< گالاتىيالىقلارغا 6 >
قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىن بىرسىنىڭ ھازىرمۇ بىر گۇناھ-سەۋەنلىك سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئاراڭلاردىكى روھىي كىشىلەر يۇۋاش-مۇلايىملىق روھى بىلەن ئۇنى يولىدىن قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار. | 1 |
Atyámfiai, még ha előfogja is az embert valami bűn, ti lelkiek, igazítsátok útba az olyant szelídségnek lelkével, ügyelvén magadra, hogy meg ne kísértessél te magad is.
بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر. | 2 |
Egymás terhét hordozzátok, és úgy töltsétek be a Krisztus törvényét.
چۈنكى بىرسىنىڭ تارازىغا توختىغۇدەك ئىشى بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى تارازىغا توختىغۇدەك دەپ چاغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئالدىغانلىق، خالاس. | 3 |
Mert ha valaki azt véli, hogy ő valami, holott semmi, önmagát csalja meg.
لېكىن ھەركىم ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ تەكشۈرۈپ باقسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەمەللىرىدىنلا پەخىرلەنگۈدەك ئىش بولسا، پەخىرلەنسە بولىدۇ. | 4 |
Minden ember pedig az ő maga cselekedetét vizsgálja meg, és akkor csakis önmagára nézve lesz dicsekedése és nem másra nézve.
چۈنكى ھەربىر ئادەم ئۆز يۈكىنى كۆتۈرۈشى كېرەك. | 5 |
Mert kiki a maga terhét hordozza.
خۇدانىڭ سۆز-كالامىدىن تەلىم ئالغۇچى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن قىلسۇن. | 6 |
A ki pedig az ígére taníttatik, közölje minden javát tanítójával.
ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار ــ خۇدانى ئالداپ ئەخمەق قىلغىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ. | 7 |
Ne tévelyegjetek, Isten nem csúfoltatik meg; mert a mit vet az ember, azt aratándja is.
ئۆز ئەتلىرىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۆز ئەتلىرىدىن چىرىكلىك ھوسۇلىنى ئالىدۇ. لېكىن روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا روھتىن مەڭگۈلۈك ھايات ئالىدۇ. (aiōnios ) | 8 |
Mert a ki vet az ő testének, a testből arat veszedelmet; a ki pedig vet a léleknek, a lélekből arat örök életet. (aiōnios )
شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ھارمايلى. ئۇنىڭغا ئېرىنمىسەك ۋاقتى-سائىتى توشقاندا چوقۇم ھوسۇل ئالالايمىز. | 9 |
A jótéteményben pedig meg ne restüljünk, mert a maga idejében aratunk, ha el nem lankadunk.
شۇ سەۋەبتىن، بىزدە پۇرسەت بولسىلا، ھەممەيلەنگە، بولۇپمۇ ئېتىقادتىكى ئائىلىگە مەنسۇپ بولغانلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى. | 10 |
Annakokáért míg időnk van, cselekedjünk jót mindenekkel, kiváltképen pedig a mi hitünknek cselédeivel.
مانا، ئۆز قولۇم بىلەن شۇنچە چوڭ ھەرپلەر بىلەن يازغىنىمغا قاراڭلار! | 11 |
Látjátok, mekkora betűkkel írok néktek a saját kezemmel!
سىلەرگە خەتنىنى قوبۇل قىلىشنى مەجبۇرلىماقچى بولغانلار، ئۇلارنىڭ ھەربىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى پەردازلاپ كۆرسەتمەكچى بولغان، خالاس؛ ئۇلارنىڭ بۇ مەقسىتى پەقەت «مەسىھنىڭ كرېستى» تۈپەيلىدىن بولغان زىيانكەشلىكتىن قېچىشتىن ئىبارەت، خالاس. | 12 |
A kik testre szépek szeretnének lenni, azok kényszerítenek titeket a körülmetélkedésre; csak azért, hogy a Krisztus keresztjéért ne üldöztessenek.
چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ خەتنە قىلىنغىنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمايدۇ؛ لېكىن ئۇلار ئەتلىرىڭلاردىن ماختىنىش ئۈچۈن بەرىبىر سىلەرنى خەتنىنى قوبۇل قىلدۇرماقچى بولىدۇ. | 13 |
Mert magok a körülmetélkedettek sem tartják meg a törvényt; hanem azért akarják, hogy ti körülmetélkedjetek, hogy a ti testetekkel dicsekedjenek.
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى [ئۆلۈمى]دىن باشقا ھېچ ئىش بىلەن ماختانمىغايمەن! چۈنكى ئۇنىڭ كرېستى ۋاسىتىسىدىن بۇ دۇنيا ماڭا نىسبەتەن كرېستلەنگەن ۋە مەنمۇ بۇ دۇنياغا نىسبەتەن كرېستلەنگەنمەن. | 14 |
Nékem pedig ne legyen másban dicsekedésem, hanem a mi Urunk Jézus Krisztus keresztjében, a ki által nékem megfeszíttetett a világ, és én is a világnak.
چۈنكى مەسىھ ئەيسادا نە خەتنىلىك نە خەتنىسىزلىك دېگەنلەر كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر؛ بىردىنبىر كۈچكە ئىگە بولىدىغىنى پەقەت يېڭى بىر يارالغۇچىدۇر! | 15 |
Mert Krisztus Jézusban sem a körülmetélkedés, sem a körülmetéletlenség nem használ semmit, hanem az új teremtés.
بۇ قائىدە بويىچە ماڭىدىغانلارغا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋە خۇدانىڭ ئىسرائىلىغا خاتىرجەملىك ۋە رەھىم-شەپقەت بولغاي! | 16 |
És a kik e szabály szerint élnek, békesség és irgalmasság azokon, és az Istennek Izráelén.
بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم بۇ ئىشلار بىلەن يەنە مېنى ئاۋارە قىلمىسۇن! چۈنكى مەن ئۆز بەدىنىمدە ئەيسانىڭ يارا ئىزلىرىنى كۆتۈرىمەن! | 17 |
Ennekutána senki nékem bántásomra ne legyen; mert én az Úr Jézusnak bélyegeit hordozom az én testemben.
قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن! | 18 |
A mi Urunk Jézus Krisztusnak kegyelme legyen a ti lelketekkel atyámfiai! Ámen.