< گالاتىيالىقلارغا 4 >
يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى: گەرچە بىر بالا پۈتۈن مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، مىراسخور گۆدەك ۋاقىتلىرىدا تاكى ئاتىسى بەلگىلىگەن ۋاقىت توشمىغۇچە، ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى قۇلدىن پەرقى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەنىلا خوجىدارلار ۋە بالا باققۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. | 1 |
Ma pean silmas seda: niikaua kui pärija on alaealine, ei erine ta kuigi palju orjast, ehkki ta on kogu vara omanik.
Ta allub hooldajatele ja eestkostjatele kuni isa määratud ajani.
شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ گۆدەك ۋاقتىمىزدا، بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» ئاستىدا قۇل بولغانىدۇق. | 3 |
Samuti ka meie: kui me olime alaealised, siis olime orjuses maailma algjõudude meelevalla all,
لېكىن، ۋاقىت-سائىتى تولۇق توشقاندا، خۇدا ئۆز ئوغلىنى [بۇ دۇنياغا] ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايال كىشىدىن تۇغۇلغان، شۇنىڭدەك تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇغۇلغانىدى. | 4 |
aga kui ettenähtud aeg sai täis, läkitas Jumal oma Poja, kes sündis naisest. Ta sündis Seaduse alla,
بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدا تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشىغان [بىزلەرنى] بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىپ، بىزنىڭ ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىنىشىمىز ئۈچۈندۇر. | 5 |
lunastama seadusealuseid, et meie saaksime pojaseisuse.
ھەم سىلەر ئۆز ئوغۇللىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ: «ئاببا! ئاتام!» دەپ چاقىرغۇچى روھىنى ئەۋەتىپ قەلبىمىزگە سالدى. | 6 |
Ja kuna te olete tema pojad, siis on Jumal läkitanud teie südamesse oma Poja Vaimu, kes hüüab: „Abba! Isa!“
شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھازىر قۇل ئەمەس، بەلكى ئوغۇللىرىدۇرسىلەر؛ ئوغۇللىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدا ئارقىلىق ئۆزىگە مىراسخور بولىسىلەر. | 7 |
Niisiis ei ole sa enam ori, vaid Jumala laps; ja kuna sa oled tema laps, on Jumal teinud sinust ka pärija.
بۇرۇن، خۇدانى تونۇمىغان ۋاقتىڭلاردا دەرۋەقە يالغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا تۇتۇلغانسىلەر. | 8 |
Varem, kui te veel Jumalast midagi ei teadnud, te orjasite neid, kes loomult ei olegi jumalad.
ئەمدىلىكتە، ھازىر [ھەقىقىي] خۇدانى تونۇغانىكەنسىلەر، ــ ياكى ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدا تەرىپىدىن تونۇلغانىكەنسىلەر، ئەمدى سىلەر نېمە دەپ بۇ دۇنيادىكى كۈچسىز، ئەبجەق ئەرزىمەس «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر»گە قاراپ يانىسىلەر؟ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا يېڭىۋاشتىن قايتىشنى خالامسىلەر؟ | 9 |
Aga nüüd, kui te olete Jumala ära tundnud, või õigemini, tema on teid ära tundnud, kuidas te võite pöörduda tagasi nende nõrkade ja armetute algjõudude juurde, nagu tahaksite jälle neid hakata orjama?
سىلەر ئالاھىدە كۈن، ئاي، پەسىل ۋە يىللارنى ئېتىۋارغا ئېلىپ خاتىرىلەشكە باشلىدىڭلار! | 10 |
Te jälgite hoolega igasugu päevi ja kuid ja aegu ja aastaid,
مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىم بىكار كېتەرمىكىن، دەپ سىلەر ئۈچۈن ئەنسىرەۋاتىمەن. | 11 |
et ma kardan, kas ma ehk asjata olen teie pärast vaeva näinud.
قېرىنداشلار، مەن شۇنى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، ماڭا ئوخشاش بولۇڭلار؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ئوخشاش بولدۇم. سىلەر ئەسلىدە ماڭا ھېچ ئازار يەتكۈزمىگەنىدىڭلار. | 12 |
Ma palun teid, vennad ja õed, saage minu sarnaseks, sest minagi olen saanud teie sarnaseks! Te ei ole mulle mingit ülekohut teinud.
ئەمما سىلەرگە مەلۇمكى، ئەتلىرىمدىكى بىر زەئىپلىك تۈپەيلىدىن، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە بىرىنچى قېتىم يەتكۈزگەنىدىم. | 13 |
Te ju teate, et kui ma esimesel korral kuulutasin teile evangeeliumi, olin ma haige.
ئۇ چاغدا، ئەتلىرىمدىكى بۇ زەئىپلىك سىلەرگە نىسبەتەن سىناقتەك بولسىمۇ، لېكىن سىلەر مېنى كەمسىتمىدىڭلار ياكى چەتكە قاقمىدىڭلار. ئەكسىچە، مېنى خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتىنى، ھەتتا مەسىھ ئەيسا ئۆزىنى كۈتكەندەك كۈتۈۋالدىڭلار. | 14 |
Ja kuigi mu haigus oli teile katsumuseks, ei halvustanud ega põlastanud te mind, vaid võtsite mu vastu nagu Jumala ingli, nagu ma oleksin Kristus Jeesus.
ئۇ چاغدىكى بەخت-بەرىكىتىڭلار ئەمدى نەگە كەتتى؟! مەن سىلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ ئېيتالايمەنكى، ئۇ چاغدا سىلەر مۇمكىن بولسا، ماڭا كۆزلىرىڭلارنى ئويۇپ بېرىشكىمۇ رازى ئىدىڭلار! | 15 |
Kus on siis nüüd minu õnnistus? Ma tunnistan teile, et kui oleks olnud võimalik, siis te oleksite oma silmad peast välja kiskunud ja minule andnud.
ئەمدىلىكتە، سىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن دۈشمىنىڭلارغا ئايلىنىپ قالدىممۇ؟ | 16 |
Kas ma olen saanud teie vaenlaseks, kuna räägin teile tõtt?
[مەن ئېيتىپ ئۆتكەن] ھېلىقى ئادەملەر سىلەرگە قىزغىنلىق كۆرسىتىدۇ، ئەمما نىيىتى دۇرۇس ئەمەس؛ ئۇلار پەقەت سىلەرنى [نىجاتنىڭ] سىرتىغا چىقىرىپ، قىزغىنلىقىڭلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىۋالماقچى. | 17 |
Need inimesed on õhinal teie ümber mitte hea pärast, vaid nad tahavad teid eemale tõrjuda minust, et te innukad oleksite nende kasuks.
ئەمما مەن سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلاردىلا ئەمەس، بەلكى دائىم ياخشى ئىشقا قىزغىنلىق قىلىشنىڭ ئۆزى ياخشىدۇر، ئەلۋەتتە. | 18 |
Alati on põhjust olla innukas hea suhtes, mitte ainult siis, kui mina teie juures viibin.
سۆيۈملۈك بالىلىرىم! مەسىھ سىلەردە تۆرەلدۈرۈلگۈچە مەن سىلەر ئۈچۈن تولغاق ئازابلىرىنى يەنە بىر قېتىم تارتىۋاتىمەن! | 19 |
Mu kallid lapsed, kelle pärast ma olen jälle sünnitusvaludes, kuni Kristus teie sees saab kuju!
مېنىڭ ھازىرلا يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرگە باشقىچە تەلەپپۇز بىلەن سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئەھۋالىڭلار توغرۇلۇق نېمە قىلىشنى زادىلا بىلمەيۋاتىمەن! | 20 |
Ma tahaksin olla praegu teie juures ja rääkida teiega teistsugusel toonil, sest ma olen teie pärast nõutu!
ئى تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغانلار، سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتنىڭ ئۆزىدە نېمە دېيىلگەنلىكىگە قۇلاق سالمامسىلەر؟ | 21 |
Öelge mulle teie, kes te tahate Seadusele alluda, miks te ei kuula Seadust?
تەۋراتتا، ئىبراھىمنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، بىرى دېدەكتىن، يەنە بىرى ھۆر ئايالىدىن بولغان، دەپ خاتىرىلەنگەن. | 22 |
Sest kirjutatud on, et Aabrahamil oli kaks poega, üks orjatariga, teine vaba naisega.
دېدەكتىن بولغان ئوغۇل «ئەت بىلەن» تۇغۇلغان؛ ھۆر ئايالىدىن بولغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى ئارقىلىق تۇغۇلغاندۇر. | 23 |
Orjatari poeg sündis lihaliku loomuse pärast, vaba naise poeg sündis aga Jumala tõotuse tulemusena.
بۇ ئىككى ئىشنى بىر ئوخشىتىش دېگىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى ئايال [خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن] تۈزگەن ئىككى ئەھدىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. بىرىنچى ئەھدە سىناي [تېغىدىن] كېلىپ، دەرھەقىقەت بالىلىرىنى قۇللۇقتا بولۇشقا تۇغىدۇ؛ مانا ھەجەر ئۇنىڭغا ۋەكىلدۇر؛ | 24 |
Neid võib võtta võrdkujudena. Kaks naist on kui kaks lepingut: esimene on pärit Siinai mäelt ja sünnitab lapsi orjadeks – see on Haagar.
دېمەك، ھەجەر بولسا ئەرەبىستاندىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنىپ، يەنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغا ئوخشىتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى قۇللۇقتا تۇرماقتا. | 25 |
Haagar tähistab Siinai mäge Araabias ja vastab praegusele Jeruusalemma linnale, sest ta on koos oma lastega orjuses.
ئەمما يۇقىرىدىن بولغان يېرۇسالېم ھۆردۇر، ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئانىسىدۇر؛ | 26 |
Aga ülalasuv Jeruusalemm on vaba naine, tema on meie ema.
چۈنكى، [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق يېزىلغان: ــ «خۇشال بول، ئى پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال! تەنتەنە قىلىپ ياڭرات، توۋلا، ئى تولغاق تۇتۇپ باقىمىغان! ــ چۈنكى غېرىب ئايالنىڭ بالىلىرى ئېرى بار ئايالنىڭكىدىن كۆپتۇر!» | 27 |
Sest on kirjutatud: „Rõõmusta, viljatu naine, kes sa ei ole iial last sünnitanud; hõiska rõõmust ja hüüa valjult, sina, kes sa tuhusid ei tunne; sest hüljatul naisel on rohkem lapsi kui sellel, kellel on abikaasa!“
ئەمدى ئى قېرىنداشلار، ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن تۇغۇلغاندەك بىزمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلغان پەرزەنتلەرمىز. | 28 |
Nüüd olete teie, vennad ja õed, tõotuse lapsed sarnaselt Iisakiga.
لېكىن ئۇ چاغدا «ئەتلەردىن تۇغۇلغان» بالا «روھتىن تۇغۇلغان» بالىغا زىيانكەشلىك قىلغىنىدەك، ھازىر شۇنداق بولىدۇ. | 29 |
Ent nagu tookord, kui inimlikust lootusest sündinud poeg kiusas taga Vaimu tõotusest sündinud poega, nii on ka nüüd.
لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دېيىلگەن؟ ئۇنىڭدا: «سەن بۇ دېدىكىڭنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى دېدەكتىن تاپقان ئوغۇل ھەرگىز ھۆر ئايالىڭدىن بولغان ئوغۇل بىلەن مىراسقا ئورتاق بولمايدۇ!» دەپ پۈتۈلگەن. | 30 |
Aga mida ütleb Pühakiri? „Aja minema orjatar ja tema poeg, sest orjatari poeg ei jaga kunagi pärandit vaba naise pojaga!“
ئەمدى، قېرىنداشلار، بىز دېدەكنىڭ ئەمەس، بەلكى ھۆر ئايالنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرمىز. مەسىھ بىزنى ھۆرلۈكتە ياشىسۇن دەپ ھۆر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا تاپان تىرەپ تۇرۇڭلار ۋە قۇللۇقنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا قايتىدىن قىسىلىپ قالماڭلار. | 31 |
Niisiis, vennad ja õed, me ei ole orjatari, vaid vaba naise lapsed.