< گالاتىيالىقلارغا 6 >

قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىن بىرسىنىڭ ھازىرمۇ بىر گۇناھ-سەۋەنلىك سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئاراڭلاردىكى روھىي كىشىلەر يۇۋاش-مۇلايىملىق روھى بىلەن ئۇنى يولىدىن قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار. 1
Bratří, by pak byl zachvácen člověk v nějakém pádu, vy duchovní napravte takového v duchu tichosti, prohlédaje sám k sobě, abys i ty nebyl pokoušín.
بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر. 2
Jedni druhých břemena neste, a tak plňte zákon Kristův.
چۈنكى بىرسىنىڭ تارازىغا توختىغۇدەك ئىشى بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى تارازىغا توختىغۇدەك دەپ چاغلىسا، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئالدىغانلىق، خالاس. 3
Nebo zdá-li se komu, že by něco byl, nic nejsa, takového vlastní mysl jeho svodí.
لېكىن ھەركىم ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ تەكشۈرۈپ باقسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەمەللىرىدىنلا پەخىرلەنگۈدەك ئىش بولسا، پەخىرلەنسە بولىدۇ. 4
Ale díla svého zkus jeden každý, a tehdyť sám v sobě chválu míti bude, a ne v jiném.
چۈنكى ھەربىر ئادەم ئۆز يۈكىنى كۆتۈرۈشى كېرەك. 5
Nebo jeden každý své břímě ponese.
خۇدانىڭ سۆز-كالامىدىن تەلىم ئالغۇچى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن قىلسۇن. 6
Zdílejž se pak ten, kterýž naučení přijímá v slovu s tím, od kohož naučení béře, vším statkem.
ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار ــ خۇدانى ئالداپ ئەخمەق قىلغىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ. 7
Nemylte se, Bůhť nebude oklamán; nebo cožkoli rozsíval by člověk, toť bude i žíti.
ئۆز ئەتلىرىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۆز ئەتلىرىدىن چىرىكلىك ھوسۇلىنى ئالىدۇ. لېكىن روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا روھتىن مەڭگۈلۈك ھايات ئالىدۇ. (aiōnios g166) 8
Nebo kdož rozsívá tělu svému, z těla žití bude porušení; ale kdož rozsívá Duchu, z Duchať žíti bude život věčný. (aiōnios g166)
شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ھارمايلى. ئۇنىڭغا ئېرىنمىسەك ۋاقتى-سائىتى توشقاندا چوقۇم ھوسۇل ئالالايمىز. 9
Činíce pak dobře, neoblevujme; nebo časem svým budeme žíti, neustávajíce.
شۇ سەۋەبتىن، بىزدە پۇرسەت بولسىلا، ھەممەيلەنگە، بولۇپمۇ ئېتىقادتىكى ئائىلىگە مەنسۇپ بولغانلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى. 10
A protož dokudž čas máme, čiňme dobře všechněm, nejvíce pak domácím víry.
مانا، ئۆز قولۇم بىلەن شۇنچە چوڭ ھەرپلەر بىلەن يازغىنىمغا قاراڭلار! 11
Pohleďte, jaký jsem vám list napsal svou rukou.
سىلەرگە خەتنىنى قوبۇل قىلىشنى مەجبۇرلىماقچى بولغانلار، ئۇلارنىڭ ھەربىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى پەردازلاپ كۆرسەتمەكچى بولغان، خالاس؛ ئۇلارنىڭ بۇ مەقسىتى پەقەت «مەسىھنىڭ كرېستى» تۈپەيلىدىن بولغان زىيانكەشلىكتىن قېچىشتىن ئىبارەت، خالاس. 12
Ti, kteříž chtějí tvární býti podlé těla, nutí vás, abyste se obřezovali, jedné aby protivenství pro kříž Kristův netrpěli.
چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ خەتنە قىلىنغىنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمايدۇ؛ لېكىن ئۇلار ئەتلىرىڭلاردىن ماختىنىش ئۈچۈن بەرىبىر سىلەرنى خەتنىنى قوبۇل قىلدۇرماقچى بولىدۇ. 13
Nebo ani sami ti, kteříž se obřezují, nezachovávají zákona, ale chtí, abyste se obřezovali, aby se tělem vaším chlubili.
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى [ئۆلۈمى]دىن باشقا ھېچ ئىش بىلەن ماختانمىغايمەن! چۈنكى ئۇنىڭ كرېستى ۋاسىتىسىدىن بۇ دۇنيا ماڭا نىسبەتەن كرېستلەنگەن ۋە مەنمۇ بۇ دۇنياغا نىسبەتەن كرېستلەنگەنمەن. 14
Ale ode mne odstup to, abych se chlubil, jediné v kříži Pána našeho Jezukrista, skrze něhož jest mi svět ukřižován, a já světu.
چۈنكى مەسىھ ئەيسادا نە خەتنىلىك نە خەتنىسىزلىك دېگەنلەر كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر؛ بىردىنبىر كۈچكە ئىگە بولىدىغىنى پەقەت يېڭى بىر يارالغۇچىدۇر! 15
Nebo v Kristu Ježíši ani obřízka nic neprospívá, ani neobřízka, ale nové stvoření.
بۇ قائىدە بويىچە ماڭىدىغانلارغا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋە خۇدانىڭ ئىسرائىلىغا خاتىرجەملىك ۋە رەھىم-شەپقەت بولغاي! 16
A kteřížkoli tohoto pravidla následují, pokoj přijde na ně a milosrdenství, i na lid Boží Izraelský.
بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم بۇ ئىشلار بىلەن يەنە مېنى ئاۋارە قىلمىسۇن! چۈنكى مەن ئۆز بەدىنىمدە ئەيسانىڭ يارا ئىزلىرىنى كۆتۈرىمەن! 17
Dále pak žádný mi nečiň zaměstknání, já zajisté jízvy Pána Ježíše nosím na těle svém.
قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن! 18
Milost Pána Ježíše Krista s duchem vaším, bratří. Amen.

< گالاتىيالىقلارغا 6 >