< گالاتىيالىقلارغا 1 >
مەنكى پاۋلۇس، روسۇل بولغان (ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس ياكى ئىنسانلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنى ئۆلگەنلەردىن تىرىلدۈرگۈچى خۇدائاتا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن) | 1 |
Pablo, apóstol, no de los hombres ni por hombre, sino por Jesús, el Cristo, y Dios el Padre, que lo resucitó de los muertos,
ۋە مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلاردىن گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە سالام. | 2 |
y todos los hermanos que están conmigo, a las Iglesias de Galacia:
خۇدائاتا ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! | 3 |
Gracia sea a vosotros, y paz de Dios el Padre, y del Señor nuestro Jesús, el Cristo,
ئۇ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە بىزنى بۇ ھازىرقى رەزىل زاماندىن قۇتقۇزۇشقا ئۆزىنى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن پىدا قىلدى؛ (aiōn ) | 4 |
El cual se dio a sí mismo por nuestros pecados para librarnos de este presente siglo malo, conforme a la voluntad del Dios y Padre nuestro, (aiōn )
خۇداغا بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىل-ئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن! (aiōn ) | 5 |
al cual es la gloria por los siglos de los siglos. Amén. (aiōn )
سىلەر ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنىڭ يېنىدىن شۇنچە تېز يىراقلاشتۇرۇپ باشقىچە بىر خىل «خۇش خەۋەر»گە ئەگىشىپ كېتىۋاتقىنىڭلارغا ئىنتايىن ھەيران قالماقتىمەن! | 6 |
Estoy maravillado de que tan pronto os hayáis traspasado del que os llamó en la gracia de Cristo, a otro evangelio;
ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچقانداق باشقا «خۇش خەۋەر» ئەمەستۇر! ــ پەقەتلا بەزى كىشىلەر سىلەرنى قايماقتۇرۇپ، مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى بۇرمىلىماقچى بولغان، خالاس. | 7 |
porque no hay otro, sino que hay algunos que os inquietan, y quieren pervertir el Evangelio del Cristo.
لېكىن ھەتتا بىز ئۆزىمىز بولايلى ياكى ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىرسى بىزنىڭ سىلەرگە جاكارلىغىنىمىزغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى سىلەرگە جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن! | 8 |
Mas aun si nosotros o un ángel del cielo os anunciare otro Evangelio del que os hemos anunciado, sea anatema.
بىز بۇرۇن ئېيتقىنىمىزدەك، ھازىرمۇ مەن شۇنى ئېيتىمەنكى، بىرسى سىلەرنىڭ قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر خۇش خەۋەرنى جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن! | 9 |
Como antes hemos dicho, también ahora lo decimos otra vez: Si alguno os anunciare otro Evangelio del que habéis recibido, sea anatema.
مەن خۇدانى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشىم كېرەكمۇ؟ مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى نىشان قىلغان بولسام، مەسىھنىڭ قۇلى بولمىغان بولاتتىم. | 10 |
Porque, ¿persuado yo ahora a hombres o a Dios? ¿O busco agradar a los hombres? Cierto, que si todavía agradara a los hombres, no sería siervo de Cristo.
ئەمدى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىمەنكى، مەن جاكارلايدىغان خۇش خەۋەر ئىنسانلاردىن كەلگەن ئەمەس. | 11 |
Mas os hago saber, hermanos, que el Evangelio que ha sido anunciado por mí, no es según hombre;
چۈنكى مەن ئۇنى ئىنساندىن قوبۇل قىلغىنىم يوق ياكى بىرەر كىشى ئۇنى ماڭا ئۆگەتكىنى يوق، بەلكى ئەيسا مەسىھ ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق يەتكۈزگەن. | 12 |
ni yo lo recibí, ni aprendí de hombre, sino por revelación de Jesús, el Cristo.
چۈنكى سىلەر مېنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولىدا قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىم توغرۇلۇق ــ مېنىڭ خۇدانىڭ جامائىتىگە ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلىپ ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىمنى ئاڭلىغانسىلەر. | 13 |
Porque ya habéis oído acerca de mi conducta en otro tiempo en el judaísmo, que perseguía sobremanera la Iglesia de Dios, y la destruía;
ھەمدە مەن يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولىدا ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىمدىن خېلىلا ئالدىدا تۇراتتىم ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ساقلاشقا پەۋقۇلئاددە قىزغىن ئىدىم. | 14 |
y aprovechaba en el Judaísmo sobre muchos de mis iguales en mi nación, siendo mucho más celoso que todos de las tradiciones de mis padres.
ئەمما ئانامنىڭ قورسىقىدىن تارتىپ مېنى ئۆزى ئۈچۈن ئايرىپ، مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق مېنى چاقىرغان خۇدا ئۆز ئوغلىنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاش ئۈچۈن مەندە ئۇنى ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگىنىدە، مەن ھېچقانداق قان-ئەت ئىگىسى بىلەن مەسلىھەتلەشمەي، | 15 |
Mas cuando quiso Dios, que me apartó desde el vientre de mi madre, y me llamó por su gracia,
revelar a su Hijo en mí, para que le predicase entre los gentiles, luego no consulté con carne y sangre;
ياكى يېرۇسالېمغا مەندىن ئىلگىرى روسۇل بولغانلار بىلەن كۆرۈشۈشكە بارماي، بەلكى ئۇدۇل ئەرەبىستانغا ئاتلاندىم. كېيىن دەمەشققە قايتىپ كەلدىم. | 17 |
ni fui a Jerusalén a los que eran apóstoles antes que yo; sino que me fui a Arabia, y volví de nuevo a Damasco.
ئاندىن ئۈچ يىلدىن كېيىن يېرۇسالېمغا پېترۇس بىلەن تونۇشۇشقا باردىم ۋە ئۇنىڭ قېشىدا ئون بەش كۈن تۇردۇم. | 18 |
Después, pasados tres años, fui a Jerusalén a ver a Pedro, y estuve con él quince días.
ئەمما شۇ چاغدا رەبنىڭ ئىنىسى ياقۇپتىن باشقا روسۇللارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن كۆرۈشمىدىم. | 19 |
Mas a ningún otro de los apóstoles vi, sino a Jacobo, el hermano del Señor.
مانا، مېنىڭ سىلەرگە ھازىر يازغىنىم خۇدا ئالدىدا ھېچ يالغان ئەمەس! | 20 |
Y en esto que os escribo, he aquí delante de Dios, que no miento.
كېيىن، مەن سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىگە باردىم. | 21 |
Después fui a las partes de Siria y de Cilicia;
ئەمما يەھۇدىيەدىكى مەسىھدە بولغان جامائەتلەر مېنى چىرايىمدىن تونۇمايتتى. | 22 |
y no era conocido de vista a las Iglesias de Judea, que eran en el Cristo;
ئۇلار پەقەت بۇرۇن بىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى شۇ چاغدا يوقاتماقچى بولغان ئېتىقادنى ھازىر خۇش خەۋەر دەپ جاكارلىماقتا، دەپ ئاڭلىغانىدى؛ | 23 |
solamente habían oído decir: Aquel que en otro tiempo nos perseguía, ahora anuncia la fe que en otro tiempo destruía.
شۇنىڭدەك ئۇلار مېنىڭ سەۋەبىمدىن خۇدانى ئۇلۇغلىدى. | 24 |
Y glorificaban a Dios por mí.