< گالاتىيالىقلارغا 2 >
يەنە بۇنىڭدىن ئون تۆت يىل كېيىن، مەن بارناباس بىلەن يېرۇسالېمغا چىقتىم؛ تىتۇسنىمۇ ھەمراھ قىلىپ باردىم. | 1 |
Potem, po czternastu latach, udałem się ponownie do Jerozolimy wraz z Barnabą, wziąwszy ze sobą także Tytusa.
مەن بىر ۋەھىيگە بىنائەن شۇ يەرگە بارغانىدىم؛ ۋە مەن بىكار چاپمىغىنىمنى ياكى بىكار چاپمايۋاتقىنىمنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن [يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ] ئالدىدا (ئەمەلىيەتتە پەقەت «جامائەتنىڭ تۈۋرۈكلىرى»دەكلەرگە ئايرىم ھالدا) ئەللەر ئارىسىدا جاكارلايدىغان خۇش خەۋەرنى بايان قىلدىم. | 2 |
A udałem się [tam] zgodnie z objawieniem i przedstawiłem im ewangelię, którą głoszę wśród pogan, osobno zaś tym, którzy cieszą się uznaniem, aby [się] czasem nie [okazało], że biegnę albo biegłem na próżno.
نەتىجىدە، ھەتتا ماڭا ھەمراھ بولغان تىتۇس يۇنانلىق بولسىمۇ، خەتنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانمىدى؛ | 3 |
Lecz nawet Tytusa, który był ze mną, nie zmuszono do obrzezania, mimo że był Grekiem;
[شۇ چاغدىكى «خەتنە» مەسىلىسى»] بولسا، بىزنىڭ مەسىھ ئەيسادا مۇيەسسەر بولغان ھۆرلۈكۈمىزنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئارىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان، بىزنى قۇللۇققا چۈشۈرۈشمەكچى بولۇپ، يالغانچىلىق قىلغان ساختا قېرىنداشلار تۈپەيلىدىن بولغانىدى. | 4 |
A [to] z powodu wprowadzonych fałszywych braci, którzy się wkradli, aby wyszpiegować naszą wolność, jaką mamy w Chrystusie Jezusie, aby nas zniewolić.
لېكىن بىز خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى سىلەردىن مەھرۇم قىلىنمىسۇن دەپ ئۇلارغا ھەتتا بىر سائەتچىمۇ يول قويغىنىمىز يوق؛ | 5 |
Nie ustąpiliśmy im ani na chwilę i nie poddaliśmy się, aby pozostała wśród was prawda ewangelii.
لېكىن ئابرۇيلۇق ھېسابلانغان ئادەملەردىن بولسا (مېنىڭ ئۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بىلەن كارىم يوق؛ خۇدا ھېچقانداق ئىنساننىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلمايدۇ!) ــ مۇشۇ ئابرۇيلۇق [ئەربابلار] دەپ سانالغانلارنىڭ مەندىكى [خۇش خەۋەرگە] قوشقىنى يوق ئىدى. | 6 |
A co do cieszących się uznaniem – jakimi kiedyś byli, jest dla mnie bez znaczenia, Bóg [bowiem] nie ma względu na osobę – ci więc, którzy cieszą się uznaniem, nic [mi] nie narzucili.
دەل ئەكسىچە، خۇش خەۋەرنى خەتنە قىلىنغانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى پېترۇسقا تاپشۇرۇلغاندەك، خەتنىسىزلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى ماڭا تاپشۇرۇلغان دەپ تونۇپ يېتىپ | 7 |
Wręcz przeciwnie, gdy widzieli, że została mi powierzona ewangelia [wśród] nieobrzezanych, jak Piotrowi [wśród] obrzezanych;
(چۈنكى پېترۇسنى خەتنىلىكلەرگە روسۇللۇققا كۈچلەندۈرگۈچى بولسا، مېنىمۇ ئەللەرگە [روسۇل بولۇشقا] كۈچلەندۈرگەنىدى)، | 8 |
(Ten bowiem, który działał skutecznie przez Piotra w [sprawowaniu] apostolstwa [wśród] obrzezanych, skutecznie działał i we mnie wśród pogan);
ماڭا ئاتا قىلىنغان شۇ مېھىر-شەپقەتنى تونۇپ يەتكەن «جامائەتنىڭ تۈۋرۈكلىرى» ھېسابلانغان ياقۇپ، كېفاس ۋە يۇھاننالار بولسا، سىلەر ئەللەرگە بېرىڭلار، بىز خەتنىلىكلەرگە بارايلى دەپ بارناباس بىلەن ئىككىمىزگە ھەمدەملىك ئوڭ قولىنى بېرىشتى. | 9 |
I gdy poznali daną mi łaskę, Jakub, Kefas i Jan, którzy są uważani za filary, podali mnie i Barnabie prawicę na [znak] wspólnoty, abyśmy my [poszli] do pogan, a oni do obrzezanych.
ئۇلارنىڭ بىزگە پەقەت كەمبەغەللەرنى ئۇنتۇماڭلار دېگەن بىرلا تەلىپى بار ئىدى؛ مەن دەل بۇ ئىشقا قىزغىن بولۇپ كېلىۋاتاتتىم. | 10 |
Bylebyśmy tylko pamiętali o ubogich, co też gorliwie starałem się czynić.
بىراق، كېيىن پېترۇس ئانتاكيا شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكى ئېنىق بولغاچقا، مەن ئۇنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىدىم. | 11 |
A gdy Piotr przybył do Antiochii, sprzeciwiłem mu się w twarz, bo był godny nagany.
چۈنكى ياقۇپنىڭ يېنىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇ يات ئەللىكلەر بىلەن ھەمداستىخان بولغانىدى؛ بىراق ئۇلار كەلگەندە، خەتنىلىكلەردىن قورقۇپ [شۇ قېرىنداشلاردىن] ئۆزىنى تارتتى. | 12 |
Zanim bowiem przyszli niektórzy od Jakuba, jadał razem z poganami. Gdy zaś oni przyszli, odsunął się i odłączył, obawiając się tych, którzy byli z obrzezania.
ھەتتا باشقا يەھۇدىي [قېرىنداشلار] ئۇنىڭ بۇ ساختىلىقىغا قوشۇلۇپ كەتتى؛ ھەتتا بارناباسمۇ ئازدۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىگە شېرىك بولدى. | 13 |
A razem z nim obłudnie postępowali i inni Żydzi, tak że i Barnaba dał się wciągnąć w tę ich obłudę.
ئەمما مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە دۇرۇس ماڭمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي تۇرۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يات ئەللىكلەردەك ياشاۋاتىسەن؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا سەن يات ئەللىكلەرنى يەھۇدىيلاردەك ياشاشقا زورلىماقچىمۇسەن؟» ــ دېدىم، | 14 |
Lecz gdy zobaczyłem, że nie postępują zgodnie z prawdą ewangelii, powiedziałem Piotrowi wobec wszystkich: Jeśli ty, będąc Żydem, żyjesz po pogańsku, a nie po żydowsku, czemu przymuszasz pogan, aby żyli po żydowsku?
ۋە يەنە: «بىز [ئىككىمىز] تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيمىز، «گۇناھكار دەپ قارالغان يات ئەللىكلەر»دىن ئەمەسمىز، | 15 |
My, [którzy jesteśmy] Żydami z urodzenia, a nie grzesznikami z pogan;
لېكىن ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد-ساداقەتلىكى بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ دەپ بىلىمىز. شۇڭا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى مەسىھگە باغلانغان ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزمۇ مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇق ــ چۈنكى ھېچ ئەت ئىگىسى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ھەققانىي قىلىنمايدۇ» ــ دېدىم. | 16 |
Wiedząc, że człowiek nie jest usprawiedliwiony z uczynków prawa, ale przez wiarę w Jezusa Chrystusa, i my uwierzyliśmy w Jezusa Chrystusa, abyśmy byli usprawiedliwieni z wiary Chrystusa, a nie z uczynków prawa, dlatego że z uczynków prawa nie będzie usprawiedliwione żadne ciało.
ئەمما مەسىھتە ھەققانىي قىلىنىشقا ئىزدەنگىنىمىزدە، بىزمۇ «گۇناھكار» دەپ ئىسپاتلانغان بولساقمۇ، مەسىھ ئەمدى گۇناھنىڭ خىزمىتىدە بولغۇچىمۇ؟! ياق، ھەرگىز! | 17 |
A jeśli [my], szukając usprawiedliwienia w Chrystusie, sami okazaliśmy się grzesznikami, to czy Chrystus [jest] sługą grzechu? Nie daj Boże!
ئەمما مەن ئەسلىدە غۇلاتقان نەرسىلەرنى قايتىدىن قۇرسام، ئۆزۈمنى [تەۋرات قانۇنىغا] خىلاپلىق قىلغۇچى دەپ ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن بولىمەن. | 18 |
Jeśli bowiem na nowo buduję to, co zburzyłem, samego siebie czynię przestępcą.
چۈنكى مەن تەۋرات قانۇنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈم؛ نەتىجىدە، مەن خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتىمەن. | 19 |
Bo ja przez prawo umarłem dla prawa, abym żył dla Boga.
مەن مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلەنگەنمەن، لېكىن مانا، ياشاۋاتىمەن! لېكىن ياشاۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان مەسىھدۇر. ۋە مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا، مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىدىندۇر. | 20 |
Z Chrystusem jestem ukrzyżowany: żyję, ale już nie ja, lecz żyje we mnie Chrystus. A to, że teraz żyję w ciele, żyję w wierze Syna Bożego, który mnie umiłował i wydał za mnie samego siebie.
مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن؛ چۈنكى ھەققانىيلىق تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق كېلىدىغان بولسا، مەسىھنىڭ ئۆلۈشى بىكاردىن-بىكار بولۇپ قالاتتى. | 21 |
Nie odrzucam łaski Boga. Jeśli bowiem przez prawo jest sprawiedliwość, to Chrystus umarł na próżno.