< يارىتىلىش 11 >
ئۇ زاماندا پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى تىل ھەم سۆز بىرخىل ئىدى. | 1 |
Toute la terre avait une seule langue et un seul langage.
لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئادەملەر مەشرىق تەرەپكە سەپەر قىلىپ، شىنار يۇرتىدا بىر تۈزلەڭلىكنى ئۇچرىتىپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. | 2 |
Comme ils voyageaient vers l'est, ils trouvèrent une plaine dans le pays de Shinar, et ils y habitèrent.
ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ كېلىڭلار، بىز خىش قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! ــ دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قۇرۇلۇشتا تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارىماي ئىشلەتتى. | 3 |
Ils se dirent les uns aux autres: « Venez, faisons des briques, et brûlons-les bien. » Ils avaient la brique pour pierre, et le goudron pour mortier.
ئۇلار يەنە: ــ كېلىڭلار، ئەمدى ئۆزۈمىزگە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەردە ئۇچى ئاسمانلارغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياسايلى! شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزگە بىر نام تىكلىيەلەيمىز. بولمىسا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىلىپ كېتىمىز، ــ دېيىشتى. | 4 |
Ils dirent: « Venez, bâtissons-nous une ville et une tour dont le sommet atteint le ciel, et faisons-nous un nom, de peur que nous ne soyons dispersés sur la surface de toute la terre. »
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئادەم بالىلىرى بىنا قىلىۋاتقان شەھەر بىلەن مۇنارنى كۆرگىلى چۈشتى. | 5 |
Yahvé descendit pour voir la ville et la tour que les enfants des hommes avaient bâties.
پەرۋەردىگار: ــ «مانا، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قوۋمدۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىلىمۇ بىردۇر؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر! بۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نىيەت قىلغان ھەرقانداق ئىشىنى ھېچ توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. | 6 |
L'Éternel dit: « Voici, ils forment un seul peuple, et ils ont tous une seule langue, et voici ce qu'ils commencent à faire. Maintenant, rien ne leur sera refusé de ce qu'ils ont l'intention de faire.
شۇڭا بىز تۆۋەنگە چۈشۈپ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ گەپلىرىنى ئۇقالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلىنى [باشقا-باشقا قىلىپ] قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتەيلى» ــ دېدى. | 7 |
Venez, descendons, et là nous confondrons leur langue, afin qu'ils ne comprennent pas le langage les uns des autres. »
شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەھەرنى ياساشتىن توختاپ قالدى. | 8 |
Yahvé les dispersa donc à partir de là sur la surface de toute la terre. Ils cessèrent de construire la ville.
شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ نامى «بابىل» دەپ ئاتالدى؛ چۈنكى ئۇ يەردە پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى. | 9 |
C'est pourquoi on l'appela Babel, parce que Yahvé y confondit le langage de toute la terre. De là, Yahvé les dispersa sur la surface de toute la terre.
تۆۋەندىكىلەر شەمنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ توپان ئۆتۈپ ئىككى يىلدىن كېيىن، شەم يۈز يېشىدا، ئۇنىڭدىن ئارفاكشاد تۆرەلدى. | 10 |
Voici l'histoire des générations de Sem: Sem était âgé de cent ans lorsqu'il engendra Arpachshad, deux ans après le déluge.
ئارفاكشاد تۇغۇلغاندىن كېيىن شەم بەش يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. | 11 |
Sem vécut cinq cents ans après avoir engendré Arpacshad, et il engendra d'autres fils et d'autres filles.
ئارفاكشاد ئوتتۇز بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن شېلاھ تۆرەلدى. | 12 |
Arpacshad vécut trente-cinq ans, et il engendra Shéla.
شېلاھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئارفاكشاد تۆت يۈز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. | 13 |
Arpacshad vécut quatre cent trois ans après avoir engendré Shéla, et il engendra d'autres fils et d'autres filles.
شېلاھ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئېبەر تۆرەلدى. | 14 |
Shéla vécut trente ans, et il engendra Eber.
ئېبەر تۇغۇلغاندىن كېيىن شېلاھ تۆت يۈز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. | 15 |
Shéla vécut quatre cent trois ans après avoir engendré Eber, et il engendra d'autres fils et d'autres filles.
ئېبەر ئوتتۇز تۆت ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن پەلەگ تۆرەلدى. | 16 |
Eber vécut trente-quatre ans, et devint le père de Péleg.
پەلەگ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېبەر تۆت يۈز ئوتتۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. | 17 |
Eber vécut quatre cent trente ans après avoir engendré Peleg, et il engendra d'autres fils et d'autres filles.
پەلەگ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن رەئۇ تۆرەلدى. | 18 |
Péleg vécut trente ans et devint le père de Reu.
رەئۇ تۇغۇلغاندىن كېيىن پەلەگ ئىككى يۈز توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. | 19 |
Péleg vécut deux cent neuf ans après avoir engendré Reu, et il engendra d'autres fils et d'autres filles.
رەئۇ ئوتتۇز ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن سېرۇگ تۆرەلدى. | 20 |
Reu vécut trente-deux ans, et devint le père de Serug.
سېرۇگ تۇغۇلغاندىن كېيىن رەئۇ ئىككى يۈز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. | 21 |
Reu vécut deux cent sept ans après avoir engendré Serug, et il engendra d'autres fils et d'autres filles.
سېرۇگ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ناھور تۆرەلدى. | 22 |
Serug vécut trente ans, et devint le père de Nachor.
ناھور تۇغۇلغاندىن كېيىن سېرۇگ ئىككى يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. | 23 |
Serug vécut deux cents ans après avoir engendré Nachor, et il engendra d'autres fils et d'autres filles.
ناھور يىگىرمە توققۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن تەراھ تۆرەلدى. | 24 |
Nachor vécut vingt-neuf ans, et devint le père de Térah.
تەراھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ناھور بىر يۈز ئون توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. | 25 |
Nachor vécut cent dix-neuf ans après avoir engendré Térah, et il engendra d'autres fils et d'autres filles.
تەراھ يەتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى. | 26 |
Térah vécut soixante-dix ans et devint le père d'Abram, de Nahor et de Haran.
تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ تەراھتىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى؛ ھاراندىن لۇت تۆرەلدى. | 27 |
Voici l'histoire des générations de Térah. Térah est le père d'Abram, de Nahor et de Haran. Haran est le père de Lot.
لېكىن ھاران تۇغۇلغان يۇرتى بولغان، كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدە ئاتىسى تەراھنىڭ ئالدىدا، تەراھتىن ئىلگىرى ئۆلدى. | 28 |
Haran mourut dans le pays où il était né, à Ur des Chaldéens, alors que son père Térah vivait encore.
ئابرام بىلەن ناھور ئىككىسى ئۆيلەندى. ئابرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ساراي، ناھورنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مىلكاھ ئىدى؛ مىلكاھ ھاراننىڭ قىزى ئىدى؛ ھاران بولسا مىلكاھ ۋە ئىسكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى. | 29 |
Abram et Nachor épousèrent des femmes. Le nom de la femme d'Abram était Saraï, et le nom de la femme de Nachor était Milca, fille de Haran, qui était aussi le père d'Isca.
لېكىن ساراي تۇغماس بولغاچقا، ئۇنىڭ بالىسى يوق ئىدى. | 30 |
Saraï était stérile. Elle n'avait pas d'enfant.
تەراھ بولسا ئوغلى ئابرامنى، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى)نى ۋە كېلىنى، يەنى ئابرامنىڭ ئايالى ساراينى ئېلىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدىن يولغا چىقتى؛ بىراق ئۇلار ھاران دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. | 31 |
Térah prit Abram, son fils, Lot, fils de Haran, fils de son fils, et Saraï, sa belle-fille, femme de son fils Abram. Ils partirent d'Ur des Chaldéens, pour aller au pays de Canaan. Ils arrivèrent à Haran et y habitèrent.
تەراھنىڭ كۆرگەن كۈنلىرى ئىككى يۈز بەش يىل بولۇپ، ھاراندا ئالەمدىن ئۆتتى. | 32 |
Les jours de Térah furent de deux cent cinq ans. Térah mourut à Haran.