< گالاتىيالىقلارغا 5 >
مانا، مەنكى پاۋلۇس سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەر خەتنە قوبۇل قىلساڭلار، ئۇ چاغدا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ. | 1 |
У волї ж оце, котрою Христос визволив нас, стійте, і під ярмо неволї знов не піддавайтесь.
Ось я Павел глаголю вам, що коли ви обрізуєтесь, Христос вам нічого не поможе.
مەن خەتنىنى قوبۇل قىلغان ھەربىر كىشىگە يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى بارلىق ئەمر-بەلگىلىمىلەرگە [تولۇق ئەمەل قىلىش] مەجبۇرىيىتى باردۇر. | 3 |
Сьвідкую ж знов кожному чоловіку обрізаному, що винен увесь закон чинити.
ئەي تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئۆزۈمنى ھەققانىي ئادەم قىلاي دېگەنلەر، ھەربىرىڭلار مەسىھدىن ئايرىلىپ، مەھرۇم بولۇپ، [خۇدانىڭ] شاپائىتىدىن چىقىپ، يىقىلىپ ئۇنىڭدىن قالدىڭلار. | 4 |
Обернулись ви в нїщо (одійшовши) від Христа; (ви, ) що оправдуєтесь законом, од благодати відпали.
چۈنكى روھقا تايىنىپ ھەققانىيلىققا باغلانغان ئارزۇ-ئارماننى ئېتىقاد بىلەن تەلپۈنۈپ كۈتمەكتىمىز. | 5 |
Ми бо духом од віри надїї праведности ждемо.
چۈنكى مەسىھ ئەيسادا خەتنىلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس، خەتنىسىزلىكمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس، كۈچكە ئىگە بولغىنى پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان ئېتىقادتۇر. | 6 |
Бо в Христї Ісусї нї обрізаннє нїчого не може, нї необрізаннє, а віра, любовю сильна.
سىلەر ئوبدان چېپىپ مېڭىۋاتقانىدىڭلار؛ بىراق كىم سىلەرنى ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشتىن توسۇۋالدى؟ | 7 |
Ви бігли добре. Хто заборонив вам коритись правді?
بۇنداق قايىل قىلىش ئامىلى سىلەرنى چاقىرغۇچىدىن بولغان ئەمەس! | 8 |
Сей перекір не від того (приходить), хто покликав вас.
«كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتكۈل خېمىرنى بولدۇرۇپ يوغىنىتىدۇ!» | 9 |
Трошки квасу все місиво квасить.
ئۆزۈم رەبگە قاراپ قايىل بولدۇمكى، سىلەرمۇ بۇ ئىشتا ھېچ باشقىچە ئويدا بولمايسىلەر. ئەمما سىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ. | 10 |
Покладаюсь на вас у Господі, що не думати мете нїчого иншого, а хто колотить вами, понесе свій осуд, хто б він нї був.
قېرىنداشلار، ئەگەر مەن «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ جاكارلاپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈنگىچە يەنە نېمە ئۈچۈن [يەھۇدىيلاردىن] زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىمەن؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، «كرېست بىزارلىقى» يوق قىلىناتتى! | 11 |
Я ж, браттє, коли ще проповідую обрізаннє, то чого ще гонять мене? Тодї обернеть ся в нїщо поблазнь хреста.
سىلەرنى قۇترىتىۋاتقان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋەتسۇن دەيمەن! | 12 |
Ой коли б відсічено тих, що колотять вами!
چۈنكى قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن ئەركىنلىكىڭلارنى ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلماڭلار، بەلكى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىر-بىرىڭلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار. | 13 |
Ви бо, браттє, покликані на волю; тільки щоб воля ваша не була причиною (до гріха) тїлу; а любовю служіть один одному.
چۈنكى پۈتكۈل تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بىرلا ئەمردە ئەمەل قىلىنىدۇ. | 14 |
Увесь бо закон в одному слові сповняється: Люби ближнього твого, як себе самого.
لېكىن پەخەس بولۇڭلاركى، بىر-بىرىڭلارنى چىشلەپ تارتىپ يالماپ يۈرۈپ، بىر-بىرىڭلاردىن يۇتۇلۇپ كەتمەڭلار يەنە! | 15 |
Коли ж ви гризете й заїдаєте один одного, то гледїть, щоб не були пожерті один від одного.
ئەمما شۇنى دەيمەنكى ــ [مۇقەددەس] روھتا مېڭىڭلار، ۋە شۇ چاغدا سىلەر ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە يول قويمايسىلەر. | 16 |
Глаголю ж: Духом ходїть, і хотїння тілесного не звершуйте.
چۈنكى ئەت روھقا زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ۋە روھ ئەتكە زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار ئىككىسى بىر-بىرىگە قارىمۇقارشىدۇر؛ نەتىجىدە، ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. | 17 |
Бо тіло бажає (того що) проти духа, а дух, (що) проти тїла; се ж одно другому противить ся, щоб не, що хочете, те робили.
ۋەھالەنكى، سىلەر روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر. | 18 |
Коли ж водитесь духом, то ви не під законом.
ئەمدى ئەتنىڭ ئەمەللىرى روشەنكى ــ زىناخورلۇق، بۇزۇقلۇق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، | 19 |
Явні ж дїла тілесні; оце вони: перелюб, блуд, нечистота, розпуст,
بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىكلەر، جېدەللەر، قىزغانچۇقلۇقلار، غەزەپلەر، رىقابەتلىشىشلەر، بۆلگۈنچىلىكلەر، گۇرۇھۋازلىقلار، | 20 |
ідолослуженнє, чаруваннє, ворогуваннє, свари, ненависть, гнїв, суперечки, незгода, ересї,
ھەسەتخورلۇقلار، قاتىللىقلار، ھاراقكەشلىكلەر، ئەيش-ئىشرەتلەر قاتارلىق ئىشلاردۇر؛ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بۇرۇنقى ئېيتقىنىمدەك ھازىر يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسلىق قىلمايدۇ. | 21 |
зависть, убийство, пянство, бенкети й таке инше. Се наперед глаголю вам, яко ж і наперед глаголав, що хто таке робить, ті царства Божого не наслїдять.
ۋەھالەنكى، روھنىڭ مېۋىسى بولسا مېھىر-مۇھەببەت، شاد-خۇراملىق، خاتىرجەملىك، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئىشەنچ-سادىقلىق، | 22 |
А овощ духа: любов, радощі, мир, довготерпіннє, добрість, милосердє, віра,
مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ئىشلارنى توسىدىغان ھېچقانداق قانۇن يوقتۇر. | 23 |
тихість, вдержливість. На таких нема закону.
لېكىن مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىشقلار ۋە ھەم ھەۋەسلەرنى تەڭ كرېستلىگەن بولىدۇ. | 24 |
А которі Христові, ті розняли тіло з страстьми і хотїннєм.
روھتا ياشاۋاتقان بولساق، روھقا ئەگىشىپ ماڭايلى. | 25 |
Коли духом живемо, духом і ходімо.
بىر-بىرىمىزنى رەنجىتىپ، بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلىپ، ھاكاۋۇر شۆھرەتپەرەسلەردىن بولمايلى. | 26 |
Не буваймо марнославні, один одного роздражнюючи і один одному завидуючи.