< يارىتىلىش 10 >

تۆۋۆندىكىلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت بولۇپ، توپاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئوغۇللار تۆرەلگەن: ــ 1
hae generationes filiorum Noe Sem Ham Iafeth natique sunt eis filii post diluvium
يافەتنىڭ ئوغۇللىرى بولسا، گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى. 2
filii Iafeth Gomer Magog et Madai Iavan et Thubal et Mosoch et Thiras
گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە تورگاماھ ئىدى. 3
porro filii Gomer Aschenez et Rifath et Thogorma
ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلىشاھ، تارشىش، كىتتىيلار ۋە دودانىيلار ئىدى. 4
filii autem Iavan Elisa et Tharsis Cetthim et Dodanim
بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئاراللاردا ئايرىم-ئايرىم ياشىغان خەلقلەر بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز تىلى، ئۆز ئائىلە-قەبىلىلىرى بويىچە ئۆز زېمىنلىرىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. 5
ab his divisae sunt insulae gentium in regionibus suis unusquisque secundum linguam et familias in nationibus suis
ھامنىڭ ئوغۇللىرى كۇش، مىسىر، پۇت ۋە قانائانلار ئىدى. 6
filii autem Ham Chus et Mesraim et Fut et Chanaan
كۇشنىڭ ئوغۇللىرى سېبا، ھاۋىلاھ، سابتاھ، رائاماھ ۋە سابتىكا ئىدى. رائاماھنىڭ ئوغۇللىرى شېبا ۋە دېدان ئىدى. 7
filii Chus Saba et Hevila et Sabatha et Regma et Sabathaca filii Regma Saba et Dadan
كۇشتىن يەنە نىمرود تۆرەلگەن؛ ئۇ يەر يۈزىدە ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر ئادەم بولۇپ چىقتى. 8
porro Chus genuit Nemrod ipse coepit esse potens in terra
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى بولدى؛ شۇ سەۋەبتىن «پالانچى بولسا نىمرودتەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى ئىكەن» دېگەن گەپ تارقالغان. 9
et erat robustus venator coram Domino ab hoc exivit proverbium quasi Nemrod robustus venator coram Domino
ئۇنىڭ پادىشاھلىقى شىنار زېمىنىدىكى بابىل، ئەرەك، ئاككاد ۋە كالنەھ دېگەن شەھەرلەردە باشلانغانىدى. 10
fuit autem principium regni eius Babylon et Arach et Archad et Chalanne in terra Sennaar
ئۇ بۇ زېمىندىن ئاشۇر زېمىنىغا چىقىپ نىنەۋە، رەھوبوت-ئىر، كالاھ ۋە نىنەۋە بىلەن كالاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسەن دېگەن شەھەرلەرنىمۇ بىنا قىلدى (بۇلار قوشۇلۇپ «كاتتا شەھەر» بولدى). 11
de terra illa egressus est Assur et aedificavit Nineven et plateas civitatis et Chale
12
Resen quoque inter Nineven et Chale haec est civitas magna
مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لەھابىيلار، نافتۇھىيلار، 13
at vero Mesraim genuit Ludim et Anamim et Laabim Nepthuim
پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى. 14
et Phetrusim et Cesluim de quibus egressi sunt Philisthim et Capthurim
قانائاندىن تۇنجى ئوغۇل زىدون تۆرىلىپ، كېيىن يەنە ھەت تۆرەلگەن. 15
Chanaan autem genuit Sidonem primogenitum suum Ettheum
ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا يەبۇسىيلار، ئامورىيلار، گىرگاشىيلار، 16
et Iebuseum et Amorreum Gergeseum
ھىۋىيلار، ئاركىيلار، سىنىيلار، 17
Eveum et Araceum Sineum
ئارۋادىيلار، زەمارىيلار ۋە خاماتىيلار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، قانائانىيلارنىڭ قەبىلىلىرى ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى. 18
et Aradium Samariten et Amatheum et post haec disseminati sunt populi Chananeorum
قانائانىيلارنىڭ يۇرت چېگرىسى بولسا زىدوندىن تارتىپ، گەرار تەرىپىگە سوزۇلۇپ، گازاغا چىقىپ، ئاندىن سودوم، گوموررا، ئادماھ بىلەن زەبوئىم تەرىپىگە تۇتىشىپ، لېشاغىچە يېتىپ باراتتى. 19
factique sunt termini Chanaan venientibus a Sidone Geraram usque Gazam donec ingrediaris Sodomam et Gomorram et Adama et Seboim usque Lesa
يۇقىرىقىلار بولسا ھامنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى. 20
hii filii Ham in cognationibus et linguis et generationibus terrisque et gentibus suis
شەممۇ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى؛ شەم بولسا يافەتنىڭ ئاكىسى، ئېبەرلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى. 21
de Sem quoque nati sunt patre omnium filiorum Eber fratre Iafeth maiore
شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛ 22
filii Sem Aelam et Assur et Arfaxad et Lud et Aram
ئارامنىڭ ئوغۇللىرى ئۇز، ھۇل، گەتەر، ماش ئىدى. 23
filii Aram Us et Hul et Gether et Mes
ئارفاخشادتىن شېلاھ تۆرەلدى، شېلاھتىن ئېبەر تۆرەلدى. 24
at vero Arfaxad genuit Sala de quo ortus est Eber
ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلگەن بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزىدە بۆلۈنۈش بولدى؛ پەلەگنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى. 25
natique sunt Eber filii duo nomen uni Faleg eo quod in diebus eius divisa sit terra et nomen fratris eius Iectan
يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ، 26
qui Iectan genuit Helmodad et Saleph et Asarmoth Iare
ھادورام، ئۇزال، دىكلاھ، 27
et Aduram et Uzal Decla
ئوبال، ئابىمائەل، شېبا، 28
et Ebal et Abimahel Saba
ئوفىر، ھاۋىلاھ ۋە يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. 29
et Ophir et Evila et Iobab omnes isti filii Iectan
ئۇلارنىڭ ئولتۇرغان جايلىرى بولسا مېشادىن تارتىپ، سەففار دېگەن رايوننىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە سوزۇلاتتى. 30
et facta est habitatio eorum de Messa pergentibus usque Sephar montem orientalem
يۇقىرىقىلار بولسا شەمنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى. 31
isti filii Sem secundum cognationes et linguas et regiones in gentibus suis
يۇقىرىدىكىلەر نۇھنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆز نەسەبلىرى ۋە قوۋملىرى بويىچە خاتىرىلەنگەن. توپاندىن كېيىنكى يەر يۈزىدىكى بارلىق قوۋملار ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تارقالغان. 32
hae familiae Noe iuxta populos et nationes suas ab his divisae sunt gentes in terra post diluvium

< يارىتىلىش 10 >