< گالاتىيالىقلارغا 5 >

مانا، مەنكى پاۋلۇس سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەر خەتنە قوبۇل قىلساڭلار، ئۇ چاغدا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ. 1
τῇ ἐλευθερίᾳ ἡμᾶς χριστὸς ἠλευθέρωσεν· στήκετε οὖν, καὶ μὴ πάλιν ζυγῷ δουλείας ἐνέχεσθε.
2
Ἴδε ἐγὼ Παῦλος λέγω ὑμῖν ὅτι ἐὰν περιτέμνησθε, χριστὸς ὑμᾶς οὐδὲν ὠφελήσει·
مەن خەتنىنى قوبۇل قىلغان ھەربىر كىشىگە يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى بارلىق ئەمر-بەلگىلىمىلەرگە [تولۇق ئەمەل قىلىش] مەجبۇرىيىتى باردۇر. 3
μαρτύρομαι δὲ πάλιν παντὶ ἀνθρώπῳ περιτεμνομένῳ, ὅτι ὀφειλέτης ἐστὶν ὅλον τὸν νόμον ποιῆσαι.
ئەي تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئۆزۈمنى ھەققانىي ئادەم قىلاي دېگەنلەر، ھەربىرىڭلار مەسىھدىن ئايرىلىپ، مەھرۇم بولۇپ، [خۇدانىڭ] شاپائىتىدىن چىقىپ، يىقىلىپ ئۇنىڭدىن قالدىڭلار. 4
κατηργήθητε ἀπὸ χριστοῦ, οἵτινες ἐν νόμῳ δικαιοῦσθε, τῆς χάριτος ἐξεπέσατε·
چۈنكى روھقا تايىنىپ ھەققانىيلىققا باغلانغان ئارزۇ-ئارماننى ئېتىقاد بىلەن تەلپۈنۈپ كۈتمەكتىمىز. 5
ἡμεῖς γὰρ πνεύματι ἐκ πίστεως ἐλπίδα δικαιοσύνης ἀπεκδεχόμεθα.
چۈنكى مەسىھ ئەيسادا خەتنىلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس، خەتنىسىزلىكمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس، كۈچكە ئىگە بولغىنى پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان ئېتىقادتۇر. 6
ἐν γὰρ χριστῷ Ἰησοῦ οὔτε περιτομή τι ἰσχύει, οὔτε ἀκροβυστία, ἀλλὰ πίστις δι᾽ ἀγάπης ἐνεργουμένη.
سىلەر ئوبدان چېپىپ مېڭىۋاتقانىدىڭلار؛ بىراق كىم سىلەرنى ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشتىن توسۇۋالدى؟ 7
ἐτρέχετε καλῶς· τίς ὑμᾶς ἐνέκοψεν ἀληθείᾳ μὴ πείθεσθαι;
بۇنداق قايىل قىلىش ئامىلى سىلەرنى چاقىرغۇچىدىن بولغان ئەمەس! 8
ἡ πεισμονὴ οὐκ ἐκ τοῦ καλοῦντος ὑμᾶς.
«كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتكۈل خېمىرنى بولدۇرۇپ يوغىنىتىدۇ!» 9
μικρὰ ζύμη ὅλον τὸ φύραμα ζυμοῖ.
ئۆزۈم رەبگە قاراپ قايىل بولدۇمكى، سىلەرمۇ بۇ ئىشتا ھېچ باشقىچە ئويدا بولمايسىلەر. ئەمما سىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ. 10
ἐγὼ πέποιθα εἰς ὑμᾶς ἐν κυρίῳ, ὅτι οὐδὲν ἄλλο φρονήσετε· ὁ δὲ ταράσσων ὑμᾶς βαστάσει τὸ κρῖμα, ὅστις ἐὰν ᾖ.
قېرىنداشلار، ئەگەر مەن «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ جاكارلاپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈنگىچە يەنە نېمە ئۈچۈن [يەھۇدىيلاردىن] زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىمەن؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، «كرېست بىزارلىقى» يوق قىلىناتتى! 11
ἐγὼ δέ, ἀδελφοί, εἰ περιτομὴν ἔτι κηρύσσω, τί ἔτι διώκομαι; ἄρα κατήργηται τὸ σκάνδαλον τοῦ σταυροῦ.
سىلەرنى قۇترىتىۋاتقان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋەتسۇن دەيمەن! 12
ὄφελον καὶ ἀποκόψονται οἱ ἀναστατοῦντες ὑμᾶς.
چۈنكى قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن ئەركىنلىكىڭلارنى ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلماڭلار، بەلكى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىر-بىرىڭلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار. 13
Ὑμεῖς γὰρ ἐπ᾽ ἐλευθερίᾳ ἐκλήθητε, ἀδελφοί· μόνον μὴ τὴν ἐλευθερίαν εἰς ἀφορμὴν τῇ σαρκί, ἀλλὰ διὰ τῆς ἀγάπης δουλεύετε ἀλλήλοις.
چۈنكى پۈتكۈل تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن» دېگەن بىرلا ئەمردە ئەمەل قىلىنىدۇ. 14
ὁ γὰρ πᾶς νόμος ἐν ἑνὶ λόγῳ πεπλήρωται, ἐν τῷ, Ἀγαπήσεις τὸν πλησίον σου ὡς σεαυτόν.
لېكىن پەخەس بولۇڭلاركى، بىر-بىرىڭلارنى چىشلەپ تارتىپ يالماپ يۈرۈپ، بىر-بىرىڭلاردىن يۇتۇلۇپ كەتمەڭلار يەنە! 15
εἰ δὲ ἀλλήλους δάκνετε καὶ κατεσθίετε, βλέπετε μὴ ὑπ᾽ ἀλλήλων ἀναλωθῆτε.
ئەمما شۇنى دەيمەنكى ــ [مۇقەددەس] روھتا مېڭىڭلار، ۋە شۇ چاغدا سىلەر ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە يول قويمايسىلەر. 16
Λέγω δέ, πνεύματι περιπατεῖτε, καὶ ἐπιθυμίαν σαρκὸς οὐ μὴ τελέσητε.
چۈنكى ئەت روھقا زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ۋە روھ ئەتكە زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار ئىككىسى بىر-بىرىگە قارىمۇقارشىدۇر؛ نەتىجىدە، ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. 17
ἡ γὰρ σὰρξ ἐπιθυμεῖ κατὰ τοῦ πνεύματος, τὸ δὲ πνεῦμα κατὰ τῆς σαρκός· ταῦτα γὰρ ἀλλήλοις ἀντίκειται, ἵνα μὴ ἃ ἐὰν θέλητε, ταῦτα ποιῆτε.
ۋەھالەنكى، سىلەر روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر. 18
εἰ δὲ πνεύματι ἄγεσθε, οὐκ ἐστὲ ὑπὸ νόμον.
ئەمدى ئەتنىڭ ئەمەللىرى روشەنكى ــ زىناخورلۇق، بۇزۇقلۇق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، 19
φανερὰ δέ ἐστιν τὰ ἔργα τῆς σαρκός, ἅτινά ἐστιν, πορνεία ἀκαθαρσία ἀσέλγεια
بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىكلەر، جېدەللەر، قىزغانچۇقلۇقلار، غەزەپلەر، رىقابەتلىشىشلەر، بۆلگۈنچىلىكلەر، گۇرۇھۋازلىقلار، 20
εἰδωλολατρεία φαρμακεία ἔχθραι ἔρις ζῆλος θυμοὶ ἐριθεῖαι διχοστασίαι αἱρέσεις
ھەسەتخورلۇقلار، قاتىللىقلار، ھاراقكەشلىكلەر، ئەيش-ئىشرەتلەر قاتارلىق ئىشلاردۇر؛ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق بۇرۇنقى ئېيتقىنىمدەك ھازىر يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسلىق قىلمايدۇ. 21
φθόνοι [φόνοι] μέθαι κῶμοι, καὶ τὰ ὅμοια τούτοις· ἃ προλέγω ὑμῖν, καθὼς προεῖπον, ὅτι οἱ τὰ τοιαῦτα πράσσοντες βασιλείαν θεοῦ οὐ κληρονομήσουσιν.
ۋەھالەنكى، روھنىڭ مېۋىسى بولسا مېھىر-مۇھەببەت، شاد-خۇراملىق، خاتىرجەملىك، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئىشەنچ-سادىقلىق، 22
ὁ δὲ καρπὸς τοῦ πνεύματός ἐστιν ἀγάπη χαρὰ εἰρήνη μακροθυμία χρηστότης ἀγαθωσύνη πίστις
مۆمىن-مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ئىشلارنى توسىدىغان ھېچقانداق قانۇن يوقتۇر. 23
πρᾳΰτης ἐγκράτεια· κατὰ τῶν τοιούτων οὐκ ἔστιν νόμος.
لېكىن مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ئىشقلار ۋە ھەم ھەۋەسلەرنى تەڭ كرېستلىگەن بولىدۇ. 24
οἱ δὲ τοῦ χριστοῦ Ἰησοῦ τὴν σάρκα ἐσταύρωσαν σὺν τοῖς παθήμασιν καὶ ταῖς ἐπιθυμίαις.
روھتا ياشاۋاتقان بولساق، روھقا ئەگىشىپ ماڭايلى. 25
εἰ ζῶμεν πνεύματι, πνεύματι καὶ στοιχῶμεν.
بىر-بىرىمىزنى رەنجىتىپ، بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلىپ، ھاكاۋۇر شۆھرەتپەرەسلەردىن بولمايلى. 26
μὴ γινώμεθα κενόδοξοι, ἀλλήλους προκαλούμενοι, ἀλλήλοις φθονοῦντες.

< گالاتىيالىقلارغا 5 >