېنىڭ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشىمغا سەۋەبكار بولغىلى تاس قالىسەن! مانا بۇ ئايالىڭ! ئۇنى ئېلىپ كەتكىن! ــ دېدى. | 19 |
Why did you say, ‘She's my sister,’ and let me take her to become one of my wives? So here's your wife! Take her and leave!”
پىرەۋن ئۆز ئادەملىرىگە ئابرام توغرىسىدا ئەمر قىلدى؛ ئۇلار ئۇنى، ئايالىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىقىنى قوشۇپ يولغا سېلىۋەتتى. | 20 |
Pharaoh ordered his guards to expel him and his wife from the country, along with everyone with them and all their possessions.